1- مىرەخمەتنىڭ ئاجاكىس سەپىرىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى
( شەندۇڭدىكى بىر گېزىتنىڭ خەۋىرى)
مىرەخمەتنىڭ ئاجاكىس چۈشىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش
ھەممە ئادەم مىرەخمەتنىڭ ئاجاكىسقا بېرىپ مەشىق قىلىشىدا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىدى دىيىشىۋاتقاندا، ئاجاكىىس تەرەپ ۋاستىچىلىرى ئارقىلىق شەندۇڭ لۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشقان ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە سەمىميىتىنى بىلدۇرگەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا مىرەخمەتنىڭ ئاجاكسنىڭ تەكلىپ مەشقىگە بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەن، ئەگەردە مىرەخمەتنىڭ مەشىق ئىپادىسى ئاجاكسىنى تەسىرلەندۈرەلىسە ئۇ ھالدا ئىجارە شەكلى ئارقىلىق ئاجاكىستا توپ تېپىدىكەن. دەسلەپتە ئاجاكسنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىئىتى ئارقىلىق مىرەخمەتنى مەشققە تەكلىپ قىلىشى پۇتۇنلەي ئۇقۇشماسلىق بولۇپ، مىرەخمەتنى ئەركىن پۇتبولچى دەپ قالغان، لۇنىڭنىڭ ئاللىقاچان مىرەخمەت بىلەن توختام تۈزگەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالغان. ئاجاكىس تەرەپ ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن بىۋاستە لۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. ھازىر لۇنىڭ تەرەپ بۇ توغرىدا ھېچقانداق سىر ئاشكارلىمىغان، ھەممىدىن خەۋەردار بىر ئەربابنىڭ ئاشكارلىشىچە: ئەگەر باشىقىچە ئۆزگىرىش بولۇپ قالمىسىلا مىرەخمەتنىڭ ئاجاكسىنىڭ مەشقىغە قاتنىشىش ئېھتىماللىقى ئىنتاين چوڭ، لېكىن ئاجاكىستا قېلىش قالالماسلىقى ئۆزىنىڭ ئىپادىسىگە باغلىق.
1- بارى،نۇرئەخمەت دۆلەت كۇماندىسىدىكى تۇپىنى ئۇردى.
دۆلەت ئولمىپىك كۇماندىسى تۈنۈگۈن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قىتىملىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە رەقىبىنى يۇقۇرى نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتتى.
بۇ مەيدەن مۇسابىقىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى:
بىزنىڭ ئەزىمەتلىرمىزدىن بارى بىلەن نۇرئەخمەت ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشۈپ بۇلازىۋىچنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي بىردىن توپ ئۇرۇپ بۇلازىۋىچنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسىگە جاۋاپ قايتۇردى،ھەمدە دۆلەت كۇماندىسىدىكى تۇنجى تۇپىنى ئۇردى.
بۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ توپ ئۇرۇپ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا شان-شەرەپ ئىلىپ كىلىشىنى تىلەيمىز.
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★
http://urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:
http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=1705