بۈگۈنكىدەك ئىللىق بىر كۈندە ،
تۆۋەندىكى ناخشا ماڭا ئۇچراپ قېلىپ ، دىلىمنى چېكىپ ، غورۇرۇمنى ئويغاتتى.
راس.....
كۆز ئاچتۇق دۇنياغا ۋاپا رىشتىدە،
شاتلىق ۋە قايغۇغا بولۇپ قوش كېزەك.
جاھاننى چۈشۈنۈش ئەقلى بىزدە بار،
نىمىشقا ئۇخلايمىز تارتىشىپ خورەك.
قارا ئەتراپقا، قارا ئەتراپقا؛
بىزلەردىن نىمىنى كۈتۇدۇ كۆزلەر.
مىھنەت سەپىرىدە قالسۇن ئىزىمىز،
مەردانىلار ، ئەركەكلە گەپنى ئاز سۆزلەپ.
توختىغىن ئەي دوستۇم ساڭا گېپىم بار،
قەيەردىن كەلدىڭسەن قەيەرگە ماڭدىڭ.
يوقمىدى مۇڭدۇشۇپ ماڭار ھەمراھىڭ،
قايسى بىر ھەۋەسنىڭ ئوتىدا ياندىڭ.
ۋۇجۇدۇمنى تىترەتكەن بۇ قۇرلاردىن ، بۈگۈن شۇنداق بىر ھىسىياتتا ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم . مۇنبەرداشلىرىمنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش غورۇرىنى ئويغۇتۇپ ، ئۆزىنى دەڭسەپ نىمە ئۈچۈن ...؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەپ بېقىشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمۈت قىلىمەن .
ھەممىڭلارنىڭ نورۇزىغا مۇبارەك بولسۇن!
مەنبە: 56 تورى ھەم قەلىمىم .