ئۇيغۇرۇم007 ئەركەك!
(تەبىرىك سۆز)
يوچۇن ئادەم
ئۇيغۇرۇم 007 نىڭ تۇغۇلغان قۇتلۇق كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! ھەر بىر ئېھسانلىق ئىشلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بولسۇن! مىسىرانىم مۇنبىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مىھنەتسىز تۆھپىلەرنى قوشىشىنى ئۆمىت قىلىمەن!
يول باشلاپ قۇشۇننىڭ ئالدىدا سەرۋاز،
بايراقنى قولتۇقلاپ ماڭدىڭ يول ئېچىپ.
ئەل-ۋەتەن ئىشقىدا تەرىڭ، ھاياتىڭ،
كۆرەشلەر قوينىدا ماڭدىڭ قان كېچىپ.
نۇسىرەتلەر قازىنىش سېنىڭ شەۋكىتىڭ،
دۇشمەننىڭ توسىقى سېنى تۇسالماس.
ئەھدەڭ بار ھاياتتا ياخشى يول ئۈچۈن،
ھەر قانداق يامان قول ئۇنى بۇزالماس.
ياشلىقىڭ كەتسىمۇ ئەلنى ئويلىدىڭ،
گۈللىرىڭ پۇراقلىق ئەلگە ئېچىلدى.
غەلبىسىر ئالدىڭغا داۋالغىدىڭ سەن،
روھىيەت ئاسمىنىدا سالىيوت ئېتىلدى.
دىمەك سەن غەلبىنىڭ چۇقۇم مەزمۇنى،
قولىڭدا شاھىمنىڭ قۇتلۇق مۆھىرى.
ئىشەندى ئاۋاممۇ ھەر قاچان ساڭا،
مىسىرانىم شاھلىقنىڭ سەن بىر گۈھىرى!
2011-يىل نەۋرۇز ھارپىسى