تارىم alfsayp تىن : 
  -يېشىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى،سەن نېمىشقا تېخىچە توي قىلمايسەن؟-دەپ سوراپتۇ. 
  - -چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدىغان تۇرسا مەندە نېمە ئامال ؟-دەپتۇ alfsayp. 
 بىر كۈنلەردە alfsayp ئاخىرى  لەرزان بىلەن توي قىپتۇ،بىر كۈنى تارىم يەنە alfsayp تىن : 
-    توي قىلغاندىن كېيىن ئەھۋالىڭلار قانداقراق؟-دەپ سوراپتۇ. 
-     قانداق بولاتتى،ھازىر ئۆيدىن چاۋاكنىڭ ئاۋازى قۇرىمايۋاتىدۇ،-دەپتۇ alfsayp . 
  

    شاتئاي ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ يولدىشى zapar گە: 
-    ۋەي سۆيۈملۈكۈم،تېپىپى بېقىڭە،مەن كىمۇ؟-دەپ تېلىفون قىپتۇ. 
-    سۆيۈملۈكۈم،سەنئەت ئۆمىگىدىكى  kozum مۇ سىز؟-دەپتۇ Zapar. 
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن شاتئاي دەرھال ئۆزىنىڭ ئەسلى ئاۋازى  بىلەن: 
-    نېمە؟!  kozum دېگەن كىمۇ؟-دەپ ۋارقىراپتۇ. 
قورقۇپ كەتكەن Zapar دەرھاللا ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ: 
   -سىزمۇ ئويلاپ تېپىڭە،مەن كىمۇ؟-دەپتۇ. 
  

Akida918 : سەن ھېلىقى زۇلپىقار دېگەن قېرىدىن ئاجرىشىپسەن، ئاڭلىسام ئۇنىڭ بارلىق بايلىقى ساڭا قاپتۇ  راستمۇ؟ 
ay yamguri :راست،زۇلپىقاردىن ئاجرىشىشىم ئۈچۈن ئادۋۇكات قارانچۇق بەك كۆپ كۈپ چىقاردى. 
Akida918 :سەن ئادۋۇكات قارانچۇقنى ئوبدان رازى قىلغانسەن ھەقاچان؟ 
ay yamguri :نەدىكىنى ؟ ئۇ مەندىن بىر تىيىنمۇ ئالمىدى. 
Akida918 : قارىغاندا ئادۋۇكات قارانچۇق مىليونېر ئوخشىمامدۇ؟ 
ay yamguri : ياق، مەن بايلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ مېنىڭ ئېرىم بولۇپ قالدى. 
  

لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنىدىكى sabda    Yalpuz0997 غا : 
-بىز سىزگە ھەر قېتىم لايىق تونۇشتۇرساق،نېمىشقا ئاۋۇ ئاق تېرەكنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ پاراڭلىشىسىز؟-دەپتۇ. 
-دەرەخنىڭ بىر مېتىر 80 سانتېمېتىر كېلىدىغان يېرىدە بىر بەلگە بار،ئەگەر ماڭا تونۇشتۇرۇلغان يىگىتلەرنىڭ بويى  ئۇ يەرگە يەتمىسە،مەن ئۇ يىگىتلەر بىلەن پاراڭلاشمايمەن،-دەپتۇ Yalpuz0997. 
  

بىر كۈنى  qaplin يوغان بىر تاغارنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسقا چىقىپتۇ. ئۇ تاغارنى جايلاشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بېلەتچى كېكەشتىن: 
-    بېلەت  قانچە پۇل؟-دەپ سوراپتۇ. 
-    ئۆزىڭىزگە بەش يۈئەن،ئاۋۇ تاغىرىڭىزغا سەككىز يۈئەن بېرىسىز،-دەپتۇ كېكەش. 
-    بولدى خوتۇن،تاغاردىن چىقە،يەنىلا سەن تاغاردىن ئەرزانكەنسەن،-دەپتۇ    qaplin تاغارغا قاچىلانغان gulbeka گە قاراپ.
  
مەنبە : كۈندە بىر كۈلكە