|
|
|
|
خەنزۇلار ئوينىغان ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار [align=justify] ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر:[align=justify] ھازىر ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئوينايدىغان ئۇسۇلىمىز يوقتەك دىسكو، كوچا ئۇسۇلى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە باشقىلار بىزنىڭ ئۇسۇلىمىزنى ياقتۇرۇپ ئويناۋىتىپتۇ. ھەتتا مەخسۇس ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئۆگىتىدىغان فىلىملەرنى ئىشلەپ توردا تارقىتىپتۇ. تور ئارىلاۋىتىپ تۆۋەندىكى خەنزۇلار ئوينىغان ئۇيغۇرچە ئۇسۇلنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇسۇللارنى ئۇيغۇرچە، ئۆزبىكچە، ئەرەپچە، خەنزۇچە ناخشا مۇزىكىلارغا ئوينىغان بولسىمۇ، بەزى ئۇسۇل ھەرىكەتلىرى ۋە كىيگەن كىيىملەر سەل چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەر ھالدا ئۇسۇلىمىزنى ياقتۇرۇپ خوشال كەيپىياتتا ئويناپتۇ.[align=justify] توي- تۆكۈن، رىستۇرانلىرىمىزدا ئېچىپ قىزىرىۋىلىپ، قولىنى قولتىقىدىن ئىگىزرەك كۆتۈرەلمەي، بەل، ساغرىلىرى تولغۇشۇپ كېتىدىغان يىگىتلىرىمىزگە، بۇرۇتىغا غورىلاي قوندۇرغىدەك ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئۇسۇل سورۇنىدا ئەسىرگە چۈشكەن گومىنداڭ ئەسكىرىدەك مۈكچۈيۈپ ئۇسۇل ئويناشلىرىغا، سورۇنلاردا خۇددى ئاتقىلى ئېلىپ چىققان جىنايەتچىدەك ھودۇققان، مىسكىن چىرايدىكى ئۇسۇلچىلىرىمىزغا، مۇزىكىلا بولسا، ساغرىسىنى تەمبۇرنىڭ پاينىكىدەك چىقىرىپ، ئېغى پارتلاپ كەتكىدەك تار ئىشتانلارنى كىيىپ، تازا تولغاپ، ئويناۋاتقىنى قايسى مىللەتنىڭ ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان قىزلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىبرەت بولسۇن دېگەن دۇرۇس مەقسەدتە تۆۋەندىكىلەرنى يوللىدۇق. ھەممە نەرسە مۇكەممەل نۇقسانسىز بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ئوينىغانلىرىدا سەۋەنلىكلەر بولسا تىللاپ يۈرمەي، ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزىمىز راۋۇرۇس، ئۆلگە بولغىدەك ئوينىساق ئەجەپ ئەمەس. ئىنشائاللا نىيىتىمىز نىيەت بولغاي![align=justify] ھۆرمەت بىلەن: توردىشىڭلار دىلكەش
[
خەنزۇلار مەشىققە يىتەكچىلىك قىلغان ئۇسۇل
مەنبە: سىنا، يوۋكۇ، تۇدوۋ، 56.كوم قاتارلىقلار
|
|
|
|
|
|