 |
 |
 |
 |
| ئۇچرىتالماي سېنى بىر رەت جانان دىلبەر، |
| تېنىم تىترەپ ئۆتۈپ كەتتىم تار كوچاڭدىن. |
| ئىزدەپ يۈردىم ئىزلىرىڭنى ھويلىلاردىن، |
| بىرەر بەلگە چۈشتىمىكىن گۈل ئۇچاڭدىن. |
[/table]| ساھىل كەبى ئىزدەپ يۈردۈم مەن ۋەسلىڭنى، |
| سەرسان بولدۇم چۆللەر ئارا كېزىپ يۈرۈپ. |
| غېرىپلىقتىن بولدى كۆڭلۈم پارە-پارە، |
| سۇ ئىچمىدىم سۈيى سۈزۈك كۆلدە تۇرۇپ. |
| قەلبىم گۇيا قاخشال بولۇپ كەتكەن دەرەخ، |
| ئۇل سالمىغان خىش ئۆي كەبى بەكمۇ ئاجىز |
| .تۇتالمىدىم يۈرۈكۈمنى سىقىپ تۇرۇپ، |
| سالسا دۈشمەن خەنجەر ئۇرۇپ ئاڭا بىر ئىز. |
| | | ئەگەر ئەجەل قوينىغا مەن سىڭىپ كەتسەم، |
| كەتكەي رۇھىم ئاسمان بىلەن قۇچاقلەشىپ. |
| ئاھ!تەگمىگەي ساڭا قىلچە ئازاپ ئوقى، |
| كەتسۇن دەتلەر مەن بىلەنلا ئاياقلىشىپ. |
| [table=100%,#ffffcc]مەنبە :ئىزچىلار |
|
 |
 |
 |
 |
|