مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2935|ئىنكاس: 32

ئىككى روھنىڭ «نەۋرۇز» مۇشائىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 08:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككى روھنىڭ «نەۋرۇز» مۇشائىرىسى

فارابى روھى:

قەدىم ئاتەش پەرەسلىكنىڭ تەۋەللۇد، دەۋىتى نەۋرۇز،

جاھان مۇزدەۋرىدىن كەچتى يېشىل نۇر ئەلۋىكى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

قۇياشنىڭ تەپتى ئۇرغاندا، زىمىستان قەھرى يانغاندا،

 ھاياجانلىق يېشى سەل بوپ، ئاقار مۇز ئەۋىزى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

زىيا نۇردىن زىمىن ئىللىپ، ئېقىن شاۋقۇن ساداسىدا؛

يېشىل مەنزىل... مۇبارەككىم، تەبىئەت ئالەمى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

قىياتاش سىزمىسى قالدى، تەقەززا ئىلكىدە تالدى،

چىقاركى غارى-ئۆڭكۈردىن بۇ«ھەۋۋا»،«ئادەمى»، نەۋرۇز.

فارابى روھى:

بېشىڭ«مۇزتاغ ئاتا»-سەللە، يېشىل تون تەقۋىدار-سەبرە،

دېمىدەڭ سېھرىلىك سۆرە... شىپالىق زەمزىمى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

يىشىلسىز قايسى ئورمانلىق؟ چېچەكسىز قايسى بىر دانلىق؟

باھارنىڭ بەھرى مەنالىق، پەسىللەر قىبلىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

خۇلۇقتا سىلكىنەر«ئارتۇچ»،سۆگەتتال ئەركىلەر مەستخۇش،

نەپەس سۈرگەن سوزۇپ پۇش-پۇش، ھاياتلىق ئەرمىكى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

جىمى جانلىقتا مەستخۇشلۇق،ئەجەپ ياڭراق، ئەجەپ بىر كۈي،

ناۋالارغا سەۋەپ ئولكى؛ چېچەكلەرنىڭ ھىدى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

دەرەخنىڭ پوتلىسى چۈشتى،پەسىللەرقۇشلىرى كۆچتى،

ئۆچەكتە قالدى تۈك،قاسراق، تۈگەل جان دەۋرىشى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

بىلىقنىڭ قۇيرىقى قوزا، ھەمەل بۇرچىدا تولغاقتىن،

ساناقسىز تۆل بىرىپ ساغلىق، چوپاننىڭ كۈلكىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

قۇلۇن تايچاق،موزاي،تايلاق ئىمەر سۈت دائىما شوراپ،

قوتاندا قوزا،ئوغلاقنىڭ سېغىنچا؛مەرىشى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

پادا يايلايدۇ يايلاقتا، كۆكۈل كۈنگەيدە ھەر ياقتا،

 باھار ئىنئامىدىن تۇنجى، ساخاۋەت مەۋسۇمى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

يېڭى كۈن-نەۋرۇزۇم-ئۇزكۈن،نۇرى بەرقى جۇلاسى كۈي،

قوياش،ئايمۇ قۇچاقلاشتى، كۇنى-تۈن تەڭدىشى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

جۇگا، پىمە، قېلىن شالۋۇر، تۇماق تەرلەتتى ئىشچاننى،

يېلىڭ يازلىق يېپىنچاڭدىن بەدەن قۇشنىڭ پىيى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

يىگىت كىيدى شاھانە تون،چىگىپ بىللاغ،پىچاق ئاستى،

غىلاپتا تېرىدىن شوينا كۆرۈڭكى؛ سۆلكىتى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

تۇراننىڭ دوپپىسى باشتا، بەئەينى كەركىدان مۈڭگۈز،

قولىدا داپ،راۋاپ،سۇنناي،ساپايا... نەغمىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

قويۇندا بىريىپەك ياغلىق، يۈرەكتە ئوت لاۋا تەپتى...

تۇرارشاش ئارغىماق چاپچىپ،تەۋەككۈل–غەيرىتى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

قويۇپ قاشلىق،خىنە سۈرتۈپ، قىرىق تال چاچ ئۆرۈپ قىزلار،

لېۋى بىرجۇپ ھىلال ئايدەك،بويىدا ئەتلىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

سۆگەت تالدىن مىنىپ تايچاق،قولىدا سويپىقى قامچا،

چېلىپ بۇت-بۇت،كىچىك-شوخلار-مەھەللە ئەركىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

ھاسا تاشلاپ موماي،چاللار ماڭار گۈلخۈن قارارگاھقا،

مانا ياشلىققا قايتقاندەك، كۆڭۈلنىڭ سەرخىلى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

تېرەككە،ئۆگزىگە،تامغا قونۇپ «شاتۇتى»- كەپسىزلەر،

كى تەققاس سورىنى چەمبەر؛ قوياشنىڭ ئەندىزى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

تامامى يۇرت-كېچەك ھازىر،جاكا نەۋرۇز بىتاقەتتە،

نى چاخچاق،كۈلكە،ھەييارلىق يۇمۇرلار پەيزىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

سېخى كۆكلەم يېپىنچاڭدىن بىشارەت بەردى چوكانتال،

پەرىزات چېھرى مەپتۇنكار ئېچىلغاي پەردىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

تۇرار بىر ئاقساقال ساھىب ئېگىز كۈرسىدا ھەيۋەتتە:

<<ئوغۇز»دىن«سەددى ئىسكەمدەر»،«ساتۇق»سۇلتانىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

بايانى:جەڭگىۋار ئەجدات،غەيۇر سەيياھ يۈرۈشلەردە،

ئۇلۇق داستان،قىلىچ-قالقان،دوبۇلغا،نەيزىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

سىبىر،ئوردۇس،ئۇرۇم، ئۇرخۇن، بالاساغۇن كىرورەن بىر،

ئويۇشقان «تۇر»،«ئوغۇز» پۇشتى، بۆرەباش ھەيۋىتى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

يىراقلاردىن كېلەر كارۋان بېسىپ دەشتى باياۋاننى،

چىغىر يولدىن يىپەك يول جەم،ئۆتەڭلەر شۆھرىتى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

-ياشاپكەت«كىن ئۇرۇم»لىقلار! دىدى بىر شاپ بۇرۇت ھۆڭرەپ...

ساماغا ئۆرلىدى گۈلخان...ئۇدۇمنىڭ غەزنىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

ئۆزىنى ئاتتى سورۇنغا قىرانلار پەيلىدىن مەستەك،

غۇلاچنى كەردى ئوغلانلار، مىسال؛ ئەنقا قۇشى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

بىرى گاھ قىلسا باز-بازلىق، بىرى گاھ قىلدى جانبازلىق،

چېلىش -«يا! پىر»دا ئاۋازلىق، قىقاس-چوقان سۈرى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

بىرى يا دەستىسن تۇتقان، قاراپ نىشان كۆزىن قىسقان،

ئوقىدا ئۆلگىنى قاۋان، ماھارەتلەر پىرى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

چېلىشتا، بەيگىدە ئۇتقان،ئەنە مەرگەن، شەرەپ قۇچقان،

كۆزى چۈشكەن،گۈلى بەرگەن شۇ«كۆك ئاش»-چۆچرىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

خوراز،كەكلىك،بۇقا،قوچقار تۇتۇشتى بىرقەپەس،بىررەت،

ئىلەنگۈچ،سارغادى،لىڭگىرتاق،قارانچۇق بەرىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

پوروقشىپ كەتتى توققۇز داش، بۇ نەۋرۇز تۈنجى قۇت كۈندە،

كۈدە،پالەك، پىياز، چامغۇر، غېمىدىن ئاشقىنى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

نوقۇت،پۇرچاق،گۈرۈچ،بۇغداي،قۇناق، ئارپا،بىدە- كۆكتىن،

پىشۇردى،«تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر»ئاش بەركىتى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

ئېشىپ قالغاننى قىشلىقتىن دېگەن كىم-«زارى خاتىمە»،

قازانغا بارى كىرگەننىڭ ئاتالغان ھەممىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

«سۈمۈلەك»ئەتىدىن باشلاپ،ۋەياكى ئامىتى ئوۋدۇر،

ئۇلاشماق ئارپىدىن يازغا تېرىقنىڭ بوزىسى نەۋروز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

كۆكەردى يايلىقى، جاڭگال، يۈگۈردى ئوتخورى جاندار،

تېگىپ كۆككە يۈرەر سەكرەپ،چوپاننىڭ چارۋىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

كۆيەكنى باسسا شاگرتلار،ئۇرار بازغاننى ئۇستاملار،

قولى گۈل، سەرخىلى جابدۇق، ھۈنەرنىڭ بارىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

كوچىدا چاقىچى توۋلاپ: جىمى ئەسۋاپنى گۈل قىلسا،

يوقىنى بارقىلار سودا، بازارنىڭ خەجىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

كۇلالچى جام،ئىدىشلارغا سېغىزلايدىن خۇرۇچ راسلاپ،

ھۈنەر،كاسىپ تۇتار ئەسۋاپ تامامى غەلۋىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

داۋام ئەتتى باھار شۇنداق ئۇزاپ كەتتىكى تۆت مىڭ يىل،

سۈرۈپ دەۋرانى تۇلپاردا تۈركنىڭ بەلگىسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

ساخاۋەتتىن ئېچىپ باغرى يىپەك يول كۈتتى مېھماننى،

پەرەڭلەردىن غەزەپلەر ئول، سۈكۈتلىك سەۋرىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

قوياش كۈنگەينى كۈلدۈرسە،«قۇز»ى- تەسكەيدە خامۇشلۇق،

تۈگەل قىسمەت كېلەر شۇنداق ھاياتنىڭ ھەربېتى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

«ئوغۇز»،«ئەفرا»،«سۇتۇق»،«ئېركىن»نۇرى بەرقى باھارىمدۇر،

«خۇجا ئاپپاق»،«قاراقۇۋ»غا ئۇرار ھەم خەنجىرى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

بۇ شەھەر «ئارغۇ»دا «توققۇز ئوغۇز»،«يۈن»، «ياغما» ئەجدادى،

قۇتۇمدا خاسىيەت بىركۈن؛ زامانەم كەلگۈسى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

شەرق؛«خان مۆھىرى-توغراغ»،غەرپ؛«ئاچغ-خان مۇكاپاتى»،

«بىلاساغۇن»غا ھەمخوشنا ئانا يۇرت جىلۋىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

«دىۋان»دا -«قور-كۆنەلگە» دەپ ئوغۇز سۈتنى ئۇيۇتتۇردى،

بۇ ئۇيغۇر يىلدىزى «قور»كى، تىلىمنىڭ جەۋھىرى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

غەرپ-«كەشمىر»،تەگى «كاشمۇر»،شەرق-«قەشقەر»،تەگى«كاشقور»،

قارا-«مۇر»كى، ئېقى-«قور»كى، بۇ تىلنىڭ مەنىسى، نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

قارا-«مۇر» مۇرىغا تەققاس، ئېقى-«قور»كى دەلىل ھەقراس،

رەقىپلەر «مۇر» قارا ئىستەك، ئادالەت «قور» كەبى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

خوتەن-«قورتەن»-قېنى ئۇيغۇر، ئۇدۇمى ساپ نەسىللەردىن،

ئەنە كورلا، تەگى «قورلا»-ئۇيۇل بىرلىك سېپى، نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

قەدىم تارىخ زامانلاردا «تۇران»-«ئۈچ قورىقان» ئەسلى؛

خوتەن، كورلا، قەدىم قەشقەر تۇگەل «قور» تەبىرى، نەۋرۇز.

فارابى روھى:

«ئوغۇز»شەكسىز«ئاتا ساغۇن»،«ساغۇن-ھون،ساك» قانات ئىككى،

بۇ ئىككى ئول قېرىنداشنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

قېرىنداش مېھرى ئاتەشتۇر، كۈچى ھەمدەمدە غايەتتۇر،

ئۈزۈلمەس رىشتى ماھيەتتۇر، نى قىسمەت تەقدىرى نەۋرۇز.

فارابى روھى:

جاسارەت پەخرى گۇلخاننى جاھالەت باسسا توپاندەك،

تەقپ بىرپەس سۈكۈتلەردە تاشاركەن زەردىسى نەۋرۇز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھى:

بۈگۈن كۈن-تۈن ئەمەل قىلدى باراۋەر ھەمنەپەسلىكتىن،

ساما،مەشرەپ،تامام ئىشرەت، كەيپلىك بەزمىسى نەۋرۇز.

.

 

ئىزاھات:

«يۈن» توز قۇشى («تۈركى تىللار دىۋانى» 3-قىسىم، 197-بەت). «يۈن»- ئەنقا سۇمرۇغ. ئەنقانىڭ توز قۇشىنىڭ گۈزەل پىيىگە ئوخشاش ئىككى تاللا پىيى بار. «يۈن» بىلەن ھوننىڭ مەنىسى پۈتۈنلەي بىردەك بولۇپ، جۇۋ ۋە غەربى خەن سولالىسى مەزگىلىدە ھونلار «شىيەن يۇن» دەپ ئاتالغان. ھون نامىنىڭ تىل يىلدىزى بولغان «يۈن»- سۇمرۇغ، ئەنقا مەنىسىگە ئېگە.

«توغراغ» خان مۆھىرى («تۈركى تىللار دىۋانى» 1-قىسىم، 603-بەت).

«ئاچغ خان مۇكاپاتى  («تۈركى تىللار دىۋانى» 1-قىسىم، 85-بەت).

«قور-كۆنەلگە»(«تۈركى تىللار دىۋانى» 3-قىسىم، 168-بەت).

«ئۈچ قورىقان»⑸ (« ئۇرخۇن ئابىدىللىرى» دىگەن كىتاپتا).

«ئوغۇز»⑹ - «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇز پادىشاھ.

«ئاتا ساغۇن» تىۋىپ ((«تۈركى تىللار دىۋانى» 1-قىسىم، 117-بەت). «ئاتا ساغۇن»نىڭ «دىۋان»دا تىۋىپ دەپ ئېلىنىشى، ئۇ، ھون بىلەن ساكلارنىڭ روھى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئۇلۇق داھىسى، ھەم ھون بىلەن ساكلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاتا ئەجدادى. «ئاتا ساغۇن» ئوغۇزخاننىڭ دەل ئۆزى شۇ.

 

مەنبە: تارئۇرۇم ئىلھامى


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قىزغىن + 1500 ئىلھاملىرىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولغاي ئۇستا
بېھزات + 100 بارىكاللا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1600   باھا خاتىرىسى

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

bir tal qelemmu dunyani ozgert

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6092
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11314
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 3063 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 09:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋېلىشقا تىگىشلىك تېمىكەن ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋەق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12687
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 4079 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 09:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي، سىز ئۆزىڭىز يازدىڭىزما؟ تالانت دىگەن توننىلاپ باكەنغۇ سىزدە.
مەن ئوڭلاپ بىر قوشاقنىمۇ توقالمايمەن. [s:151]

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 09:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىن ئەپەندىگە ھەقىقەتەن قايىل جۇمۇ مەن ، قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن  [s:166]

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7164
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1253 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 09:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا ئىككى ئىسىمنى رەڭلىك قىلىپ قويسا بەك ياخشى بولىدىكەنتۇق..

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر~!

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12195
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 09:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە نادىرلاشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن .
قەلەملىىرىڭىز نىمە دىگەن ئۆتكۈر ھە ؟

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116820
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 11:45:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ ئەسىرىڭىزدىن سىزنىڭ ئادەتتىكى ھەۋەسكار ئەمەسلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. مۇنبەردە دوسلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىزنى بېرىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسلىمە كىشىدە خ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3481
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8219
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 04:21:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تېمىنىڭ نادېرلانغانلىقى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ...قەلەم تۇرپارىڭىز ھارمىغاي..

مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس.                  شەربەتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 02:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم <ئەلتېكىن> ئەپەندى
    ناقابىللىقىمغا پىسەنت قىلماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىككى موتىپەككۇرىنىڭ روھىنى نەۋرۇز مۇشائىرىسىگە دەۋەت قىلغانلىقىم تولىمۇ ئەدەپسىزلىك بولدى. ئۇلار ھايات بولغان بولسا، ئاجايىپ تەپەككۇر ئۆتكۈرلىكى بىلەن نەۋرۇز ھەققىدىكى ھەربىر مىسرالىرى ھېكمەت ۋە پاساھەت بىلەن ئەقلىمىزنى لال قىلغان بولاتتى...
   پېقىر پۈچەك تىللىرىم بىلەن بۈيۈك روھلارغا مۇشائىرە مسرالىرىدىكى قوپال سۆزلەر بىلەن ئىشارەت قىلىشىم، تورداشلارغا يېتەرلىك دەرجىدە مەسخىرە ئوبىكتى بولۇپ بەرگىنىم خالاس... ئەمما، بۈيۈك روھلارغا تىۋىنغان ئەۋلاتقا ئاللاھنىڭ مەدەت بىرىشىمۇ بەرھەق...

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29336
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19240
تۆھپە نۇمۇرى: 2417
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 02:43:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ،بەك چوڭقۇر مەزمۇنلۇقكەن  قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

تۈگىمەيدۇ بۇ ھەۋەس،
ئۆزۈلگىچە تا نەپەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش