مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3987|ئىنكاس: 75

يـۈرىـكـىـم يـىـغـلايـدۇ (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14235
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6063 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 03:57:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يـۈرىـكـىـم يـىـغـلايـدۇ


(ھىكايە)



تەقدىر ئاجايىپ رەھىمسىز بولىدىكەن ، بۇ دۇنيادا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، ئايرىلىشقا كۆزىڭىز قىيمايدىغان ئامراق نەرسىلىرىڭىزنى ، ھەتتا سىز ئامراق كىشلەرنىمۇ سىزدىن رەھىمسىزلەرچە ئايرىۋىتىدىكەن .
ئەنە شۇ رەھىمسىز تەقدىر مەندىن ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىككى ئادىمىمنى بىراقلا ئايرىۋەتتى .
مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ، ئەڭ سۈيۈملۈك بولغان مىھرىبان ئانامنى مەندىن ، بۇ يۇرۇق دۇنيادىن ئايرىۋەتتى .ئانام تۈگەپ كىتىپ مەن بەكلا چۈشكىنلىشىپ كەتكەن ئىدىم .بۇرۇنقى شوخ ، خۇشچاقچاق ، خۇددى قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ سايراپ تۇرىدىغان قىز ، مانا ئەمدى ، گەپمۇ قىلمايدىغان ، چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان سۇلغۇن بىر قىزغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى .
ئۇنىڭ تويى بولىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاللىبۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ ، ئانام تۈگەپ كىتىپ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ توي ئىشلىرىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم.
دۇكاندا خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتىم ، تۇيۇقسىز تېلىفۇنۇم سايراپ قالدى . نۇمۇرغا قارىمايلا تېلىفۇننى ئالدىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، نادىرەما ؟
- ھەئە مەن .
- بۇ مەن ، قۇدرەت .
;قۇدرەت;بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپلا تۇرۇپ قالدىم .
-نادىرە ، نىمە بولدىڭىز ؟ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ؟-ئۇ مىنىڭ بىردىنلا جىمىپ كەتكىنىمنى كۈرۈپ سورىدى .
-ھېچ..ھېچنىمە ...ھە..قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
-- يامان ئەمەس ،مەن دۇكىنىڭىزنىڭ ئالدىدا ...
-نىمە ؟دۇكاننىڭ ئالدىدا ....
تېلفۇننى قويدۇمدە ،ئۆزەممۇ بىلمىگەن ئاساستا يۈگۈرۈپ دىگۈدەك دۇكاننىڭ ئالدىغا چىقتىم .سىرتتا ئۇ دوستى غەيرەت بىلەن تۇراتتى ، قولىدا بىر مۇنچە باغاق تۇراتتى . ئۇنىڭ قولىدىكى باغاقلارغا قاراپلا ھەممە ئىش كۆڭلۈمگە ئايان بولدى ، شۇ دەقىقىدە تۇرۇپلا كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ قالدى . ئىچى -ئىچىمنى بىرخىل غەشلىك ،ئازاب چىرماپ خۇددى ھازىرلا نەپەسلىرىم توختاپ قالىدىغاندەك بىلىندى . ھەي ..تەقدىر سەن نىمىدىگەن رەھمىسىز ھە ! مىنى ئازابلاپلا ئۆتسەك كۆڭلۈڭ خوش بۇلارمۇ ؟ ياكى مىنى ئاللاھ بۇ دۇنياغا ئازاب ،ھەسرەت چىكىپلا يۈرسۇن دەپ ئاپىرىدە قىلغان بولغىيتىمۇ ؟! كۆز چاناقلىرىمغا ياش ئولاشقىلى تۇردۇم . لىكىن ئۇنىڭ ئالدىدا نىمىشقا يىغلايمەن ؟ يا مىنى ئالمىدىڭ دەپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنايمۇ ؟ ياكى ئۇنىڭغا ئېسلىپ بار ئازابلىرىمنى ، دەردىمنى تۈكۈپ قانغۇچە يىغلىۋالايمۇ ؟؟ ...شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەسلىكىم كېرەك ئىدى ، چىرايىمغا شۇئان يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتتۈم .
-قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ .
ياخشى ، سىزنىڭچۇ ؟
خۇداغا شۈكرى يامان ئەمەس ....
تىنىچلىق ئامانلىق سورىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ئارىمىزنى جىمجىتلىق باستى . بەلكىم قۇدرەت كۆڭلىمدىكىنى بىلىپ بولغان بولسا كېرەك يەر تىگىدىن ماڭا قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى ، شۇئان ۋىللىدە قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدىم .
-بۇ باغاقنى سىزگە ئېلىپ كەلگەن ...-ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ماڭا بىر باغاقنى سۇندى . باغاقنى قۇلىمغا ئېلىپلا چىرايىمغا يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتتۈم .
-يۈزى قېلىن ، ئۆزىڭىزنىڭ تۇيىنىڭ باغىقىنى ئېلىپ كەلمىگەنسىز ھە !
راست گەپ قىلسام بۇ گەپلەرنى يۈرەك قېتىمدىن چىقىرىپ دەۋاتاتتىم . بۇ باغاقنىڭ ئۇنىڭ توي باغىقى بۇلۇپ قالماسلىقىنى ، بۇ ئىشلارنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەپ كەتتىم .
ئۇ گىپىمنى ئاڭلاپ قىزىرىپ كەتتى . بۇرۇنمۇ ئۇ بەك تارتىنچاق ،خىجىلچان ئىدى . بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا ھەمىشە ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ ئۇنى خاپا قىلىپ ،تىرىكتۈرەتتىم . ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىتىگە قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى ، كۆزۈم قۇلۇمدىكى باغاققا تىكىلگەن ئىدى .
ھۆرمەتلىك نادىرە !
سىزنى * ئاينىڭ *كۈنى لەيلى -مەجنۇن رىستۇرانىدا ئۆتكۈزىلىدىغان قۇدرەت بىلەن زىبانىڭ توي مەرىكىسىنىڭ ئەزىز مېھمىنى بۇلۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز .
ھۆرمەت بىلەن : قۇدرەت
.......

كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىققا تولغاندەك بۇلۇپ ، خۇددى كىمدۇر بىرى قاتتىق نەرسە بىلەن يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ئالماقچى بولغاندەك ئاچچىق تولغىنىپ كەتتىم . لىكىن توۋا دەيمەن ...كۆزلىرىمدە ياش يوق ! بۇرۇن بۇنداق چاغلاردا يىغلاشقا ئارانلا تۇراتتىم ، بۈگۈن نىمە بولغاندىمەن ؟ يا ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلىماسلىققا تىرىشىۋاتقاندىمەن ياكى ...
- نادىرە ، تۇيۇمغا چۇقۇم قاتنىشىپ بېرىڭ !
- ياق ..قاتناشمايمەن .. نىمىشقا قاتناشقۇدەكمەن . يا سىز مىنى ئالمىسىڭىز.. ئەگەر ئىككىمىزنىڭ توي باغىقى بولغان بولسا ...ۋاي بولدىلا ، نىمە ساراڭدەكلا سۆزلەپ كەتتىم ھە ..ھى...ھى...ھى...
ئاچچىق بىر كۈلۈۋەتتىم ، بۇ كۈلكەمنىڭ قېتىغا نۇرغۇن كۆز ياشلىرىم ، ھەسرەتلىرىم ئارلىشىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ دەماللىققا جىمىپ كەتتىيۇ ، يەنە بىردەمدە غەيرەت بىلەن قۇشۇلۇپ تەڭلا كۈلۈۋەتتى .
-نادىرە ئەمىسە سىزنى ئاۋارە قىلمايلى ، ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز بىرنەچچەيلەننىڭ باغىقىنى سىز يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز ...-ئۇ شۇنداق دەپ قۇلىدىكى باغاقچىلار ئىچىدىن ماڭا ھاۋالە قىلغان باغاقلارنى ئېلىپ ئۇزاتتى .باغاققا قارىۋىدىم ، دىمىسىمۇ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش ماڭا خېلى قولاي ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە دىگۈدەك ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتىم .
- ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرسەم ماڭا نىمە قىلىپ بېرىسىز ؟! -بۇ گەپنى دەپ بۇلۇپلا ئۆزەممۇ بىلمەي يەنە كۈلۈۋەتتىم . ئۇلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ كۈلدى .
-سىز نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلىپ بىرىمەن ...
-نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرەمسىز ؟! ئۇنداقتا ئۇ قىز بىلەن توي قىلمايسىز ...ھا...ھا...ھا....
ئۇ گىپىمنى ئاڭلاپ كۈزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ قويدى .
-ھا...ھا...ھا...چاقچاق قىلىپ قويدۇم . قورقۇپ كەتتىڭىز ھە ! دىگىنىڭىزدەك ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بىرىمەن .سىز بۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ . ھەراس تۇيىڭىزغىمۇ بارىمەن ...
ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ دۇكان ئىچىگە قاراپ ماڭدىم . نىمىشقىدۇر يەنە ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئارقامغا شۇنداق قارىغان ئىدىم ، ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى يەنە ئۇچرىشىپ قالدى .

كىتىۋاتىمەن ، قۇلۇمدا باغاق ...مەن چىن قەلبىمدىن سۆيگەن ، ماڭا نۇرغۇن تاتلىق -تاتلىق ۋەدىلەرنى بىرىپ ماڭا كۆيگەن ئاشىقىمنىڭ باغىقىنى ، تېخى كىلىپ ئۇنىڭ باشقا بىرى بىلەن بولغان توي باغىقىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىمەن .
پەرىشتە ئېلان لاھىيلەش ئورنى; دىگەن ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ چىپپىدە توختىدىم-دە، ئىشكىنى ئاۋايلاپ ئاستا چەكتىم :
- توك - توك - توك
- كىرىڭ-دىگەن سىلىق ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن ئىشىكنى قىيا ئېچىپ كىردىم . دۇكان ئىچىدە تۇرسۇنجان ( دۇكان ئىگىسى )ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر دوستى ( ئۇنى تونىمايدىكەنمەن ) ئولتۇراتتى .
تۇرسۇنجان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى.
بىز بىر ئاز ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن قۇلۇمدىكى باغاقنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.چۈنكى بۇ يەردە ئۇزاق تۇرۇپ دوستى بىلەن ئۇنىڭ ئىشىغا دەخلى يەتكۈزۈشنى بىئەپ كۆرگەن ئىدىم.
- بۇ ئارزىگۈل ، ئەلى ئۈچىڭلارنىڭ باغىقى ئىدى ، ئۇ ئىككىسى قوشنىڭىز بولغاندىن كىيىن خاپا بولماي يەتكۈزۈپ بېرەلەسىزمۇ ؟-دىدىم ئۇنىڭغا يېلىنغان تەلەپپۇزدا .
ئۇ ماڭا تىكىلىپ قارىدى.بەلكىم،ئۇچىسىغا قارلىق كىيىم كىيگەن ، ( بۇ چاغدا ئانام تۈگەپ كەتكىنىگە بىر نەچچەئاي بولغانىدى. ) چىرايىدىن سۇلغۇنلۇق ، ئاددى - ساددىلىق چىقىپ تۇرىدىغان پەرىشتە سۈپەت بىر قىزنىڭ ئۆزى سۆيگەن تۈنجى مۇھەببىتىنىڭ باشقىلار بىلەن قىلماقچى بولغان تويىنىڭ باغىقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش ئىپادىلىرىنى بىلدۈرمەستىن كۈلۈمسىرەپ تۇرغىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان بولسا كېرەك ....
ئەلۋەتتە،بۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققاندا كىمنىڭمۇ كۆڭلى ھىجران دەستىدىن پۇچلانمىسۇن،كىمنىڭمۇ يۈرۈكى ئازاپتىن يىغىلمىسۇن.مەن يىغلىدىم ھەم ھازىرمۇ يىغلاۋاتىمەن.بىراق،بۇ كۆز يېشىمنى باشقىلارغا ۋە ئۇنىڭغا كۆرسىتىشنى خالىمايمەن.گەرچە ئۇنىڭ بىلەن ۋىسالىمىزغا يىتەلمىگەن بولساقمۇ،ئۇنىڭغا چىن دىلىمدىن بەخىت تىلەيمەن،ئۇنىڭدىن ئاغرىنغان تەغدىرىمۇ بەرىبىر بۇرۇنقى يېلىنجاپ تۇرغان مۇھەببەتنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ-دە.
مەن ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ :
- تۇرسۇنجان ، ئەمىسە مەن قايتاي ،ئېغىر كۆرمەي باغاقنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز ...
-ماقۇل ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ....
-ئەمىسە خوش ...
-خوش.....
ئىشىكنى يېپىپلا چىقىپ كەتتىم . ئۇنىڭ ( تۇرسۇنجاننىڭ ) ماڭا قاراشلىرىنى ئويلاپ ، ئۆزۈمچە قىلۋاتقان ئەخمىقانە ئىشمغا كۈلدۈم ، ناھايىتى ئاچچىق كۈلدۈم.....
شۇنداق قىلىپ ئەتە مەن چىن دىلىمدىن ۋە پاك قەلبىمدىن سۆيگەن ئادىمىمنىڭ تويى . مەن ئالىقانداقتۇر خىياللار ئىلكىدە ئولتۇرغىنىمدا ، تۇيۇقسىز سايرىغان تېلىفۇنۇم خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى.نىمانچە تۇنۇش نۇمۇر- بۇ ؟ ئۇكەنغۇ ؟ نىمىشقا تېلىفۇن قىلدىكىنە ؟ يەنە نىمە گىپى بادۇ ؟ تېلىفۇننى ئالايمۇ - ئالمايمۇ ؟ خېلى ئۇزۇن ئويلاندىم. قېرىقشاندەك بۇ تېلىفۇنمۇ توختىماي سايرىغىلى تۇردى . ئاخىرى بولماي تېلىفۇننى ئالدىم :
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قانداق ئەھۋالىڭىز نادىرە ؟....
- خۇداغا شۈكرى ، يامانا ئەمەس .
- ئەتە تويغا كىلىدىغانسىز ؟
- نىمە ؟....
چۇقۇم كىلىڭ ، مەن تويغا كىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ....
- شۇنداقمۇ ؟ .. بېرىش - بارماسلىقنى ئويلىشىپ باقاي ، قېنى ئەتە بۇلۇپ باقسۇن- دىدىم ئاچچىق بىلەن .
- ئۇنداقمۇ دىمەڭ ، چوقۇم كىلىڭ ، يۇلىڭىزغا قارايمەن ....
ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىغىم كەلمىدى ، خوشمۇ دىمەي تېلىفۇننى ئۈزىۋەتتىم .....
بارايمۇ - بارمايمۇ ؟ شۇ توغۇرلۇق ئويلىنىپ بېشىم بەكلا قېتىپ كەتتى ، باراي دېسەم ، ئۇنىڭ باشقا ىر قىز بىلەن توي قىلىپ ئولتۇرغىننى كۆرگۈم يوق ، بارماي دىسەم ، باشقىلارنىڭ ، دوست - دۈشمەنلىرىمنىڭ; چىدىماپتۇ دىيىشىدىن قورقتۇم ۋە بارماسلىققىمۇ كۆڭلۈم ئۇنىمايتى .راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ تويىغا ئاتاپ ئاللىبۇرۇن سوۋغاتمۇ تەييارلاپ قويغان ئىدىم ......





يۈرۋاتقان چېغىمىزدا ، مەن ئۇنىڭغا :
ئەگەر مىنى ئالماي باشقا قىز بىلەن توي قىلىۋالدىغان بولسىڭىز سىزنى بوش قويىۋەتمەيمەن جۇمۇ ، دىسەم ئۇ تولا ئاغزىڭىزنى ئۈششۈتمىسىڭىزچۇ ،مەن سىزدىن باشقا ھېچكىمنى ئالمايمەن ، پەقەت سىزنىلا ئالىمەن دەيتى .
بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا:
-نادىرە ناۋادا مەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ قالسام تۇيۇمغا كىلەمسىز ؟ مەن ناۋادا دەۋاتىمەن جۇمۇ؟-دەپ سوراپ قالدى .
-ئەلۋەتتە بارىمەن ، تېخى بىر دەستە قىزىل ئەتتىرگۈل كۆتۈرۈپ بارىمەن- دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم ئويلانمايلا .
ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :
-نىمىشقا ئەتتىرگۈل ئېلىپ كىلىسىز؟-دەپ سورىدى .
-چۈنكى ئەتتىرگۈل مۇھەببىتىمىزنىڭ سىمولى تۇرسا دۆت ، مەن گۈلنى كۆتۈرۇپ زالغا كىرىمەن ، سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ قۇلۇمدىكى گۈلنى ئالىسىز ئاندىن سىز بىلەن توي قىلغان جىنتەكنىڭ قورسىقى كۈپۈپ، ئاچچىقلانغان پېتى زالدىن چىقىپ كىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن سىز ماڭا قالىسىز ..ھى ھى ھى ...-دەپ كۈلۈپ كەتسەم ، ئۇمۇ ماڭا ئەگشىپ خېلى ئۇزنغىچە كۈلگەنىدى ، مانا بۇ كۈننىڭ راستىنلا بېشىمغا كەپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقىمغان ئىدىم ....
ئۇ ، ئۈچ ئوغۇل بۇلۇپ ، بالىلارنىڭ 2 - سى ئىدى .ئاكىسى يەتتە يىل يۈرگەن قىزى بىلەن توي قىلغان بۇلۇپ ، تويدىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇ قىزغا بەكمۇ ئامراقكەنتۇق ، ئۇ قىزمۇ شۇنداق ئامراق ئىكەنتۇق ، توي قىلغاندىن كىيىن قانداق بولغان ئىشقىلىپ قېينانا ۋە كىلىننىڭ مۇناسىۋىتى پەقەتلا ياخشى بولماپتۇ ، ئۇنىڭ ئانىسى ھەدىسىلا كىلىندىن زارلىنىپ ئۇنىڭدىن خاپا بۇلۇپلا يۈرۈيدىغان بوپ قاپتۇ .
بىر كۈنى ئانىسى ئۇنى ( قۇدرەتنى ) ۋە ئىنىسىنى ئالدىغا چاقىرتىپ:; ئىككىڭلارنىڭ ئىسىدە بولسۇن ، ئۆزىمىز تاپقىنى بىلەن توي قىلىمىزمىكى دەپ ئويلىماڭلار ، ھەر ئىككىڭلارغا قىزنى مەن تېپىپ بېرىمەن ، كۆرگەنسىلەر ئاكاڭلارنىڭ ئۆزى تاپقان لايىقىنى ........;دەپ گەپنى كىسىپلا ئېيتىپتۇ .
شۇنداق قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلىرىمىزنى بىرىدە ، ئۇ تۇيۇقسىزلا باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغانىدى ،مەن ئۇنى بەك چۈشىنەتتىم.چۈنكى،ئۇنىڭ بىلەن خىلى ۋاقىت يۈرۈپ مۇھەببەتلەشتىمدە.
قارىغاندا ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بوپتۇ دەپ قىياس قىلدىمدە، ئۇنىڭدىن سورىدىم :
- قۇدرەت
- ھە ، نىمە بولدى ؟
- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى ، سىزگە بىرەر ئىش بولغاندەك قىلىدۇ .-دەپ سورىدىم ئۇنىڭغا ھەيلانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ .
- ياق ، ياقەي ، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى ، - دىدى ئۇ دۇدۇقلاپ.
- تولا مەندىن يۇشۇرىمەن دىمەڭ ، مەن سىزنى بىلمەمدىم ، سىزگە چۇقۇم بىر ئىش بولدى ، قېنى دەڭە سىزگە زادى نىمە ئىش بولدى ؟-مەن ئۇنىڭ دۇدۇقلاپ جاۋاپ بەرگنىدىن،بىر ئىش بولغانلىقىنى سەزدىمدە،ئۇنىڭدىن قايتا سورىدىم.
-ماڭا دىيەلمىگۈدەك قانداق گەپتى ئۇ ؟ -دىدىم مەن ئۇنىڭدىن نارازى بولغان قىياپەتتە .
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ماڭا تىكىلىپ بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن :
- نادىرە ، مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بەرمىسۇن مىنىڭ سىزنى ھەقىقي سۆيىدىغانلىقىمغا ئىشىنىڭ ، - دىدى ئۇ قۇلۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ .
- ئىشىنىمەن ، مەن بۇ دۇنيادا پەقەت بىر سىزگىلا ئىشىنىمەن قۇدرەت . - دىدىم ئۇنىڭ غەمكىن كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ .
ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق باستى ، ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋلغانىدى ،
- ساراڭ ، قۇلۇمنى ئاغرىتىۋەتتىڭىز- دىدىم قۇلۇمنى ئاستا ئۇنىڭ ئالقىنىدىن ئاجىرتىپ .
- كەچۈرۈڭ .نادىرە- ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ماڭا دىيەلمەيۋاتقان ئىچ پۇشىقى ، دەرت ھەسرىتى بارلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم.
- سىزگە زادى نىمە بولدى ؟ بۈگۈن غەلىتىلا بوپ قاپسىزغۇ ؟ يەن تېخى غەلىتىلا گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسىز ، ئەزەلدىن ئۇنچە تۈزۈت قىپ كەتمەيدىغان ئادەم كەچۈرۈڭ دەپ يۈرۈيسىز ....
-نادىرە ، دىمىسەم زادىلا ئۇنىمايدىغان ئوخشايسىز ، ئەسلى ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگىمۇ ئاز قاپتۇ ، شۇڭا تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى خوشال - خورام ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن دىيىشنى ئويلىغان ئىدىم ، بىراق سىز بەك چىڭ تۇرۋالدىڭىز . ئەمىسە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ -دەپ گەپ باشلىدى ئۇ :
ئۇ ، ئانىسى دىگەن گەپلەرنى ۋە ئۆيدە بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي دەپ بولغاندىن كىيىن ئېغىر ئۇھسىنىپ:
- نادىرە ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن ئۆيدىكىلەرنى چۇقۇم قايىل قىلىمەن ، ئىككىمىز چۇقۇم توي قىلالايمىز- دەپ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قارىدى.ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قەتئيلىكى چىقىپ تۇراتتى.
مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم ، بىر دەمدىن كىيىن ئەسلىمگە كىلىپ :
- بىز ئايرىلىپ كىتەيلى قۇدرەت ، - دىدىم .
شۈكلەپ ئولتۇرغان ئۇ ، تۇيۇقسىز ئاغزىمدىن چىققان بۇ سۆزدىن قاتتىق چۆچۈپ دەرھال ماڭا سىنچىلاپ قارىدى ،
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز نادىرە ؟
- ھېچنىمە ، شۇ ئايرىلىپ كىتەيلى- دىدىم .
- نىمىشقا ؟
نىمىشقا بولاتتى ، ئۆيىڭىزدىكىلەر قوشۇلمىسا يەنە نىمە دەپ ئارلىشىپ يۈرەتتۇق -دىدىم ئۇنىڭغا سۇئال نەزىردە بېقىپ .
- مىنىڭ ئىشەنچىم بار نادىرە ، سىز بۇنداق تېز بەل قويۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك ئىدى ، ئايرىلىپ كىتىشىمىزگە قىيامسىز ؟ ماڭا چىدامسىز ؟ ئەلۋەتتە مەنمۇ سىزگە قىيمايمەن ھەم سىزدىن ئايرىلىشقا چىدىمايمەن ، سىز تېخى ماڭا تەسەللىي بېرىپ ، مىنى قوللىشىڭىز ، ماڭا مەدەت بېرىپ تۇرشىڭىز كېرەك ئىدى ، ئەكسىچە سىز .......ئۇ مەندىن نارازى بولغاندەك ئولتۇراتتى .
ئۇنىڭغا قايتىدىن سەپسېلىپ قارىدىم ، قاچانلا قارىسا كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان ، ساقال بۇرۇتلىرىنى پاكىزە ئالدۇرۇپ يۈرۈيدىغان ، كىلىشكەن بۇ يىگىت ، مانا ئەمدىلىكتە ، ساقال بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كەتكەن ، چىرايلىرى سارغايغان ، ئىشقىلىپ شۇنداق بىچارە ھالەتتە بوپ قالغانىدى .

مۇشۇ دەقىقىدە ھەر ئىككىلىىمىزنىڭ كۆزلىرىدە لىق ياش .....ئۇ دەرھال يۈزىنى مەندىن ئېپ قېچىپ كۆز چاناقلىرىدا لىغىرلاپ قالغان ياشلىرىنى چاندۇرماستىن سۈرتتى .
شۇنداق قىلىپ ئىككىمىزنىڭ خوشاللىق كۈنلىرى يەنە باشلاندى ، ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەر ئىككىلىمىز ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتۇق .
ئۇ تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن تۇغۇلغان كۈنۈممۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى ، ئۇنىڭ بىلەن بازار ئايلىنىدىغانغا كىلشىكەنىدۇق ، بىر دەم بازار ئايلاندۇق ، سودا ساراي ، تاللا بازارلىرىغا كىردۇق ، ئۇ ھېلى ئۇ نەرسىنى ، ھېلى بۇ كىيىمنى تۇتۇپ ;يارىدىمۇ دەپ يۈرەتتى ، مەن;بولدى پۇلنى ئىسراپ قىلماڭ ;دەپ ھېچ نەرسە ئالغىلى ئۇنىمىدىم .
يېرىم كۈن بازار ئايلىنىپ ھەر ئىككىلىمىز چارچىغان ئىدۇق .
- قۇدرەت ، قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى ، بىر يەرگە كىرىپ بىر نەرسە يەۋالايلىچۇ؟-دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ .
- يائاللا ، ئاخىرى قورسىقىڭىز ئېچىپتۇ ھە ، قاچانمۇ شۇنداق دەركىن دەپ  ساقلاپ تۇرغان ئىدىم .
- قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتكەنمىدى ؟ ئۇنداق ئادەم بالدۇرلا دىسىڭىز بولماسمىدى مىنى ساقلاپ تۇرغىچە .
- بۈگۈن دىگەن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز تۇرسا ، سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا قارايمەندە ئەلۋەتتە .
- ئۇغۇشۇ ، ئۇنداقتا مىنى نىمە بىلەن مىھمان قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسزكىن ؟ -سورىدىم ئۇنىڭغا ئەركىلەپ تۇرۇپ .
- ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىڭىز ئۈچۈن بىر قاچا لەغمەن ئەپ بەسەم بولا ؟ -دىدى ئۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ .
- پىخسىق ........-دىدىم ، تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ .
- چاقچاق قىپ قويدۇم دۆت ،  سىز نىمە دىسڭىز شۇنىڭ بىلەن مىھمان قىلىمەن ، بۈگۈن بىر كۈن سىزنىڭ دىگىنىڭىز ھېساپ .-دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .
-گىپىڭىز گەپ ھە  ، ئەمىسە ھېلى پىخسىقلىق قىلىدىغان بولسىڭىز ........
-خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن قاچان پىخسىقلىق قىپ باققان .......
; ئاشىق - مەشۇقلار تورتخانىسى ;   .....قاراڭ ، ئاۋال بۇ تورتخانىغا كىرىپ سىز ئاچپاقىنى تورتقا تويغۇزۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن باشقا نەرسە ئەپ بىرەي .
- قورسىقىمنى تورت بىلەنلا تويغۇزۋېتەي دەپسىزدە قاقباش .....
ھەر ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق .....
ئۇ تورت ۋە سوغاق ئىچىملىكلەردىن بۇيرۇتتى ، ئۇ يەردىن - بۇيەردىن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ ، ئۇ :
- نادىرە ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ قولىڭىزنى چىقىرىڭە -دىدى .
- نىمىشقا ؟ ،نىمە قىلىسىز ؟ -سورىدىم ئەجەپلىنىپ .
- ھېچنىمە ، تېز بۇلىڭە
- كۆزۈمنى يۇممايچۇ ؟
- ياق يۇمۇڭ .
- ھە ، مانا . -كۆزۈمنى يۇمۇپ قۇلۇمنى ئۇنىڭغا سۇندۇم .
ئۇ نامسىز بارمىقىمنى تۇتۇپ ، بىر نەرسە سالغاندەك قىلدى . خاتالاشمىسام ئۈزۈكتەك قىلاتتى .
- ئەمدى كۆزىڭىزنى ئاچسىڭىز بولىدۇ .
- بۇ ،....
- ئاز بولسىمۇ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە تەييارلىغان سوغام ، كىچىك بوپ قالدى ، كىيىنچە چوڭراقنى ئەپ بېرىمەن .....
- يۈزۈمگە قىزىللىق يۈگۈردى ، ئادەمنى خىجىل قىلىپ ....، بۇ راست ئالتۇنما ؟
- ھەئە ، دۆت شۇنىمۇ بىلمىگىننى ، سىزگە ساختىسىنى سوغا قىلاتتىمۇ ؟ سىز پەقەت مۇشۇنداق ھەقىقي ، ساپ زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشقا لايىق قىز ...
- رەھمەت ......
بۇ كۈنكى تۇغۇلغان شۇنداق خوشال،شۇنداق رۇمانتىك ئۆتتى.مەن خوشاللىقلىرىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن ئەلۋەتتە

كۈنلىرىمىز بۇرۇنقىدىنمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتاتتى ، بىز بارغانسىرى بىر بىرىمىزگە ئامراق بۇلۇپ ، بىردەم ئايرىلىشقىمۇ چىداشمايدىغان بۇلۇپ كەتتۇق .....
بىر كۈنى ئۇنىڭ دوستى غەيرەت مىنى ئىزدەپ كەپتۇ .
- سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن نادىرە .
- ماقۇل پاراڭلىشايلى ، قانداق گەپ بولسا دەۋېرىڭ .
- يېقىندىن بېرى قۇدرەت بىلەن قانداقراق ئۆتىۋاتىسىلە ؟ -دەپ سورىدۇ ئۇ .
- ياخشى ، ئىنتايىن ياخشى ئۆتىۋاتىمىز .
- بىلەمسىز نادىرە ، قۇدرەتنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنى ئۆيلەيمىز دەپ لايىق تاللاپ ، ئەلچى ئەۋەتىپ يۈرشىۋاتىدۇ . قۇدرەت ھازىر شۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدى ، ئۇ ئۆيدىكىلىرىگە سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىپ بېرىپتىكەن ، ئانىسى ، ئۇنداق تۇنىمىغان بىلمىگەن خەق بىلەن قۇدا بولمايمەن دەپلا رەت قىپتۇ . ئۇ يېنىڭىزدا چاندۇرماي يۈرگىنى بىلەن دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ .....
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر چېلەك سۇنى قويغاندەك بوپ كەتتىم ........
ئاخىر بۇ ئازاپلارغا چىدىماي بۇ گۈزەل يۇرتۇمدىن بىر مەزگىل ئايرىلماقچى بولدۇم-دە،ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىپ ;كومپىيوتىر ئۆگىنىمەن ;دەپ ئۈرۈمچىگە كەتتىم ، ئۇنىڭغا خوشمۇ دىمىدىم ، دوستلىرىم بىلەنمۇ ئالاقىلشىپ كەتمىدىم ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشسەم ئۇنىڭ گىپىنى ، توي خەۋىرىنى دەپ قالسا قۇبۇل قىلالماسلىقىمىدن قورقتۇم .پۈتۈن زېھنىم بىلەن كومپىيوتىر ئۈگەندىم ، ئۇنى ئامال بار خىيال قىلمىدىم ، قەيسەرلىك بىلەن ئۇنى ئۇنتۇشقا تىرىشتىم.چۈنكى،قۇدرەتنى تەڭ قىسلىقتا قويۇپ تېخىمۇ ئازاپلاپ،ئۇنىڭ كۈندىن-كۈنگە ھىجرانلىق دەرت ئازاپلىرىنى تارتىپ يۈرۈۋېرىشىگە زادىلا چىداپ تۇرالمىدىم.
-ئانىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس قىزىم ، قايتىپ كىلىڭ .-دەپ ئۆيدىكىلەر چاقىرتقاندىلا ئاندىن يۇرتۇمغا ۋە ئىناق ئائىلەمگە قايتىپ كەلدىم .
ئۆيگە كىلىپ ئانامنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن دەپ كېچە كۈندۈز ئانام بىلەن بۇلۇپ ، ئۇنى ۋە ئۇ ئاچچىق ئەسلىملەرنى ئەسلەشكىمۇ ۋاقتىم يەتمىدى ....مەن كىلىپ دەل بىر ئاي بولغان كۈنى ئانام داۋالاش يار بەرمەي  بىز بىلەن ، بۇ يۇرۇق دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشتى .ئەڭ يېقىن دوستۇم نۇربىيەگە تېلىفۇن قىلىپ ، ئاداش ، ئانام ..ئانام ...دەپلا يىغلاپ كەتتىم ، ئۇ ئانامنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولغاچ ھەممىنى بىلىپ ، بىر دەمدىلا بىر نەچچە دوستلىرىمنى يىغىپ كەپتۇ ، كەلگەنلەر ئىچىدە ; ئۇ; مۇ بارئىدى ، ئانامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ھەلەكچىلىكىدە ئۇنىڭغا قارىغۇدەكمۇ بولمۇدۇم .
يىغلاپ قاقشاپ ، مانا ئانامنىڭ قىرقى نەزىرىنىمۇ بېرىپ بولدۇق ، ئۇ مىنىڭ دوستلىرىم بىلەن ھەممە نەزىردە بار ئىدى ، تېخى ئېغىر يىنىك ئىشلارنى قىلىشىپ  ، قارىشىپ بەردى ......
كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدىكەن ، بىز قالغانلار يەنە شۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلكىدە ، ئۆز غېمىمىزنى قىلمىساق بولمايدىكەن .
-قىزىم ، ئوقۇشنىمۇ تۈگەتتىڭىز ، ئانىڭىزنىڭ قىرقىنىمۇ بېرىپ بولدۇق . نىمىش قىلاي داۋاتىسىز ؟- دەپ سوراپ قالدى بىركۈنى دادام .
-ھېچنىمە ، شۇ سىلىنىڭ ئاش تاماقلىرىنى ئىتىپ ، كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىمەندە -دىدىممەن جاۋابەن.
-قىزىم ئوقۇيمەن دەپ ياقا يۇرتلاردا شۇنچە جاپا چىكىپ ئوقۇدىڭىز.ئەمدى بۇ ئوقۇشىڭىز بىكار كەتسە بولمايدۇ.شۇڭلاشقا ئۆيدىكىلەر مەسلەتلىشىپ سىزگە دۇكان ئېچىپ بېرەيلى دىيىشتۇق ......
شۇنداق قىلىپ ،ئۆيدىكىلەرنىڭ قوللاپ مەدەت بېرىشى ئاستىدا ئۆزۈمگە چۇشلۇق بىر كىچىككىنە كومپىيوتىرخانا ئېچىۋالدىم . ھەر ھالدا كۈنلىرىم خېلى يامان ئەمەس كىتىپ باراتتى .
دوستلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە ، ئۇنىڭ تېخىچە تويى بولماپتىمىش ......





-نادىرە ، سىڭلىم تۇرە ، مىجەزىڭ يوقمۇ نىمە ؟ ئەجەپ ئورنۇڭدىنمۇ تۇرماي يېتىپ كەتتىڭغۇ ؟ ئادەتتە تاڭ سۈزۈلمەستىلا تۇرۇپ بولاتتىڭ.- ھەدەمنىڭ ئويغاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاندىن بېشىمنى كۆتۈردۈم .ئاللىبۇرۇن تاڭ ئېتىپ بولغانىدى;بېشىم ئېغىر ، كېچە ياخشى ئۇخلىيالمىغان ئوخشايمەن; دەپ چۈشەندۈردۈم ھەدەمگە .
-بەك مىجەزىڭ بولمىسا بۈگۈن دۇكاننى ئاچمىغىن ، چىرايىڭمۇ بۆلەكچىلا تۇرىدۇ.- دېدى ھەدەم ماڭا كۈيۈنگەن ھالدا.
-ياق ھەدە ، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى ، شۇ ياخشى ئۇخلىيالمىدىم ......
دۇكاننى ئەمدىلا ئېچىپ تۇرسام تېلىفۇن كەپ قالدى ، قۇدرەتنىڭ دوستى غەيرتنىڭ نۇمۇرىكەن ،
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، تويغا كىلىدىغانسىز  ؟
- بىلمەيمەن ،
- ئۇنداق دىمەي چۇقۇم كىلىڭ ، قۇدرەت يۇلىڭىزغا ئىنتىزار .
- ئىنتىزار بولغان ئادەم خەق بىلەن توي قىلۋالماستى ....
- ئۇنى چۈشىنىڭ نادىرە ، ئۇ سىزنىڭ چۈشىنشىڭىزگە موھتاج .
- مىنى كىم چۈشىنىدىكەن ؟ .....
-ئىشقىلىپ چۇقۇم كىلىڭ ، يۇلىڭىزغا قارايمىز .
- ھېلى بىر گەپ بولسۇن .
.......................................

ئۇ باغاقنى ئەكىلىپ بەرگەن كۈنى;دوستلىرىڭىزنى ھەممىسىگە باغاق بەردىم ، مەخسۇس سىزگە ئاتاپ بىر ئۈستەلنى ئېلىپ قويىمەن ، چۇقۇم كىلىڭ;دىگەنىدى.
ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ ، مەن ئالدىنقى كۈنى دوستۇمنىڭ گۈل دۇكىنىغا بۇيرۇتقان گۈلنى ئەكەلدۈردۈم ، ۋە ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىزىل رەڭلىڭ ، يۈرەك شەكىللىك تام سائىتىنى ، تاللاپ كۈچۈرگۈزگەن ناخشا پىلاستىنكىسى بىلەن قۇشۇپ چىرايلىق ئوراتقۇزدۇم .
-دوستلۇرۇممۇ كەپ بولدى ، ئاداش ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ، ماڭايلى .....
-ماقۇل
كىتىۋاتىمەن ، تۇنجى مۇھەببىتىم بىلەن خوشلاشقىلى ، ئۇنى باشقا بىرسىگە قوش قولاپ تۇتقۇزۇپ قويغىلى كىتىۋاتىمەن ، تەقدىر نىمانچە رەھىمسىزدۇ!نىمانچە ئادالەتسىزدۇ!.....چۈنكى،مىنى بىراقلا ئەڭ يېقىن ئىككى ئادىمىمدىن ئايرىدى ، مەن ئۆز تەقدىرىمدىن شۇنچىلىك نارازى بۇلۇپ ، كىتىۋاتىمەن ، دوستلىرىمنىڭ گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى . بىر چاغدا;ئاداش ، يۈرە ئۈستىگە چىقايلى t;دەپ نوقىدى دوستۇم نۇربىيە .
قارىسام توي بولىدىغان رېستۇرانغا ئاللىقاچان كىلىپپ بوپتىمىز . پەقەتلا ئۈستىگە چىققۇم ، ئۇنى كۆرگۈم يوق ئىدى ، شۇنچىلىك تەستە ئىككىنجى قەۋەتكە چىقتىم ، دوستلىرىم مىنى چۆرىدەپ ماڭدى ، بىر قۇلۇمدا گۈل ، يەنە بىر قۇلۇمدا چىرايلىق ئوراتقۇزغان تام سائىتى ، ئۇدۇل قىز - يىگىت ئولتۇرغان ئۈستەلگە قاراپ ماڭدىم ، گۈلدىراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى ، قارىسام چاك چېلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دوستلىرىكەن ، ئۇلار ھەممىسى مىنى بەك ياقتۇراتتى .
قىز - يىگىت ئولتۇرغان ئۈستەل ئالدىغا كەلدىم ،; مۇبارەك بولسۇن ، بەخىتلىك بۇلۇڭ....; مۇشۇ سۆزنى ئاران تەستە قىلالىدىم ، ئۇنىڭغا گۈلنى سۇندۇم ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ، قولۇمدىكى گۈلنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويدى ، ئاندىن يەنە بىر قۇلۇمدىكى تام سائىتىنىمۇ سۇندۇم ، ئۇ ئۇنىمۇ ئېلىپ ماڭا تىكىلىپ قاراپلا تۇراتتى ، مەن خىجىل بولغىنىمدىن ، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم ، بىر قەدەم ماڭسام يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكلا قىلاتتىم ، تەلىيىمگە دوستۇم نۇربىيە كەينىمدە باركەن ، ئۇ مىنى ئاستا تارتقىنچە قىزلا ئولتاغان ئۈستەلگە ئەكەلدى .
-ئاداش يارايسەن- قىزلارنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ، بىر تەرەپتىن خوش بولسام بىر تەرپتىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى ، تۇنجى سۆيگىنىنى باشقا بىرىگە بېرىۋەتكەن مەن يارامدىمەن ؟.......ئۇ قىزنىڭ ئورنىدا مەن بۇلۇشۇم كېرەك ئىدى.نىمە ئۈچۈن؟زادى نىمە ئۈچۈن؟........
مۇزىكانت يىگىت ، توي بەرىكىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە كۆپچىلىكنى بىرمەيدان مىللىيچە ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلدى ، قىز يىگىتلەر ئوتتۇردا خوشال خورام ئويناۋاتىدۇ ، پەقەت مەنلا خوشال ئەمەس ئىدىم ....بىر نەچچە مەيدان مۇزىكىدىن كىيىن :
-بۈگۈن تۇيى بولغان قۇدرەت بىلەن زىبا قىزنى بىر مەيدان مىللىيچە ئۇسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز- دىگەن سۆز بىلەن تەڭ گۈلدىراس چاۋاك ئاۋازى زالنى بىر ئالدى .
قىز يىگىت ئوتتۇردا ئويناۋاتىدۇ ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئۇلارنى چۆرىدەپ چاۋاك چېلىپ ، ئۇلارغا بەخىت تىلىشىۋاتىدۇ ، كۆزۈم ئۇنىڭدىلا ئىدى ، ئوتتۇردا ماڭغان ساھىبخانلاردىن بىرى قىز يىگىتكە يېقىن كىلىپ ، چاچقۇ چاچماقچى بۇلىۋېدى ، بوڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چاچقۇ چېچىلدى ۋەز رېستۇران ئىچىنى يەنە ئالقىش ساداسى بىر ئالدى .
ئارىدىن مىنۇت ئۆتمەي ، ئوتتۇردىكى ھەممەيلەن بىر يەرگە يىغىلىپ قالدى ، نىمە بولدىكىنە ؟ ھەمىمىز ئەجەپلىنىپ شۇ تەرەپكە قارىدۇق .
ئارىدىن بىرسى يېنىمىزغا كىلىپ :
-تويى بولغان يىگىتنى ئاتقاندا ( بۇ تەرەپتە يىگىتكە بەخت تىلەپ يېقىن دوستلىرى يىگىتنى ئېگىز ئاتىدىغان قائىدە بار)يىگىتنى تۇتىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا يىگىت يەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ .
- شۇ گەپلەرنى ئاران ئاڭلىدىم ، قانداق ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، رېستۇران ئىچى ئۆرە تۆپە بۇلۇپ كەتتى ، مەن ئورنۇمدىن تۇرغىنىمچە ھاڭۋېقىپ ئۇنىڭغا قاراپلا تۇراتتىم ، يا يېنىغا بېرىشنى يا نىمە قىلىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم .....
قۇدرەتنىڭ ئاكىسى ۋە قۇدرەتنىڭ بىر نەچچە دوستى ئۇنى يۆلەپ پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ كەتتى ، ئاڭلىسام دوختۇرخانىغا كىتىپتۇدەك.
مەنمۇ دوستلىرىم بىلەن خوشلىشىپ ، بالدۇرراق قايتاي سىلەر بىردەم ئويناڭلار دەپ ئۇلارنى ئاران ماقۇل كەلتۈرۈپ رېستۇراندىن چىقتىم ، ئۇنىڭغىچە مۇزىكانت يىگىتمۇ توي داۋاملىشىۋېرىدۇ دەپ ئۇقتۇرۇپ ياڭراق سازلىرىنى چېلىشقا باشلىغانىدى....




ئۆي تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتىمەن ، كاللام بەكلا قالايمىقان ، ئاللىقانداقتۇر خىياللارنى قىلىپ كىتىۋاتىمەن ، ئىچىمدە :; توۋا ، بۇ نىمە قىسمەتتۇ ؟ گەرچە ئىككىمىز ۋىسالىمىزغا يىتەلمىگەن بولساقمۇ ، مەن ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن بەخىت تىلىگەن ئىدىمغۇ ؟ نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ، زادى نىمىشقا ؟  ; ئۆز - ئۆزۈمگە مۇشۇنداق جاۋابسىز سۇئاللارنى قۇيۇپ  كىتىپ بارىمەن ......

ئۇ قانداقراقتۇ ؟ يارىسى ئېغىرمىدۇ ؟ شۇلارنى خىيال قىلىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، بىر چاغدا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم ، قارىسام تېخى تاڭ سۈزۈلمىگەنىدى ، ئۈستى بېشىم چىلىق - چىلىق تەرگە چۈمۈلگەن ، ياستۇقلىرىم ھۆل بۇلۇپ كەتكەنىدى.
-ئۇف ... مىنى قارا بېسىپ قاپتۇدە؟- يەنە يېتىپ ئۇخلاشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇيۇمنى سۇغا سېلىپ نامازغا تەييارلىق قىلدىم . ئۇنىڭغىچە تاڭمۇ سۈزۈلگەنىدى ، نامازدا خېلى ئۇزۇن تۇردۇم ، ئانامىنىڭ روھىغا دۇئا قىلدىم ......
ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن بەخىت ، تىنچ ئامانلىق تىلىدىم ......

تۇيۇقسىز سايرىغان تېلىفۇن ئاۋازى  خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى ، قارىسام ، قۇدرەتنىڭ دوستى غەيرەتنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرى ، بۇنچە سەھەردە نىمىش بولغاندۇ ؟ ئەجەپ ئەتتىگەندىلا مىنى ئىزدپ قاپتىغۇ ؟ قۇدرەت دىگەن ئەمدى خەقنىڭ ئادىمى ، ئۇ توغۇرلۇق گەپ بولسا ئەمدى ئاڭلىغۇم يوق .....دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ تېلىفۇننى خېلى ئۇزاقتا ئالدىم .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  ، نادىرەما ؟
- ھەئە ، مەن .
- قۇدرەتنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشكىسى باركەن ...
- نىمە ؟ ...چەكتىن بەك ئاشۇرۋەتتىڭلارمۇ قانداق ؟ بۇلا ئەمدى ، ماڭا شۇنچىلىك قىلغىنىڭلار يېتە .......قۇدرەت ئەمدى مەن بىلەن كۆرىشىمەن دىمەي ، ئى زىبارى بىلەن كۆرىشىۋالسۇن . -دىدىم ئاچچىق بىلەن.
- نادىرە ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ، ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە يىل ياخشى ئۆتكىنىڭلارنىڭ يۈزىسىنى قىلىپ بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈپ قۇيۇڭ .
- ئەجەپ ئاخىرقى ئارزۇسى ، ئاخىرقى  قېتىم دەپ كەتتىڭىزغۇ ؟ ئۇ ئۆلۈپ كەتمىسە يا ؟.....-بۇ گەپنى دەپ بۇلۇپلا كۆڭلۈم نىمىلەرنىدۇ تۇيغاندەك بولدى-دە:- قۇدرەت ھازىر نەدە؟- سورىدىم ئۇنىڭدىن .
-ناھىيلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە .
................................................



خاتىمە



تېلىفۇننى قۇيۇپلا دوختۇرخانىغا ماڭدىم ، ئىچىمدە، مەن نىمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتكەندىمەن ، ئۇنداق بولىشى مۇمكىمۇ ؟ كۆزى كىچىككىنە زەخمىلەنگەن تۇرسا
دىگەن خىياللار بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىۋېتىپ ، بۇنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى خوشلىشىشىم بوپ قالىدىغىننى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم .
جىدى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ، ئىشىكنى ئاستا ئاچتىم ، ئۇ كېسەل كارۋىتىدا ياتاتتى ، يېنىدا ئاكىسى ، ئىنىسى ۋە غەيرەت قاتارلىقلا تۇراتتى ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن پەرىشانلىق چىقىپ تۇراتتى ، ئۇلار بىلەن ئاددىيلا سالاملاشقاندىن كىيىن ، ئاستا كېسەل كارۋىتىنىڭ يېنىغا كەلدىم ، ئاكىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭ يېنىدا مەن غەيرەت ۋە ئىنىسى ئۈچەيلەن قالدۇق .
ئۇنىڭ ئىككىلى كۆزى چىڭ تېڭىلغان بۇلۇپ ، مىنى كۆرەممەيتى ، ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم ، تېخى تۈنۈگۈنلا توي مۇناسىۋىتى بىلەن ساقال بۇرۇتلىرىنى پاكىزە قىردۇرغان بولسىمۇ ، بۈگۈن بىر كېچە ئۆتمەيلا ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەندەك قىلاتتى .
ئۇلاردىن ئاڭلىسام يەرگە قاتتىق چۈشۈپ كەتكەچكە مېڭىگە قان چۈشۈپ ، كۆرۈش نېرىپلىرى توسالغۇغا ئۇچراپتۇ ، شۇڭا كۆزلىرىنى تېڭىپ قۇيۇپتۇ ...
ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى ، نىمە دەپ تەسەللىي بېرىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم ، غەيرەت گەپ باشلاپ ئاداش ، نادىرە كەلدى دىدى.ئۇنىڭ ئاۋازى بىر خىل يىغا ئارلاش تىتىرەپ چىقۋاتاتتى.
-ئۇ ، راس كەلدىما ؟ قېنى ؟ ئۇ قېنى ؟- ئۇ قوللىرىنى ئۇياق بۇياققا پۇلاڭلىتىپ مىنى ئىزدەۋاتاتتى ، ئاستا قۇلۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ پۇلاڭلىتىپ تۇرغان قولىنى تۇتتۇم ، قولى شۇنچىلىك مۇزلاپ كەتكەنىدى ، ئۇنىڭ قولى دائىملا مۇشۇنداق سوغوق تۇراتتى ، مەن ئۇنىڭغا دائىم : ; ئەگەر مەندىن ئايرىلىپ قالسىڭىز بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق مۇزلاپ كىتىسىز جۇمۇ ; دەپ تۇرۋالاتتىم .....
ئۇ قوللىرىمنى شۇنچىلىك چىڭ تۇتتىكى ، خۇددى بىر ئۆمۈر قۇلۇمنى قويۋەتكۈسى يوقتەكلا ، قويۋەتسىلا مەندىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ......
مىنى كەچۈرۈڭ نادىرە ، مىنى راستىنلا كەچۈرۈڭ . مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن ، ; ئۇ مەندىن يېنىش يېنىشلاپ كەچۈرۈم سوراپ كەتتى ، ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەن بولساممۇ ، مۇشۇ دەقىقىدە ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغىردى ، ئۇنىڭمۇ قىينىلدىغان يىرى بارلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ..........
ئۇ ھەممە گىپىنى داۋالغاندىن كىيىن، ئەمدى مەن بىردەم ئارام ئېلىۋالاي سىز قايتىۋېرىڭ نادىرە ،دېدى .
مەن قانداق قىلىشنى  بىلمەي ، غەيرەتكە قارىدىم ، ئۇ ،كەتمەڭ دىگەننى ئىما قىلدى ، نىمىشقا بۇنداق دەيدىغاندۇ ، ھەيران بولدۇم ئىچىمدە . لىكىن چاندۇرمۇدۇم. سىزگە يەنە بىردەم ھەمرا بولاي قۇدرەت، دىدىممەن .
ياق بولدى ، ئەمدى كىتىڭ،ئۇ تۇيۇقسىزلا مىنى قاتتىق تەلەپپۇزدا مىنى ھەيدىگىلى تۇردى ،  ساراڭ بوپ قالدىمىكىنە ،بىردەم كىلىڭ ، بىردەم كىتىڭ دەپ ، ئادەمنى ئاخماق قىپ  ، دەپ خاپا بولدۇم ئىچىمدە .
-ماقۇل ئەمىسە مەن قايتاي ، ئامان بۇلۇڭ ..-خوشلىشىپ ياتاقتىن چىقتىم .
جىددىي قۇتقۇزۇشتىن چىقىپ بولغىچىلا ، نۇرغۇن دوختۇرلار ئۇ ياتقان ياتاق تەرەپكە جىددى ھالدا كىرىپ كىتىۋاتاتتى ،
-نىمىش بولغاندۇ ؟ ئۇ ...ياق ئۇ بايىلا ساق قالغان تۇرسا ، بەلكىم باشقا  كېسەللەر دۇ .......
نادىرە !تۇيۇقسىز  بىرى ئىسمىمنى چاقىردى ، كەينىمگە بۇرۇلدۇم ، ئۇنىڭ ئاكىسى ئىكەن ، ئۇ يېنىمغا كىلىپ ،كەلگىنىڭىزگە رەھمەت سىڭلىم ، ئۇنىڭ سىزنى بۇنچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمىز ، ئىككىڭلارنىڭ ئىشىغا ئۆيدىكىلەر قۇشۇلمىغاچقا ، ئۇ ئامالسىز بۇ توينى قىلىشقا قۇشۇلغانىدى . كىم بىلسۇن ، مانا بۇ كىلىشمەسلىكنىڭ كىلىشىنى ...........
- نىمە ، نىمە كىلىشمەسلىكنى دەيلا ؟ -سورىدىم ئەجەبلىنىپ .
- تېخى بىلمىدىڭىزما ؟ بايا سىلەر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتىڭلار ، ئۇ سىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىۋېلىش ئۈچۈنلا بىر كېچە بەرداشلىق بەردى ، ئەنە كۆرگەنسىز دوختۇرلارنىڭ جىددىي ھەركەتكە كىلىپ كىرىپ كىتۋاتقانلىقىنى ،دوختۇرلار  ئاخشاملا  ئۇنىڭ بۈگۈن كېچىدىن ئۈتۈپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى . ئۇ بىلگەن بولسا كېرەك ، دادام ئاناملارغا بىلدۈرمەڭلار دەپ مەن بىلەن كىچىك ئىنىمنى يېنىدا ئېپ قېلىپ ، سىزنى بىر كېچە ساقلىدى ، مېڭىسىگە چۈشكەن قان دەرھال چۈشكەن ھەم خەتەرلىك ئورۇنغا چۈشكەچكە دوختۇرلارمۇ ئامالسىز قالدى ...
يۈگۈرۈپ ياتاقنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدىم ، ئۇنىڭ يۈزى ئاللىبۇرۇن ئاق لاتا بىلەن  يېپىپ قۇيۇلغانىدى .........كۆزۈمدىن ھىجرانلىق ياشلىرى تۆكۈلۈپ توختىمايتتى.يۈرۈكۈم بولسا قانلىق زەرداپقا تولۇپ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ تۇرۇپ بىر جۈملە سۆز
<< مەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن  >> دەپ جار سېلىپ توۋلاشقا مەجبورلايتتى.

تامام .
2009-يىل دىيارى كۈسەندە يىزىلغان .


(كەپسىز پەرىشتە )



ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
布妮娅孜 + 1 رەخمەت  .
majnunyar + 1 ھەقىقەتەن ئىسىل ئەسەر ئىكەن.
ALganazar01 + 100 بۇ دۇنيادا بىر بىرنى ياخشى كۆردىغانلار م
nasrulla + 333 رەھمەت سىزگە، ئەسەرگە چوكۈپلا كىتىپتىمەن
قـوزام + 100 كۆرمەپتىكەنمەن دىسە بۇ ھىكايەڭنى؟
ئەجەل + 500 رەھمەت مۇزىكىڭىزغا!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1035   باھا خاتىرىسى

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4908
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31208
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6385 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 04:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بوپتۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆلىۋاپتىما بۇ قۇدىرەت.؟
قىز بىلەن يىگىتنى مىللىيچە ئۇسۇل ئويناپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز،
قىز بىلەن يىگىت ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن ئۇسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسلا بۇلىدۇ. ئۇيغۇرچە ئۇسۇلنىڭ مىللچە ياكى باشقىچە نۇسخسى بولمايدۇ.(كىچىككنە تەكىلىپ)

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ھەق-ناھەق ئالدىد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10784
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6062
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 5442 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 04:47:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىتنىڭ ئۆلىمى سەل ئىشىپ كەتتىمۇ يا،

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14235
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6063 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 04:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  zapar كە 2011-03-15 04:43 PMئەۋەتىلدى  :
نىمە بوپتۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆلىۋاپتىما بۇ قۇدىرەت.؟
قىز بىلەن يىگىتنى مىللىيچە ئۇسۇل ئويناپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز،
قىز بىلەن يىگىت ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن ئۇسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسلا بۇلىدۇ. ئۇيغۇرچە ئۇسۇلنىڭ مىللچە ياكى باشقىچە نۇسخسى بولمايدۇ.(كىچىككنە تەكىلىپ)
تەكلىۋىڭىزگە رەھمەت ، يازغان ۋاقتىنى كۆردىڭىز ئالدىنقى يىللىرى قۇلۇمغا ئەمدىلا قەلەم ئالغان ، شۇڭا نۇرغۇن جايلىرىدا يىتەرسىزلىكلىرى بار...

بىزنىڭ بۇ تەرەپتە رېستۇران ، توي مەرىكە زالى قاتارلىق سورۇنلاردا شۇنداق ئاتايدۇ << مىللىيچە ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلىمىز >> دەپ ، شۇڭا ئويلاشمايلا شۇنداق يىزىپتىمەن .

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14235
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6063 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 04:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  marwe كە 2011-03-15 04:47 PMئەۋەتىلدى  :
يىگىتنىڭ ئۆلىمى سەل ئىشىپ كەتتىمۇ يا،
ئەتراپىمدا ھىكايىدىكى ۋەقەلىكتە سۆزلەنگەندەك پاجىئە خېلى يۈز بەرگەن ، شۇڭا ئەينى چاغدا تۇرمۇشۇمدا ئۇچراتقانلىرىمنى شۇ ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ يىزىپ چىققان ئىدىم .

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15414
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7835
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 2424 سائەت
تىزىم: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 04:55:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ياخشى يىزىلىپتۇ،ئۇ بالىنىڭ تەقدىر پىشانىدە ھەممىسى،ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن ،يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن!      

ئۆزۈڭنى يەڭ ,شۇن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3435
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 05:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ مۇزىكىنىڭ ئىسمى نېمە بوپكەتتى ئەمدى....دەششەت قايغۇلۇق ئوينايدىغان مۇزىكىمۇ نېمە!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31897
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1608
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1422 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 05:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ تەسىرلىككەن! مۇزىكىمۇ ياخشى كىرىشتىرىلىپتۇ! رەھمەت!

ئۆزۈڭنى يەڭ ,شۇن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3435
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 05:12:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (ئەجەل) نىڭ يازمىسىغا

ئەۋەتىپ بەرمەمسىز مەنمۇ بىلمەيمەن دەپ دولىڭىزنى چىقىرىپ تۇرماي! [s:164]
پىخسىق پەرىشتە دەۋېتىمەن بىكا جۇمۇ! [s:151]

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ.

كۈلۈپ ياشاڭ......

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11799
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 05:12:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈش سەۋەبى تازا ئېنىق بولماپتۇ،كۆزىگە بىر نەرسە كىرىپ ياكى تىگىپ كېتىپ قاناپ كەتكەنگە ئادەم ئۆلۈپ كەتسە بۇ سەل مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بۇلۇپ قالىدۇ.شۇڭا ھىكايە ۋەقەلىكىدىكى ئاشۇ جايغا ئازراق ئىشلەش كېرەك دەپ ئويلىدىم.بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھىكايە چىنلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش