|
|
|
|
مەن مۇھەببەتكە ئىشەنمىگەن ۋاقىتلىرىمدا سەن مېنى ھېسياتسىز دېدىڭ ،مۇھەببىتىڭدە كۆيۈپ كۈل بولغاندا سەن مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئاخماق قىز دېدىڭ !ئەمدى ئويلاپ باقسام سېنىڭ ئالدىڭدا ھېسياتلىق بولغىنىم ئاخماقلىق قىلغىنىم ئىكەن.
مەن كۈتۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن ،لېكىن قەلبىمدىكى شۇ روھنى ئىزلىگىنىمدە ئۇنىڭ بىلەن سىرداشقىنىمدا قەلبىمنىڭ پۈتمەس تۈگىمەس ھاياجانلىققا چۆمىدىغانلىقىنى ۋە شۇ روھ ئۈچۈن يەنە ساقلاشقا رازى ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن.
مەڭگۈ دېگەن بۇ سۆزنى ئالدىراپ ئىيتما ،سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن دېگەن سۆزنى تېخىمۇ قىلما ،پەقەت ئەتە مېنى بۈگۈنكىدىن ئارتۇقراق ياخشى كۆرسەڭلا ماڭا شۇنىڭ ئۆزى بەخىت .
ھازىر بولدۇڭ چۈشلىرىمدە سەن،
بىرتال گۈلنى قولۇڭدا ئېلىپ.
كۈلۈپ تۇرۇپ سۇندۇڭ ھەم ماڭا،
يۈرۈكۈمگە بىر ئوتنى سېلىپ.
شۇندىن بېرى چۈش كۆرسەم دەيمەن،
پەقەت بولغاچ چۈشلىرىمدە سەن.
رېئاللىقتىن تاپالماي سېنى،
ئازاپ تارتىپ قالارمەنمۇ مەن.
ئېگىز بويلۇق زىلۋا شۇ جانان،
قەيەرلەردە تېنەپ يۈرۈيسەن.
بولۇپ قالدىم مانە ئۇيقۇچان،
سېنى كۆرۈش ئۈچۈن بىلەمسەن.
چۈشلىرىمدىن چىقىپ ھازىر بول،
ساڭا ئاشىق بۇ قەلبىمنى بىل.
كۈتۈپ سېنى يەنە ياشايمەن،
مەيلى ئۆتسۇن يەنە قانچە يىل .
مەنبەسى:ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|