شىجائەتلىك ياش، تۆھپىكار، ئىزدىشىچان دوستۇم XJTV-5 ( ئادىلجان ئابلىز ) نىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمەن! دوستۇم ئادىلجان توغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
بۇندىن 26 يىل مۇقەددەمكى يولۋاس يىلىدا بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاسىتىنىڭ خېجىڭ ناھىيسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇنىڭ ئەگرى قاشلىرى، ئاپاق يۈزلىرى ھەمدە قاپقارا كۆزلىرى كىشنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى، كىشى قارىسا قارىغۇسى كېلەتتى. ئەمما بۇ بوۋاقنىڭ زادى يولۋاستەك ياشىيالىشى ياكى توشقاندەك ياشىشى ھېچكىمگە سىر ئىدى.
بوۋاق چوڭ بولۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، شۇنچە قاتتىق رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدا كۈشەندىلىرىنى باش ئەگدۈرۈپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئۇنىۋېرسال بولغان ئاخبارات ئەپكارى____ شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5- قانىلىغا ئېلان بۆلۈمىگە تاللاندى. ئۇ قانچىلىغان ئۆتكەللەردىن، سىناقلاردىن ئۆتمىدى. ئۇ قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇ ۋە نىشانلارنى پۈككەن، ئەل- ۋەتەن، مىللەت ئۈچۇن بۈيۈك غايىلەرگە تولغان. ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر سىناق ۋە توساقلار، داۋانلار بار ئىدى. ئەمما جاھاننىڭ رەپتارىغا ھېچكىم بىر نېمە دەپ بولالماس .. ئەمما بۇ شىجائەتلىك، تىرىشچان، خۇشخۇي، كەمتەر ياش ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن ئايرىلىپ قالمىدى ھەم ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىدى.
بىر كۈنى ئادىلجان كوچىدا كېتىۋېتىپ "2010- يىلىدىكى ئەڭ ئاۋات فىلىم _ < مىسرانىم مۇنبىرى > بازارغا سېلىندى، ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ، ئۇنىۋېرسال ھەمدە خەلقنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستى، سىز بۇ فىلىمگە قەدەم تەشرىپ قىلسىڭىز ، كۈندە كۆرۈپ تۇرسىڭىز ھەرگىز يېتىملىك، غېرىپلىق ھېس قىلمايسىز! ئۇ سىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك، ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ يارقىن دوستىڭىز..." دېگەن ئېلاننى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئېلاننى مىسرانىم ئاكام دۆڭكۆۋرۈكتە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىكەن،( بېشى قېتىپ خىيالغا چۆمگەن ئىدى )
ئادىلجان دەرھال بۇ ئاۋات خەۋەرگە قىزىقىپ قالدى- دە ، مىسرانىم ئاكامغا " < ئاغىنەم، دوست بولۇپ قالساق، دوستلۇق قولۇڭلىنى ماڭا بېرەلەمسىلە!؟ مەن سىلە ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەشۋىقاتچى بولاي؟ مەن شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 5- قانىلىدا ئېلان بۆلۈمىدە ئىشلەيمەن. ئېلانىڭلارنى ئەرزان، سۈپەتلىك قىلىپ، كىنونىڭ ئەڭ قىزىق يېرىگە كەلگەندە ئۈزۈپلا بېرەي. .. ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن مۇنبەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشاي > دېدى. مىسرانىم ئاكام_ ئابابەكرى خۇشال بولۇپ < سىزدەك شىجائەتلىك، ئېسىل يېگىتنى تۇغقان، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانىڭىزغا، خەلقىمىزگە كۆپ رەھمەت. بولسا شۇنداق بىر قىلىلى. مەنمۇ خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئېلىپ ، ئىجاد تۇلپارىمنى يىراققا چاپتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن. ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن، ھەقتىن، ئادالەتتىن تانمايمەن، يانمايمەن! مىسرانىم پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھايات تەقدىرى، كەچۈرمىشلىرى، ئارزۇ- ئارمانلىرى بىلەن بىر تەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشايدۇ. خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ...> دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئادىلجان 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى مىسرانىم مۇنبىرىگە كىردى.
شۇنىڭ بىلەن ئادىلجان شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈگىمەس تەشۋىقاتلىرى ئىچىدىن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ ، مىسرانىم مۇنبىرىنى ھەرۋاقىت ئارىلاپ تۇردى، ھەمدە ئىنكاس قالدۇرۇپ تەپەككۇرىنى يېڭىلاپ تۇردى. ئاخىرىدا ئۆزى قىزىققان دائىرىدە مىسرانىم مۇنبىرىگە تېما بىر قانچە تېما يوللىدى.
1. قەھرىمان قېيۇمنىڭ چەتئەلدە ئېيتقان ناخشىسى
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-28740.shtml
2. شاكىرەنىڭ نەخ مەيدان ناخشا كېچىلىكى
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34667.shtml
3. ئەسقەر كۆك بۆرە ( سۈرەتلىك )
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-34692.shtml
4 . 0 51 دوستلىشىش توردا 120 ماشىنا سوۋغا قىلىندىكەن
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-35733.shtml
5. XJTV-5قانېلىنىڭ <<تەلەي يۇلتۇزى>> پىرۇگراممىللىرى!
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-39859.shtml
دوستۇم، ئادىلجان، بەلكىم شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىشخانىسدىكى ئالدىراشچانلىق خىزمىتىڭدە چارچىغانسەن! بۇ تورتنى يەپ تۇرغىن! ماڭىمۇ قالسۇن جۇمۇ؟ سەن باك ئاچكۆز ، جىق تاماق يەيسەن! مىسرانىم ئەھلىگىمۇ ئېشىپ قالسۇن! خې خې
دوستۇم ئادىل، بۈگۈن سېنىڭ توغۇلغان كۆنۈڭ، مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە، بۇندىن 26 يىل مۇقەددەمكى بىر كۈنىدە سېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تېرىلگەن بىر ئۇلۇغ زات بار. ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىن! ئۇ بولسىمۇ، ئايىغىغا يېقىلساڭمۇ، باش قويساڭمۇ، بىر ئۆمۈر ھاپاش قىلىپ باقساڭمۇ ئەجرىنى قايتۇرۇپ بولالمايدىغان______ ئاناڭ. بۇ كۈندە ئالدى بىلەن قەدىردان، جاپاكەش ئاپاڭغا تېلىغۇن قىلىپ:< ئانا ، جاپا چەكتىڭىز، بۈگۈن 26 ياشقا كىردىم، زەبەرداس ئوغۇل بولۇپ جەمئىيەت سەھنىسىدىن بىر كىشىلىك رول ئالدىم. سىزنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىزنى ھەم ئاقلىدىم ھەم ئاقلىيالمىدىم ، سىزنى يەنە شۇنداق يېگانە ،يېتىم يىراق ئارالدا قالدۇرۇپ قويدۇم، ئەمما يۈرۈگۈمدە سىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ئەجرىڭىز ئۈچۈن قان تەر چۆكۈۋاتىمەن، خەلقىم ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمەن..> دەپ ئەزىز ئاتاڭ ۋە ئاپاڭغا سالام يوللا!؟
دوستۇم، بىلەمسە، ئىنسان نېمە بىلەن ئەزىز، نېمە بىلەن ھۆرمەتلىك ؟ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ، ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى تونۇغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ ئىززىتىنى قىلغانلىقى بىلەن ، تارىخ مۇنبىرىدە قالدۇرغان نەتىجىلىرى بىلەن ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك. بۈگۈن 3- ئاينىڭ 12- كۈنى سېنىڭ توغۇلغان كۈنۈڭ. بۇ دۇنيالىق ساۋاب ۋە گۇناھلارنىڭ سەھنىسىدە ئوخشىمىغان رول ئېلىش ئۈچۈن قەدەم باسقان كۆنۈڭ. مەن ۋە بارلىق مىسرانىم ئەھلى سېنىڭ توغۇلغان كۆنۈڭنى تەبرىكلەيدۇ، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، مېھرىبانلىقى بىلەن ساق - سالامەت، بەختىلىك، ئېتىقادلىق ياشاپ 26 ياشنىڭ بوسۇغىسىغا ئوڭۇشلۇق دەسسىگەنلىكىڭ ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلار خۇشال . ئالدىڭدا شۇنداق بوسۇغ دىن يەنە نەچچىسى بار، بۇنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ بوسۇغلارنىڭ بەزىسىدە يېقىلىشىڭ، بەزىسىدە كۈلۈپ، خۇشال يايرىشىڭ مۇمكىن. بەزى بوسۇغقا نومۇس بىلەن ، بەزى بوسۇغقا شەرەپ بىلەن يېقىنلىشىشىڭ مۇمكىن. مەن سېنىڭ شەرەپ ۋە بەخت تەڭنىسىدىن ئورۇن ئېلىشىڭنى، خەلقىڭ ئۈچۈن، ئانا يۇرتۇڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن! ساڭا سالامەتلىك، ئۇتۇق ۋە بەخت يار بولسۇن!
ھەراست، كېلەر يىللىق توغۇلغان كۈنۈڭگىچە كۈندە بىر قېتىم ئالتۇن ۋاقىتتا xjtv-5 دا جۆرە ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپ ، بالدۇرراق جۆرىلىك بولىۋال!؟ بولمىسا قېرى يېگىت بولۇپ، < تۇل > قالىسە! خې خې، يەنە كېلىپ، مىسرانىم قىزلىرى بەك باغرى يۇمشاق، ئوڭلۇق، تەشەببۇسكار، بەك كەپسىز، ساڭا ئىچى ئاغىرىپ، شوخلۇقى تۇتۇپ مىسرانىم مۇنبىرى يۈزىدىلا تەلەپ قويۇپ يۈرمىسۇن!؟ خې خې، چاق_ چاق
گەرچە كۈلكە - چاقچاق دىيارى ئىلىنىڭ گۈزەل شەھرى - غۇلجىدا تۇرۇپ ساڭا سوۋغا تەقدىم قىلالمىغان بولساممۇ، مېنىڭچە بۇ تېمىدا ساڭا بولغان تىلەكلىرىم، ھەم كۆڭۈل سوۋغىلىرىم ئەكس ئەتتى دەپ قارايمەن. شۇنىڭدەك بۇ ئۈمىدلىرىم، تىلەكلىرىم بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ئوتلۇق تېلىكى! توغۇلغان كۆنۈڭ خۇشال ئۆتسۈن! ساڭا سالامەتلىك، ئامەت، بەخت يار بولسۇن! قەلب گۈلىستانىڭ گۈزەل بولسۇن! ئادىلجان، ئالغا، غەيرەت قىل!
دوستۇڭ _ زىيالىي 0903 دىن.
2011- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى