بىر كېروكىي( شىمالى ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئىندىئانلارغا تەۋە مىللەت) بوۋاي بالىلارغا ھايات ھەقىقەتلىرىدىن تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:
-قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئىزچىل بىر مەيدان جەڭ بۇلىۋاتىدۇ. بۇ جەڭ ئىككى بۆرنىڭ ئېلىشىشى.
بىرى يامان بۆرە. ئۇ قورقۇنچاقلىق، تېرىككەكلىك، قايغۇرۇش، ئۆچمەنلىك، نەپسانىيەتچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، چۈشكۈنلۈك، ئاداۋەت، ئۆزىنى كەمسىتىش، يالغانچىلىق، مەنمەنچىلىك ، تەكەببۇرلۇق، شەخسىيەتچىلىك ۋە ساداقەتسىزلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنە بىر ياخشى بۆرە. ئۇ خوشاللىق، تىنچلىق، مۇھەببەت، ئۈمدىۋارلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق، تەمكىنلىك، كەمتەرلىك، رەھىمدىللىك، كەڭ قورساقلىق، دوستلۇق، مھىرىبانلىق، مەردلىك، ھەققانيىلىق ۋە ساداقەتمەنلىككەۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئىككى بۆرە ئارسىدىكى جەڭ سىلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ،- دېدى.
بوۋاينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بالىلار بىر ھازاغىچە ئۈندىمىدى، ئاخىر بىر بالا ئۇنىڭدىن:
__ ئۇنداقتا قايسى بۆرە غالىپ كېلەر؟__ دەپ سورىدى.
بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتكەن بوۋاي بۇ بالىغا مۇنداق دېدى:
_ سەن قايسى بۆرىگە يىمەكلىك بېرىپ باقساڭ، شۇ بۆرە غەلبە قىلىدۇ.
قىزقارلىق خاتىرە كۈنلەر
بەلكىم سىز بەزى خاتىرە كۈنلەرنى ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق بۇ خاتىرە كۈنلەرنىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكنى ئېنىق بىلىشڭىز ناتايىن.
2-ئاينىڭ21-كۈنى: خەلقئارا ئانا تىل كۈنى.
2-ئاينىڭ 28-كۈنى: دۇنيا ئولتۇراقلىشش شارائىتىنى تەكشۇرۇش كۈنى.
3-ئاينىڭ 14-كۈنى: خەلقئارا ساقچى كۈنى.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى: نەۋرۇز بايرىمى، يەنە دۇنيا بالىلار ناخشىسى كۈنى.
4-ئاينىڭ 23-كۈنى: دۇنيا كىتاب ئۇقۇش كۈنى.
4-ئاينىڭ 30-كۈنى: مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى توغرسىدا ئويلىنىش كۈنى.
5-ئاينىڭ8-كۈنى : خەلقئارا كۈلۈمسىرەش كۈنى.
7-ئاينىڭ2-كۈنى: خەلىقئارا تەنتەربىيە مۇخبىرلىرى كۈنى.
10-ئاينىڭ 1-كۈنى: ( جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان كۈن)خەلقئارا ياشانغانلار بايرىمى.
11-ئاينىڭ 21-كۈنى: دۇنيا سالام يوللاش كۈنى.
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى2011يىللىق 1-سان.