|
|
|
|
سالام تورداش دوستلار:
تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋېي يېڭى يىل بايرىمى ـــــــــ شانى شەۋكەتلىك نەۋرۇز يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاۋال ئەزىز قىرىنداشلارغا چىن قەلبىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاسىيەتلىك نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاپ، كەڭ تورداشلار ئارىسىدا بىر قېتىملىق «مۇشائىرە» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچىمەن. بارلىق دوستلارنىڭ بۇ «مۇشائىرە» پائالىيىتىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى ۋە قوللىغۇچىسى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. چۈنكى تۈركىي قەۋىملەرنىڭ مىللى بايرىمى نەۋرۇزنى بىز تەبرىكلىمەي كىم تەبرىكلىسۇن! .... نەۋرۇز دېمەك خوشاللىق دېمەك؛ نەۋرۇز دېمەك يېڭىدىن كۆكلەش دېمەك!....
مۇشائىرە پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق دوستلارنىڭ يۈرىكىدە نەۋرۇزنىڭ بارلىقىغا، ھەم يۈرىكىنىڭ بىر شېئىر ئىكەنلىكىگە، ھېس ـ تۇيغۇلىرىنىڭ مەپتۇنكار شېئىر مىسرالىرى ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشىنىمەن.
قېنى ئەمىسا مۇشائىرىمىزنى باشلايلى ( ئالدى بىلەن مەن باشلاپ بېرەي )
[align=justify] تاڭ شەپىقى پەسلى بۇژغۇن گويا يالقۇندەك، | |
[align=justify] باھار ئاقار ئېقىنلاردا نازغىپ، ئەركىلەپ. | |
[align=justify] گۈلگۈن سىماھ قىياقلارنىڭ مەڭزىدە قۇياش، | |
[align=justify] تومۇرىدا يىلتىزلارنىڭ كۆكلەش بەھەيۋەت. | |
[align=justify]
[align=justify]
[align=justify] ــــــــــ ئىلھام
[align=justify] * * *
[align=justify]
باھار ئاقار ئېقىنلاردا نازغىپ، ئەركىلەپ،
يىلتىزلارنى كۆكلەتمەكتە نەۋرۇز پەپىلەپ،
كەڭ زېمىننىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچتى دۇلدۇللار،
بەيگىلەرگە چۈشتى مەرتلەر بولۇپ سەپمۇ سەپ.
ــــــــ ئابدۇرېشىت ئوسمان
* * *
|
|
|
|
|
|