ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى،
بايا قارىسام مۇنبەر كەيپىياتى تۆۋەن ،شۇڭىلاشقا ئەزالارغا ئانچە مۇنچە چاقچاق قىلىپ قويدۇم.
جازادا ئوغۇللار بايقى تېمىغا ئىنكاس يېزىپلا قالسا مۇنبەر تۈرمىسىگە بىر كۈن تاشلىندۇ دەپ تېما چىقارغان ئىدۇق.
_____________
تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ھەممىسى چەكلىنىشتىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنداق،. بىز سەۋەبسىز ئەزا چەكلىمەيمىز.
بۇ پەقەت ئەزالارغا بېرىلگەن سىگنال خالاس. مۇنبەردىمۇ قانۇن ،قائىدىلىرىمىز بار.شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ ،ئەڭ ياخشى مۇنبەر ئەزاسى بولساڭلار بىز چوقۇم سىلەرنى بار كۈچىمىز بىلەن كۆككە كۆتۈرۈشكە تېرىشىمىز ھەم مىسرانىم ئۆتكۈزگەن بارلىق پائالىيەتكە ئاكتىپ چاقىرىمىز.
_________
بارىنىڭ قەدرىگە يېتىپ ،مۇنبەردە ئىناقلىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ،ئورتاق تېرىشچانلىق ئاستىدا مىسرانىمنى ھەقىقىي ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بايراقدار توربەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېرىشايلى.
ئالدىنقى تېما ئاستىدا بۇ پەقەت ئېغىرراق چاقچاق دېگەن ئەسكەرتمىلەر بار ئىدى. بىز ئادىللىق ئاساسىدا مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ نورمال زىيارىتىنى ھەرگىز چەكلىمەيمىز..
خۇلاسە:
ئالدىنقى تېمىغا ئىنكاس يازغان بارلىق تورداشلار 200 مۇنبەر پۇلى بىلەن ،شۇنداقلا ماس قەۋەتكە ئىنكاس يازغان مەيلى ئوغۇل ياكى قىز تورداشلار بولسۇن ،مۇناسىپ مېدالنى سوۋغا قىلىمىز.(بايىقى تېما تاقالدى)
ئەگەر مۇنبەر قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز بىز مۇۋاپىق چارە كۆرىمىز.
ئالدىنقى تېما ئادىرسى :
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-40953.shtml
ئاخىردا بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىگە سالامەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تېلەيمەن.. مىسرانىم سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئاستىدا ھەقىقىي خەلىق قەلبىدىكى ئورنىنى تىكلەيدۇ خالاس.
مىسرانىم تور بېكىتىنى بىرلىكتە باشقۇرايلى!!!!!!!!!!!!!