مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 994|ئىنكاس: 14

كىتاپخانغا <<مۇھەممەت سالىھ  >> [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر ۋاقىت ئاخىرە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30156
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5691
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-7 11:05:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىتاپ-قەغەز ،سۈيۈملىكتۇر ماڭا ھەر جايدا يار بولسا،
نادانلار ئالدىدا قەغەز قەلەم بىئېتىبار بولسا.

كىتاپقا ئاشىنا بولدۇم ئىلىمنىڭ پەيزىنى سۈردۇم ،
سۆيۈنمەمدۇ كىشى دىلدىن بەخىت-ئىقبالىغا يار بولسا.

بىلىم ئىشقىدا يانغان مەن بولۇپ مانەندە پەرۋانە،
يۈرەكتىن سۆيگىنىم سۆيگەن كىتاپتەك خۇش نىگار بولسا.

قەلەم-قەغەز  بىلەن سىرداش بولۇپ خىلۋەتتە ئۈن -تۈنسىز ،
نى كۈيلەر كۈيلىمەس ئىنسان بىلىمگە دىل خۇمار بولسا.

گۆدەكلىك چاغلىرىمدىنلا بىلىمگە مەھلىيا بولدۇم ،
دەمى ئايرىلمىقىم مۈشكۈل ،بىلىمدەك گۈل ئۇزار بولسا.

ئارام گاھىم كىتابىمدۇر ئۇنىڭسىز ھىچ ئارامىمىم يوق،
ئارام -بەخىش قۇرلىرى دىللار ئارا چاقناپ تۇرار بولسا.

سۈكۈناتقا چۆمۈلگەن كائىنات تۈ ن ئىچىرە مەن تەنھا،
نە تەنھا ئۈلپىتىم دىلكەش،كىتابىم ياندا بار بولسا.

بولۇپ خىلۋەتتە كۈلبەم ئېچىرە مەزھەر جىلۋە ئى جانان،
نە جانان ھەر  ۋەرەقتىن يۈز تەجەللى ئاشكار بولسا.

تىنىمسىز ئىنتىلىش روھى راۋانىمدۇر بەدەن ئىچرە،
خىرەت ئەھلىگە خاس غەيرەت دىلىمدا جۇش ئۇرار بولسا.

نىسىپ بولماس كىشىگە نوكىتەدەنلىق ئەجىر مىھنەتسىز،
كىچىپ ۋاز ئىستى قەمەتتىن بىھۇش ئۇخلاپ ياتار بولسا.

پاراغەت ئىستىراھەتتىن كىچىپ تىنماي ئۈگەنمەستىن،
قىلىپ غەپلەتتە ئاغرىنما بىلىم سەندىن قاچار بولسا.

جاھالەت دەشتىدىن قاچتىم بەدەر نۇرانە يول ئىزدەپ ،
كامالەت ۋەسلىگە يەتكەي كىشى ھەق يول تاپار بولسا.

نادانلىق بىرلە ئاڭسىزلىق كىشىگە بى داۋا دەردتۇر،
نە قىلغاي دىل كۆزى كور بىداۋا دەردكە دۇچار بولسا.

ئىلىم ئەھلى ماكان تۇتتى كامالەت تەھتىدە ھەرچاغ،
ئىلىمسىزلەر زەبۇنلۇقتا پىقىرۇ خاكسار بولسا.

زۇھور ئەيلەپ ئەدەم سەھراسىدىن يىگانا بىر قامۇس ،
تەبەسسۇم ئەيلابان ناز ئىلكىدە سىزگە باقار بولسا.

ئىچىلغاي زەر چىچىلغان مەنىلەردىن توزىماس گۈللەر ،
نە خۇشتۇر رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر مۇئەتتەر ھىد چاچار بولسا.

ئارام -بەخىش باغچىدۇر قامۇس ئىچىلغان غۇنچىدۇر ھەر سۆز،
تۇرارمۇ يايرىماي دىللار چىمەنلىك مۇرغىزار بولسا.

بولۇر ھەل مۈشكىلاتلار دەر مەھەل قامۇسنى ئاقتۇرساڭ ،
كۆڭۈل رىشتىڭ ئۈزۈلمەستىن كىتاپقا باغلىنار بولسا.

دىماغلار يايرىغاي يىلداپ مۇئەتتەر ھىد ئىلىپ ھەردەم،
شامال تارقاتقىنى بەدبۇي ئەمەس خۇش بۇي ئىپار بولسا.

كىتاپ كۆرسەڭ مۇھەييەردۇر قولۇڭدا رەھنەما  قامۇس،
داۋان ئاشماق بولۇر ئاسان يولۇچى شەھسۇۋار بولسا.

لاتاپەت بابىدا يەكدا لوغەتلەر غۇنچە رەناسى،
تولۇپ ھىكمەتكە ھەر قۇر شۇنچە چوڭقۇر مەنىدار بولسا.

يىزىپ ھەر سۆزنى مىڭ دەڭسەپ دۇرۇس مەنانى قوغلاشتىم ،
قىزىقمايدۇ خىرىدارىڭ مىلىڭ ئۆتمەس تاۋار بولسا.

قانات قاققاي خىيال كەپتەرلىرىم ئۆرلەپ ساما ئۆزرە،
قەلەم جەۋلان قىلىپ ئىلھاملىرىم سەلدەك تاشار بولسا.

    قەدىردان تورداشلار يۇقارقى غەزەلنىڭ كىلىش مەنبەسى <قامۇس>.ئۆزۈمگە بەك يارىغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە سۇندۇم.ۋاقىت سەۋەبىدىن مۇشۇنچىلىك يازالىدىم ئاخىرى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.


ھەق گەپ ئاچچىق ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7770
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25659
تۆھپە نۇمۇرى: 2844
توردا: 8007 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 01:50:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ < كىتاپخانىغا مۇخەممەس> مۇ ياكى <كىتاپخانىغا مۇھەممەت > مۇ؟
ماۋزۇ خاتا قويۇلۇپ قالدىمۇ ياكى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ؟

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17980
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 02:02:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپخانىغا مۇھەببەت مۇ يا
كىتاپخانىغا مەرھەمەت  مۇ ؟

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10179
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64054
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8016 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 03:04:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت sardar688 كە 2011-03-08 01:50 AMئەۋەتىلدى :
بۇ < كىتاپخانىغا مۇخەممەس> مۇ ياكى <كىتاپخانىغا مۇھەممەت > مۇ؟
ماۋزۇ خاتا قويۇلۇپ قالدىمۇ ياكى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ؟

تېمىنىڭ ماۋزۇسىدىكى خاتالىق بىر پۈتۈن تېمىنىڭ  ئوبرازىغا تەسىر يىتىپتۇ. باشقۇرغۇچىلار  باشقا خاتالىق بولسىغۇ كۆرمىسۇن ، مۇشۇ تېمىدىكى خاتالىقنى بولسىمۇ تۈزۈتۈپ تەستىقلىسا بوپتىكەن .

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19091
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8938
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 06:54:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى بۇ شېئىر دىيارىمىز ئىسلام ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ " ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت " دېگەن قامۇسىنىڭ 1-تومىدىن ئېلىنغان ... شېئىرنىڭ ئەسلى ماۋزۇسى { كىتاپخانىغا } ئەمەس ، بەلكى " كىتاپخانغا " يەنى : كىتاپنى ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىدۇ . ئەمما تېما يوللىغۇچى كىتاپخانىغا دەپ خاتا ئېلىۋاپتۇ ، بەلكىم تېما يازغۇچى " كىتاپخانغا " دەپ ئارقىدىن ئاپتورى : مۇھەممەد سالىھ دەپ ئەسكەرتمەكچى بولسا كېرەك .. بۇ گەپلەر يېرىم-يارتا يېزىلىپ قالغانلىقتىن تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزگەن ، ئەمما باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇنىڭغا دېققەت قىلمايلا تەستىق قىلىپتۇ ، بەلكىم ئۇقۇپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك ... [s:131] 

www.sajiye.org
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 10:01:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13790
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1993 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 10:05:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  xabnam3250 كە 2011-03-08 06:54 AMئەۋەتىلدى  :
ئەسلى بۇ شېئىر دىيارىمىز ئىسلام ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ " ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت " دېگەن قامۇسىنىڭ 1-تومىدىن ئېلىنغان ... شېئىرنىڭ ئەسلى ماۋزۇسى { كىتاپخانىغا } ئەمەس ، بەلكى " كىتاپخانغا " يەنى : كىتاپنى ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىدۇ . ئەمما تېما يوللىغۇچى كىتاپخانىغا دەپ خاتا ئېلىۋاپتۇ ، بەلكىم تېما يازغۇچى " كىتاپخانغا " دەپ ئارقىدىن ئاپتورى : مۇھەممەد سالىھ دەپ ئەسكەرتمەكچى بولسا كېرەك .. بۇ گەپلەر يېرىم-يارتا يېزىلىپ قالغانلىقتىن تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزگەن ، ئەمما باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇنىڭغا دېققەت قىلمايلا تەستىق قىلىپتۇ ، بەلكىم ئۇقۇپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك ... [s:131] 
بۇنداق ئىشلارغا ھۆكۈمران -مىسرانىم - ئاسمان - ئۇيغۇرۇم007  دىن باشقىلىرى بەك سەپ سىلىپ كەتمەيدۇ  .
باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىمىز دەپ داستىخاننى چوڭ سىلىپ  ئۆزى بىلگەنچە سايلاۋەرگەن ئوخشايدۇ. ھازىر مىسرانىمدا باشقۇرغۇچىلار خىلى كۆپ
ھەقاچان  مۇشۇ ئىنكاسىممۇ  مىنىڭ ئىنكاسىمنى كۆرۈپ  ئاچچىقى كەلگەن بىرسى چوقۇم ئۆچۈرىدۇ.

ھەقسىز ئۇچۇر يوللامسىز.!! ھەقسىزئۇچۇر يوللاشنى خالىسىڭىز شىنجاڭ  سېرىقبۇيا  ئىنتىل ئۇچۇر مۇلازىمەت تورىغا كىلىڭ.!! http://xjintel.com

ئۆلۈشكە ئەرزىگۈ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9760
يازما سانى: 1726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33511
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 3450 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 11:02:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:كىتاپخانغا <<مۇھەممەت سالىھ  >

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت xabnam3250 كە 2011-03-08 06:54 AMئەۋەتىلدى :
ئەسلى بۇ شېئىر دىيارىمىز ئىسلام ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ " ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت " دېگەن قامۇسىنىڭ 1-تومىدىن ئېلىنغان ... شېئىرنىڭ ئەسلى ماۋزۇسى { كىتاپخانىغا } ئەمەس ، بەلكى " كىتاپخانغا " يەنى : كىتاپنى ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىدۇ . ئەمما تېما يوللىغۇچى كىتاپخانىغا دەپ خاتا ئېلىۋاپتۇ ، بەلكىم تېما يازغۇچى " كىتاپخانغا " دەپ ئارقىدىن ئاپتورى : مۇھەممەد سالىھ دەپ ئەسكەرتمەكچى بولسا كېرەك .. بۇ گەپلەر يېرىم-يارتا يېزىلىپ قالغانلىقتىن تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا ئېغىر دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزگەن ، ئەمما باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇنىڭغا دېققەت قىلمايلا تەستىق قىلىپتۇ ، بەلكىم ئۇقۇپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك ... [s:131]  

بۇ چۈشەندۈرشىىڭىزدىن مەن ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسنىڭ قۇدرىتىنى چۈشەندىم .

ئۆز ئاغزىغا ئىگە بۇلۇش ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنۋېلىشقا تىگشىلىك ئەڭ گۈزەل ئەخلاقى .

ياخشىلىق قىل قۇل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6619
يازما سانى: 1220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13127
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 5024 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 03:43:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تىمىنى تۇلۇق ئۇقۇماي ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ كۆپمۇ نىمە بۇ مۇنبەردە . بۇ تىمىدىكى كىتابخانغا دىگىنى شىئېرنىڭ ئىسىمى . ئاۋۇ تىرناق ئىچىدىكى مۇھەممەت سالىھ دىگىنى شىئېرنىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەت سالىھ ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدىغۇ .
  ئۇزىگە بىر چىرايلىق ئىسىم قۇيىۋالغانلارنىڭ ئىنكاسى مىنى سەل ئويلاندۇرىۋاتىدۇ . مۇھەببەتمۇ ياكى مۇخەممەسمۇ دەپ .ھەي  [s:143]

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم سۈت بىرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدابۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 1289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13790
تۆھپە نۇمۇرى: 1120
توردا: 1993 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-8 03:58:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:كىتاپخانغا <<مۇھەممەت سالىھ  >

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  Alpida001 كە 2011-03-08 03:43 PMئەۋەتىلدى  :
بىر تىمىنى تۇلۇق ئۇقۇماي ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ كۆپمۇ نىمە بۇ مۇنبەردە . بۇ تىمىدىكى كىتابخانغا دىگىنى شىئېرنىڭ ئىسىمى . ئاۋۇ تىرناق ئىچىدىكى مۇھەممەت سالىھ دىگىنى شىئېرنىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەت سالىھ ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدىغۇ .
  ئۇزىگە بىر چىرايلىق ئىسىم قۇيىۋالغانلارنىڭ ئىنكاسى مىنى سەل ئويلاندۇرىۋاتىدۇ . مۇھەببەتمۇ ياكى مۇخەممەسمۇ دەپ .ھەي  [s:143]
قاراڭ سىزمۇ ئۇخلاپ قوپۇپ جۆيلىگەندەك گەپ  قىلماي  تىما  ماۋزۇسى
ئۈستىدىكى چىرايلىق ئىسىم قويۋالغانلارنىڭ  ئىنكاسىنى  ئەتىگەندە  يىزىپ بولغان ئۇ چاغدا  تىخى تىما ماۋزۇسى
ئۆزگەرتىلمىگەن ئىدى  .
گەپنى  بىلىپ  ئىنكاس  يازىلى  ئىناق ئىتىپاقلىق دىسە   كۈچ  دەپتىكەن

ھەقسىز ئۇچۇر يوللامسىز.!! ھەقسىزئۇچۇر يوللاشنى خالىسىڭىز شىنجاڭ  سېرىقبۇيا  ئىنتىل ئۇچۇر مۇلازىمەت تورىغا كىلىڭ.!! http://xjintel.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش