مۇنبەردىكى خانىم-قىزلارغا بايراملىق سوۋغا
ھەر يىلقى 8-مارت بولسا خەلقئارالىق خانىم-قىزلار بايرىمى بولۇپ ، بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قىز-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ بۇ كاتتا بايرىمىنى ھەر خىل شەكىلدە تەبرىكلەيدۇ . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن مۇنبىرىمىزدىكى خانىم-قىزلارغا كىچىككىنە كۆڭۈل سوۋغىسى تەييارلىغان ئىدىم . كونىلاردا ‹‹ تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز ›› دىگەن ھېكمەتلىك سۆز بار . شۇڭا بۇ سوۋغامنى ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ تارتىنماي قوبۇل قىلىشقايسىلەر !
بۇ ئاياقنى مەن ھۆرمەتلەيدىغان شېئىرىيەت پەرۋانىسى ‹‹تومۇچۇق ›› قا سوۋغا قىلدىم .

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى ‹‹ گۈل چۈشى ›› گە ئۇنچە-مەرۋايىت ۋە ئالماستىن كۆز قويۇلغان تۆۋەندىكى ئاياقنى سوۋغا قىلدىم . بۇ ئاياقنىڭ باھاسىنى مۇنبەردىكىلەر ئاڭلىسا چۇقۇم ھۇشىدىن كېتىدۇ .

ئالدى-كەينىدە كەركىداندەك مۇڭگۈزى بار ، دۇنيادا پەقەت بىر جۇپلا ئىشلەنگەن بۇ ئاياقنى مۇنبىرىمىزدىكى ‹‹ رومانتىك ›› ھېسياتقا باي ‹‹ چۆل گۈلى ›› خانىمغا سوۋغا قىلدىم .

بۇ ئاياقنى ‹‹ كۈنقىز ›› غا بېرەي-دەپ قارىسام ، ئاللىقاچان كىيىۋاپتۇ .

مۇنبىرىمىزدىكى خانىم-قىزلارنىڭ مۆتىۋىرى ‹‹ مۇسلىنە ›› مومايغا بۇ ئاياقنى سوۋغا قىلدىم .

بۇ ئاياقنى ‹‹ كۆزۈم ›› باشقىلار مەندىن بۇرۇن ئېلىۋالمىسۇن-دەپ ، ئامبىرىمنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بولغۇچە ھايىت-ھۇيىتلا قىلىپ يوغان سومكىسىغا سېلىۋالدى .

بۇ ئاياقنى ‹‹ لەرزان ›› ياز كەلگەندە دام-دام قىلىپ كەيسۇن-دەپ تىقىپ قويغان .

بۇنى ‹‹ زۇمرەت تاش ›› قا ھەدىيە قىلاي !

بۇنى ‹‹ كۆڭۈل ›› قىزغا مەخسۇس بۇيرۇتۇپ تىككۈزگەن .

بۇنى ‹‹ شاكىرە ›› چۇقۇم ياقتۇرۇپ كىيىدۇ .

ماۋۇ ئاياقنى پەقەت ‹‹ سۈزۈك ئاي ›› غىلا مەخسۇس بۇيرىتىپ ياساتقان .

بۇ ئاياقنى ‹‹ دىل نازۇك ›› كىيىپ يولدا تاقىلداپ ماڭىدىغان بولسا دوست-دۇشمەنلىرىنىڭ كۆزىدىن قاس چىقىرىۋېتىدىغان بولدى-دە !

ماڭا سوۋغا يوقمۇ-دەپ ‹‹ مەرھابا ›› قىزنىڭ كۆزلىرىدىن مۇنچاقتەك ياش تۆكۈلمىسۇن-يەنە ! سىزگىمۇ ھەممە يېرىگە كۆز مۇنچاق قويغان بۇ ئاياقنى بىر ئاي بۇرۇن ئېلىپ قويغان .

بۇ ئاياقنى باشقىلار ‹‹ شاتئاي ›› دىن تالاشماڭلار !

بۇ ئاياق ‹‹ داخان ›› نىڭ پۇتىغا كېلەرمۇ ؟

ماۋۇ ئاياقنى ‹‹ ساپ تىلەك ›› كە سوۋغا قىلدىم . ساپ يېشىل چىمدىن ياسالغان ، ئادەم بەدىنىگە زىيىنى يوق . ئوبدان ساقلاپ ئاۋايلاپ كىيەرسىز !
‹‹ نادىرە ›› بىلەن ‹‹ مەلىكە ›› بارمۇ سىلەر ؟ ماۋۇ ئىككى جۇپ ئاياقنى سىلەرنى دوستلىرىغا داملىتىپ كىيسۇن-دەپ ئالاھىدە شىياڭگاڭدىن ئەكەلدۈردۈم .

قېنى مېنىڭ ‹‹ قۇرغۇيۇم ››؟ بۇنى ھېچكىمگە بەرمەي سىزنىلا كەيسۇن-دەپ ساقلاپ قويغان . ھېيىت-بايراملاردا ئالماشتۇرۇپ كىيەرسىز !

بۇ ئاياقنى ‹‹ مىھرىگۇل ›› گە ئېلىپ قويغان ئىدىم .

‹‹شەيدا›› قىزنى مۇشۇ ئاياققا شەيدا بولۇپ قاپتۇ-دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

بۇ ئاياقنى كۈلقىز كۆرسە چۇقۇم خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كېتىدۇ .

بۇ ئاياقنى ‹‹ فاتىمە ›› گە ئېلىپ قويغان ئىدىم .
بۇ ئاياقنى ‹‹ قۇزام ›› غا ئېلىپ قويغان ئىدىم .
بۇ ئاياقنى ‹‹ ئاھۇ ›› ئۈچۈن ئاۋىستىرالىيىدىن ئەكەلدۈردۈم .

‹‹ شىرىن ›› گە ئاران مۇشۇ ئاياق قاپتۇ . مەندىن پەقەت رەنجىمەڭ-جۇمۇ .

مەزكۇر تېمىدا ئىسمى چىقماي يوقلىمىغا ئۈلگۈرەلمىگەن مۇنبەردىكى باشقا خانىم-قىزلار ھەرگىزمۇ مەيۇسلەنمەي تۆۋەندىكى ئاياقلاردىن ئۆزەڭلەرگە يارىغىنىنى تاللاپ كىيەرسىلەر ، پۇلغا !

ئاپلا، بەك مۇھىم ئىشتىن بىرنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن . مۇنبەردىكى بويى پاكارراق خانىم-قىزلار سىلەرگە ئەڭ چوڭ خوشخەۋەر : ئورۇندۇقلۇق ئاياللار ئايىقى كەشىپ قىلىندى ، ئەمدى بويۇڭلارنىڭ پاكارلىقىدىن زىيادە غەم يىمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ . مانا مۇشۇ ئاياق شۇ !

بايرام كۈنۈڭلەرنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتىشنى ئۈمۈت قىلىمەن .
تېما تەييارلىغۇچى : خەنجەر رەسىم مەنبەسى : تور دۇنياسى