ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ... مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ، ئاتەش خانىم – قىزلىرىمىز ... سىللەرنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ... ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارغا سالامەتلىك ، تۇرمۇشىڭلارغا بەخىت – ئاسايىش تىلەيمەن ...
بۇ دۇنيا گۈزەلدۇر ئاياللار بىلەن ...
مىھىرلەر بۇلىقىنىڭ ئاتەش سىماسى ،
دۇنياغا ھۈسۈندار تۈرەلگەن قىزلار .
زەپ سۈزۈك ئۇل جىسمى ، لالەدۇر قەلبى ،
ھاياتقا سىڭدۈرگەن زەب يارقىن ھىسلار .
جىمى جان تەرىپتە يادلىنار نامىڭ ،
چۈنكى سەن باغلارنىڭ سەردار گۈلىسەن .
ھىسلىرىم ئاجىزدۇر ، يازسام تۈگۈمەس ،
لالدۇر يۈرۈكىڭ ، مىللەت ئۇلىسەن .
شۇڭا دەر ھاياتلىق سېنى ئىستەيدۇ ،
قۇياشتەك ھارارەت ، ئىللىق يۈرۈكۈڭ .
دىيانەت ، ۋاپادىن ئاچقان گۈزەللىك ،
گۇۋاھدۇر بىزلەرگە ، يارقىن كۆزلۈرۈڭ .
شۇڭا دەر ئەھمىدى ئېيتىدۇ - مۇنداق ؛
دۇنيانىڭ شادلىقى ئاياللار بىلەن .
دۇنيانىڭ تاتلىقى ئاياللار بىلەن ،
بۇ دۇنيا گۈزەلدۇر ئاياللار بىلەن ...
ئەھمىدى « شەيدائىي »