مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1294|ئىنكاس: 29

‹‹ مىسرانىم ›› ئەپەندىگە يۈرەك سۆزلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6428
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 240740
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12523 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 11:14:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !


ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق مۇنبەر ئەھلى ، كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە شىكەر شەنبىلىك سالام .
بۈگۈن ئاڭلىسام ماۋۇ بىزنىڭ بىكەت باشلىقى مىسرانىمنىڭ ( ئابابەكىرى مۇختەر) نىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن ، شۇڭا ئالدى بىلەن تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەيمەن ، شۇنداقلا مىھرىبان ئانىسىنىڭ بۇ ياراملىق ئىنساننى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان تۇققان كۈنىنى مۇبارەكلەيمەن ، سىلەرگە مەڭگۈ خۇشاللىق يار بولسۇن . ئەمدى بۇ يەرگە سالام- دەپ كىرىپ قالدىم قۇرۇق قول چىقىپ كەتمەي ، مىسرانىم ئەپەندىگە تەبرىك ئارىلاش چاقچاق ، پىكىر ئارىلاش قوللاش سۆزۈمنى گەپ تىزمىلىرى ئارقىلىق ئىزھار قىلماقچىمەن . مىسرانىم ئەپەندىم ، خاپا بۇلامدۇ ؟ كۈلەمدۇ ؟ ياكى ئويلىنامدۇ ؟ بۇ ماڭا قاراڭغۇ ، لېكىن بۇ مېنىڭ مۇنبەرگە ھەمدە مىسرانىم ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىم .



1- بىرىنجى بولۇپ تەبىرىك سۆزۈمنى يەتكۈزەي :

تۇغۇلۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنۈڭ ،
ئاناڭنىڭ خوشلۇقى يەتكەن پەلەككە .
ئاتاڭ ھەم تۇققانلار ،دۇئالار ئوقۇپ ،
يەتسىكەن دىگەنتى سېنى تىلەككە .

تۇغۇلۇپ ،ئۆمىلەپ، ياشىدىڭ مەزمۇت ،
ھاياتقا كۆز ئېچىپ ، نۇرانە بېقىپ .
گاھىدا خوشلۇقتىن ، ياشىساڭ كۈلۈپ ،
گاھىدا شام بۇلۇپ ، كەتتىڭغۇ ئېرىپ .

تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ،كۈلگىن شات خۇشال ،
بارچە دەرىت – ئازابىڭ بولسىمۇ ئۇنتۇپ .
تەبرىكلەي مەن سىنى دوسلۇق كۈي بىلەن ،
يىگىرمە تۆت يېشىڭغا ،گۈلدەستە تۇتۇپ .

ھاياتلىق مۇساپەڭ يورغىلاپ ئۈتۈپ ،
ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭ كەتتى يىراقلاپ .
بۈگۈنكى ئۇنتۇلماس خۇشاللىق كۈندە ،
ئەسلىگىن ئاناڭنى،سۆيگىن قۇچاقلاپ .

تۇغۇلۇپ دۇنياغا ،ئۆلۈپ كىتىشمۇ ،
ھاياتلىق ئۆلچىمى ، تەقدىر قىسمىتى .
غورۇرلۇق ،پاك بۇلۇپ كەتسىمۇ ئىنسان ،
ساقلىنار ئەللەردە ، مەڭگۈ قىممىتى .

2- ئىككىنجى بولۇپ ئازراق چاقچاق يېزىپ باقاي :

مۇنبەردە كۈنى- تۈن تۈنەيسەن دائىم ،
ئەزادىن بۇلىشىغا، يەپ تۇرىسەم ۋايىم .
مۇنبەردە كۆرۈنمەي ، قالساڭ گاھىدا ،
ئاتىلىپ قالىسەن، ھەشپىچەك قارىم .

ئونسەككىز يېشىڭدا، خۇتۇنمۇ چىقماي ،
چۈشۈپ كەتتى چېچىڭمۇ يېڭىدىن چىقماي .
كۈندىلا يالغاچ چاچ ، تاقاپ يۈرگىچە ،
ئۆيلىنىۋال ھەي مىسران ئىچىمنى سىقماي .

3- ئۈچىنجى بولۇپ ئازراق يۈرەك سوزلىرىم بار ئىدى ، دېۋىتىپ چىقىپ كىتەي :

كۈنلىرىڭ ئۆتىدۇ ، مۇنبەرلەر ئارا ،
بەزىبىر تېمىدىن ، يۈرۈكۈڭ يارا ،
بىلىۋال ئەزالار ، مۇنبەر يىلتىزى ،
بىھۇدە كۆڭلىنى ، قىلمىغىن يارا .

مۇنبەردە ئەزا جىق، كەتمە كۆرەڭلەپ ،
سۈپەت ئاز بىر كۈنى، ئېچىلار پۇرەكلەپ ،
ئات كەبى ئوقۇردىن، قاچقان كىشىمۇ ،
يەتكەندە قەدىرىگە ، كىلەر چۆرگىلەپ .

كىرىپ قوي مۇنبەرگە، تېمىغا بەزى ،
بەزىبىر ئەزانىڭ، بەك تۇلا دەردى .
ياش نوتا كۆچەتكە ، قىلمىساڭ پەرۋىش
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئۆتىدۇ قەدىرى .

كۈلۈپ قوي زورىغا ، چاقچاق بولسىمۇ ،
تېما ھەم ئىنكاستىن ،زەھەر تامسىمۇ  ،
ئىشەنچىڭ قۇياشتەك، تۇرسۇن پاقىراپ  .
خۇشامەت يامغۇرى ، خەنجەر سالسىمۇ  .

ياخشىغا تىلىگىن، مەڭگۈ ئامانلىق ،
بىراۋغا ئالدىراپ، قىلما يامانلىق .
بۈگۈنكى دۈشمىنىڭ بەلكىم بىر كۈنى ،
دوس بۇلۇپ ئەسقاتار بۇلۇپ ياراملىق .

4- تۆتىنجى بۇلۇپ مۇنبەردىكىلەرگە يۈرەك سۆزۈمنى دىۋالاي :

دۇنيامۇ قالىدۇ ھامان بىر كۈنى ،  
ئوۋچىمۇ باپلايدۇ ھىلىگەر تۈلكىنى .  
دۇنيادىن خوشلىشىپ كىتەر چېغىمىزدا ،  
مىراس قىپ قويمايلى ئاچچىق كۈلكىنى !

تۇغۇلدۇق دۇنياغا قىز – ئوغول بۇلۇپ ،  
گاھ يىغلاپ گاھىدا شاتلىققا تۇلۇپ .
ئۆز- ئارا كەمسىتىپ يۈرمەيلى ئۇنداق ،  
نەسلىمىز ئەسلىدە ،بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ .

تەڭ كۈلەيلى ھەممىمىز خۇشاللىققا جۆر بۇلۇپ  ،
باشقىلارنىڭ چىھرىگە خۇددى قونغان نۇر بۇلۇپ .  
ئىمان ،ئىتىقات ،ھايانى ئۇنۇتماستىن چىڭ تۇتۇپ ،  
بەلنى مەھكەم باغلايلى خۇددى قىران ئەر بۇلۇپ .


ئاخىرىدا مىسرانىم ئەپەندىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ،كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ! بەزىبىر گەپلىرىم ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۈرگەيسىز !

     مەنبە : مۇنبەر ئەزاسى ـــــ تاڭنۇر

ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
adella + 300 ئىسىل يازما
nur65 + 100 ئۇغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يوقۇرى ماھارىتى مۇجە
turankaxkar + 100 كۆڭۈلدىڭىزدىكى ئويلىغانلىرىڭىزنى دادىلىق
parwin + 111
YuqunAdam + 100
گۈل-چۈشى + 300 ...........ئېسىل تېما.. سىزگىمۇ ئاللانىڭ
musilina + 50 ئېسلى شېئىرلار...
zapar + 20

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1081   باھا خاتىرىسى

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36662
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7249 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 11:37:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانم ئةمدىغۇ ئۆيلىنةرسىز-ھة! مۇبارةك بولسۇن! بوباق!!! [s:179]

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3436
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27384
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 11:40:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا تاڭنۇر سىز چاققانمۇ نىمە؟ بۈگۈن مىسرانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەندە؟ مىسرانىم، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43758
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15972 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 11:52:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم ئەپەندىگە يۈرەك سۆزۈم دېسە ، قانداراق بىر قىز مىسرانىمغا يۈرەك سۆزىنى ئىزھار قىلغاندۇ دەپ ئالدىراپ كىرسەم تاڭنۇرجانكەنغۇ بۇ ؟  [s:127]

مىسرانىم ئەپەندى مەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى مۇبارەكلىمەي ، ھاياتلىقىڭىزدىكى ھەر بىر دەقىقىڭىزنى ، ھەر بىر كۈنىڭىزنى قەدىرلەپ ، مۇبارەكلەپ ئۆتۆشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن !!!!

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

مەن نېمە ئۈچۈن ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11404
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10656
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 11:53:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!!! ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن !!!

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!

ئېغىزىڭ قانغا تو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12451
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9201
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 4399 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 11:55:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابابەكرى ئەپەندىم ( ئۇدۇللا ئىسمىڭىزنى ئاتىدىم،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز).    تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، ئاللا ئومرىڭىزنى ئۇزۇن، تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن، ئائىلىڭىزگە بەركەت ھەم خاتىرجەملىك بەرسۇن.

ئېغىزىڭ قانغا تولسىمۇ،دۈشمىنىڭ ئالدىدا تۈكۈرمە...

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6428
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 240740
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12523 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 11:59:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  .tuz. كە 2011-03-05 11:52 AMئەۋەتىلدى  :
مىسرانىم ئەپەندىگە يۈرەك سۆزۈم دېسە ، قانداراق بىر قىز مىسرانىمغا يۈرەك سۆزىنى ئىزھار قىلغاندۇ دەپ ئالدىراپ كىرسەم تاڭنۇرجانكەنغۇ بۇ ؟  [s:127]

مىسرانىم ئەپەندى مەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى مۇبارەكلىمەي ، ھاياتلىقىڭىزدىكى ھەر بىر دەقىقىڭىزنى ، ھەر بىر كۈنىڭىزنى قەدىرلەپ ، مۇبارەكلەپ ئۆتۆشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن !!!!
تۇز ئەپەندىمنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن ..

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

دىل ئازارى،خۇدا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4825
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11381
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 1152 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 12:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن،  ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ <تۇغۇلغان كۈن> دىگەن  ناخشىسىنى قوشۇپ قويغان بولساڭلا بوپتىكەن،.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43758
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15972 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 12:17:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  tagnur كە 2011-03-05 11:59 AMئەۋەتىلدى  :

تۇز ئەپەندىمنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن ..
سىزنى خۇشال قىلىۋېتەي دەپ ئەسلى ھالىتىمگە قايتىپ كەلدىم ...........

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3216
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9826
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 12:20:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈنلەر ئۇزۇن .ئەتە ________________ ئەڭ يىراق بىر كۈن.مەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلەي دەپ دىمىدىم ھە. قارىسام يۈرەك سۆزلەرىم دەپ تېما باركەن ،شۇڭا دىگۈم كەلدى.............

يارالغان بىز ئۆلۈم ئۈچۈنلا،
ھەر كۈنۈڭدە مەنا يارىتىپ.
كىم كۈلىدۇ ئاخىرغىچە ھەي!!!!
قىسمەت كەلمەس سىنى ساقلىتىپ.

بىر قۇياشتىن نۇر ئالدۇق ئېنىق،
بىر زەپەرگە ماڭدۇقمۇ قېنى؟؟؟
چەۋەندازلار يولىدا داغدام،
شۇ يولدا دەپ ئويلايمەن سېنى.

سۆيۈنگۈسى كىلىدۇ بەلكىم،
سىنى ئويلاپ خىيال سۈرگەننىڭ.
بەزى مەنمۇ ئويلاپ قالىمەن،
ئەسرارى سەن ئۇچۇق يۈرگەننىڭ.

بەلكىم مەنمۇ چىقىپ قالدىم ئىسىڭدىن،
ئىشىڭ تولا مەنالىق چۇقۇم.
بەرداشلىققا يارالغان سەنمۇ،
قىلسىمۇ گەر دۈشمىنىڭ ھۇجۇم.

ئۇنتۇپ كەتتىڭ چۇقۇم مىنىمۇ،
يارالمىغان مەنمۇ داڭدار بوپ.
ئاددىيلىققا كۆنۈپمۇ قالدىم،
بۇ خىىسلەتمۇ ياراشتى بەك خوپ.

ئۇنتۇپ قالساڭ مىنى ئۇنتۇۋەر،
ئۇنۇتمىغىن لېكىن ئۆزۈڭنى.
شەرىپىڭگە داغ يەتمىگەي ھەي!
نۇر چاقناتقاي سىنىڭ يۈزۈڭنى....


قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش