 |
 |
 |
 |
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھىلال خانىم ھەمدە كىچىك جانىكەمگە ھەدىيىلەر بولسۇن
كۈندىكىدەك دېرىزە ئالدىدا ئولتۇراتتىم...يىراق يىراقلاردىن قۇلۇقۇمغا ھاياتلىقنىڭ شادىيانە ئاۋازى ئاڭلاندى!
_ ئىڭڭە...ئىڭڭە...ئىڭڭە...
گۈللەر ،كېپىنەكلەر،ئاسمانلار...قاناتلىرىنى ئاچقان كەبى،قوياش بىر غولاچ ئېگىزلەپ قالغان كەبى،دېڭىز سۈيى كۆكۈچ ھەمدە نۇرلۇق بىر جۈپ كۆز كەبى!
_ بالام!،دېدى بىر ئانا،-قوزام ،دېدى،جان پارەم، يالغۇزۇم ،بىر دانەم...دېدى!
مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە؟مۇھەببەت شۇ ئانىنىڭ كۆزىدىكى نەرسە شۇغۇ؟!
مەن مۇھەببەت ئۆچۈن ناخشا ئېيتماقتىمەن...
ئانىلىق كۈيى
(مىستىرالنىڭ ئىزىدىن)
سىزىكلىك
ئەزىزىم ،تىنىڭنىڭ جىلغىدەك چوڭقۇرلىرىدا يىتىلىۋاتقان ئۇجان نىمە قىلماقچى؟ ئۇ ﻫاياتتا ئەسلىدىنلابار بولغان تەملەردىن غۇرۇڭغۇپ سىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن يىڭى بىر تەم يارىتىشىڭنى كۈتەمدىغاندۇ؟ تاكى سەن شۇ تەمنى ياراتقانغا قەدەر (خۇددى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاپرىدە قىلغىنىڭغا ئوخشاش) تۇنۇش تەملەردىن بىر كاپام يۇتۇشۇڭغا ئىجازەت بەرمەمدىغاندۇ؟!
بىشارەت
ئېيتە ،كەيپىڭنى تۈۋەنلىتىۋاتقىنى، ئارامىڭنى بۇزىۋاتقىنى زادى نىمە؟ نىمىشقا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ يۈرەك رىتىمىدەك تۇراقسىزلىنىسەن؟ ئەجەبا سىنىڭ جىسمىڭدا تۇرۇپ يىنىك قىمىرلاشلىرى بىلەنمۇ بارلىقىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قوزاڭ ،تۇغۇلغىنىدىنكىيىنكى ﻫەربىر كۈلكىسى ﻫەم يىغىسىنىڭ سەن ئۈچۈن نىمىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى بىلدۈرمەكچىمىدۇ؟!
پەرەز
قارا سىنى!
<ئانا> لىرى ئەركىلىتىۋاتقان بوۋاقتەك سەۋەپسىزلا كۈلۈپ كىتىپسەن! كۆزلىرىڭگە غۇچچىدە چىچەكلەپ كەتكەن رەيﻬان گۈللىرى كۆرىنىۋاتامدۇ؟ ياكى ۋۇجۇدۇڭ...ياق،روﻫىڭ تەختىدە ئولتۇرغان ئوماق مېﻬمىنىڭنى بىردە قىز،بىردە ئوغۇل قىلىپ پەرەزلەۋاتامسەن؟
ئاتا قىلىشنىڭ باشلانمىسى
ﻫەر كۈنى يوقسۇل كېلىننىڭ بوپىسىدەك پومپايمىغان قوسىقىڭنى سىلاپ نىمىلەرنى ئويلايدىغانسەن؟
قويغىنا ئەزىزىم! گۈلگۈن شاراپتەكخۇشبۇي ﻫىدلار گۈپۈلدەپ تۇرغان نەزمىلىرىڭنى ئوقۇ! ئۇ ئۇلاردىن گۈزەللىك خۇرۇچلىرىنى سەزسۇن، پەقەت قوزاڭ ئۈچۈنلا شېرلارنى يازغىن، ئۇ بۇ ﻫايا تىدا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى سەندىكى سۆيگۈدىن بىلسۇن!
ئارمان
«قۇرسىقىمنى سىلاپقىنا ئولتۇردۇم.
قوزام تىپىۋاتىدۇ! ئۇنىڭ تىنىمسىز قۇتۇرلاشلىرىدىن قورۇنۇپ قالدىم. ئاﻫ، قوزامنىڭ جىسمىمدا تۇرۇپ غۇنچىدەك تۈگۈلۈپ قالماي ، نىلۇپەردەك بىمالال لەيلەپ تۇرىشى ئۈچۈن باغرىمنىڭ كۆللەردەك كەڭرى بولىشىنى تىلەيمەن!»
بەدەل
« شىرە ئالدىدا ئۇزۇنراق ئولتۇرالماس بوپ قالدىم.
قوزامنىڭ قاتلىنىپ قىلىپ بىئارام بولىشىدىن ئەنسىرەيمەن. پەقەت ئۇ مىنىڭ تېنىمدە تۇرۇپ ﻫالسىراپ قالمايدىغانلا بولسا ،مەن فېۋرال ئايلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پاقىراق چىكىلىرىمدىن چىپ -چىپ تەرلەرنى ئاققۇزىمەن.ئۇنى دەپ باﻫار ﻫىدلىرى گۈپۈلدەپتۇرغان تېرەكلىكيوللارنى تىنماي ئايلىنىپ چىقىمەن . شۇ سەۋەبلىك كۆبجىگەن بىر جۈپ پۇتلىرىم ئاياقلىرىمنى يىرتىۋەتسىمۇ مەيلى! »
سالماقلىق
«توختا ئامرىقىم ! ئىلگىرىكىدەك تېز - تېز قەدەم ئېلىپ ماڭالماس بوپ قالدىم. بۇ تۈپەيلى قوزامنىڭ شېرىن ئۇيقۇسى بۇزۇلمىسۇن دەپ! ئۇنىڭ جىسمىمىدىكى سالمىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟! مەنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈنكى ﻫەربىر قەدىمىمنى خۇددىشۇنداق سالماقلىقبىلەن ئالىمەن. »
ئانىلىق كۈيلىرى ( 1 )
ئاھ، بالام! تۇغۇلغىنىڭدىن بۇرۇن پەقەت ماڭىلا ، تۇغۇلغىنىڭدىن كېيىن پۈتۈن دۇنياغا مەنسۇپ بولىشىڭنى تىلەيمەن!
( 2 )
بالام ،سېنىڭ يېقىلىپ چۈشۈپ يۇمران تىزلىرىڭنى قاناتقىنىڭنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ ؛ئوماق چىرايىڭنى ئۈمچەيتكەن پېتى < كىم مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدىكىن ؟> دەپ قاراۋاتامسەن؟ياق بالام، سېنىڭ < ئۇياتقا > قالغىنىڭنى ھېچكىم كۆرمىدى ،كۆزۈم تەشتەكتىكى گۈللەردىن بىر دەقىقىمۇ ئۈزۈلگىنى يوق ، قەلبىم سەن بىلەن تەڭ يىقىلىپ چېقىلغىنى يوق .
تۇرۇپ كەت بالام! ھېچنىمە بولمىغاندەك يۈگۈرگەن پېتى ئۆز ئۇيۇنۇڭنى ئويناۋەرگىن ...
( 3 )
ساڭا كەينىمنى قىلىپ تۇرىۋالدىم،
بىلىشىڭ كېرەك ، ئاپاڭنىڭ كەينىدىمۇ كۆزى يوقلىقىنى بىلىشىڭ كېرەك بالام.
ئوماق بارماقلىرىڭ ئاراچلىرىدىن كىم كېلىپ مېنى بەزلەيدىكىن دەپ تەلمۈرىۋاتامسەن؟ياق بالام ، مەن يىغىدىن ئىسىلىپ ئاناررەڭ بوپ كەتكەن چىرايىڭنى كۆرمىدىم بالام ، ئاۋازىڭنىمۇ ئاڭلىمىدىم...لەۋلىرىمنى قاتتىق ئىچ ئاغرىقى بىلەن قاناتمىدىم ، ئۈمتىلىۋاتقان قەدەملىرىمنى تورمۇزلاپ ئېتەكلىرىمنى تىت- تىتلىق ئىلكىدە غىجىملىغىنىممۇ يوق...
بىلىسەن قوزام ، دۇنيادا ھېچبىر مەۋجۇداتنىڭ كەينىدىمۇ كۆزى يوقلىقىنى بىلىسەن...
بەس! يىغاڭنى توختات بالام! كۆزۈڭدىن ياشلارنى ئۆزۈڭ سۈرتكىن!
( 4 )
بۇيۇنلىرىمغا يىلاندەك چىرمىشىپ مېنى تىن ئالغىلىمۇ قويمايسەن بالام،مېنى ئۇيان - بۇ يانغا ئۆرۈلگىلىمۇ قويمايسەن...ساڭابۇ نەدىن كەلگەن سەگەكلىك؟! ساڭا بۇ نەدىن كەلگەن تۇيغۇنلۇق؟ يىنىڭدىن قەدەم ئايرىلىپ بولغۇچە سېنى چوڭقۇر ئۇيقۇ قۇچىقىدىن قىچقىرىپ ئەكىلىۋالغان زادى نىمە نەرسە؟
جان پارەم!مەن ساڭا مەڭگۈ مانا مۇشۇنداق مەھپۇس بولۇشقا ھازىر!پەقەت سەن شۇنى خالايدىغانلا بولساڭ پۈتۈن ئىختىيارىم سېنىڭكى بالام ، پۈتۈن ھاياتىم ھەم سېنىڭكى...
( 5 )
بالام ، ئالدى بىلەن تەڭرى ، ئاندىن قالسا مانا مەن سېنى ياراتتىم بالام!
سەن پۈتۈن ھاياتىمدا يازغان ئەڭ ئېسىل بىر پارچە شېئرىمسەن .
بالام ، ئەگەر مەن شېئىر يازىدىغان بولسام ،ھەرگىز پەقەت ئۆزۈمنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈنلا بولمايدۇ.ئۇلارنى سۇلارنىڭ ئاۋازىغا ، تاغلارنىڭ يۈرىكىگە ، دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا ، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە قويۇپ قۇيۇش مىنىڭ ئۈمۈرلۈك مەقسىدىم بالام...
( 6 )
بالام ، ھەممە بوشلۇقلىرىم سەن بىلەن تىنىپ كەتتى!
پەقەت مەنلا سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلايدىغان بولسام ، سېنىڭ دەيدىغان سۆزلىرىڭ مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغانغا ئوخشايدۇ! سەن سورايدىغان سوئاللىرىڭنىڭ ئەسلىدىنلا جاۋابى يوق تۇرسا ، مەن ئۇنى ساڭا تېپىپ بېرىشىم كېرەكقۇ ئاخىر، كىچىك بالاخور!؟
خەپ، ئەمدى كۈندە كەچ ئېيتىپ بېرىدىغان چۆچەكلىرىمنى بەلگىلەپ بەرگىنىڭگە ئوخشاش، مەنمۇ كۈندە سورايدىغان سوئاللىرىڭنىڭ سانىغا چەك قويمىسام بولمىدى!
ئەمدى ئۇخلىساڭچۇ بالام؟ ئىلكىڭدىكى ۋاقتىمدىن ماڭا ئازغىنا ئىلتىپات قىلساڭچۇ شاھىم؟جىمجىت ئولتۇرۇپ بۈگۈنكى سۈرىتىڭنى خاتىرىۋىلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭچۇ؟!
( 7 )
بالام!
« ئاپا ...ئاپا..» دەپ ئىتەكلىرىمگە يۆگىشىپ ، باغرىمدىن ئايرىلمايدىغان چاغلىرىڭنى مەڭگۈ چىڭ تۇتىۋىلىشنى ئىستىمەيمەن. يېقىلىپ - قوپۇپ ماڭىسەن ،يۈگىرەيسەن ،ئاندىن ئۇچۇرما قاناتلىرىڭ چىقىدۇ ... سېنى ئاسمانلار، دىڭىزلار ، كەڭلىكلىرىڭ مەندىن تالىشىدۇ...
ياق ،بالام ، قارچۇقۇمدىكى چۈشتەك شېرىن چاغلىرىڭنى مەڭگۈ چىڭ تۇتىۋىلىشنى تىلىمەيمەن، بىلىمەن بالام ، سەن مەڭگۈدىن مەڭگۈ بىر پەقەت ماڭىلا مەنسۇب بولمايسەن...
مەنبە : نالەن
|
 |
 |
 |
 |
|