تاڭنۇر ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان كۆڭۈل قىزنىڭ ئىسمى ئويۇلغان ئالتۇن ئۈزۈكنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ:
-مەن بىلەن توي قىلغان بولسىڭىز،-دەپتۇ.
كۆڭۈل :
- سىزگە نېمە دېسەم بولار؟مەن باشقا بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم،-دەپتۇ.
- كىمۇ ئۇ؟ماڭا تېزراق ئېيتىپ بېرىڭ،-دەپتۇ تاڭنۇر.
- ياق،ياق،ئېيتىپ بەرسەم بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەل قىلىسىز،-دەپتۇ كۆڭۈل.
- ياق،ئۇنىڭ بىلەن جىدەل قىلمايمەن،مەن پەقەت مۇنۇ ئۈزۈكنى ئۇنىڭغا سېتىپ بېرەي دېگەن ئىدىم،-دەپتۇ تاڭنۇر.
تارتىنچاق خالىد لەرزانغا تەلەپ قويغىلى بارىمەن دەپ بىر سائەتچە تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن،ھاياجانلانغان ھالدا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ،يېرىم سائەتكە قالمايلا قايتىپ كەپتۇ.ئاپىسى زۇلايخا ئۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ:
-ھە،قانداق بولدى ؟-دەپ سوراپتۇ.
-ناھايىتى ياخشى بولدى –دەپتۇ خالىد.
-لەرزان بىلەن كۆرۈشەلىدىڭمۇ؟-دەپتۇ زۇلايخا.
-لەرزاننى كۆردۈم،ئەگەر مەن گۈللەرنىڭ ئارقىسىغا مۆكىۋالمىغان بولسام،ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ قالاتتى،-دەپتۇ خالىد.
Zapar : مەرھەمەت، ئەپەندى.
Zulpikar :ياق،سىز ئالدىدا مېڭىڭ.
Zapar :رەھمەت، لېكىن مېنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ يەردىلا.
Zulpikar :مېنىڭمۇ مۇشۇ يەردىلا،قارىسام ،سىزنىڭ ئىشىڭىز ئالدىراشتەك تۇرىدۇ.
Zapar :راست دەيسىز،مەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە تېلىفون بېرىپ قويغان ئىدىم،بىراق سىزنىڭمۇ ئىچىڭىز تىت –تىت بولۇپ كېتىۋاتىدىغۇ دەيمەن.
Zulpikar :مەن خوتۇنۇمغا دورا ئالماقچى ئىدىم،يەنىلا سىز ئالدىدا ماڭسىڭىز بولغۇدەك.
Zapar :ھەرگىز بولمايدۇ،ھەرگىز!مېنىڭ ئۆيۈمگە ئوت كەتتى شۇ،لېكىن،خوتۇنىڭىز ۋاقتىدا دورا ئىچمىسە ئۆلۈپ كېتىدۇ.يەنىلا سىز ئالدىدا مېڭىڭ.
Zulpikar :سىزگە دېسەم ،خوتۇنۇمنىڭ يالغان ئاغرىپ مېنى قىينايدىغان ئادىتى بار.نېمىلا دېگەن بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈش مۇھىم،مانا،مانا،كۆيۈك ھىدى پۇراۋاتىدۇ،تېز مەرھەمەت قىلىڭ.
Zapar :ياق،ياق،مېنىڭ ئۆيۈم ئۈچ ئېغىز،ھەممىسىگە تۇتۇشۇپ كەتمىدى.سىزنىڭ بىرلا خوتۇنىىڭز بار –دە.
Zulpikar :مۆھتىرەم ئەپەندى،خوتۇنغا قارىغاندا يېڭى ئۆيگە ئېرىشمەك قىيىن،ياخشىسى سىز ئالدىدا مېڭىڭ.
Zapar :يەنىلا سىز ئالدىدا ماڭغىنىىڭز تۈزۈك،مەن مۈلكۈمنى سوغۇرتىغا تىزىملاتقان.
Zulpikar :توي قىلىش ئالدىدا خوتۇنۇممۇ ئۆزىنى ئۇزۇن ئۆمۈر سوغۇرتىسىغا تىزىملىتىپتىكەن،سوغۇرتا پۇلى يۈز مىڭ يۈئەن دەڭە،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خاتىرجەم ،سىز ئالدىدا مېڭىۋېرىڭ.
مەست بولۇپ قالغان يوچۇن ئادەم ئۆيىگە كىرىپلا ‹‹گۈپ››لا قىلىپ يىقىلىپتىكەن ، ئايالى نادىرە قاتتىق خاپا بولۇپ ئۇنى سۈپۈرگە بىلەن ساۋىغاچ:
- يەنە ئىچەمسەن ئەبلەخ!يەنە ئىچەمسەن دەۋاتىمەن؟!-دەپتۇ.
يوچۇن ئادەم زورىغا كۆزىنى ئېچىپ:
-مەيلى ،جىق قۇيماي ئازىراقلا قۇي...،-دەپتۇ.
مەنبە : ئۇنڭىدىن -بۇنىڭدىن
چاخچاق ئېغىر كەتسە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلىۋېتەرسىلەر -ھە...