مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 558|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10163
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1512 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 09:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە پۇتبول ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملەرنىڭ قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ ئىچىگە يەل (ھاۋا) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان «تەپۇك» تېپىش ناملىق بىر ئويۇنى بار ئىدى، دېيىلگەن («تۈرك قامۇسى»، 29– توم، 384–بەت) يەنە «تۈرك مىللىي مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابنىڭ 276– بېتىدە پۇتبول، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھون دەۋرىدىن بۇيان «تۈركىي قوۋملەر ئارىسىدا ئوينالغان» دېگەن ئىبارىلەر بار.
تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، پۇتبول ياكى توپ تۈركىي قوۋملەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردىكى توپ ھازىرقى زاماندىكى توپقا ئوخشاشماستىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا كۆرسىتىلگەندەك، تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە يەل قاچىلاپ تېپىش، يىپ توپ تېپىش، يۇمشاق نەرسىلەردىن ياسالغان تڭپنى تېپىش شەكلىدە بولغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ پۇتبول ئويناش ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئادەت بولغان. ئۇيغۇر بالىلىرى ئورما ۋاقتىدا بۇغداي ئېڭىزى، كۈزدە قوناق ئېڭىزى ۋە خامانلاردا ئېشەك مىنىپ ئوغلاق (تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە سامان تىقىپ ياكى يەل بېرىپ، )چەۋگەن، ۋاللەي ئويناشتىن تاشقىرى، يىپتىن ياسالغان ياكى ئىككى كونا تۇماق ئىچىگە يۇڭ ياكى پاختا تىقىپ توپ قلىپ، چاپاندىن قاپقا (قەلئە) ياساپ پۇتبول ئوينايدۇ.
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى مەشھۇر سودىگەر، مەرىپەتچى زات باۋۇدۇن مۇسابايوۋ شىنجاڭدىكى دىنىي مەكتەپلەردە پەننىي دەرس قوشۇپ ئوقۇشنى يولغا قويىدۇ. 1883– يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا دەسلەپ ئۈچ سىنىپلىق مەخسۇس پەننى مەكتەپ، 1885– يىلىغا كەلگەندە زامانىۋى سەككىز سىنىپلىق پەننىي مەكتەپ سېلىپ، ئالتە مو يەردە تەنتەربىيە مەيدانى ياسايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ مەيداندا يۈگۈرۈش، سەكرەش، مېڭىش، تۇرۇش قاتارلىق ئاددىي تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، چامباش، پۇتبول، تارتىشماق (ئارقان ۋە كالتەك)، «ئەسىر ئېلىش»، «تاش كەلدى – تاش كەتتى» قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.
1902– يىلى باۋۇدۇنباي ئۆز خىراجىتى بىلەن روسىيە، تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى قاتارىدا پۇتبولمۇ زامانىۋىلىشىدۇ، تەتىجىدە ئۇيغۇر تۇنجى زامانىۋى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پۇتبول پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدۇ.
1927– يىلى 7– ئايدا، ئاتۇش ئىكساققتا قۇرۇلۇغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار كوماندىسى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋىتسارىيىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا ئىكساقتا قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى گەرچە يېشى يەتمىشتى ئاشقان بولسىمۇ، يېڭى زامان پۇتبول مەيدانىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كېيىن (1951-يىلى) ياشانغان دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە چېمپيۇن بولىدۇ.
بۇ ئەھۋاللار بىزگە پۇتبول ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى بۇرۇنلا كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=8837

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

ئۆزۈڭنى يەڭ ,شۇن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3435
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-3 11:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى بالىلار(实况)نى بىلىدۇ....بۇ تارىخنى بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ئۇنىسى خۇدانىڭ ئۆزىگە ئامانەت!راستىنى دېسەم مەنمۇ بۇنچىلىك تەپسىلىي بىلى كەتمەيدىكەنمەن!يېڭى بىر تارىخىي بىلىم بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6980
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2213
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 5119 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 01:30:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ، بېزنى تارىختىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر

ئىمانسىزلىق ھايۋانغا خاس.....

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4190
تۆھپە نۇمۇرى: 523
توردا: 6823 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 12:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بۇرۇندىلا تەنتەربىيەگە ھىرىسمەن خەلق.ھازىرقى دەۋىردە بىزنى چۇشەپ قۇيۇپ بىزگە پۇرسەت بەرمەيۋاتىدۇ.بۇ يىل بىزنىڭ پۇتبولچىلرىمىزنىڭ تالانتىنى بايقاپ قالدىمۇ قانداق بارى مىرئەخمەتجان ئۆتكۈرلەرنى توپ ئوينايشقا سىلىپ پايدىسىنى
كۇرىۋاتىدۇ؟

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32758
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1004
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2011-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 10:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش