لىرىك نەسىرلەر(دىلنازى)
سۇئال
نىچۇن بىر قەترىگە سىغار بىر قۇياش،بىر قۇياشقا سىغماس تامچە ياش؟!...
ئەي گۇزىلىم،سۆيگۇ ئىزلىرىڭنى قەلىب قەسىرىمگە قالدۇرۇپ كەتكىن،مەن ئۇنى يارقىن مىسرالىرىم بىلەن مەگگۇلۇك ئىتقادىمغا مەبۇدە قىلاي.
يوقالغان يۇرەك
سىنىڭ نازلەق جىلۋەڭنى،نىگاھىڭ ئارقىلىق،يولىلىغىنىڭدا،كۆكرەك قەپىزىمنىڭ بوش قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم،
ھەيرانمەن
ئۆز بەرگىدىن ئايرىلغان ياپراقنىڭ يەنىلا دەرەخ تۇۋىگە چۇشكىنى نىمىسى؟!...
مەن چۇشۇمنى سىنى كۇرۇپ كىلىشكە ئىۋەتدەم ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمەي ئېپ قالغىنىڭ نىمىسى؟
جۇدالىق دەرياسى مىنى ئېقىتىپ ماڭدى،مەن سورىدىم:
مىنى نەگە ئېلىپ بارىسەن؟
ئۇجاۋاپ بەردى:مەشۇقۇڭنىڭ بەىتى ئۇچۇن ئازاپ دېڭىزىغا.
تۇگىمەس خىياللىرىمنى ئىرىنمەس چۇشلىرىملا ئويغىتالايدۇ.
مەن تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتاتتىم.سەن كىلىپ مىنى يىنىككىنە تۇرتۇپ ئويغاتتىڭ،مەن ئەمدىلا ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغىلا،مىنى چەكسىز ئازاپ دېڭىزىغا ئىتتىرۋھتتىڭ.
ئۆكۇنۇش
جاھاندا ياغىدىغان نەرسە بەك كوپ ئىكەن،قار، يامغۇر، مولدۇرياغىدىكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تەڭگە ۋە بېلىق ياغقان چاغلارمۇ بولغانمىش،قاچاندۇر بىر چاغدا تاش چالما كېسەك ياغقان ئىكەن.
بىزنىڭ يۇرتتا كوپرەك چاڭ توزان،توپا ياغىدۇ،غەزەپ نەپرەت تۇكرۇك ياغقان چاغلارنىمۇ كۆردۇم.
جەڭ مەيدانىدا ئوقمۇ ياغارمىش.
مەن ئۇزۇن يىل كۇتتۇم پەقەت بىرلا نەرسە ياغمىدى.
........ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت.
مەنبە_ دوستۇمنىڭ خاتىرىسىدىن تەرمىلەر