《ئۇلۇغ ئاتا》غا توردا بېلەت تاشلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جوڭگو بىناكارلىق ئىلمى كوممېتىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىغىنى تەبرىكلەش،ھەم دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن،مەملىكەت بويىنچە《100يىلدا 100داڭلىق قۇرلۇش》نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا.
نۆۋەتتە ھەرقايسى ئۆلكە،ئاپتونۇم رايون،مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دەسلەپكى باھالاش،ھەم تاللاشلاردىن ئۆتكەن، تەۋسىيە قىلىنغان داڭلىق قۇرلۇشلاردىن تەخمىنەن 200دەك قۇرلۇش،جوڭگودىكى 100 ئەسىر قۇرلىشى نامزاتىغا كىرگۈزىلىپ، تورغا ئېلاب قىلىندى.تەلىيىمىزگە يۇرتىمىز شىنجاڭدىن،خوتەن قاراقاش دەرياسىغا سېلىنغان 《ئۇلۇغ ئاتا》سۇ ئىنشائات تۈگىنى قۇرلىشىمۇ شەرەپ بىلەن نۇرغۇن باھالاشلاردىن كېيىن،شىنجاڭدىن بىردىنبىر تاللانغان جوڭگوغا داڭلىق قۇرلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىملىق ئەسىر قۇرلىشىنى باھالاش نامزاتىغا كىرگۈزىلدى! بۇ بىزنىڭ پەخىرىمىز،ئەمما توردا باھالاش پائالىيىتى باشلىنىپ خېلى بولغان بولسىمۇ،تەشۋىقاتنىڭ ۋاختىدا ئېلىپ بېرىلمىغان سەۋەپلىك،《ئۇلۇغ ئاتا》غا تاشلانغان بىلەت سانى بەك ئاز بولىۋاتىدۇ،شۇڭا شاللىنىپ قېلىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.كەڭ تورداشلارنىڭ مۇشۇ مەسىلىگە جىددى قاراپ،1مىنۇت قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئاجرىتىپ ئۆزىمىزنىڭ 《ئۇلۇغ ئاتا》سىغا 1بىلەت تاشلاپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كوڭۈل بۆلدى،ھەم ئاكتىپلق بىلەن بىلەت تاشلىدى،شۇنداقلا بۇ ھەقتە مەخسۇس ھۆججەت چۈشىرىپ،ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ قېتىملىك بېلەت تاشلاش ئىشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى!باشقۇرغۇچىلاردىن بۇ تېمىنى تەۋسىيەلىك تېما قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
بېلەت تاشلاش
ئادرىسى:
http://scitech.people.com.cn/GB/25509/56813/213022/index.html
《ئۇلۇغ ئاتا》نىڭ بۇ بەتتىكى ئورنى ئاخىردىن سانىغاندا 18-ئورۇندا.
سۈرەتنى تېپىپ،ئاستىدىكى كاتەكچىنى چەكسەك بولىدۇ.
بىلەت تاشلاش ئاخىرقى چېكى:2011-يىلى15-مارتقىچە.
بىلەت تاشلاشقا قاتناشقانلار ئىچىدىن تاللاپ مۇكاپات بېرىلىدۇ.ئەگەر مۇكاپاتلىنىپ قالسىڭىز،مۇكاپات تارقىتىش قولاي بولسۇن ئۈچۈن،تەلەپ بويىچە شەخسى ئۇچۇرىڭىزنى كىرگۈزىشىڭىز كېرەك بولىدۇ،ئەمما بۇ پائالىيەتنى مەركەز بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرغاچقا،ھارقانداق شەخسى ئۇچىرىڭىز قەتئى مەخپى ساقلىنىپ،ئاشكارلانمايدۇ.
ئەگەر شەخسى ئۇچۇر كىرگۈزۈشنى خالىمىسىڭىز ئۇمۇ ئىختىيارىڭىز،پەقەتلا يۇقۇردىكى ئادرىسقا كىرىپ،
《ئۇلۇغ ئاتا》سۇ ئىنشائات تۈگىنى قۇرلىشى سۈرىتى ئاستىدىكى投票دىگەن خەتنىڭ يېنىدىكى كاتەكچىنى چېكىپ توغرا بەلگىسى چىقىرىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
《ئۇلۇغ ئاتا》سۇ ئىنشائات تۈگىنى قۇرلىشىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
مەزكۇر قۇرلۇش خوتەن ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ،خوتەن شەھىرىگە 71كلومېتىر كېلىدۇ.خوتەن دەرياسىنىڭ غەربى تارماق ئېقىنى بولغان قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا سېلىنغان،غوللۇق سۇ تۈگۈن قۇرلىشى.ھەم دۆلەت 9-بەش يىللىق پلانىدىكى مۇھىم قۇرلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سۇغۇرۇش،كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش،توك تارقىتىش،ئېكېلوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئۇنۋېرسال ئۈنىمگە ئىگە . سۇ ئامبىرىنىڭ سىغىمى 333مىليون كۇبمېتىر،دامبا يۇقىرسىدىكى كونترول قىلىنىدىغان ۋادا مەيدانى 19983كۇۋادرات كلومېتىر كېلىدۇ.دامبا ئېگىزلىگى 133مېتىر بولۇپ قۇرلۇش قىلىنىۋاتقاندا جوڭگودىكى ئوخشاش تىپتىكى دامبىلار ئىچىدە ئەڭ ئېگىزى ھىساپلىنىپ.جوڭگودىكى1-ئېگىز دامبا دەپ ئاتالغان،ھەم شۇ چاغدىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان قۇرلۇشلارنىڭ بىرى.قۇرلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن،خوتەن خەلقىگە ۋە خوتەننىڭ تەرەققىياتىغا زور ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ئۈنىم يارىتىپ،ئسمى جىسمىغا لايىق ئۇلۇغ قۇرلۇش بولۇپ،كوئېنلۇن تېغى باغرىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا!
يۇرتىمىز شىنجاڭ ئۈچۈن بىر بىلەتنى ئايىمىغايسىز دوستۇم!