مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10084|ئىنكاس: 96

ۋىسالسىز سۆيگۈ (پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 05:40:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




   توۋۋا، مۇھەببەت دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، ئۇ بەلكىم كىشىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سىنىقى بولسا كېرەك، ئۇ خالىسا سېنى كۈلدۈرىدۇ، خالىسا سېنى يىغلىتىدۇ، يەنە خالىسا سېنى خانىۋەيران قىلىپ، تۇرمۇشۇڭنى ئوڭتەي- تۇمتەي قىلىۋېتىدۇ.
مانا ئەمدىلا تۇلۇقسىز ئۈچىنچى يىللقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان باھادىرنىڭ تۇرمۇشىغا « مۇھەببەت » دېگەن بۇ يېڭى ئاتالغۇ بۆسۈپ كىردى، ئەمدى ئۇنىڭ تۇرمۇشى قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى، ئۇ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيتتى، شۇڭلاشقىمۇ ئۇ گۈلزىبانىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بېرى ئۆزىنى يېڭى بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى.
باھادىر تۇلۇقسىز بىرىنچى يىللىققا چىققاندىن بېرى ئىزچىل سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يۇقۇرلىقى، ئاجايىپ يۇقىرى تالانتى ھەممىنى قايىل قىلاتتى. ئۇ دەرىسلەردە ياخشى بۇلۇپلا قالماي، ئەدەبىيات- سەنئەتتىمۇ زور تالانتى بار ئىدى. نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى، سىنىپنىڭ مەۋسۇملۇق نەتىجىلىرىمۇ ئوخشاش يىللىقلار ئىچىدە ئۇدا بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلگەنىدى، ئەگەر مەكتەپتە بىرەر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولسا ئۇنىڭسىز پائالىيەت قىزىمايتتى، ئۇ ناخشا، ئۇسۇل قاتارلىق نومۇرلارنى تەييارلاپ پۈتۈن مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەتتى. ئۇ ھەمىشە ساۋاقداشلىرىغا، مەن بىرىنچىلىكتىن بىر ئۆمۈر ۋاز كېچەلمەيمەن، چۈنكى بىرىنچى بولۇش مەن ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىش. كونىلاردا :« ئېشەك ئېشەكنىڭ كەينىدە قالسا قولىقىنى كەس » دەيدىغان گەپ بار، ئادەم ئادەمنىڭ كەينىدە قالسا بۇ نېمە سەتچىلىك . كەينىدە قالغاندىن كۆرە ئۆمۈچۈك تورىغا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان تۈزۈك، دەيتتى ئۇ چاقچاق قىلغاندەك قىلىپ. ئەمىلىيەتتە، ئۇنىڭ دېگەنلىرى چاقچاق ئەمەس، ھەقىقەت ئىدى. ئۇ نېمىلا ئىش قىلمىسۇن بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى، بەلكىم بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئائىلە مۇھىتى سەۋەپ بولسا كېرەك.
   باھادىر ئائىلىدە بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغانلىقتىن ھەممىدىن ئەركە ئىدى. ئائىلىدە ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان ئىدى. بۇ ئائىلىدە توققۇز پەرزەنت بۇلۇپ ھەممەيلەن باھادىرنى ياخشى كۆرەتتى، رايىغا باقاتتى. شۇ سەۋەپ ئۇ ھەرقانداق نەرسىدىن بىرىنچى بۇلۇپ بەھرىمەن بۇلاتتى. ئەمما سەھرادا چوڭ بولغان بۇ يىگىت ئائىلىدە ھەممەيلەندىن ئاق كۆڭۈل، قولىقى يۇمشاق، ئەدەپ- ئەخلاقلىق ئىدى. ئەمما ئۇنى مۇشۇ ۋاخقىچە يىغلاپ باقمىغان، ئازاپلىنىپ باقمىغان دېسەك ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايتتى. چۈنكى تىخى 15 ياشقا كىرمىگەن بۇ سەبى بالا نەدىمۇ ئازاپنى چۈشەنسۇن، مانا ئەمدى ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق- چۈچۈكلىرىنى تېتىشقا، نېمىنىڭ ئازاپ، نېمىنىڭ ھەقىقى بەخىت ئكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.
   ئىچكىردىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، باھادىرنىڭ كىتابى ئىچىگە بىر پارچە خەت پەيدا بۇلۇپ قالدى، خەتكە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:
   ساۋاقدىشىم باھادىر ياخشىمۇسىز!
   شۇ تاپتا مەن مەقسىتىمنى قانداق ئىپادىلىشىمنى بىلەلمىدىم. بىلەمسىزكىن، مەن سىزنى تۇنجى كۆرگەندىن تارتىپ ئۆزەمدە باشقىچە بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بۇلۇپ قالدى. كېچىلىرى كۆزۈمدە ئۇيقۇ يوق، تاماق يېگۈممۇ كەلمەيدۇ. ھەيرانمەن، ئازاپلانغان ،كۆڭلۈم يېرىم بولغان، غېرىپسىنغان، چارچىغان ۋاقىتلىرىمدا، ئەگەر سىزنى بىر كۆرسەم ھەممىنى ئۇنۇتۇپ كېتىمەن، دىلىم يايرايدۇ، جىمىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر ئاللىقاياقلارغا غايىپ بۇلۇپ كېتىدۇ، گوياكى سىز مەن ئۈچۈن ئابى ھاياتتەك. ئەمدى بىلسەم، بۇ خىل تۇيغۇ مۇھەببەت يالقۇنىنىڭ قەلبىمدىكى ھارارىتى ئىكەن. مەن بۇ ھارارەتنى يۇشۇرۇپ قېلىشقا ئامالسىزمەن، مېنىڭ ئىچىمدىكى ھارارەتنى چىقىرىپ بىر يىنىكلىۋېلىشىمغا رۇخسەت بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
   باھادىر، ئىشىنەمسىزكىن. مەن ھازىر سىزسىز ياشاشقا ئامالسىزمەن. سىزنىڭ مېنى كۆيۈك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشىڭىزنى، پىغان چەككەن قەلبىمگە تەسەللى بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. مېنىڭچە، بىر ھەقىقى ئاشىقنىڭ مۇھاببىتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، يېزىق بىلەن ئىپادىلپ بېرەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم ئاشىق يۈرىكىنىڭ سۆيگەن يارى ئۈچۈن تىنمسىز سوقۇشى، ئۆز ئازابى بەدىلىگە قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاشۇ سۆيۈملۈك كىشىسىنى مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئېرىشتۈرىشى، ئاشىق يۈرەكنىڭ سۆيگەن يارىغا بولغان مۇھاببىتىنىڭ چىنلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە يېتەرلىك بولسا كېرەك.
   باھادىر، سىز مېنىڭ بۇ پاك مۇھاببىتىمنى، سەمىمىي كۆڭلۈمنى قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟ مېنىڭ مۇھەببەت ئۇچقۇنى يالقۇنجىغان بۇ سەبى قەلبىمگە دەرمان بۇلارسىزمۇ؟ بەلكىم سىز بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ، قانداق قىز بالا بذ؟! قىز بالا تۇرۇقلۇق مۇنداق خەتلەرنى يېزىپتۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز ئۇنداق ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. بۇ قانداقتۇر قېلىنلىق ياكى تەشەببۇسكارلىق ئەمەس، بەلكى بىر ئاشىق يۈرەكنىڭ يالقۇنجىغان مۇھاببىتىنىڭ ئۇچقۇنلىرى.
   باھادىر، سىزگە بولغان مۇھاببىتىمنى داستان قىلىپ يازساممۇ ئازلىق قىلىدۇ، خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي. ئاخىرىدا سىزدىن بىر ئىشنى ئۈتۈنەي، ئەتە چۈشتە مەكتەپ ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىدا، ھېلىقى قېرى سۆگەت دەرىخى يېنىدا سىزنى كۈتىمەن. شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ دىدارىمنى كۆرەلەيسىز. چۇقۇم كېلىڭ، سىزنى كۈتۈمەن.
ئىنتىزارلىق بىلەن سىزنى كۈتۈپ:
                                                 ساۋاقدىشىڭىز xx
   باھادىر بۇخەتلەرنى كۆرۈپ ھەم ھودۇقتى، ھەم قىزىقتى. ئۇ قاتتىق ئويلاندى، چۈنكى باھادىرنىڭمۇ قەلبىدە ئۆزىمۇ سەزمەيدىغان غەلىتە بىر خىل تۇيغۇ ئاللىقاچان پەيدا بولغان ئىدى، يەنى گۈلزىبانى كۆرگۈسى كېلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى، دائىم كۆرۈپ تۇرۇشنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالغانىدى، ئەمما گۈلزىبانى ياراتماسمۇ دەپ كۆڭلىنى ئىپادىلىيەلمىگەن ئىدى. چۈنكى، گۈلزىبا شەھەرلىك بۇلۇپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغان، ئەمما ئىچكىردىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنماي، قايتا ئوقۇپ ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن، شەھەردىن بۇ يېزىغا قايتا ئوقۇشقا چىققان ئىدى. ئۇ شەھەر پاسونىدا كىيىنىۋالىدىغان بولغاچقا مەكتەپتىكى جىمى قىزلار ئارىسىدا ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاقپۇشماق كەلگەن چىرايى، ئىگىز، زىلۋا كەلگەن بويى كىشىنى تېخىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. شۇڭلاشقىمۇ نۇرغۇنلىغان يىگىتلەر ئۇنىڭ پەرۋا قىلماسلىقىغا قارىماي ئۇنى قوغلىشاتتى.
   گەرچە باھادىر خەتنى كىمنىڭ يازغانلىقى بىلمىگەن بولسىمۇ ،ئەمما يەنىلا بۇ ناتونۇش قىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئۆزىنىڭ بىرسىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى، ئۆزىنى كەچۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولدى، ئەمما كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقنىڭ ئۆزىنى كۈتىۋالىدىغانلىقىدىن خەۋرى يوق ئىدى. مانا بىر كېچە ئۆتۈپ چۈش ۋاقتى بولدى. باھادىر ھودۇقۇش ئىلكىدە ئۆستەڭ بويىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ كۆڭلىدە، ئەمدى مەن بىر ئاشىققا قەرىزدار بولىدىغان بولدۇم، ئاشىققا قەرىزدار بولسا قىساسىنى تارتىپ قالىدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمدى بۇ قىزنى قانداق قىلاي؟! سەل تۇرۇپ ئۇ يىغلاپ كەتسە مەن قانداق قىلاي؟!...، دېگەنلەرنى ئويلاپ مېڭىپ ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ سۆگەت تۈۋىگە كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان قىزدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.
   _ سىز،...،سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ ھەيران بۇلۇپ.
   _ بۇ يەرگە مېنى كەلسە بولمايدۇ دەيدىغانغا بىرەر قائىدە – نىزام بارمىدى؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مەن كەتسەممۇ بولىدۇ،- دېدى گۈلزىبا ھەيران قالغان قىياپەتكە كېرىۋېلىپ.
   _ گۈلزىبا مەن ...،مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن. ھازىربىرسى بىلەن بۇيەردە كۆرۈشمەكچى ئىدىم. ئۇمېنى ساقلاپ تۇرىدىغان بولغان.
   _ كۆرۈشمەكچى بولغىنىڭىز قىزمۇ؟- دەپ سورىدى گۈلزىبا بىلمەس قىياپەتكە كىرىۋېلىپ.
   _ سىز ئۇنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟
   گۈلزىبا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ كۆزىنى يەردىن ئۈزمەي، پۇتىنىڭ ئۇچىدا يەرنى جىياپ تۇرۇۋالدى.
   _ ئەجابا ئۇ قىز .......
   گۈلزىبا يەنىلا بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىرىپ تۇراتتى. باھادىرنىڭ تېنى بىردىنلا جانلىنىپ جىمى جىددىيچىلىكلەر يوقاپ كەتتى. ئۇ ئاستا گۈلزىبانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۆستەڭ بويىدا تاتلىق ھېسلارغا چۆمۈپ كەتتى...... 

                                                                        2.
   گۈلزىبانىڭ ئۆيى شەھەردە بولغاچ، ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقتا تولىمۇ قىينىلاتتى. مەكتەپ ئەتراپىدا بىرەر ئاشخانىمۇ يوق ئىدى، ئەمما باھادىرنىڭ ئۆيىنىڭ مەكتەپكە يېقىن بولۇشى گۈلزىبانىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. باھادىر ھەر كۈنى چۈشتە گۈلزىبانى ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، چۈشلۈك تائامدا بىرگە بولاتتى، گۈلزىبامۇ بۇ ئائىلىگە ئۆز ئۆيىگە كەلگەندەك ئەركىن ئازادە كېلىپ كېتەتتى.
بۇ ئىككى ياش ئۆسمۈرنىڭ مۇھاببىتى شۇنداق باشلاندى. ئۇلار ئۆستەڭ بويىدا، سىنىپلارد، مەيدانلاردا، يول ئۈستىدە بىرگە ئىدى. قىزغىن مۇڭدىشاتتى، چاقچاقلىشاتتى، ھەممەيلەن بۇلارغا تولىمۇ ھەۋەس قىلىشاتتى. بۇلار كۈچەيتش سىنىپىغا ئايرىلغاچقا ھەر شەنبە چۈشكىچە ئوقۇيتتى. شەنبە كۈنلەرنى بۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ خۇشال، ئەڭ رومانتىك، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلىرى دېيىشكە بولاتتى. دەرىستىن چۈشكەندە ئىككەيلەن مەيداندىكى تۇربا يېنىغا بېرىپ بىر – بىرىگە سۇ چېچىشاتتى، ئۆستەڭ بويىدا ئۇزاقتىن – ئۇزاق مۇڭدىشاتتى، كەچ كىرگەندە بولسا بىر – بىرىگە قېيىمىغان ھالدا خوشلىشاتتى.
   باھادىر بايىلا گۈلزىبادىن ئايرىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى سېغىناتتى، ئۇنىڭ تەبەسسۇمسىرىغان چىرايى ئېسىدىن نېرى كەتمەيتتى. ئۇ كارۋىتىدا ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى قولىنى بېشى ئاستىغا قويۇۋېلىپ خىياللىرىنى يىراقلارغا قويىۋەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۈلزىبا بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىركى كۈنلىرىنى ئەسلىدى. ھېلىمۇ ئېسىدە تۇرۇپتۇ، ئۇزاقى يىلى كۈزدە ، مومىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇ يىغلىمىغان، ئازاپلانمىغان ئىدى. دادىسى قاسىم ئاكا ئاچچىقلىغان ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزىدە ھەرقانداق تۇيغۇ بولمىغانئىدى. نېمىشقا؟ ئۇ دۆتمۇ؟ ياكى بىر نېمىنى چۈشەنمەيدىغان گالۋاڭمۇ؟ ياق! ئۇ دۆتمۇ، گالۋاڭمۇ ئەمەس. ئەكىسچە، ئۇ ھېچ نېمىنى چۈشەنمەيدىغان سەبى بالا ئىدى. نە ھوزۇرلىنىشنى، نە قايغۇرۇشنى بىلمەيتتى. ئەمدىچۇ؟ ئەمدى ئۇ بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى، ئازاپنىڭ نېمىلىكىنى، دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى ھېس قىلىشقا،چۈشۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ ئۆزىنى بۇنداق ئۆزگەرتىۋەتكەن، دۇنيانى تونۇتقان، ئويغاتقان نەرسىنىڭ مۇھەببەت ياكى گۈلزىبا ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى، ئەمما ئۆزىگە بۇنچىلىك شېرىن ھەم ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە ئاتا قىلغان بۇ قىزدىن چەكسىز مىننەتدار ئىدى. ئۇ ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى.
   تۈن كېچە، ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. گۈلزىبا كارۋىتىغا يۆلىنىپ خىيال سۈرگىنىچە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى بايىقى تەبەسسۇمنىڭ سىماسى كۆرۈنمەيتتى. ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىنى غەمكىنلىك، خىجىلچىلىق باسقان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ باھادىرنى ئالداۋاتقانلىقىدىن، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان بىر سەبىنى ئەخمەق قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەلى بىلەن ئۈچ يىل يۈرگەنلىكىنى، ئايرىلىپ كەتكەندە بولسا ئۆزىگە تەسەللى تېپىش نىيىتىدە باھادىر بىلەن ۋاقىتلىق يۈرگەنلىكىنى باھادىرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
   گۈلزىبا شەھەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ۋەلى ئىسىملىك بىرسى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بۇلۇپ، تۇلۇقسىز بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپ يۈرۈگەن ئىدى. ھەر ئىككەيلەن بۇ يىل ئىچكىردىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سېنىپىغا قوبۇل قىلىنالماي قالغان بولۇپ، ۋەلى ناھىيدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى، ئەمما گۈلزىبانىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى قايتا ئوقۇيسەن دەپ تۇرۇۋالغاچقا ۋەلىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. شۇسەۋەپتىن ۋەلى گۈلزىبادىن ئاغرىنىپ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمەس. ۋەلى گۈلزىبا بىلەن بىللە يۈرگەن كۈنلەردە باشقا بىر قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان بولۇپ، گۈلزىبادىن كۆڭلى قالغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ئەرزىمەس سەۋەپ ئۈچۈن گۈلزىبادىن ئايرىلغان ئىدى.
گۈلزىبا خىيالدىن ئېسىنى يىغدى. ئۇ كۆزىگە ياش ئالدى، ئۆزىگە نەپرەتلەندى.« ياق، ياق! ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ، باھادىردىن ئايرىلىپ كېتىشىم كېرەك. ئۇنى ئەمدى ئالدىسام بولمايدۇ.» دەپ پىچىرلايتتى ئۇ ئۆزىگە. ئەمما ئۇ باھادىرغا ئەسلى ئەھۋالنى دېيىشنى ئويلاپمۇ قويمىغان ئىدى، بەلكىم ھەقىىقى ئەھۋالنى ئېيتسا ئۇ گۈلزىبانى كەچۈرۋېتىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئۇنداق قىلماي باھادىرنى داغدا قويماقچى بولدى.
   دۈشەنبە كۈنى باھادىر ناھايىتى ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇردى. ئۇ گۈلزىبانى ھەقىقەتەن قاتتىق سېغىنغانئىدى. ئۇ ئەتتىگەنلىك چېيىنى ئىچىپ ئالدىراشلا مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى. ئۇنى قانداق بىر خىل كۈچ تىز مېڭىشقا ئالدىرتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ يۈرىگى رېتىمسىز سوقۇۋاتاتتى. مانا ئۇ مەكتەپكە يېتىپ كەلدى. ئۇ سىنىپقا كىرگەندە تېخى ھېچكىم كەلمىگەن ئىدى. ئۇ دەرىزە يېنىدا سىرتقا قارپ ئولتۇرۇپ شىرىن خىياللارغا كەتتى. ئۇ شۇ خىياللار بىلەن گۈلزىبانىڭ ئىشىكتىن كىرگىنىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى، گۈلزىبا ئۇنى نوقۇغاندا ئاندىن ئېسىنى يىغدى.
   _ ئوۋ، گۈلزىبا، قاچان كىردىڭىز؟ سەزمەپتىمەن. قانداق، شەنبە- يەكشەنبىنى كۈڭۈللۈك ئۆتكۈزگەنسىز؟
   _ ......
   _ نېمە بولدى؟ بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردىمۇ؟ دەڭە؟
   گۈلزىبا جاۋاپ بەرمەي باھادىرغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. باھادىر ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا سورىدى:
   _ زادى نېمە ئىش بولدى؟ يىغلىغىلىۋاتىسىزغۇ؟ ھەرقانداق ئىش بولسا قېنى دەڭ، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بىرىمەن.
   _ سىز، سىز ياردەم بىرەلمەيسىز؟
   _ نېمىشقا؟ جېنىم كېرەكمىدى؟ مانا جېنىم ئالدىڭىزدا تۇرۇپتۇ.
   _ ماڭا سىزنىڭ جېنىڭىز ئەمەس، يىراقلىشىشىڭىز، ئۇنتۇشىڭىز كېرەك بولۇپ قالدى.
   _ يىراقلىشىشىڭىز؟! نېمىدىن يىراقلىشىمەن؟
   _ مەندىن.
   _ ئوۋ، سىزدىن يىراقلىشىمەن؟! ھىم، سىز ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ نېمىشقا بۇنداق گەپ قىلىسىز؟ هة، بىلدىم. سىز مېنى چېلىۋېتىپسىزدە؟ بولدى، بولدى. چاقچاق قىلماڭ.
   _ مەن سىزگە راست گەپ قىلىۋاتىمەن، ئىشەنمىسىڭىز مەيلىڭىز. بىزنىڭ ئىشىمىز مۇشۇ يەردە توختاپ قالسۇن. بىز پەقەت ئاددى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلايلى!؟ بەلكىم سىز سەۋەبىنى سورىشىڭىز مۇمكىن، سەۋەبى ئاددى. ئىلگىرى مەن سىزگە قىزىققان، شۇڭلاشقا سىزبىلەن يۈرگەن، ئەمما ھازىر سىزگە قىلچىمۇ قىزىقىشىم قالمىدى. شۇڭلاشقا، سىز بۇندىن كىيىن مېنى ئاۋارە قىلماڭ، بىلدىڭىزمۇ؟- دېدى ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن. ئۇ باھادىرنىڭ ئۆزىنى تىزراق ئۇنتۇشى ئۈچۈن شۇنداق قوپال مۇئامىلىدە بولۇۋاتاتتى. گۈلزىبا گېپىنى دەپ بولۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭدى، باھادىر ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇنى توختاتتى.
   _ سىز، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى ۋەيران قىلماقچىمۇ؟ ئەجابا، مېنىڭ ئۇۋالىمغا قېلىشتىن ئەنسىرمەمسىز ؟- دېدى باھادىر يېلىنغان قىياپەتتە.
   _ مۇھەببەت؟ ھىم، ئەمدى 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئۆسمۈرگە مۇھەببەتنى نەدە قويۇپتۇ؟ بەك بالدۇرلۇق قىلامدۇ قانداق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىشتىكى مەقسىتىمىز مۇھەببەتلىشىش ئەمەس، بىز ئۆگىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىشىمىز كېرەك. سىزنىڭ ئۇۋالىڭىزغا قېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەندەك بىر ئەرزىمەس قىز ئۈچۈن ئۆلۈۋالمايدىغانسىز؟ ئۆلۈۋېلىش ئەرلەرگە نومۇسلۇق ئىشقۇ دەيمەن؟ ھەراس، سىزگە دەپ قوياي، مەن ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ، ياش تۆكۈپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. ۋاقتىڭىزنى ئۆگىنىشىڭىزگە كۆپرەك قارىتىڭ!
   _ سىز دەسلەپتە نېمىشقا بالدۇرلىقىنى ئويلىمىغان؟ مېنىڭ ئازاپ تارتىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، مېنىڭ قەلبىمنى ئىللىتىپ بولۇپ، يەنە مېنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسىڭىز، ماڭا ئۇۋال قىلغان بولمامسىز؟ خەير، بۇمۇ سىزنىڭ مەيلىڭىز. شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، مەيلى نېمىلا ئىش يۈز بەرمىسۇن، مەن سىزنى تاكى سىز مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلگۈچە كۈتىمەن،- دېدى باھادىر كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ. ئۇ گۈلزىبانىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاخىرقى سۆزىنى ئېيتتى،- بېرىڭ، ئۆزىڭىز خالىغان جايغا بېرىڭ. ئەگەر سىز نەگە بارسىڭىز، كىمنىڭ يېنىغا بارسىڭىز خۇشال بولسىڭىز شۇ يەرگە بېرىڭ. مەن سىزنى توسۇمايمەن. پەقەت سىزنىڭ دائىم كۈلۈپ تۇرغانلىقىڭىزنى كۆرسەملا بولدى. گۈلزىبا، مېنىىڭ سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم، مەن بۇندىن كىيىن سىزنىڭ ياش تۆككىنىڭىزنى، قايغۇرغۇنىڭىزنى كۆرۈپ قالماي. ئەگەر قايغۇرىدىغان ئىش بولسا، مېنىڭ ئالدىمدا ساختىدىن بولسىمۇ خۇشال قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ، ئۇنداق بولمىسا مەن چىدىيالمايدىكەنمەن.سىزنى كۈتىمەن، سىزدىن ئۈمىد ئۈزمەيمەن. ھىم، بەخىتلىك بولۇڭ !
   باھادىر سۆزىنى دەپ بولۇپلا يىغىسىنى ئىنتايىن تەستە توختۇتۇپ، گۈلزىبانىڭ ئالدىدىن ھېچنېمە بولمىغان قىياپەتتە چىقىپ كەتتى. گۈلزىبامۇ ئاۋاز قويۇپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالغانئىدى. باھادىرنىڭ شۇتاپتىكى ھىسياتىنى كىشى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتى. ئۇ ھەرقانداق نەرسىنى ئويلاشقا ئاجىزلىق قىلاتتى، ئويلاشتىنمۇ قورقاتتى. ئۇنى يەنە قانداق كۈنلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟ تەقدىر يەنە نېمە قىسمەتلەر بىلەن ئۇنى سىنايدىغاندۇ؟
تەقدىر، تەقدىر دېگەن بۇ نېمە تولىمۇ ساراڭ بولىدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق خالىسا سېنىڭ بېشىڭغا بەخت قۇشى قوندۇرىدۇ، خالىسا يەنە سېنى يىغلىتىپ، ھەممە نېمەڭنى تارتىۋالىدۇ؛ ئەمدىلا خۇشاللىقتىن بېشىڭ كۆككە يېتىپ، دىلىڭ يايرىغان بولسا، بىردەمدىلا سېنى چەكسىز ئازاپ دېڭىزىغا تاشلاپ، دىلىڭغا ئازار بېرىدۇ؛ بايىلا ئىناۋىتىڭ ئۆسۈپ، ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بولساڭ، كۆزنى يومۇپ ئاچقۇچە سېنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، ئەل خالايىق ئالدىدا دەپسەندە قىلىدۇ. سەن نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئالدىدا ئامالسىز قالىسەن، سەن تېخى ئۇنىڭدىن خۇشاللىق تەلەپ قىلساڭ، ساڭا سانسىزلىغان ئازاپ – ئوقۇبەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ياشاشقا ئامالسىز قالغانلارغا بولسا تېخىمۇ رەھىمسىز، ئۇلارنى تىك يار تۈۋىگە قىستاپ بېرىپ، چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ.

                                                                              ­3.
   ئالتۇن كۈز پەسلى كىشىنى مول ھوسۇلغا ئېرىشتۈرگەن، تەبىئەتكە گۈزەللىك ئاتا قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا بولىدۇ. شەپقەتسىز كۈز شامىلى ئەنە بايىلا تەبىئەتكە ئالتۇن ھەل بېرىپ، قامەتلىك دەل- دەرەخلەر ئۈستىدە مەغرۇرانە شىلدىرلاۋاتقان رەڭگارەڭ يوپۇرماقلارنى ئاستا – ئاستا يەرگە تاشلىماقتا، كىشىنىڭ ئاياغ ئاستىلىرىغا ئىتتەرمەكتە ئىدى.
   ئەنە، باھادىر بايىلا تېخى گۆدەكلەرچە مۇھەببىەتنىڭ پەيزى سۈرۈپ يۈرگەن ئىدى. مانا ئەمدى كۈن بويى قەلبى يارا، تەقدىردىن ئاغرىنىپ ئاھ ئۇرۇپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى چۈش كۆرگەندەك ھىس قىلاتتى. ئۇ ھەرقانچە ئويلىسىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلمەي كۈندىن – كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇ گۈلزىباغا بېسىم بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا قەستەن خۇشال قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. بۇنداق ئىچىدە يىغلاپ، تېشىدا يالغاندىن خۇشال قىياپەتكە كىرىۋېلىشتىن ئارتۇق بىچارىلىك بۇلامدۇ؟ مۇشۇنداق كۈنلەردە يۈز بەرگەن بىر ئىش ئۇنىڭ روھىنى تېخمۇ چۈشۈرۋەتتى.
   بىر يەكشەنبە كۈنى باھادىر چوڭ بازاردا بازار ئايلىنىۋاتسا، تۇيۇقسىز گۈلزىبا بىلەن بىر ئوغۇلنىڭ ئىنتايىن قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئوغۇل بالىنى باھادىر تونۇيتتى، ئۇ باھادىر بىلەن مەھەللىداش ئالىم ئىدى. باھادىر بۇنىڭدىن ئازراق غەلىتىلىك ھېس قىلدى.«ئۇ قانداق بولۇپ بۇ لۈكچەك بىلەن تونۇشۇپ قالغاندۇ؟ ياكى ئالىمغىمۇ ماڭا قىزىققاندەك قىزىقىپ قالغانمىدۇ؟ ياق، ياق! گۈلزىبا بۇنداق جەمىيەت داشقاللىرى بىلەن تارتىشىپ يۈرسە بولمايدۇ. ئەگەر ئالىم گۈلزىبانى ئەخمەق ئېتىۋەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ ياق، مەن گۈلزىبانى چۇقۇم توسۇپ قالىمەن.» دەپ پىچىرلايتتى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن.
   ئالىمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىگە ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەمىيەت داشقاللىرىغا قوشۇلۇپ ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكىپ، ساددا سەھرا قىزلىرىنى ئالداپ كۆڭۈل خوشى قىلىپ يۈرەتتى. ئۇ كەنتىدە داڭقى چىققان قىمارۋاز ئىدى. مەكتەپتە بولسا بىرمۇنچە چاپارمەنلىرى بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن ئىدى.
   دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەن، باھادىر گۈلزىبا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەكتەپ ئالدىدىكى يولدا ئۇنى كۈتتى. ئالاھىزەل يېرىم سائەتتىن كېيىن گۈلزىبانىڭ سىماسى كۆرۈندى. باھادىر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ خۇشپېئىللىق بىلەن ئەھۋال سورىدى، ئەمما گۈلزىبا سەل سوغۇق نەزەر بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا باھادىرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى. باھادىر ئۇنى چاقىرىپ توختاتتى.
   _ گۈلزىبا، توختاپ تۇرۇڭ، مېنىڭ سىزگە گېپىم بار.
   _ بىزنىڭ ئارىمىزدا دېيىشكىدەك ئىش قالمىغانغۇ دەيمەن؟- دېدى گۈلزىبا بىر قېشىنى ئېتىپ، قاپىقىنى سۈزۈپ تۇرۇپ.
   _ بۇ ئىككىمىزتوغرۇلۇق ئەمەس، ئەكىسچە سىز بىلەن ئالىم توغۇرلۇق. 
   _ ئوۋ، قىززىق تېمىدا پاراڭلىشىدىكەنمىزدە؟ ئەمما ھازىر مېنىڭ ۋاقتىم يوق .
   _ چۈشتە بولسىمۇ بولىدۇ .
   _ ئەمىسە، چۈشتە سائەت بىردە سۆگەت تۈۋىدە مېنى ساقلاڭ،- دېدى گۈلزىبا سوغۇققىنا.
   _ ئەمىسە چۈشتە سىزنى ساقلايمەن.
شۇ كۈنى باھادىر گۈلزىبانى يېرىم سائەت بۇرۇن چىقىپ كۈتتى، ئۇ گۈلزىبا گېپىمنى ئاڭلايدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇ ئىنتايىن خۇشال ئىدى، چۈنكى ئۇ بۈگۈن گۈلزىبانى ئالىمدىن ئايرىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. گۈلزىبا دېيىشكىنى بويىچە سائەت بىردە سۆگەت بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار؟ بۇنىڭغا ھېچكىممۇ ئالدىن بىر نېمە دېيەلمەيتتى.
   _ قېنى گىپىڭىزنى دەڭ، دېسەم-دېمىسەم ئالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا گەپ سورايسىزغۇ دەيمەن؟- دېدى گۈلزىبا باھادىرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ.
   _ شۇنداق، ئەقىللىقلىقىڭىزنى قاراڭ.
   _ ئەگەر مەن ئۇ ئىككىمىز توغرىسدا ھېچ نېمە دەپ بەرمىسەم، مېنى بۇ مەكتەپتىن قوغلىۋەتمەيدىغانسىز؟ قىزىق ئىش، مەن ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتسەم مۇناسىۋەتسىز خەقلەر مېنى سوراققا تارتىپ يۈرۈيدۇ دېسە!؟
   _ سىز... بولدى،بولدى، نېمە دېسىڭىز دەۋېرىڭ، ئىشقىلىپ مەن گېپىمنى دەۋالاي، بىلمەكچى بولغانلىرىمنى بىلىۋالاي. ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالدىڭىز؟ نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟
   _ جاناپلىرىنىڭ بەك بىلگۈسى كەلگەن بولسا، مەن جاناپلىرىنى خاپا قىلماي ھەممىنى ئىقرا قىلاي،- دېدى گۈلزىبا تەنە بىلەن. ئەمما باھادىر گۈلزىباغا يەنىلا مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇ گۈلزىبانىڭ ھەربىر زەھەردەك سۆزىگە كۆزىنى ئاستا يۇمۇپ ئېچىپ قوياتتى، خالاس،- ئالىم دېگەن بۇ يېگىت يېگىتتەك يىگىت ئىكەن. مېنىڭ ئالدىمنى توسۇپ، مەن بىلەن تونۇشۇپ قالغۇسى بارلىقىنى، ھەمدە مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. يەنە تېخى، مېنى ھەر كۈنى كەچتە دەرىستىن چۈشكەندىن كېيىن شەھەرگە ئەكىرىپ قويىدۇ. چۈشتە دەرىستىن چۈشۈشۈمگە تاماق قاچىسىدا تاماق ئەكىلىپ بېرىدۇ. يېگىت بولسا شۇنداق بولسا دەيمەن. مەن ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندىم، مانا بۇ سەمىمىيەت. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالدىم.
   _ سىز دەرھال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ!؟ ئۇ ئۇچىغا چىققان ئالدامچى. ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن يۈرسىڭىز نامىڭىزغا داغ كەلتۈرۈپ قويىسىز.
   _ ئەگەر ئۇنداق قىلمىسامچۇ؟ سىز نېمىگە ئاساسلىنىپ مېنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەت دەيسىز؟ ئىچكىنىگىمۇ،چەككىنىگىمۇ؟ ياكى ئوينىغىنىغىمۇ؟ ئۇغاۋالا(ئوغۇل بالا)ا، يۈرۈكى باركەن. شۇنداق ئوغۇللارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى بولىدۇ. ئەگەر سىز چىدىمىسىڭىز، سىزمۇ ئويناڭ، ئىچىڭ، چېكىڭ. ئوغاۋالىچىلىقتا ئۇنداق ئىشلارنى قىلالمىغان يۈرۈكى پوك- پوكلارغا تولىمۇ ئېچىنىمەن.
   _ جانابى بۈزۈرۈكۋار، ئەسلىرىدە بولسۇن، مەن ئوغاۋالا ئەمەس، ئوغۇل بالا. ئۆزلىرى ئېيتقان «ئوغاۋالا» ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرىدىكەن، بۇ خۇددى «ئوغۇرلىۋالا» دېگەندەك ئاڭلىنىدىكەن. قارىغاندا ئوغرى بالا بىلەن تونۇشۇپ قالغاندەك تۇرىسىز. ئېھتىيات قىلىڭ، قىز بالا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان گۆھىرىڭىزنى تارتقۇزۇپ قويماڭ يەنە. ئەگەر ئۇنى ئوغۇرلىۋالسا سىزنىڭ بۇ ھۆسنى جامالىڭىز بىكېرەك جۇمۇ؟ ئاۋارە قىلدىم، بۈزۈرۈكۋار ئالىيلىرى. «ئوغاۋالىلىرى»نى چىڭراق تۇتسىلا، ئوغرى ئوغۇرلىۋالمىسۇن يەنە، ھىم.- دېدى باھادىر زەردە بىلەن. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ، ئېغىزىنى يانتۇ قىلىپ تەبەسسۇم بىلەن گۈلزىبانىڭ يېنىدىن ئايرىلدى.
   باھادىر ئۆزىنىڭ بۇيەردىن قانداق ئايرىلغانلىقىنى، قانداق مېڭىپ كېتىۋاتقانلىرىنى سەزمەيتتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن يىپى ئۆزۈلگەن مارجاندەك ياش ئېقىۋاتاتتى. قانداقتۇر بىرخىل نەرسە ئۇنىڭ يۈرۈكىنى قاماللاۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۈلزىباغا قاتتىق تەككەنلىكىگە پۇشايمان قىلدى.« ھەرنېمە دېگەن بىلەن ئۇ مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە مۇيەسسەر بولغان، قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك نىگارىم ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرسەم قانداق بولىدۇ؟ ياق، ئۇ مېنڭدىن چۇقۇم ئازار يېدى. ئەمما ئۇ نېمە دەپ بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟ ئۇ بۇنداق قىز ئەمەس ئىدىغۇ؟ ئاھ، ئۇلۇغ تەڭرىم، مېنى بۇنداق قىينىغۇچە جېنىمنى ئالساڭچۇ؟ مەن بەش ۋاخ ناماز ئوقۇدۇم، ئىسلامدا چەكلەنگەن يامان يوللاردا ماڭمىدىم، يامان ئىشلارنى قىلمىدىم، ساڭا سادىق بولدۇمغۇ؟ بۇ سىېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان سېنىقىڭمۇ ياكى غەزىپىڭمۇ؟ ئۇلۇغ تەڭرىم، كۆرمەيۋاتامسەن؟ قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكىپ، ئويناپ- كۈلۈپ، ئۆرە تۇرۇپ سىيىۋاتقانلارنى. ئۇلار نېمانچە خۇشال؟ نېمانچە بەخىتلىك؟ مەن ئۇلارنىڭ كۆزىدە نە ياشنى، نە ئازاپنى كۆرمىدىمغۇ؟ ئۇلارغا ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلىسام ھەيران قالىمەن. ساڭا سادىق بەندىلىرىڭنىڭ كۈنلىرى غوربەتچىلىك، مۇشاقەتتە ئۆتىدىكەن، ساڭا ئاسىي كۇفۇر بەندىلىرىڭ بولسا باياشاتچىلىقتا، راھەتتە ئۆتىدىكەن، ئەجابا ئۇلار قىلغانلىرىنىڭ جاجىسىنى تارتمامدىغاندۇ؟....» ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن كېتىپ باراتتى. ئۇ تېخى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە بۇلار ھەممىسى باھادىرنىڭ بالىلارچە تەپەككۇرىنىڭ ۋە پىشىپ يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى ۋە ھايات سىرلىرىنى ئىگەللەشنىڭ تۇنجى مىنۇتلىرى ئىدى.
   باھادىر چۈشتە سىنىپ مۇدىرغا تېلىفۇن ئۇرۇپ، چۈشتىن كېيىنگە رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە قايتتى. ئۇ ئۆيىگە كىرىپلا كارۋاتقا ئۆزىنى ئېتىپ، ئاۋاز قويۇپ يىغلاپ كەتتى. زورىخان ئانا بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، چۈنكى، ئۇ باھادىرنىڭ چوڭ بولغاندىن بۇيان ئاۋاز قويۇپ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. زورىخان ئانا ئاستا باھادىرنىڭ ھوجرىسىغا كىردى-دة، باھادىرنىڭ يېنىدىكى كارۋاتتا ئولتۇرۇپ، باھادىرنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
   _ نېمە ئىش بولدى، بالام؟ بىرەرسى بوزەك قىلدىمۇ؟-دەپ سورىدى.
   _ .......
   _ بالام، نېمە ئىش بولسا ماڭا ئېيتقىن. بېشىڭدىن ئۆتكۈزەلمىگەنلىرىڭ بولسا ماڭا دېگىن، مەن ساڭا ياردەم بىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، چۈشەندۈرۈپ قويالىشىم مۇمكىن،- دېدى زورىخان ئانا قاتتىق ئىچى سىيرىلىپ.
باھادىر كارۋاتتا دۈم ياتقان پېتى، بېشىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ زورىخان ئانىدىن سورىدى:
   _ ئانا، نېمىشقا تەقدىرنىڭ كۆزى يوق؟ نېمىشقا ياخشى ئادەملەر كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەلمەي ئۆتىدۇ؟ ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم نېمىشقا مەندەك مۆئمىن بەندىسىگە ئېغىر ئازاپلارنى سالىدۇ؟ كۇفۇر بەندىلىرىگە بولسا مال- دۇنيا، كۈلكە شاتلىق ئاتا قىلىدۇ؟ نېمىشقا مەندەك ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى ئازاپ- ئوقۇبەتتىن، مۇشاقەتكە كۆپ يولىقىدۇ؟ نېمىشقا ئەسكى كىشىلەر خۇشال، باي- باياشاتچىلىقتا ئۆتىدۇ؟ نېمىشقا؟- ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا يەنە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
   زورىخان ئانا ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولۇپ ، تەمكىنلىك بىلەن باھادىرغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
   _ بالام، ئۇنداق گەپلەرنى قىلساڭ ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە نارازى بولغانلىق ھېسابلىنىسەن. ئاللاھ بىزنى گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن! بالام، مەن ساڭا بۇنى ئوبدانراق چۈشەندۈرۈپ قويمىسام بولمىغۇدەك. ئۇلۇغ ئاللاھ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن، ئۆزىگە سادىق مۆئمىن بەندىلىرىگە سانسىزلىغان ئازاپ- ئوقۇبەت، قىيىنچىلىقلارنى سېلىش ئارقىلىق ئۇ بەندىسىنى سىنايدۇ، ئۇ بەندىسىنىڭ شۈكرى- قانائىتىنى سىناپ كۆرىدۇ. شۇڭا بالام، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بەرگەندە جەزمەن شۈكرى قىلىشىمىز، سەۋرى قىلىشىمىز، ئاللاھدىن شەپقەت تىلىشىمىز كېرەك. ئېسىڭدە شۇنى چىڭ تۇتقىنكى، بىزگە ئەرزىيەت يەتكەندە ئۇلۇغ ئاللاھدىن رەنجىشكە، ئاللاھىنىڭ بىزگە ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىر- قىسمەتلىرىگە نارازى بولۇشقا قەتئى بولمايدۇ، چوقۇم سەۋرى قىلىشىڭ كېرەك. بىزگە ئەرزىيەت(ئازار) يېتىۋاتقان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە گۇناھلىرىمىز دەرەختىن يوپۇرماق تۆكۈلگەندەك تۆكۈلىۋاتقان بولىدۇ.ئۇلۇغ ئاللاھ يەنە، ئىمانى ئاجىز، كۇفۇر بەندىلىرىگە تورنى كەڭ يېيىش، يىپنى ئوزۇن قويۇۋېتىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇلارنىمۇ سىنايدۇ. ئۇلارغا مال-دۇنيا، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇلار شۇنىڭدىن مەستخۇش بولۇپ، بۇ دۇنيالىقتا ئويناپ ياشىۋېلىشقا ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئاللاھ تورنى يىققاندا بولسا ئۇلاردىن بىچارە ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ بىزنى ئۇ كۈنگە قويمىسۇن! بالام، سەن يەنە بەزى كۇففارلارنىڭ بۇ دۇنيادا خۇشال- خۇراملىق بىلەن ئۆتكىنىنى كۆرىسەن، ئەمما ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆز قىلغانلىرىنىڭ جاجىسىنى ئۇ دۇنيالىقتا تارتقۇچىلاردۇر. بالام، چۈشكۈنلۈك- مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. مەغلۇبىيەت ئالدىدا تىز پۈكمەي، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە، يېڭىشقا جۈرئەت قىلالىغاندا، قەيەردە يېقىلسا شۇيەردە تۇرۇپ، شاللاشنى بىلگەندىلا ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ چىققىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ داۋلىنى ئوغۇل بالا ئوبدانراق چۈشىنىۋېلىشى كېرەك.
   باھادىر ئانىسىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلىدىكى جىمى تۈگۈنلىرى يېشىلگەندەك بولۇپ، خېلىلا يېنىكلەپ قالدى. ئۇ كۆز يېشىنى ئاستا ئېيتتى-دة، ئۇلۇغ بىر تىنىپ، كۆزىنى ئاستا يۇمدى. 

                                                                            4.
   رەھىمسىز كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ، دەھشەتلىك قەھرىتان سوغۇق پۈتۈن زېمىنغا ئۆزىنىڭ زەھەرلىك نەشتىرىنى سانجىشقا باشلىدى. نېمىشقىكىن، بۇ يىل قىش سوغۇق يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق بولدى. شۇڭلاشقىمۇ، تەنەپپۇس ۋاقتىدا بالىلار ھەممىسى دېگۈدەك سىنىپتا دەم ئالاتتى. سىرتقا مۇھىم ئىشى بولمىسا چىقمايتتى. ئەمما باھادىر ئۆزى يالغۇز پۇتبول مەيدانىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. ئۇ ئاسماننىڭ قەرىگە قاراپ، چەكسىز خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇراتتى، خۇددى بىر نەرسىگە ئىنتىلگەندەك. ئۇ تەڭرىنىڭ يەنە قانداق قىسمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۈتمەكچىمۇ ياكى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، پاكلىقنىڭ، چىنلىقنىڭ سىموۋۇلى بولغان ئاپئاق قارنى كۈتىۋاتامدۇ؟ بۇنى بىلىپ بولغىلى بولمايتتى.
    «ئۇلۇغ ئاللاھىم، ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغىنىڭغا مىڭ رەھمەت. شەپقەتلىك ئاللاھ ئىگەم، قۇدرىتىڭ شۇنداق ئۇلۇغ ئىكەن. مەن ئەسلى ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما سېنىڭ شەپقىتىڭنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن مانا ھازىر يېپيىڭى بىر ئادەم بولۇپ چىقتىم. ھەممە ئىشلىرىم ئۆز يولى بىلەن كېتىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپلانمايدىغان، ياش تۆكمەيدىغان بولدۇم. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم، مەن سىلىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى تىلەيمەنكى، ئەمدى مېنى قايتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكىدىغان، ئۇنى ئويلايدىغان قىلىپ قويمىغايلا!» باھادىر تەڭرىگە شۇنداق خىتاپ قىلاتتى. نېمىشقىكىن، باھادىر ئىلگىركى چۈشكۈن ھالىتىدىن ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېسىدىن گۈلزىبا نېرى كەتمەيتتى. بەلكىم بۇ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ كىشى قەلبىدە مەڭگۈ يالقۇنجاپ تۇرىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
تۇنجى مۇھەببەت، ئۇ كىشى قەلبىدە يېڭىدىن بىخ سۈرۈپ چىققان نوتا. ئۇ كىشىنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كېتىدۇ. ئۇ تاكى كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغچە كىشى قەلبىدىن ئورۇن ئالدىدۇ. ئۇ كىشى قەلبىدىكى مەشئەل، شۇڭلاشقىمۇ كىشى قەلبىدىكى جىمى نەرسە يوقالمىغۇچە، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلايدۇ. ئۇ شۇنىڭغا قادىركى، خالىسا سېنىڭ غورۇرۇڭنى يەرگە ئۇرالايدۇ، خالىسا سېنى ھەممە نەرسەڭنى قۇربان قىلىشقا تەييار قىلىپ قويىدۇ. ئۇ يەنە شۇنىڭغا قادىركى، مەيلى سەن قەيەردە بولغىن، مەيلى سۆيگەن ئادىمىڭ سېنىڭ يېنىڭدا بولسا-بولمىسۇن، ئۇ سېنى سەن ئارزۇلاپ سۆيگەن ئاشۇ سۆيۈملۈك كىشى ئۈچۈن ئويلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزەڭنى چەكسىز بېغىشلاشقا ئۈندەيدۇ. ھەتتاكى، سەن ئەزىزلىگەن، قەدىرلىگەن ئاشۇ سۆيۈملۈك ئوبراز سېنىڭ يېنىڭدا بولماي باشقا بىرىنىڭ يېنىدا بولغان تەقدىردىمۇ، سەن شۇ تۇنجى مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا، ھەممىنى ئاتا قىلىشقا، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك بەخىت تىلەشكە تەييار.
باھادىر ئۇلۇغ كىچىك بىر تىنىپ، ئاستا ئورنىدىن تۇردى-دة، ئوقۇتۇش بىناسىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى. گەرچە ئۇنىڭ بىلىم تەشنالىقى چاڭقىغان قەلبىنى ئاللىبۇرۇنلا ئوتلۇق مۇھەببەت ئىگەللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا، ئۇنتۇشقا تىرىشاتتى، ئاتا- ئانىسىغا ياخشىراق جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشاتتى. لېكىن ئۇنىڭ خەنزۇتىلى ئاساسى خېلىلا ئاجىز ئىدى. خەنزۇتىلىدا بىر جۈملىنىمۇ تەمتىرىمەي تۈزەلمەيتتى، گەرچە ئەمەلىيەت شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما باھادىر‹ ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار› دەپ كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشاتتى، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنەتتى.
   _ باھادىر، توختاپ تۇرۇڭە؟! سىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپىم بار ئىدى،- دەپ باھادىرنى توختاتتى پاكار، ئەمما ئىككى ئۆرۈمە چېچى ئۇزۇن كەلگەن قارىقۇمچاق بىر قىز.
   _ مەن سىزنى تونۇمىدىمغۇ؟- دېدى باھادىر سەل ھەيران بولۇپ.
   _ سىز مېنى تونۇمايسىز.مەن تۇلۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىسمىم ئالىيە.
   _ نېمە مۇھىم گېپىڭىز بار ئىدى؟
   _ ئارقا مەيدانغا ئۆتسەك بولامدۇ؟! بۇيەردە دېيىش سەل بىئەپ.
   _ بۇ يەردە دېگىلى بولمىغۇدەك قانداق گەپ ئىدى، ظذ؟- دېدى باھادىر تېخىمۇ ھەيران قېلىپ.
   _ بۇ...، بۇ گۈلزىبا توغۇرلۇق گەپ ئىدى.
   _ گۈلزىبا...توغرىسىدا؟- باھادىرنىڭ يۈرۈگى بىردىنلا رېتىمسىز سېلىشقا باشلىدى.
   _ شۇنداق.
   _ ئەمىسە يۈرۈڭ،- دېدى باھادىر گەپنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولۇپ.
   ئۇلار ئىككەيلەن مەكتەپ ئارقا ھويلىسىدىكى پۇتبول مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. باھادىر پات- پاتلا بۇ قىزنىڭ چىرايىغا قاراپ قوياتتى، خۇددى بىر نېمىنى بىلىشكە ئالدىراۋاتقاندەك. ئالىيە مەيدان قىرغىقىدىكى ئورۇندۇق يېنىدا توختىدى.
   _ قېنى ئولتۇرۇڭ!- دېدى ئالىيە ئالىمغا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ.
   _ بولدى. مەن ئۆرە تۇراي. ئادەمنى تەقەززار قىلماي تىزراق دېسىڭىز بولمامدۇ،- دېدى باھادىر جىددىيلەشكەن قىياپەتتە. 
   _ نېمىگە جىددىيلىشىسىز؟ ھازىر جىددىيلەشكەن بىلەن سەل تۇرۇپ كۆزىڭىزدىن ياش چىقارمىكىن؟
   _ يا قان چىقا، ئەزمىڭىزنى ئەزمەي تىزراق دېڭە؟
   ئالىيە ئىككىلەنگەن قىياپەتتە، باھادىرغا بىر قاراپ قويدى-دة، كۆزىنى باھادىردىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ گېپىنى باشلىدى:
   _ باھادىر، مەن ئەسلى دېمەي دېگەن، چۈنكى بۇ ھەم ماڭا مۇناسىۋەتسىز، ھەم سىزنى ئازاپلايدىغان ئىش. ئەمما دېمىسەم، يۈرۈگۈمنى بىر نېمە قاماللاۋاتقاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن. ئالدىنقى شەنبە كۈنى، يەنى سىزنىڭ توغۇلغان كۈنىڭىز بولغان كۈنى، مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۆستەڭ بويىغا قۇم ئەكىلىشكە چىققان. ھارۋىغا قۇم ئۇسۇۋاتقاندا، تۇساتتىىن ئىككەيلەننىڭ كۈلكىسىنى ئاڭلاپ قالدىم، ئۇلارنىڭ بىرى قىز، بىرى ئوغۇل ئىكەنلىكى ئاۋازىدىن بىلىنىپ تۇراتتى، ئەمما شۇنچە قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان كىمدۇ، دەپ قىزىقىپ، ئاستاغىنا ئۆستەڭ قىرغىقىغا چىقىپ قارىسام،- دەپ بولۇپ باھادىرغا قاراپ قويدى ئالىيە. باھادىر ئالىيەنىڭ گېپىنى زەن سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئالىيە گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- قارىسام، ئالىم بىلەن گۈلزىبا ئولتۇرۇپتۇ. مەن بۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىغا قىزىقىپ، قولىقىمنى بەرسەم، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە سىزنىڭ گېپىڭىز چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ گېپىگە تېىخمۇ قىزىقتىم.
   _ ئالىم بىلەن گۈلزىبا؟ ئۇلار يەنە تېخى مېنىڭ گېپىمنى قىلىشتى؟- دېدى باھادىر قاپىغىنى تۈرۈپ.
باھادىر شەنبە كۈنىدىكى ئىشنى ئەسلىدى. شەنبە كۈنى باھادىر ئۆيىدە ئاددىيغىنا توغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى. توغۇلغان كۈنىگە سىنىپتىكى ھەممەيلەنى چاقىردى. ئۇ گۈلزىبانىڭمۇ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغاچقا، گۈلزىبانى ئايرىم تەكلىپ قىلغان ئىدى.
   _ گۈلزىبا مەن سىزنىڭ بارماي قويىشىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن، چۇقۇم بېرىڭ!- دېدى باھادىر گۈلزىباغا ئۈمىدلىك كۆزى بىلەن قاراپ.
   _ بۈگۈن بەك بىئارام بولىۋاتىمەن، پۇت- قولۇمدا ماغدۇرۇم يوق. ئەپۇ قىلىڭ، بارالمايمەن،- دېدى گۈلزىبا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ.
   _ نېمە، بىئارام بولىۋاتامسىز؟ زۇكام تېگى قالغان ئوخشايدۇ. ئۇنداقتا بۇرۇنراق ئۆيىڭىزگە قايتىپ، ياخشىراق دەم ئېلىڭ!- دېدى باھادىر گۈلزىبادىن ئەنسىرەپ.
   مانا ئەمدى، گۈلزىبانىڭ ئۆيىگە قايتماي ئالىم بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئاشكارا بولدى. بۇ باھادىرغا قاتتىق ھار كەلدى. ئۇ ئاچچىقتىن يېرىلاي دېگەندە، ئالىيە ئۇنى نوقىدى.
   _ نېمە بولدى، قېتىىپلا قالدىڭىزغۇ؟
   _ ھېچ،ھېچنىمە، قېنى گېپىڭىزنىڭ ئاخىرىنى دەڭ.
   _ ئالىم گۈلزىبادىن، باھادىرنى خويمۇ ئوبدان بابلىدىڭىز؟ دەپ سورىۋىدى، گۈلزىبا، باھادىر دېگەن قوينىڭ قوزىسى دېڭە. قاراڭ، ھازىرلا تېخى ئۇنى ئالداپ قويۇپ كەلدىم. ئۇ ئەخمەق، مەن نېمە دېسەم شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئەگەر ماڭا جان كېرەك بولۇپ قالسا، جېنىنى ئايىمايدۇ،دېدى. ئالىم يەنە گۈلزىبانى سۆيۈپ قويدى،- دەپلا لېۋىنى چىشلىدى ئالىيە.
   باھادىر ئەمدى بولالمىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا قاراڭغۇلىشىشقا باشلدى. ئۇ ئۆز جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى ئەخمەق قىلىنغاندەك، ھاقارەتكە ئۇچرىغاندەك، خورلۇق تارتقاندەك ھېس قىلاتتى، ئۇنىڭ كۆزى لىققىدە ياشقا تولدى. شۇنداق ئۇنىڭ يېگىتلىك غورۇرى ۋە ئىززىتى دەپسەندى قىلىندى.
راسىت، قىزلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى يىگىتلەرگە خورلۇق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بىرەرسىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان پاجىئە. شۇنداق، كىشى بىرەرسىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتسە چەتكە قېقىلىپ قالىدۇ، كۆڭلى ئازار يەيدۇ. چەتكە قېقىلىپ، ئازار يېسىلا مەيلىتى، ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن تۆگىمەي، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئېغىر ئازاپقا قالىدىغىنى، ھەممىدىن مەھرۇم بولغۇچى، غورۇرى دەپسەنە قىلىنغۇچى يەنىلا شۇ ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرگۈچى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولىدۇ. راست، ئاشىق بەدەل تۆلىشى كېرەك، بەدەلسىز مەشۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. مۇھىمى، مۇشۇ بەدەلنى تۆلەشنى خالاش- خالىماسلىقىدا. ئەگەر خالىسا ئاشىق مۇھەببىتىنىڭ چىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.
   باھادىر ئورنىدىن مىڭ تەسلىكتە قوزغىلىپ، ئېغىرلاشقان قەدەملىرىنى ئاستا- ئاستا يۆتكەپ سىنىپقا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى بىردىنلا بوشىشىپ، يولدا ئارانلا كېتىۋاتاتتى، خۇددى ئازراقلا شامال چىقسا يېقىلىپ كېتىدىغاندەك. ئۇ چىگىش خىياللار ئىلكىدە كۆزىنى بىر نۇختىغا يىغىپ كېتىپ باراتتى، شۇنداق خىياللار بىلەن كېتىۋېتىپ، قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە گۈلزىباغا سوقۇلۇپ ئاندىن ئېسىنى يىغدى. يەنە 
   _ يول ماڭغاندىمۇ ئېسىڭىزنى يوقۇتۇپ ئويلۇنۇپ كەتكۈدەك، زادى نېمە ئىش بولغان ئىدى؟- دېدى گۈلزىبا كۈلۈپ تۇرۇپ باھادىرغا.
   باھادىر لاپپىدە قىلىپ گۈلزىباغا قارىدى، قارىغاندىمۇ نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قارىدى. شۇتاپتا، گۈلزىبانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىۋەتكۈسى كەلدى-يۇ ئەمما يەنە ئۆزىگە ھاي بەردى. ئۇ گۈلزىباغا چەكچىيىپ قاراپلا تۇردى، ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش سىرغىشقا باشلىدى، ياق، بۇ ياش ئەمەس قان ئىدى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان بۇ قىزغا قارىغانچە يىرگىنەتتى، بىزار بولاتتى. گۈلزىبامۇ بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ، كۆزىنى باھادىردىن قاچۇردى. باھادىر ئاچچىىققىنا بىر قاقاقلاپ كۈلدى-دە،يەنىلا شۇنداق سالپايغان پېتى ، ھېچنېمە دېمەستىن بۇيەردىن ئايرىلدى. ئەمما، گۈلزىبا قاتتىق ھەيرانلىق ھىس قىلاتتى، چۈنكى، ئىلگىرى گۈلزىبا باھادىردىن بىرەر ئېغىز گەپ سوراپ قويسا، خوشلۇقىدىن مىڭ ئېغىز گەپ قىلاتتى. ئەمدىچۇ؟ بىر ئېغىز جاۋاپمۇ يوق، يەنە تېخى چەكچىيىپ قاراپ قويدى. گۈلزىبا بۇلارنى ئويلاپ سەل بىئارام بولدى، چۈنكى ئۇنى قانداقتۇر بىرخىل ۋىجدانى تۇيغۇ قىيىن- قىستاققا ئېلىۋاتاتتى. ئەمدى ئۇ باھادىرغا ھەممىنى دېيىش قارارىغا كەلدى.
   « ياق! مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراي. ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلاي. ئەگەر يەنە دېمەي كېتىۋەرسەم، ئۇ ساراڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن....» دەپ ئۆزىگە- ئۆزى پىچىرلايتتى گۈلزىبا.
   گۈلزىبا ئارقىغا بۇرۇلدى-دة، باھادىرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى. ئۇ ھاسىراپ- ھۆمىدەپ باھادىرغا يېتىشىۋالدى. ئۇ باھادىرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇنى توختاتماقچى بولدى، ئەمما باھادىر ئۇنىڭ قولىنى سىلكىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي كېتىپ قالدى. باھادىر ھېچنېمىمۇ دېيىشنى خالىمايتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئۈن سېلىپ يىغلايدىغان خالىي بىر جاي بولسا، ھۆركىرەپ يىغلىۋالغۇسى كەلگەن ئىدى. گۈلزىبا ھېچنېمىمۇ دىيەلمەي، ھەسرەت بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدى.
   ئەجەبلىنەرلىك ئىش، گۈلزىبا باھادىرنى قانداق تىز تاشلاپ كەتكەن بولسا، شۇنداق تىزلا ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئەجابا بۇنىڭ تېگىدە بىرەر ئىش بارمۇ- قانداق؟ ئۇ ئىلگىرى باھادىرغا شۇنداق قوپال تەككەن، كەمسىتكەن، قېنى ئۇنىڭ ئاشۇ تاش يۈرەكلىكى، قېنى ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقى؟ ئۇ باھادىرنى تاش يۈرەكلەرچە تاشلاپ كەتكەن، ئەمدى بولسا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىماقچى، ھەممە ئەھۋالنى دېمەكچى. ئۇ زادى قايسى ئەھۋالنى دېمەكچى؟
   بۇ كۈنى ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى بولۇپ، چۈشتىن كىيىن خەنزۇتىلى دەرىسى بار ئىدى. خەنزۇتىلى دەرىسىدە، ئوقۇتقۇچى «قىيىن» دېگەن سۆزگە جۈملە تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويدى. گۈلزىبا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، دەرستە ئەڭ ئالدىدا بولغاچقا، خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى ئاۋۋال ئۇنى تۇرغۇزۇپ جۈملە تۈزگۈزدى. ئۇ بىر نېمىلەرنى دېگەن ئىدى، ئوقۇتقۇچى« خاۋ » دەپ قويۇپ، دوسكىغا يېزىڭ دېدى. بالىلارنىڭ خەنزۇتىلى ئاڭلاش سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى. ئۇ دوسكىغا يازغاندىن كىيىن بولسا، جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى ھەممەيلەن چۈشەندى. جۈملىنىڭ مەزمۇنى« مۇھاببەتكە ۋىجدانسىزلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈش ھەممىدىن قىيىن.» دېگەن مەزمۇندا ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى باھادىرنىڭ چىرايىغا قاراشتى. باھادىر ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي دوسكىدىكى بىر جۈملە سۆزگە قاراپ قېتىپلا ئولتۇراتتى. سىنىپتىكى بالىلار باھادىر بىلەن گۈلزىبانىڭ ئىلگىركى ھەم ھازىرقى ئىشلىرىنى بىلسىمۇ، نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى تىخى سىر ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ، گۈلزىبانىڭ جۈملىسىگە ئاساسەن، ئەسلىدە باھادىر گۈلزىباغا ۋاپاسىزلىق قىلىپتىكەن-دة، دەپ ئويلىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ گۈلزىبانىڭ باھادىرغا قارىتىلغان كەچۈرۈم سورىشىنىڭ باشلانمىسى ئىدى.
دەرىسخانىدىكى ۋاقىت شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. باھادىر تەنەپپۇسقىمۇ چىقمايتتى، ئۇ كىتابىنى ئېچىپ قويۇپ، شۇنىڭغا مىختەك قادىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقىنىنى، بىر خۇدا، بىر ئۇلا بىلەتتى.
مانا ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىمۇ توشتى. ئوقۇغۇچىلار ئالدىراش ئۆيلىرىگە قايتىشتى. سىنىپتا پەقەت باھادىرلا قالغان ئىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە، سىنىپنىڭ ھەپتىلىك ئىشلىرىدىن خۇلاسە يازدى. سىنىپ خاتىرسىنى يېزىپ بولۇپ، ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ، ئورنىغا كېلىپلا ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ ھۆركىرەپ يىغلىدى، يىغلىغاندىمۇ ئاۋاز قويۇپ، ئەلەم بىلەن يىغلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ يىغلىماي، كۈلسۇنمۇ؟ ھېچنېمە بولمىغانددەك يۈرسۈنمۇ؟ ياق، ئۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ.ئۇنداق قىلسا ئۇ ئادەم ئەمەس، ھىسياتسىز ھەيكەل بولۇپ قالمامدۇ؟ ئۇ يىغلىماي دېسىمۇ ئىلاجى يوق ئىدى، چۈنكى چىن يۈرۈكىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ پىغانلىق ياشنى كىممۇ توسۇپ قالالىسۇن؟ ئۇ بەلكىم بۇنداق قىلىپ يۈرۈكىدىكى پىغانلارنى بوشىتىۋالماقچىدۇ. ئۇ يىغلىۋالسۇن، قېنىپ بىر يىغلاپ، ئىچىنى بوشۇتۇۋالسۇن. بولمىسا بۇ دەرت- ئەلەملەر ئۇنىڭ قەلبىگە ئورناپ قالسا، دىل يارىسى بولۇپ قالمامدۇ؟
   باھادىرئاۋاز قويۇپ يىغلىغانلىقتىن گۈلزىبانىڭ كىرگىنىنى سەزمەي قالدى. گۈلزىبا ئۇنىڭ يەلكىسىگە قولىنى قويغاندىلا، ئاندىن سەزدى. باھادىر يەلكىسىگە تاشلانغان قولدىن چۆچۈپ، ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپلا يېشىنى سۈرتتى-دة، گۈلزىبانى كۆرمەسكە سېلىپ، سىرتقا مېڭىشقا تەمشەلدى.
   _ توختاپ تۇرۇڭ، سىزگە گېپىم بار،- دېدى گۈلزىبا بوش ئاۋازدا.
   _ بىزنىڭ دېيىشكىدەك ئىشىمىز قالمىدى، مېنى ئارامىمدا قويسىڭىز قانداق؟- دېدى باھادىر كەسكىن تەلەپپۇزدا.
   ئۇ ئېغىر قەدەملىرىنى ئاستا- ئاستا يۆتكەپ ئەمدى ئىشىكنى ئېچىشقا تەمشىلگەندە، گۈلزىبا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى. باھادىرمۇ ئارقىسغا بۇرۇلۇپلا ئۇنىڭ ئىللىق قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ گۈلزىبانى مەھكەم قۇچاقلايتتى، ئۇنىڭ گۈلزىبانى ھەرگىز قويۇۋەتكۈسى كەلمەيتتى. بىر ئۆمۈر شۇنداق تۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ گۈلزىبادىن ئازراق بوشىنىپ ئۇنىڭغا قانماي- قانماي بىرھازا قاراپ قالدى، خۇددى ئۇنى تىرىكلا يۇتىۋېتىدىغاندەك.
   ئۇلار بىر- بىرىدىن ئاجرىلىپ دېرىزە يېنىدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى. قىزىق ئىش شۇكى، ئەسلى قىز- يېگىت بىريەردە ئولتۇرغاندا، قىز يىگىتكە يۆلەنسە توغرا بولاتتى. ئەمما ھازىر ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى، ئەكىسچە، باھادىر گۈلزىبانىڭ مۆرىسىگە يۆلىنىۋالدى، بەلكىم ئۇ ئۆزىگە تەسەللى تاپماقچىدۇ. شۇتاپتا باھادىرنىڭ قەلبىدە ئىلگىركى پىغانلارنىڭ ئىزھارى يوق ئىدى.
   _ بىلەمسىز، قارىماققا مەن ئىنتايىن قەيسەردەك كۆرۈنگىنىم بىلەن، ئەمەلىيەتتە مەن بەك ئاجىز، ئەگەر يەنە كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقسام ھەرگىز بەرداشلىق بىرەلمەيمەن،- دېدى باھادىر گۈلزىباغا قاراپ قويۇپ،- بىلەمسىز، سىزسىز يۈرگەن كۈنلەردە، يۈرىكىم سېغىنىش ئىچىدە كۈتىدىغان، مۇھەببەت ئىلكىدە تىپىېرلايدىغان، كۆزلىرىم ئويلىنىش ئىچىدە يىغلايدىغان بولۇپ قالدى. ئەگەر باشقا- باشقا يەردە تۇرۇپ بىرىنى ئۇنتۇشقا توغرا كەلسە، بۇنى قىلغىلى بولغۇدەك. ئەمما، بىر چوڭ قورودا، بىر كىچىك ئۆيدە، پۈتۈن كۈن بىرگە تۇرۇپ، بىرسىنى ئۇنتۇپ كەت دېگەنلىك- تىرىك تۇرۇپ ئۆل دېگەنگە باراۋەركەن. گۈلزىبا، سىز بىلمەيسىز، ئىلگىرى بىرسى ماڭا سىزچىلىك بەخىتنى ھېس قىلدۇرۇپ باقمىغان. ئەلۋەتتە، ئائىلەم بۇنىڭ سىرتىدا. سىز مېنىڭ تۇرمۇشىمغا بۆسۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ھەقىقى بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەگەر كىشىنىڭ ئەڭ بەخىتلىك كۈنلىرىنى ئەسلەشكە توغرا كەلسە، ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمى بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلەرنى دېسە بولىدىكەن. رەھمەت سىزگە، سىز ھاياتىمدە تۇنجى بولۇپ بەخىتنى ھېس قىلدۇرغان، شۇنداقلا، تۇنجى بولۇپ ئازاپنى تېتىتقان كىشى. ئەگەر كىشى خۇشال بولۇشنى، ئازاپ تارتىشنى بىلمىسە، ئۇنىڭ ھايۋاندىن پەرقى قالمايدۇ. مۇشۇ خۇشاللىقلار بولغاچقىلا، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالىدىم، مۇشۇ ئازاپلار بولغاچقىلا، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۈچۈكلىرىنى تونۇپ يېتەلىدىم. مېنى كۆپ سۆزلىدى، دېسىڭىزمۇ مەيلى. مەن سىزگە ئەڭ ئاخىرقى گەپلىرىمىنى دەۋالاي. سىزدىن سوراپ باقسام، سىز دەسلەپ مېنى شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن سۆيۈپ، قەدىرلەپ، كىيىن نېمىشقا بىردىنلا باشقا بىرسىنى سۆيىسىز؟ مېنى خار قىلىسىز؟
   باھادىر گپىنى دەپ بولۇپ گۈلزىباغا قارىغاندا، گۈلزىبانىڭ كىرپىكلىرى ئاللىقاچان نەملىشىپ بولغان ئىدى. باھادىر گۈلزىبانىڭ بۇ كۆز يېشىغا پىسەنت قىلمىدى، چۈنكى ئۇ گۈلزىبانىڭ نېمىشقا كۆز يېشى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
   _ ظازاپنى مةنلا تارتئؤاتىمةن دةپ ئويلامىسز؟ ئەگەر سىز ھەقىقىي ئازاپنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىنىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ ئازابىنىڭ ئاددىي بىر تۇرمۇش سىنىقى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىسىز. مەن دېگەن شەھەردە چوڭ بولغان، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا، ئوغۇللارنىڭ تۈرلۈك ھوجۇملىرىغا كۆنۈپ – پىشىپ كەتكەن. بەز بوپ كەتكەن دېسەكمۇ بولىدۇ،- دېدى گۈلزىبا ئۈستەل يۈزىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ، خۇددى قېيداۋاتقاندەك قىلىپ،- سىزنىڭ ئازابىڭىز مېنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ئۇ مېنىڭ ئازابىم ئالدىدا كىچىككىنە بىر ئىش، خالاس.
   _ نېمە؟ كىچىك ئىش!؟ سۆيگەن يايرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاشنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى بىلەمسىز؟ تېخى ئۆز سۆيگىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا باشقىلار بىلەن ئىشپەش تارتىشىپ يۈرۈيدۇ. دۇنيادا ئۆزى سۆيگەن كىشىسىنىىڭ باشقىلارنىڭ باغرىدا ئەركىن يايراپ يۈرگىنىنى كۆرۈشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك. بىلەمسىز، سىز ئالىم بىلەن بىرگە يۈرگەن كۈنلەردە، ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئۆزۈمدىن بەك ئەنسىرگەن ئىدىم. ئەمما ئۇلۇغ ئاللاھ، مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىدى.
   _ گېپىڭىز تۈگىدىمۇ؟ ئەمدى مەن باشلاي. ئەسلى سىزگە ئېيتماي، بۇ دەرتلەرنى ئۆزۈملا تارتىپ كېتەي دېگەن. ئەمما سىزنىڭ ھالىتىڭىزگە قاراپ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم. راست، مەن سىزنى قوغلاشتىم، سەھرا قىزلىرى بۇنى قىلالمايدۇ، بۇ مەن ئۈچۈن ئاددىيلا بىر ئىش. سىز بەلكىم ماڭا نەپرەتلىنىشىڭىز مۇمكىن، مەن بۇ سىنىپقا شەھەردىن يېڭى چىقىپلا سىزنىڭ تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ، سەمىمىي ، قىزغىن دېھقان ئوغلى ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىدىم، ئەمما مەن سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۇنجى سۆيگۈنۈپ ۋەلىيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ،ئۇنى ئۇنتۇش ئۈچۈن سىزنى ۋاستە قىلدىم. ئەمما مەن خاتالىشىپتىمەن، سىزنى ئاستا- ئاستا ياخشى كۆرۈپ قالدىم، كېيىن يەنە سىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمەلىيەتتە، مەن سىزنى دەپ شۇنداق قىلغان. سىزنى قوغداش ئۈچۈن، چىن دىلىمدىن سۆيسەممۇ سىزدىن ئايرىلدىم،- گۈلزىبانىڭ سۆزىگە يىغا ئارىلاشتى.
   _ مېنى قوغداش ئۈچۈن؟- دېدى باھادىر ئازراق چۆچۈپ.
   _ شۇنداق، سىزنى قوغداش ئۈچۈن قەلبىمدە بىرسىنى سۆيۈپ، كۆرۈنۈشتە يەنە بىرسىنى سۆيدۈم. سىز ئايرىلىشنىڭ نەقەدەر ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتىڭىز. بەرھەق، ئايرىلىش تولىمۇ ئازاپلىق، بولۇپمۇ تىرىك تۇرۇپ ئايرىلىش ھەممىدىن ئازاپلىق. ئەمما، سىز مېنىڭدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشىدىڭىز، مەنچۇ؟ مەن سىزدىن ئايرىلىپ مەجبۇرى باشقا بىرىنىڭ ‹قىز دوستى › بولدۇم. بۇنى قانداق ئازاپ دەيمىز؟ بۇنىڭغا مەن ئۆلۈپ قالمىدىمغۇ؟ بۇنداق خورلۇقنى سىز ئۈچۈن تارتتتىم،- گۈلزىبا يەنىلا شۇنداق يىغا ئارىلاش ئاۋاز بىلەن، ئۈستەلگە تىكىلىپ قارىغان پېتى بۇگەپلەرنى دەۋاتاتتى.
   _ توختاپ تۇرۇڭە، سىز باشقىلار بىلەن يۈرسىڭىز قانداقسىگە مەن ئۈچۈن بولىدىكەن؟ قانداقسىگە مەجبۇر بولۇپ قالدىڭىز؟ ئېنىقراق ئېيتىڭا؟- دېدى باھادىر تېخىمۇ ھەيران بولۇپ.
   _ شۇنداق، باشقىلار بىلەن يۈرسەم سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بۇلۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ ئەھۋال ئۆزگىچە بولۇپ قالدى. بۇ كۈزدە يۈز بەرگەن ئىش ئىدى، يەنى ھېلىقى كۈنى سىزگە ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەن كۈندىن بىر كۈن ئىلگىرىكى چۈشتە. ئۇ كۈنى چۈشلۈك تاماققا سىزنىڭكىگە بارماي، شەھەردە يەيدىغانلىقىمنى ئېيتقانغۇ؟ شۇكۈنى ئۆيگە كىرىپ كىتىشكە ماشىنا توساي دېسەم، ماشىنا ئۇچۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئارىلىق ئانچە يىراق بولمىغاندىكىن، پىيادە كىرىپ كېتەي دەپ ئويلىدىم. ئەمما كۆكداۋاندىكى دوقمۇشقا كەلگەندە ئالىم مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ماڭا قەتئىيلىك بىلەن:« باھادىردىن ئايرىلىپ كەت، بولمىسا باھادىر كۆرگۈلىكىنى كۆرىدۇ. سەنمۇ بىلىسەن، مەكتەپتە مېنىڭ دېگىنىم دېگەن. باھادىرنى ھەر نېمە قىلىمەن دېسەم قىلالايمەن. ھەرقاچان سەن بىلمەيسەن، مېنىڭ قايسى قىزغا كۆزۈم چۈشكەن بولسا ئۇ قىزنى قولدىن چىقىرىپ قويغان ئەمەس. مەن ھازىردىن باشلاپ سېنى قوغلىشىمەن. ئىككىڭلارنىڭ ئىشىدىن تۇلۇق خەۋرىم بار، بۈگۈنلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەت. بولمىسا، مېنىڭ كۆڭلۈم چۈشكەن قىزغا قانات سۆرىگەننىڭ جاجىسىنى تارتقۇزۇپ قويىمەن، ئۇ خۇمسىغا.» دېدى. مەن سىزدىن ئىنتايىن ئەنسىردىم. چۈنكى، سىنىپىمىزدىكى ئابدۇللانىڭ يۈرگەن قىزىنى ئالىم ياقتۇرۇپ قالغان چاغدا، ئالىم ئابدۇللانىڭ مۇھەببىتىگىمۇ شۇنداق دېگەن. ئەمما ئۇ قىز ئۇنىمىغاچقا، ئاخىرى ئابدۇللا قانداق بولدى؟ مەكتەپتىكى بىر مۇنچە يالاقچى ھارىمىلار، ئۇنى كۆرگەنلا يەردە تىل سېلىپ ھاقارەتلىدى، تېخى بىر قېتىم ئابدۇللانىڭ تىل ياندۇرغانلىقىنى دەستەك قىلىپ، ئۇنى قاتتىق ئۇردى. مېنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋرىم بولغاچقا، سىزنى ئازار يەپ قالمىسۇن دەپ، شۇۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئالىمنى خوش قىلىۋەتتىم. مەن ئالىمغا:« بۇ ياخشى پۇرسەت بولدى، مەن ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ، ئايرىلىپ كېتىشكە باھانە تاپالماي يۈرگەنئىدىم. مانا سىز ھازىر ماڭا يانتاياق بولغىلىۋاتىسىز، بۇ ئوبدان بولدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەتىلا بىر ياقلىق بولاي.» دېدىم. ئالىمنىڭ گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. شۇكۈنى بىر كېچە ئۇخلىمىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ باھادىرغا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتايمۇ؟ ياق، ئۇنداق قىلسام ئۇ ھەرگىز ئۇنىمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتەي، ئۇنىڭ ئازار يېيىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن. مەيلىلا، ئەگەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازار يېسەم، بۇمۇ مېنىڭ بەختىم، دەپ ئويلىدىم. ئەگەر سىزگە قوپالراق مۇئامىلىدە بولمىسام، سىزنىڭ مەندىن مېھرىڭىزنى ئۆزەلىشىڭىزگە ئىشەنچىم يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن، سىزگە ئازار بېرىدىغان قوپال گەپلەرنى قىلىپ، سىزدىن ئايرىلدىم. شۇنداقتىمۇ، سىز مېنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىڭىز، ئەكىسچە، ھىسياتىڭىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، بۇنى مەن سېزىپ تۇردۇم. بىلەمسىز، سىزدىن ئايرىلىپ، ئۇ قايسى ۋاقىتتا كۆرۈشەيلى دېسە، شۇۋاقىتتا ھازىر بولدۇم، ئىچىمدە قان يۇتۇپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم. مانا بۈگۈن سىزنىڭ ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ چىدىيالماي، ھەممىنى دېيىش قارارىغا كەلدىم. باھادىر، مېنى ئەپۇ قىلىڭ، سىزنى قىيناپ قويدۇم. ھەقىقەتەن خىجىلمەن.
   گۈلزىبا گېپىنى دەپ بولىشىغىلا باھادىر ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇ سۆيۈملۈك كىشىسىگە زوق بىلەن قارايتتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن تارام-تاراملاپ ياش ئېقىشقا باشلىدى، ئۇ خۇشال بوغاچقا كۆز يېشى قىلدىمۇ، ياكى ئازابلانغاچقىمۇ؟ بۇنى بىلىپ بولغىلى بولمايتتى.
   _ ئەخمەق، ئۇنداق ئېغىر ئازاپنى ئۆز ئۈستۈڭىزگە ئېلىۋالغۇچە، ماڭىمۇ ئازراق قالدۇرۇپ قويسىڭىزبولمامدۇ؟ بۇ ئىشقا مەن ئۆزۈم ئامال تاپالايتتىم. باشقا كەلگەندە باتۇر دەپتىكەن. ئەمدى قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟- دېدى باھادىر گۈلزىبادىن كۆزىنى ئۈزمەي.
   _ قانداق قىلاتتىم،سىزدىن يەنە ئايرىلىمەن، ئالىمنىڭ يېنىغا قايتىمەن. بولمىسا، سىزگە ھەرۋاقىت ئازار يېتىپ قېلىشى مۇمكىن،- دېدى گۈلزىبا قەتئىيلىك بىلەن.
   _ بولمايدۇ! جېنىمنى ئەزرائىل ئالىدۇ. ئۇ مېنى نېمە قىلالايتى.
   _ ئۇنداق دېمەڭ، نەچچە ئاينىڭ ئىشى قالدى. ئەڭ ئېغىر كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ. سىز پەقەت ماڭا ماسلىشىپ بەرسىڭىزلا بولدى.
   _ ماسلىشىپ؟
   _ شۇنداق، مەن ئالىم بىلەن يۈرۈۋىرىمەن، سىز ماڭا، خۇشال يۈرۈپ بىرىسىز، شۇنداق ئاددى.
   _ بۇ مۇمكىن ئەمەس.
   _ ساراڭ، مېنىڭ كۆڭلۈم سىز بىلەن بىرگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت بولامدۇ؟ ئەگەر يەنە ئۇنىمىسىڭىز، شەھەرگە كىرىپ كېتىمەن. قايتا چىقمايمەن.
   _ ئۇ چاغدا مېنى كۆرگۈللىرى كېلىپ قالسا قانداق قىلىلا، بۈزۈركۋار ئالىيلىرى؟- دېدى باھادىر ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ.
   _ ئوۋ، قوشۇلدىڭىزما؟ رەھمەت. ھەراست، سىزگە يەنە بىر ئىشقا رەھمەت ئېيتماقچى.
   _ ۋايجانەي، رەھمەت ئېيتمىسىڭىز بولمامدۇ؟ ‹دوست- دۈشمەن›نىڭ ئوتتۇرىسىدا رەھمەت زۆرۈرمۇ؟- دېدى باھادىر چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ. گۈلزىبا ئۇنىڭ مەيدىسگە بىر- ئىككىنى يىنىككىنە ئۇرۇپ قويۇپ، سۆزىنى داۋام قىلدى.
_ ئەينى ۋاقىتتا، سىزنى ئويلىمىسام تېخى، ئالىمنى بىر تەرەپ قىلمىسام تېخى، ئۆگۈنىشىممۇ بىر تەرەپتە تۇرغان. ھەقىقەتەن قىينالغان ئىدىم، ئەمما سىز ئەلىمىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپ، يالغاندىن خۇشال قىياپەتتە يۈردىڭىز. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. سىزنىڭ بۇ قىلغانلىرىڭىز مېنى تېخمۇ قەيسەر بولۇشقا ئۈندىدى. ھەر قېتىم سىزنىڭ تەبەسسۇمىڭىزنى كۆرسەم، گەرچە يالغان ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، ئۆزۈمدىكى جىمى ئازاپلار يىنىكلەپ قالاتتى، بۇ ماڭا روھى ئوزۇق بولغان ئىدى. بۇندىن كىيىنمۇ ئىلگىركىگە ئوخشاش، خۇشال يۈرۈپ ماڭا ياردەم بىرىڭ!؟
   _ ھىم، چۇقۇم‹ ياردەم بىرىمەن›. كەچۈرۈڭ، مەن يارىماس ئىكەنمەن.
   _ كالۋا، نېمىگە كەچۈرۈم سورايسىز؟ كۆپ ئۆتمەي بىرگە بولىمىز. مەن سىزگە ئېيتتىمغۇ، مېنىڭ يۈرۈگۈم ھەر ۋاقىت سىز بىلەن بىرگە.
   گۈلزىبا گېپىنى دەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇردى-دة، قولىغا بور ئېلىپ دوسكىغا خەنزۇ يېزىقىدا، قىسقا، ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنۇ خەتلەرنى يازدى: ‹ئاي بىلەن كۈن بىرگە، مېنىڭ يۈرۈگۈم بىلەن سېنىڭ يۈرۈگۈڭ ئەبەدىي بىرگە›. ئۇلار شۇنداق قىزغىن پاراڭلاردىن كىيىن قايتىشتى.
بۇ ئىككى ياشنىڭ تەقدىرى قانداق بۇلار؟ ئۇلار راستلا بىرگە بولالامدۇ؟ بۇلارنى يەنە نېمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟

                                                                           5.
   كۈنلەر شۇنداق ئۆتمەكتە ئىدى. باھادىر يەنىلا شۇنداق يالغۇز يۈرەتتى. مانا ھەش- پەش دېگۈچە قىش پەسلىمۇ، باھار پەسلىمۇ ئۆتۈپ كەتتتى. بەشىنچى ئاينىڭ كىرىشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىاھان تەييارلىقىغا جىددى كىرىشىپ كەتتى. باھادىرمۇ ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىش قىلاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئېسىگە ھېچنېمىمۇ كەلمەيتتى. نە ئالىمنىڭ گۈلزىبا بىلەن ‹تارتىشىپ يۈرگىنى›، نە ئىلگىركى ئازاپلار ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى. ئۇ ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شەنبە- يەكشەنبە يالغۇز قالغاندا ئاندا- ساندا گۈلزىبا ئېسىگە كەلگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنى گۈلزىبانى خىيال قىلمايدۇ دېسەكمۇ بولاتتى. مانا بۈگۈن يەكشەنبە، باھادىر ئادىتى بويىچە ھەپتىلىك خاتىرسىنى يېزىۋاتاتتى.
   باھادىرنىڭ بىر خاتىرسى بار بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ئىدى. ئۇ گۈلزىبا بىلەن ئۇچراشقان كۈندىن باشلاپ، بۇ خاتىرنى يېزىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ خاتىرنى مەخسۇس گۈلزىباغا ئاتاپ يازغان دېسەكمۇ بولاتتى. بۇ خاتىرە شۇنداق گۈزەل، رومانتىك ھېسلار بىلەن باشلىنىپ، قايغۇ، ئازاپ- ئوقۇبەت، پىغان بىلەن داۋاملىشىۋاتاتتى. باھادىر ھەپتىدە بىر قېتىم خاتىرە قالدۇراتتى. مانا بۈگۈنمۇ شۇ خاتىرىنىڭ داۋامى ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم ئىلگىركى ھەپتىدىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېڭى قۇرلارنى پۈتتى. ئۇ قاتتىق مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇنۇ قۇرلارنى پۈتىۋاتاتتى:
    ھەيرانمەن، ئادەم نېمىشقا بىرسىنى سېغىنغاندا ئازابلىنىدىغاندۇ؟ بۇ قارشى تەرەپنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىنمۇ ياكى قارشى تەرەپنىڭ دىدارىغا قانالمىغانلىقتىنمۇ؟ ۋەياكى قارشى تەرەپنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكتىنمۇ؟ مەن يەنە شۇنىڭغا ھەيرانمەن، كىشى قارشى تەرەپنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرسىمۇ، يەنە نېمىشقا ئۇنى سېغىنىدىغاندۇ؟ قارشى تەرەپنى كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ؟ بۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى قارشى تەرەپ ئۇنىڭ دىلىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنمۇ؟ ۋەياكى قارشى تەرەپ ئۇنىڭ سۆيگەن، قەدىرلىگەن، ئارزۇلىغان ئادىمى بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟
نېمىشقا، چىن مۇھەببەت ئىگىلىرى ھەممىدىن بەك ئېغىر ئازاپلارغا دۇچار بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ رىيازىتى ھەممىدىن كۆپ تۇرۇقلۇق، ئېرىشىدىغىنى ھەممىدىن ئاز بولىدۇ؟ ئۇلار يەنە نېمىشقا ئۆزى سۆيگەن كىشىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ياش تۆكۈپ، ئەزىزىنىڭ دىدارىغا قانالمايدۇ؟ بۇ ‹ چىن مۇھەببەت كىشىلەر مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغان مۇھەببەت › دېگەننى ئىسپاتلاپ بېرەمدۇ ياكى مۇھەببەت ئىزدىگۈچىنىڭ ھىجرانغا، سۆيگۈ چاچقۇچىنىڭ سەرسانلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەمدۇ؟ ۋەياكى، كىشى ھاياتنى ھەقىقى چۈشەنمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن مۇھەببەتنى چۈشەنسۇن، مۇھەببەت يولىدا ياش تۆكۈپ ، كۈلۈپ باقسۇن دېگەننى چۈشەندۈرۈپ بېرەمدۇ؟
   ھازىر ئويلىسام، كىشى قاچان بىكار تۇرسا، شۇھامان ئۇنى شەيتاننىڭ ھاۋايى- ھەۋەسلىرى چىرمايدىكەن، ئۇنى ئاپىرىپ كىشى ئايىغى باسمىغان چۆل جەزىرلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدىكەن. ئەگەر كىمكى ھاياتلىق يولىدا ئالدىرىمايدىكەن، ئۇنى كۈتىۋالىدىغىنى ھاياتنىڭ سازسىزلىغان ئازاپ- ئوقۇبەتلىرى، كۆڭۈلسىز ئىشلار، پۇشايمان بولىدىكەن، خالاس...
   _ باھادىر، بىرسى سېنى ئىزدەپ كەپتۇ، بالام،- دەپ ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلدى زورىخان ئانا. ئۇ خاتىرسىنى يېپىۋېتىپ، ئورنىدىن تۇرۇشىغىلا، ئىشىكتىن ئالىمنىڭ چوماقچىلىرىدىن بولغان دىلشات كىرىپ كەلدى. باھادىر سەل ھەيران بولۇپ:
   _ سەن نېمىدەپ كەلدىڭ؟- دەۋەتتى.
   _ ئالدى بىلەن مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلمامسەن؟- دەپلا باھادىرنىڭ رۇخسىتىسىز ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى دىلشات.
   _ نېمە گېپىڭ بار؟- دېدى باھادىر قاپىقىنى ئاچماي تۇرۇپ.
   _ بىرىنچى ئايدا، سېنىڭ سىنىپتا گۈلزىبا بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغىنىڭنى بىرسى كۆرۈپ قاپتىكەن، ئەمدى بولغاندا ئالىمنىڭ قولىقىغا بۇ خەۋەر يېتىپتۇ. گەرچە بۇ خەۋەر كېچىكىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئالىم يەنىلا گۈلزىبانى ئوبدانراق بىر تەرەپ قىلىش ئويىغا كەلدى،- دېدى دىلشات قېشىنى ئېتىپ تۇرۇپ .
_ ئوبدانراق دېگىنىڭ نېمە گەپ بذ؟- دېدى باھادىر سەل ھودۇقۇپ.
_ ئەتە چۈشتە، ئالىم يىگىرمىدەك ئاغىنىسىنى باشلاپ كەلمەكچى، ئۇلار كۆكداۋاندىن تارتىپ مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقتىكى تاملارغا، گۈلزىبانى رەسۋا قىلىدىغان خەتلەرنى يازماقچى. قىز بالا دېگەنگە تاياق سالغىلى بولمىغاچ، بۇنداق قىلىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
   _ پەسكەش،- دەپلا غەزەپ بىلەن ئۈستەلگە بىرنى سېلىۋەتتى باھادىر. ئۇ غەزەپلىك مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ چەكچىيىپ تۇراتتى، دىلشات سۆزىنى داۋام قىلدى.
   _ ئالدىرىما، مۇشتۇمۇڭنى ئەتە تۈگسەڭمۇ ئۈلگۈرۈسەن. ساڭىمۇ ياخشىلىق يوق. ئەتە ئەڭ ئالدى بىلەن جازاغا تارتىلىدىغىنى سەن، بەلكىم گۈلزىبانىڭ كاچىتىمۇ بىكار قالماسلىقى مۇمكىن.
   _ ئۆيدىن چىق،ھەزىلەك. يوقال!- دەپ ۋارقىردى باھادىر بار ئاۋازى بىلەن.
دىلشات غادايغان پېتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. باھادىر نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇپلا قالدى.« قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن ئۈچۈن رىيازەت چەككەن سۆيۈملۈك ئادىمىمنىڭ بېشىڭغا كۈن چۈشۈپتۇ. ئەمدى ئۇنى جېنىم بىلەن قوغدايدىغان چاغ كەلدى. ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرگە غورۇرۇمنى قۇربان قىلساممۇ ئەرزىيدۇ. گۈلزىبا، سىز ماڭا ئىشىنىڭ، مەن سىزنى قوغدايمەن. مەن ئەتە نېمىلا بولمىسۇن ئۇلارنى توساپ قېلىشىم كېرەك...» دېگەن خىياللار ئۇنى چىرماۋاتاتتى.
   مانا دەككە- دۈككە ئىچىدىكى زۇلمەت بىر كېچىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. گۈلزىبا بولسا ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇنىڭ دەرسخانىدىكى كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. باھادىر گۈلزىبانىڭ مەڭگۈ شۇنداق خۇشال تۇرۇشىنى ، ئازار يەتمەسلىكنى ئۈمىد قىلاتتى.
چۈشلۈك دەم ئېلىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. باھادىرنىڭ يۈرۈكى سېلىپ، جىددىيلىشىشكە باشلىدى. ئۇ دەرھال گۈلزىبانىڭ يېنىغا بېرىپ، گۈلزىباغا ئەسكەرتىش بەردى.
   _ گۈلزىبا، ھازىرلا سىنىپتىن چىقىپ كېتىڭ، لېكىن ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ كىتىڭ. سىز، ئۇدۇللا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىڭ،- دېدى باھادىر جىددى تەلەپپۇزدا.
   _ نېمىشقا؟ ئالىم بۈگۈن تاماق ئەكىلىدۇ. ئەگەر چىقمىسام ئۆزۈمنى ھەم سىزنى بالاغا تىقىپ قويۇمەن،- دېدى گۈلزىبا ھەيرانلىق بىلەن.
   _ بۈگۈن «تاماق»نى مەن يەيدىغان بولدۇم. ئالىم بۈگۈن سىزنى كەلمىسىمۇ بولىدۇ، دېدى. شۇڭا، گېپىمنى ئاڭلاپ ئارقا ئىشىكتىن ئۆيگە قايتىڭ،- دېدى باھادىر تېخىمۇ سىرلىق تەلەپپۇزدا.
   _ ھىم، ئەمىسە مەن ماڭدىم. سىزمۇ تىزراق بېرىڭ.
   باھادىر گۈلزىبانى يولغا سېلىپ قويۇپ بىرئاز خاتىرجەم بولدى-دة، ئالىمنىڭ ئالدىغا چىقىشقا ماڭدى. ئۇ پەقەت ئالىمنىڭ كۆكداۋاندىن كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭلاشقا، ئۇ كۆكداۋان دوقمۇشىدىكى دۆڭگە كېلىپ توختىدى-دة، تىزىنى گاچچىدە يەرگە قويدى. ئۇ پەقەت مۇشۇنداق قىلساملا، ئۇلارنىڭ پەيلىنى قايتۇرالايمەن، گۈلزىبانىمۇ خەۋىپتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايمەن دەپ قارايتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا بۇنداق قىلىش ئاسانغا چۈشمىدى. ئۇ ئاتا- ئانىسى ئالدىدىمۇ تىزلىنىپ باقمىغان، مانا ئەمدى بىر مۇناپىق ئالدىدا تىزىنى ئەگمەكچى بولىۋاتىدۇ. گەرچە بۇۋاقىتتا ئۇنىڭغا بۇنداق تۇرۇش، ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، قەلبىنىڭ بىر يېرىدە رازىمەنلىك تۇيغۇسى بار ئىدى. مۇھەببەت ھەممىگە قادىر، خالىسا سېنى خانلىق تەختىڭدىن ئايرىيدۇ، خالىسا سېنى گادايلىق ئورنۇڭدىن كۆتۈرىدۇ، ئۆز سۆيگۈنۈڭ ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا رازى بولىسكەن، غورۇرۇڭ پايخان بولسا، يەرگە ئۇرۇلسىمۇ رازى بولىسەن، چۈنكى سەن ئۇنى سۆيىسەن! ئۇنىڭ ئۈچۈن ، پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن سەن ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە رازى. مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچى. 
   بۇ كۈنى ھاۋا ئادەتتىكىدىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن ئىدى. كىشى ئاپتاپتا بىردەم تۇرسىلا، چىلىق- چىلىق تەرلەپ كېتەتتى. باھادىر تەخمىنەن بىر سائەتتەك مۇشۇنداق تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈلگەن بولۇپ، كۆزى قارڭغۇلىشىشقا باشلىدى. ئۇ ئالىملار كېلىپ بولغۇچە، يېقىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ لېۋىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ بەرداشلىق بەرمەكتە ئىدى. تۇيۇقسىز قايرىلما يول تەرەپتە بىرمۇنچە ئادەمنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئالىملار ئىدى. ئۇلار دوقمۇشقا چىقىپلا باھادىرنىڭ تىزلىنىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، سەل ھەيران بولۇپ قېلىشتى. چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم تىزلانغان ئادەمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىشى. ئۇلار پەقەت تېلىۋىزورلاردا بۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرەلەيتتى.
   ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، ئارقا تەرەپتىن دىلشات بىلەن پاراڭلىشىپ كېلىۋاتقان ئالىمغا قارىشىپ تۇراتتى. ئالىم كېلىپلا باھادىرنىڭ تىزلىنىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، باھادىرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى-دة، ئۇنى قاتتىق بىرنى تېپىۋەتتى. باھادىر يومىلانغان پېتى دۆڭدىن تۆۋەنگە دومىلاپ چۈشتى. ئۇنىڭ يۈز- كۆزلىرى توپىغا مىنىلىنىپ كەتكەن ئىدى.
   _ سېنىمۇ ئوغۇل بالا دېگىلى بولامدۇ؟ بىر قىز ئۈچۈن غورورۇڭنى قۇربان قىلىۋاتىسەن، ئەرزىمدۇ؟- دېدى ئالىم باھادىرنىڭ بۇنداق قىلغىنىدىن نارازى بولغاندەك.
   _ ئەگەر سەن ئۇنى مالال قىلمىساڭ، مەن نېمىلا قىلسام ئەرزىيدۇ. ئۇ مەن ئۈچۈن شۇنچە قىلىۋاتقان يەردە، مېىنىڭ قىلغانلىرىم ئۇنىڭ قىلغانلىرى ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ،- دېدى باھادىر بىرتەرەپتىن ئېغىزىنى سۈرتۈپ، بىرتەرەپتىن ئورنىدىن تۇرغاچ. قارىماققا ئۇ قىلچىلىك پۇشايمان قىلغاندەك ئەمەس ئىدى.
   _ ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرى ئالدىدا؟ ھىم، ئالەمنىڭ تېشى تەتۈر چۆرگىلەمدۇ نېمە؟ قارا، ماۋۇ غىتمەكنىڭ گېپىنى!- دېدى ئالىم سەل ھەيرانلىق بىلەن.
   _ سەن بۇنى مەڭگۈ چۈشەنمەيسەن. سەن قىزلارغا پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن يىقىنلىشىسەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نەدىمۇ قىزلارنىڭ كۆڭلىنى، ساداقەت، پاكلىقنى، مۇھەببەتنى چۈشەنگىن. سەن بىر ئۆمۈر مۇھاببەتلەشسەڭمۇ بۇلارنى چۈشىنەلمەيسەن، ھېس قىلالمايسەن ھەم بىر ئۆمۈر بۇلاردىن بەھرىمەن بولالمايسەن. ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ياشىغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيتى، مۇھاببىتىنىڭ نېمە مەنىسى بولسۇن، بۇنداق مۇھەببەت ئەڭ قەدىرسىز مۇھەببەت،- دېدى ئۇ دەسلەپكى تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ، خۇددى ئالىمغا تەنبىھ بىرىۋاتقاندەك.
باھادىر ئەسلى ئالىمغا يېلىنماقچى بولغان، گۈلزىبانىڭ بەختىنى، تىنىچ- ئامانلىقىنى تىلىمەكچى بولغان. مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىشنى بۇزۇپ قويدۇممۇ نېمە دەپ سەل ئەنسىردى. ئەمما، ئەزەلدىن بىرسىدىن بۇنداق مەنىلىك، پەلسەپىۋى گەپ ئاڭلاپ باقمىغان سەھرا يېگىتى ئالىم ، ئەمدىلىكتە ئاچچىقى سەل بېسىلىپ، ئۆزىگە قايىل بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
   ئالىم دۆڭدە بىرھازا تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن، كۈلۈمسىرگەن پېتى تۆۋەنگە قاراپ ماڭدى. باھادىر، ئەمدى يامان بولىدىغان بولدى، ئىشنى بۇزۇپ قويىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغاچقىمۇ، كۆزىنى يەردىن ئۈزمەي تۇرغانئىدى. ئالىم قولىنى باھادىرنىڭ مۆرىسىگە تاشلاپ تۇرپ:
   _ ھازىرقى دەۋىردىمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا رازى ئادەملەرنىڭ بارلىقىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. قارىماققا سېنىڭ مۇھەببىتىڭ چىن مۇھەببەتتەك قىلىدۇ، لېكىن مەن ساڭا دېسەم، چىن مۇھەببەت دېگەن بۇنەرسىگە ھەرقانداق بىر ئاشىق ئېرىشىپ باققان ئەمەس. شۇڭلاشقا، مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلگەن.
   راست، چىن مۇھەببەت كىشىلەر مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغان مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ كەلگەن، بۇندىن كىيىنمۇ ھەم ساقلايدۇ. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا مەڭگۈ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنى ھېچكىمگە ئېرىشتۈرمەيدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەرسىگە ئۆزىنى ئېرىشتۈرىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىنتىلمەيدۇ. شۇڭلاشقىمۇ، چىن نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەزەلدىن بىرسىگە پۈتۈنلەي مەنسۇپ بولۇپ باققان ئەمەس. ئەگەر ئۇ چىن نەرسىلەرنىڭ خالىغان بىرى، بىرسىگە مەنسۇپ بولدىمۇ بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچىنى يوقىتىدۇ، كىشىلەر ئانچە ئىنتىلمەيدىغان ئادەتتىكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، خالاس.
_ دۇنيادا، مەڭگۈلۈك نەرسە بولۇپ باققان ئەمەس. مەن پەقەت چىن نەرسىدىن ئازراق بولسىمۇ بەھرىمان بولسام دەيمەن. مەن ئۇنىڭغا قېنىپ- قېنىپ بىردەم قېنىۋالساملا، بۇ مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك كۇپايە، شۇنىڭ ئۆزى مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم، مېنى نېمە تىزلاندۇرالىدى بىلەمسەن؟ مۇھەببەت. مەن مۇھەببەت بولغاچقىلا كۈلەلىدىم ھەم يىغلىيالىدىم. ئالىم ئاغىنە، مەن گۈلزىبانى ياخشى كۆرىمەن. ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ. بىزگە بەخت تىلىگىن، بىز ۋىسالىمىزغا يەتسەك، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ساڭا كۆپ رەھمەت تىلەيمەن!- دەپ تۇرۇپ كۆزىگە ياش ئالدى باھادىر. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا ئارقىغا بورۇلدى- دة، مېڭىشقا تەمشىلدى، ئالىم باھادىرنىڭ يەلكىسدىن تۇتۇپ ئۇنى توختىۋالدى.
   ـ توختا ئاداش، بىز بىردەم مۇڭداشساق بولامدۇ؟ سېنىڭ خېلى بىلىمىڭ بار ئوخشايدۇ، گەپلىرىڭ ئادەمنى خېلى ئويلاندۇردىكەن،ـ دېدى ئالىم باھادىرغا سەمىمىيلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ. باھادىرمۇ بىر پسسىڭڭىدە بىر كۈلۈپلا ئالىمغا قولىنى ئۇزاتتى. ئۇلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
   ـ بولىدۇ ئاداش، قېنى نېمە گېپىڭلا با، دەڭلا، بىز ئاۋۇ دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشايلى.ـ باھادىر شۇنداق دېدى- دە، ئۆستەڭدىكى سۇدا تەردىن مەينەتلىشىپ كەتكەن يۈزلىرىنى يۇيۇپ ، بىر ئوتلام سۇ ئىچىۋېلىپ خېلى ماغدۇرىغا كىرىۋالدى.
   ـ ئاداش، سەن ئۇ شەھەرلىكنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىكەنسە، ئازراق ئەيۋەشلىسەڭ قولغا كەپ قالىدىغان تومۇچۇققۇ ئۇ؟ نېمىگە شۇنچە جېنىڭنى قىينايسە؟ ياشلىقىڭدا ئويناپ ياشىمامسەن؟ چېكىلىسەن، پىشىسەن؟ ھازىرقى قىزلارمۇ شۇنى خالايدۇ،ـ دېدى ئالىم باھادىرنىڭ ھارغىن كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ.
   ـ راس دەيسىلە ئاداش، مەنمۇسىلىدەك ئەركەك، ئوينىسام مەنمۇ تامامەن ئوينىيالايمەن، مەندىمۇ ياراتقان ئىگىسى سالغان ئاشۇ ھېسيات بار. ئەمما مېنىڭمۇ ئاچا- سېڭىللىرىم بار، كەلگۈسىدە قىزىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەن ھازىر خەقنىڭ قىزلىرىغا قىلسام كەلگۈسىدە ياكى ئاز كۈندە مېنىڭ ئاچا-سېڭىل، قىزلىرىمنىڭ بېشىغا شۇ كۈن كەلمەسمۇ؟ ئانام دائىم ئاكىلىرىمغا ‹ زىنا قىلغۇچى ، زىنا قىلىۋاتقان ئاشۇ پەيتتە ئىماندىن ئاجرىغان ھالەتتە بولىدۇ › دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. مەن ئىمانىمنى ئۆزۈمنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىمگە، شەيتاننىڭ غىدىقلاشلىرىغا، پەسكەش جىنسىي ئىشتىياققا قۇل قىلمايمەن.
   ـ دېگىنىڭغۇ راس ئاداش، لېكىن بەزى قىزلىقى بار قىزلارغا ئۇنداق قىلمايلى دېسەم ‹ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مەن رازى ، خالايمەن ›دەپ ئۆزى بېرىدىغۇ ؟ ئەلۋەتتە، بىز بەزىلىرىنى قەستەن كەچكە قالدۇرۇپ، ئىچىملىكىگە روھلاندۇرۇش دورىسى، ئۇيقۇ دورسى دېگەندەكلەرنى سېلىپ ئۇلارنى  بىر قېتىم قولغا كەلتۈرسەك، ئىككىنچى قېتىم ئۆزلىرى بىزنى ئىزدەيدۇ. يەنە بەزىلىرىنى زورلاپ مەجبۇرىي ئوينايمىز. ئەمما سېكىلەك ( قىزلىقى يوق قىزلارنى كۆرسىتىدۇ ) بولسا چاتىقى يوق ئۆزلىرى تەلەپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ـ دېدى ئالىم كۆپۈپ تۇرۇپ. باھادىرنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ غىدىقى كىلىپ، ئۆزىنى تۇتالمايلا قالدى.
   ـ ئاداش، ماڭا قاراڭلا، دىندا نىكاھسىز زىنا قىلغۇچىنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئېيتىلغان. قىزنىڭلا ئىپپىتى بولمايدۇ، بەلكى ئوغۇلنىڭمۇ ئىپپىتى بولىدۇ، مەن ئوقۇغان بىر كىتابتا ئىپپەت يېگىتلىك ئىپپەت ۋە قىزلىق ئىپپەت دەپ بۆلىنىدىكەن. قىزلارلا ئەمەس، يېگىتلەرمۇ ئىپپەتنى ساقلىشى كېرەك. ئەمما جەمئىيتىمىزدە قىزلارنى بەكرەك تەكىتلەپ، ئوغۇللارنىڭ ئىپەتسىزلىك جىنايىتىگە چەك قويماي، ئېغىر ئالماي ، يول قويۇپ كەلدى. بىر ئوغۇل بىر قىزغا چېقىلىپ قويغانلىقى ئاشكارا بولۇپ قالسا، قىز مەڭگۈ ناپاك، ئەمما ئوغۇل بالا يەنە پاك- پاكىزە ياشاۋېرىدۇ. بۇ بىر ئادالەتسىزلىك، ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى تەڭپۇڭسىزلىق. گەرچە سىلە دېگەن قىزلارنى قانداق ئالداش، قانداق قولغا كەلتۈرۈش دېگەن ئىشلاردىن مېنىڭ خەۋرىم بولمىسىمۇ، ئەمما ئاز- تولا تەسەۋۋۇر قىلغۇچىلىكىم بار. بەلكىم قىزلارنىڭ ھېسياتى 9 ئۆلۈش بولسا، ئوغۇل بالىنىڭ ھېسياتى بىر ئۆلۈش بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. قىزلارنىڭ شۇنداقلا نازۇك يەرلىرىگە چېقىلساڭلا ئۇلار ئۆزىنى تۇتالماي سېلىگە ئۆزىگە تاپشۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما ئېسىڭلىدە بولسۇن ئاداش، مەسىلە قىزنىڭ ئۆزى خالىغانلىقى ياكى يېگىتنىڭ ‹ چارە› لىرى بولسۇن ئەركەك بولغان ئادەمدە ئالدىدىكى قىزغا بولغان قوغداش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. سىلە ئاشۇ سەبىيلەرگە ياكى ‹ خالىغۇچى › لارغا ئۆزۈڭلانى ئاتقاندا بىر گەپ ئېسىڭلىگە كەلسۇن: « ئاستىمدىكى ئۇيغۇرنىڭ قىزى، مىللىتىمنىڭ كەلگۈسىنى تەربىيەلىگۈچى، ئۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىم. زىنا قىلىۋاتقان چېغىمدا ئىماندىن ئاجرىغان ھالەتتە بولىمەنكەن. پوشت ،شەيتان» دەپ ئۆزۈڭلارنى تىزگىنلەڭلار. سىلە زىنا قىلىۋاتقان پەيتتە گەرچە مەخپىي جايلاردا بولسىمۇ، ئۇلۇغ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى بۇنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بولىدۇ، زېمىن تىترەپ، سىلىگە نالە ئوقۇۋاتقان بولىدۇ. بولدى،جىق سۆزلىمەي. بىلىدىغانلىرىم شۇلارلا ئاداش،ـ دېدى باھادىر بىرخىل غەزەپتىن ،ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ.
ـ ئاداش، بىز ئوغۇللارلا گۇناھكارمۇ، نېمىگە بىزنىلا دەيسە، قىزلار ئۆزى خالاۋاتىدىغۇ؟ خالىمىسا نېمىشقا تېلفۇن قىلىپ كۆرىشەيلى دەيدۇ، چاقىرساق چىقىدۇ. كەچكىچە ئېلىپ قالساق قايتىپ كېتەيلى دېمەيدۇ؟ ياتاققا كىرەيلى دېسەم ياق دېمەي كىرىپ بولۇپ، يەنە ئۆزىنى ئاقلاپ، ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى، مېنى ئاياغ ئاستى قىلدى...دېگەندەك پەلسەپە توقۇيدۇ. تېخى بىزگە ئاداشلىرىنى ئاچىقىپ سولاپ بېرىدۇ، شۇمۇ قىزلارغۇ؟ ئەجابا ئۇلاردا گۇناھ يوقمىكەن، ئۇلاردا كاللا يوقمىكەن، بىز نەگە باشلىساق ھەممىنى 2 ياشلىق بالىدەك ياخشى ئىش بولىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان؟- دېدى ئالىم باھادىرغا قارشى مەيداندا تۇرغاندەك قىلىپ.
   ـ ئاداش، مەن قىز بالا ئەمەس، قىزلارنىڭ ھېسياتىنى چۈشەنمەيمەن، چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ. قىزلار كېچىسى ئۆيگە قايتمىسا ياكى كۈندۈزى دوستلىرى ‹ كېپىل› بولۇپ ئۆيلىرىدە ‹ قوندۇرۇپ › قالسا ، رۇخسەت قىلغان ئاتا- ئانىلارغا ئەقلىم ھەيران. ئۆزلىرىنى ياخشى كۆردۈم، مەن رازى ،خالايمەن دەپلا ‹ رازىمەنلىك › بىلەن ‹ يېگىتلىرى› نىڭ قۇچىقىغا ئاتقان قىزلارغا ھەيران. بىر تىببىي كىتاپتىن كۆرۈشۈمچە، قىزلارنىڭ بىر قېتىم يولى ئېچىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتالايدىغانلىرى ناھايتى ئازكەن، تەبىئىي تىزگىنلەش كۈچىنى قىسمەن يوقىتىدىكەن. لېكىن مەيلى ئۇلار قىز ياكى سېكىلەك بولسۇن ئۇلارنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ۋە مەسئۇل بولۇش بىز يېگىتلەرنىڭ مەجبۇرىيتى،غورۇرىمىز. ئۇلارنىڭ پاك بولۇشى بىزنىڭ غورۇرىمىزنىڭ ئۈستۈنلىكى. ئەگەر مىللىتىمىز قىزلىرى ھەم ئوغۇللىرى ئىپەتسىز پاھىشۋازلار، ئىشرەتخورلار، ھاراقكەش ،بەڭگىلەر بولۇپ كەتسە، مىللىتىمىز ئاز كۈندە يوقالمامدۇ؟ ئېتىقادسىز ئەل ئۆز – ئۆزىنى خاراپ قىلغان، ئەڭ رەسۋا ئەلدۇر. ئۇ ئەلدە نە ئىنساپ، نە دىيانەت، نە ئىپپەت، نا بەرىكەت قالمايدۇ. مېنىڭ شۇنى دېگىم كېلىدۇ: « ھەي ئۇيغۇرنىڭ قىزلىرى، يېگىتلىرى، مەن سىلەرگە تىزلىناي، باش ئۇراي، پەسكەش زىنانىڭ ھەم ھەۋەسنىڭ قۇلى بولماڭلار! ئۆز ئىپتىڭلارنى ساقلاڭلار. ئاللاھ ئالدىدا ۋە مىللىتىڭلارنى پات يېقىنقى ئىستقبالى ئالدىدا شەرمەندە بولۇشتىن، رەسۋا بولۇشتىن ساقلىنىڭلار!...» ـ باھادىر شۇنداق دەپ بولۇپلا ئورنىدىن تۇردى- دە ئالىمغا قاراپ: ـ ئالىم ئاداش، مەن بىر پەننىي بىلىم ئالغۇچى ھەم ئائىلىمىزنىڭ، مەھەللىمىزنىڭ ئىسلام دىنى شارائىتىدا ھەممە ئىلىمدىن ئاز- تولا خەۋىرىم بار چوڭ بولدۇم، سىلىنڭمۇ كۆپرەك ئىلىم ئۆگىنىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇ قاراڭغۇ يولدىن تارتىشىڭلارنى خالايمەن، ئاداش، ماڭا بەخت تىلەڭلا، مەن ئۇنى سۆيۈمەن. مەن ئۇنىڭ ۋىسالىغا ئېرىشىشنى خالايمەن. ئەمدى ئۇنى مالال قىلمىساڭلا! ـ دېدى – دە ،ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا مەكتەپكە قاراپ كېتىپ قالدى.
   _ باھادىر، يارايسەن. مەن ئۇنىڭدىن ۋازكېچىمەن، ئەمدى ئۇ ساڭا مەنسۇپ. بۇنداق قىلىشىم ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئەمەس، ھازىرقىدەك جەمىيەتتە شۇنداق مۈشكۈل يولنى تاللىغان بىر ياشقا ئىلھام بىرىش. بارغىن گۈزەللىكنى، چىنلىقنى، ساداقەتنى ساقلاپ قالغىن، تەرەققى قىلدۇرغىن. ئۇلار ساڭا ئوخشاش ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ تېپىشىغا مۇھتاج،- دېدى ئالىم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىراپ.
   گەرچە ئالىم مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغان، بىلىم سەۋىيەسى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، بىلىملىك، ئەدەپ- قائىدىلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيتتى. مانا ئۇ بايىلا تېخى باھادىرنى دۇمبالىماقچى بولغان، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنىڭ ساددىلىقىغا، ھەقىقى ئادەمدەك ياشاش پەلسەپىلىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن چەكسىز ھۆرمەتلەش، قايىل بولۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.
   ئالىم ئۇ ئىككى ياشقا بەخىت تىلىدى. ئەمما تەقدىرنىڭ يەنە قانداق چاقچاقلارنى قىلىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ بەختى ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس. خۇدانىڭ بىرسىگە يەنە قانداق كۈنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقىنى كىممۇ ئالدىن بىلىشكە قابىل بولسۇن!؟
** ** **
   باھادىر پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۇزاق تۇرغانلىقتىنمۇ، ئالىم بىلەن كۆرۈشكەن كۈندىن باشلاپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، بېشى ئوتتەك قىزىۋاتاتتى. بەلكىم ئۇ ئىسسىققا بەرداشلىق بىرەلمەي ئەمەس، بەلكى ئۆزىدەك ئەمدى 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇنداق ئېغىر قىسمەتلەرنىڭ ھارغىنلىقى يەتكەن بولسا كېرەك.
   گۈلزىبا تېخىچە باھادىرنىڭ كېسەل بۇلۇپ يېتىپ قالغانلىقىدىن بىخەۋەر بولغاچقا، سىنىپتا بىر قانچە قىز ساۋاقدىشى بىلەن چاقچاقلىشىپ ئولتۇراتتى. تۇساتتىن سىرتتىن گۈلزىباغا ناتۇنۇش بىرسى كىرىپ كەلدى. ئۇ قىز دەل ھېلىقى ئالىيە ئىدى.
   _ گۈلزىبا، بۇياققا چىقىڭە، سىزگە دەيدىغان ئازراق گېپىم بار،- دېدى ئالىيە غەمكىن قىياپەتتە.
گۈلزىبا بۇ ناتۇنۇش مېھماندىن سەل ھەيران قېلىپ، ھېچ جاۋاپ بەرمەيلا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇلار مەيداندىكى خالىي بىر جايغا كېلىپ توختىدى.
   _ بىلەمسىز؟ مەن گەرچە كىچىك بولساممۇ، مۇھەببەت دېگەننى خېلىلا چۈشۈنىمەن. مېنىڭ باھادىرنى ياخشى كۆرگۈنۈمگە بىر يىل بولاي دەپ قالدى. ئەمما بىزدەك سەھرا قىزلىرى، سىلەر شەھەرلىك قىزلارغا ئوخشىمايمىز. بىر ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالساق، تاكى ئوغۇل بالا بۇنى سېزىپ مۇھەببىتىمىزنى قوبۇل قىلمۇغىچە، بۇنى سەزدۈرمەيمىز. سىلەردەك، ياخشى كۆرسىلا خەت يېزىپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلمايمىز. ئەمما مەن مۇھەببىتىمنى يۇشۇرۇپ قالدىم، چۈنكى ئۇنىڭ سىزنى جېنى بىلەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھىم، بۇنداق دېسەم، مەندىن باھادىرنى تالاشماقچى ئوخشايدۇ دېمەڭ. مەخسىتىم باشقا. مېنىڭ سىزدىن كۈتىدىغىنىم، باھادىرنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلىڭ، ئۇنىڭ كۆزىدىن تامچە ياش ئاقمىسۇن! ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئۆمۈر ئات- ئىشەك بولۇپ ئىشلىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىكى قەرزىڭىزنى ئادا قىلالمايسىز،- دېدى ئالىيە سەل قوپال ئاۋازدا. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ماڭماقچى بولۇپ ئارقىغا بۇرۇلدى.
   _ توختاپ تۇرۇڭە، مەن قانداقسىگە ئۇنىڭغا قەرزدار بولاي؟- دېدى گۈلزىبا سەل ھەيران بولۇپ.
   _ نېمىشقا قەرزدار بولمۇغۇدەكسىز خانقىز؟ ئۇ سىزنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ئالىمنىڭ ئالدىدا، پىژغىرىم ئىسسىقتا بىرسائەت تىزلىنىپ تۇرغان تۇرسا. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا، سىز بۇچاغقا شەرمەندە بولۇپ بولغان بولاتتىڭىز. ھەراس، ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن، باھادىر ئاغرىپ قاپتۇ. تۆنۈگۈن چۈشتە ئالىمغا بىرسائەت تىزلىنىپ تۇرغاندا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ. مەن قارىسام، سىز بۇنىڭغا بەك خوشال بولغان ئوخشايسىز؟ گۈلقەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ئادەم كېسەل بولغاندا يېقىن ئادەملىرىنى بەك كۆرگۈسى كېلىدۇ. ئۇ سىزگە مۇھتاج بېرىپ يوقلاپ قويارسىز!؟
   ئالىيەنىڭ بۇ گەپلىرى گۈلزىبانى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. ئۇنىڭ كۆزىگە لىققىدە ياش تولۇپ، چەكسىز پۇشايمان بىلەن لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.« ئاھ خۇدا، بۇ نېمە كۆرگۈلۈك، مەن نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم. ئەمدى مەن گۇنايىمنى ئۇدۇنيا- بۇدۇنيا تۆلىيەلمەيدىغان بولدۇم. مەن دەسلەپتە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ۋەلىينى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەن، يەنە ئانچىكى سەۋەبلەرنى دەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلغان. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئالىمنى ياختۇرۇپ قالغان، باھادىرغا بولغىنى پەقەت قىزىقىش ئىدى، قىز بالا نېمانچە قانائەتسىز كېلىدىغاندۇ؟ يېنىدا يۈرگىنى، يارى بولسىمۇ، ياخشىراق بىرىنى تاپسا ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كېچىدىغان .ئەمدىچۇ؟ بىرى مەن ئۈچۈن ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىسىنى تەقدىم قىلىپتۇ. قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ماڭا ئاتىغان ئوخشايدۇ.....» ئۇ شۇلارنى خىيال ئويلاپ ئورنىدىن دەس تۇردى-دة، باھادىرغا ھەممىنى دېمەكچى بولۇپ باھادىرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىيە توساپ قالدى.
   _ سىز يەنە نېمە ئىش قىلماقچى؟ ئەمدى ئۇنى ئورنىدىن مەڭگۈ قوپالماس قىلىۋەتمەكچىمۇ؟ ئەمدى بولدى قىلىڭ خانقىز. بۇ ئىشلار مەڭگۈ سىر بولۇپ قالسۇن! ئۇنىڭغا ھازىر دېسىڭىز، ئۇ ئاشۇ ئاغرىق تېنى بىلەن قوبۇل قىلالامدۇ؟ شۇڭا، ئۇنىڭغا ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ دېمەڭ!
   _ ئەمما....
    _ ئەممالىرىڭىزنى قويۇپ، بېرىپ ئۇنى يوقلاپ كېلىڭ. تىز بېرىڭ.
    گۈلزىبا تولىمۇ چاققان قەدەملىرى بىلەن باھادىرنىڭ ئۆيى ئالدىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرۈكىنى قاتتىق پۇشايمان چۇلغۇغان ئىدى. تۇساتتىن زورىخان ئانا ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. ئانا گۈلزىبانى باھادىرنىڭ ھوجرىسىغا باشلاپ قويۇپ، تاماق قىلغىلى چىقىپ كەتتى. گۈلزىبا ئۆيگە كىرگەندە باھادىر چىرايىنىڭ ئۆڭى يوق ياتاتتى. گۈلزىبا باھادىرنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ يىغلاپ تاشلىدى. ئۇ باھادىرنىڭ كارۋىتىغا ئۆزىنى تاشلاپ، ھۆركىرەپ يىغلايتتى. ئۇ باھادىرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
   _ ئەخمەق، مەن ئۆزۈم ئامال قىلاتتىم. ئۇنداق خورلۇقنى سىز تارتقۇچە مەنلا تارتسام بولماسمىدى،- دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ.
   _ يىغلىماڭ، مانا مەن ساق تۇردۇمغۇ؟ سىز بۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ خورلۇق تارتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مانا سىز يېنىمدا تۇرۇپسىزغۇ؟ بۇنىڭ ئۆزى مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم. ئىمتىھانغا بىر ھەپتە قالدى. ئىمتىھاننىڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىڭ! باشقىلارغا پۇرسەت بولسىمۇ، سىزگە قايتا پۇرسەت يوق. سىزنىڭ بۇ ئىككىنچى يىلى، شۇڭا بار كۈچىڭىزنى ئۆگىنىشكە قارىتىڭ. پەقەت سىز ياخشى نەتىجە قازانسىڭىزلا، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. يىغلىماڭ.
   _ ئىم، گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن. تىزراق ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كېتىڭ. بولمىسا مەن ۋىجدان ئازابىدا ئۆلۈپ كېتىمەن،- دېدى گۈلزىبا سىرلىق قىلىپ.
   _ ئاغزىڭىزنى ئۈشتمەڭ. ئەگەر سىز بولمىسىڭىز مەنمۇ ھايال ئۆتمەي سىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىم مۇمكىن.
ئۇلار يەنە قاتتىق قۇچاقلاشتى. ئەمما بۇ قۇچاقلىشىش ئىلگىركى ھەرقانداق بىر قېتىمغا ئوخشىمايتتى. چۈنكى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسدا ئالداش، ئالدىنىش مۇناسىۋېتى مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ يۈرۈكى ئەمدىلا بىرگە سوقۇۋاتاتتى. ئەمما، بۇ بىرگە سوقۇشنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرگەن، دەيسىز.
   ئىچكىرى تۇلۇق ئىمتىھانى ئاخىرلىشىپ، نەتىجە ئېلان قىلىندى. گۈلزىبا مۇتلەق يۇقىرى نۇمۇر بىلەن قوبۇل قىلىش نۇمۇر سىزىقىغا چۈشتى. باھادىر مەكتەپ بويىچە ئىككىنچى بولغان بولسىمۇ نۇمۇر سىزىقىغا ئولىشالمىدى. ئەمما، باھادىر ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنالمىغانلىقىدىن ئانچە ئازاپلىنىپ كەتمىدى. ئەكىسچە، گۈلزىبانىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىغا خۇشال بولۇپ كەتتى. ئەمما، بۇ خۇشاللىق مۇنداق بىر ئىش بىلەن كۆپۈككە ئايلاندى.
ئىچكىرى تۇلۇققا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتىشى بولغاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن كېلىپ چىققان نەتىجە ھەممەيلەننى قاتتىق قايغۇغا سېلىپ قويدى. ئەسلىدە، گۈلزىبانىڭ ئاق قان كېسىلى بولۇپ، خېلى ۋاقىت بولۇپ قالغان ئىكەن، بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ سەزمەپتۇ. پات- پات بۇرنى قانىسا سوغۇقۇم ئېشىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاتتى. مانا ئەمدى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى گۈلزىبامۇ بىلدى. دۇختۇرنىڭ دېيىشىچە، داۋالاشقا ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ ، گۈلزىبانىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ئىدى.
   بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ باھادىرنىڭ بېشىغا توخماق ئۇرۇلغاندەك بولدى. بىر ھەقىقى ئاشىق ئۈچۈن ئۆز سۆيگۈنىنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈشتىن ئارتۇق ئەلەملىك ئىش بارمۇ؟ گۈلزىبا كەتسە، باھادىر قانداق قىلىدۇ؟ راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ گۈلزىبا بولمىسا ياشاشقا ئىشەنچىسى يوق ئىدى. مانا بۈگۈن گۈلزىبا غەيرەتكە كېلىپ ئورنىدىن تۇردى-دة، ئاتا- ئانىسنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، باھادىربىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنى ئۆيى ئالدىدىكى گۈللۈك باغقا چاقىرتتى.
   باھادىر گۈلزىبا بىلەن بۇ قېتىم كۆرۈشىشىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۈشۈش بولۇپ قالغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
   _ باھادىر، مەيلى مەن بۇدۇنيادا بولاي ياكى بولماي، سىز چۇقۇم بەخىتلىك ياشاڭ. سىزدەك ياخشى ئادەملەر چۇقۇم بەخىتلىك ياشىشى كېرەك. مانا مەن ھازىر ئەزرائىل بىلەن جان تالىشىۋاتىمەن. بۇ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن ئادىل جازاسى. بەلكىم، مېنڭ ئۆلۈمۈم سىزنىڭ بەختىڭىز بولۇپ قېلىشى ياكى سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك دەرد- ئەلىمىڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مېنى كەچۈرۈڭ، مەن ئالدىڭىزدا كەچۈرگىسىز گۇناھ قىلدىم، سىزنىڭ پاك مۇھاببىڭىزدىن پايدىلاندىم. مەن پەقەت سىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭىزغا ئېرىشسەم، كۆزۈم خاتىرجەم يومىلىدۇ،- دېدى گۈلزىبا كۆز يېشى قىلىپ.
   باھادىر بۇ گەپلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمەي، سەل ھەيرانلىق بىلەن سورىدى:
   _ سىز قانداقسىگە ماڭا يۈز كېلەلمەيسىز، قانداقسىگە مېنىڭ چىن مۇھەببىتىمدىن پايدىلانغان بولىسىز؟- دېدى باھادىر سوئال نەزىرى بىلەن ئۇنۇڭغا قاراپ.
   _ راست، مەن سىزنى ئالدىدىم، ئەسلى بۇ گەپلەرنى ئۆلۈمۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېتەي دېگەن. سىزنى بىر ئۆمۈر ئالداشنى توغرا تاپمىدىم، كۆزۈممۇ خاتىرجەم يومۇلماسلىقى مۇمكىن. باھادىر مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈمەن دەپ يازغىنىم يالغان ئىدى، ئالىم بىلەن يۈرۈشۈمنىڭ سەۋەبى سىز ئۈچۈن دېگىنىممۇ يالغان. ئەمەلىيەتتە، مەن ياخشى كۆرىدىغان يېگىت باشقا. ئۇمۇ مەن بىلەن بىرگە شەھەردە ئوقۇغان، ھازىر تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇيدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەچكە، سىزدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغان، شۇڭا سىزگە خەت يازغان. ئالىمغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئالدىمنى توسىغانلىقى راست، ئۇ ماڭا سىز توغرۇلۇق تەھدىت سالغانمۇ ئەمەس، مەن سىز ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەنمۇ ئەمەس. پەقەت ئۇنىڭ مېنى مالال قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەن،كېيىنچە ئۇنى ياختۇرۇپمۇ قالدىم. مەن ھەقىقەتەن سىزنى ئالدىدىم، مېنى كەچۈرۈڭ دېگەن تەقدىردىمۇ مېنى كەچۈرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. ئەمما، سىزنىڭ ئالىمغا تىزلانغانلىقىڭىزنى بىلگەن ئاشۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ، ماڭا نەقەدەر سۆيۈملۈك بىلىنگىنىڭىزنى، ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر نومۇسسىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ھازىر مەن سىزگە پەقەت شۇنى دېيەلەيمەن، مەن سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە بولۇپ، گۇناھىمنى يۇياي دېگەن تەقدىردىمۇ مېنىڭ ئامالىم يوق. بەلكىم بۈگۈن، ئەتىنىڭ ئىچىدە بۇ ئالەم بىلەن خوشلۇشۇشۇم مۇمكىن. شۇڭا، سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن گۇناھىمنى تىلىۋالغىلى سىزنى چاقىرتتىم،- دېدى گۈلزىبا كۆز يېشىنى توختىتالماي يىغلاپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتاتتى.
باھادىر بۇلارنى ئاڭلاپ كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ، ئاچچىق بىرنى كۈلىۋەتتى. ئۇ ياكى يىغلاشنى، ياكى كۈلۈشنى بىلمەيتتى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان سۆيۈملۈك كىشىسىنىڭ بىردىنلا يىرگىنشلىك ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى. ئاھ، ئەزبىرايى خۇدا، سېنىڭ بۇ ھۆكۈمىڭ راستلا ئادىل ھۆكۈم بولدىمۇ؟
   باھادىر ھېچنېمىمۇ دېمەستىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ، گۈللۈكتىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى. تۇيۇقسىز گۈپ قىلغان ئاۋاز بىلەن گۈلزىبا يەرگە يىقىلدى. باھادىر ئوقتەك ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ گۈلزىبانى يۆلەپ ئولتۇردى. گۈلزىبا پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، باھادىرنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ گېپىنى داۋام قىلدى:
   _ مەن ئەمدى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىمەن. سىز مەن ئۈچۈن سانسىز قېتىم قۇربانلىق بەردىڭىز، سىزنىڭ تىنغان ھەربىر تىنىغىڭىز، مەن ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل. ئەمما، مەن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا، سىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭىزغا ئېرىشسەم بولامدۇ؟ مېنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كەچۈرۋېتەلەمسىز؟
   _ ئىم، سىزنى ئەپۇ قىلىمەن. چىن دىلىمدىن ئەپۇ قلىمەن. ھەم سىزنى بىر ئۆمۈر سۆيۈمەن، دىلىمدا زىكرى قىلىمەن.- دېدى باھادىر يىغا ئارىلاش ئاۋازى بىلەن.
   _ رەھمەت، مەن سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر نەرسىنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ - دېدى گۈلزىبا باھادىرغا ئۈمۈدلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ.
   _ قېنى دەڭ، جېنىم بىلەن ئۇرۇندايمەن.
   _ مەن سىزگە مۇشۇنداق يۆلىنىپ تۇرۇپ كۆز يۇمسام بولامدۇ؟
_ ئۇنداق دېمەڭ، سىز ھەرگىز ئۆلۈپ كەتمەيسىز. مېنى بۇدۇنيانىڭ دەرت- ئەلەملىرىگە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ئۆزىڭىزلا كەتمەكچىمۇ؟
   _ ياق، مەن كېتىشىم كېرەك. بۇنىغا تەڭرىم يول قويمايدۇ،- ئۇ بىردىنلا ئەلەملىك يىغا ئارىلاش ئاۋازى بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى،- باھادىر، راستىنى ئېيتسام، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەمما كىچىكىپ ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئەگەر سىزنىڭ مۇھاببىتىڭىزنى بۇرۇنراق ھېس قىلغان بولسام، سىزگە بارلىقىمنى ئاتا قىلاتتىم. كەچۈرۈڭ، سىزنى تولىمۇ بىچارىلارچە تاشلاپ كېتىغان بولدۇم، ئەمما چۇقۇم بەخىتلىك ياشاڭ! مېنى كەچۈرگىنىڭىزگە مىڭ رەھمەت، خەير، ئۇدۇنيادا كۆرۈشۈپ قالارمىز،- گۈلزىبا بۇ سۆزىنى دەپ بولۇپلا، باھادىرنىڭ بېلىدىن ئېلىپ، ئۇنى چىڭ بىر قۇچاقلاپلا كۆزىنى ئاستا يۇمدى. ئۇ ئەمدى ئويغانماسقا كەتكەن ئىدى.
ئۇ كەتتى، سانسىزلىغان دىللارنى رەنجىتىپ قويۇپ كەتتى. ئۇ ئەمدى بۇ دۇنيادا مەۋجۇد ئەمەس، ئەمما ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلار، سازسىزلىغان دىللارنى رەنجىتىپ، ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قويىدۇ. ئۇ شۇنچە ئېغىر يۈكنى پەقەت، ئۆزىنى چىن دىلىدىن سۆيگەن، بارلىقىنى ئاتا قىلغان ئادىمىگە قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى.
   گۈلزىبانىڭ ئۆلۈمى باھادىر ئۈچۈن شۇنداق چوڭ يوقىتىش بولدىكى، ئۇنىڭ گۈلزىباسىز ئۆتكەن كۈنى گوياكى ئادەمسىز، مىھرى- مۇھاببەتسىز دۇنيادا ياشىغاندەك ئۆتتى. ئۇ كۈن بويى ئائىلىدە ياكى شەھەردىكى قەبرىستانلىقتا بولاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېسىنى يېرىم يوقاتقان ئىدى. بالىلىقتىكى سەبىي سۆيگۈنىڭ ئىزناسى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم بۇ سۆيگۈ ئوتى ۋە ھىجران ئازابى كەلگۈسىدە ، ھەتتاكى باھادىر كۆز يۇمغىچە ئۇنىڭ قەلبىدە يالقۇنجاپ، چۆكمە بولۇپ تۇرىشى مۇمكىن. 


                                                                        6. 
   ۋاقىت ھەممىگە قادىر، ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ھايات كىشىنى ياشاشقا چاقىرىدۇ. ھەرقانداق دەرت- ئەلەمنىڭمۇ ئۇنتۇلىدىغان، جۇدالىقتىن كېيىن تاتلىق بەخت كۈلبىسى قۇچاق ئاچىدىغان ۋاقىتمۇ بولىدۇ.
رەھىمسىز كۈز شامىلى، سانسىزلىغان ياشلىقلارنى خازان قىلىپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسەن قىلماقتا ئىدى. شەھەرنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان قەبرىستانلىققا بارىدىغان يولدا، ئەنە شۇ خازان ئۈستىگە دەسسەپ، چىرايلىرى تاتارغان بىرسى دەلدەڭشىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ دەل باھادىر ئىدى. ئۇنىڭ چىرايىدا نە ئىلگىركى خۇشخويلۇق، نە ئىلگىركى ئۈمىدۋارلىق يوق ئىدى. ئۇ بوينىنى قىسىپ، غېرىپلىق بىلەن قەبرە ئالدىغا كېتىپ باراتتى. يولدا كۆرگەنلەر ئۇنى« ساراڭ بولۇپ قاپتۇ » دەپمۇ قېلىشاتتى. مانا ئۇ قەبرە ئالدىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قەبرە ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، گۈلزىباغا نىدا قىلىشقا باشلىدى:
   _ گۈلزىبا، ئاڭلاۋاتامسىز؟ مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم، مەن سىزنى يەنە مەڭگۈ يوقلاپ كېلىمەن، سىزدىن باشقا ھېچكىمنى يوقلىمايمەن. قاراڭ، سىزگە، سىز ئەڭ ئامراق يۇلغۇن چېچكى ئېلىپ كەلدىم. بۇنى قويۇپ قوياي، بۇنى كۆپرەك پۇراڭ. ھەراست، سىزگە بېرىدىغان بىر سوۋغىتىم بار، تىزراق بۇياققا چىقىڭ. مەن بىلەن ئەمدى مۆكۈ- مۆكۈلەڭ ئوينىماڭ. بۇ ياققا چىقىڭ دەيمەن، مېنى كۆرگىڭىز كەلمىدىمۇ؟ مېنىڭ سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى. بىلدىڭىزمۇ ، چىقىڭ دەيمەن، تىزراق چىقىڭ!- ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ قەبرە بېشىدا ئۇخلاپ قالدى.
تۇيۇقسىز بىرىنىڭ قولى ئۇنىڭ يەلكىسىگە يېنىك تاشلاندى، باھادىر قەبرىستانلىقتىكى بۇ « ناتونۇش » قولدىن سەل ئەندىكتى بولغاي، ئىتتىكلا ئورنىدىن قوزغالدى.
   ـ سىز...بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟ـ دېدى باھادىر ئالىيەنى كۆرۈپ .
   ـ ئۆيىڭىزگە سىزنى ئىزدەپ بارسام زورىخان ئانام سىزنى يەنە شەھەرگە كىرىپ كەتتىمىكىن، ھەقاچان قەبرىستانلىقتا دېدى. شۇڭا سىزنى مۇشۇ يەرگە ئىزدەپ كەلدىم. باھادىر، سىز مەكتەپتىكى ئوغۇللارنىڭ كۆزى ئىدىڭىز، ئۆگىنىشىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى. ئۆزىڭىزنى بۇنداق تاشلىۋەتسىڭىز بولمايدۇ. گۈلزىبامۇ بۇنى خالىمايدۇ، سىز قانچە بەختلىك، خۇشال ياشىسىڭىز ئۇنىڭ روھىمۇ قورۇلمايدۇ. قەددىڭىزنى رۇسلاڭ! يېگىت يېقىلغان يەردىن تۇرالىسا يېگىت. باھادىر مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن. بىز بىرلىكتە سىزنىڭ ئۇ ئازاپ كۈلبىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرايلى بولامدۇ؟!- ئالىيە شۇنداق دېدى- دە قارىقۇمچاق يۈزى ۋە قولىقىغا قىزىللىق يۈگۈرۈپ، خىجىل بولغىنىدىن چېچىنى سىلىغىنىچە يەرگە قاراپ تۇرىۋالدى.
   ـ بىلەمسىز، مەن ئەمدى ھېچكىمنى سۆيەلمەيمەن، كۆڭۈلمۈ بېرەلمەيمەن. ئۇنىڭغىلا سادىق بولۇپ ياشايمەن. يالغۇز ياشاشنى تاللىدىم.ـ دېدى باھادىر، خۇددى قەبرە ئالدىدا گۈلزىباغا ۋەدە بېرىۋاتقاندەك.
   ـ سىز ساراڭمۇ؟ ئويغۇنۇڭ، رىئاللىققا قايتىپ كېلىڭ، سىز بەك كۆپ كىتاب ئوقۇپ خىيالىي دۇنياغا كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ ئادەم دۇنيادا يالغۇز ياشىيالمايدۇ. ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. زاماننىڭ رەپتارىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. بۈگۈن سىزگە دەۋېرەي، مېنى كەچۈرۈڭ، مەن سىزنى ساقلىغىلى ئىككى يىل بولدى. ئەمما مەن سىزنىڭ قەلب كۆزىڭىزدە قىلچىلىكمۇ يوق. مەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە سىزگە سادىق بولۇپ تولۇقلايمەن. خالامسىز؟ باھادىر، مېنىڭ بۇلارنى دېمىكىم، بۇنداق غەيرەتكە كەلمىكىم ئاسان ئەمەس،ـ دېدى ئالىيە ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىن ياش تاراملاشقا باشلىدى.
   ـ ئالىيە، ئەمما مەن ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمەسلىكىم، ھەرۋاقىت ئەسلەپ تۇرىشىم مۇمكىن. سىز مېنى تاللىسىڭىز، مەن بىلەن ئائىلە قۇرغان تەقدىردىمۇ بەختسز بولۇپ قېلىشڭىز مۇمكىن. سىزگە زىيانكەشلىك قىلىشنى، ئازار بېرىشنى خالىمايمەن.ـ دېدى، باھادىر روھسىز قىياپىتى بىلەن ئالىيەگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ.
ـ باھادىر، مەيلى، مەن ھەممىنى ئويلاپ قويدۇم. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. مېنى سۆيمىسىڭىزمۇ مەيلى، پەقەت سىز يېنىمدا بولسىڭىزلا ماڭا كۇپايە. مەن سىزنى ئىللىق مۇھاببىتىم بىلەن، ساداقىتىم، پاكلىقىم بىلەن ئېرىتىمەن، ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىمەن. تېخى ۋاقىت بار، بىز ئەمدى 16 ياشقا كىردۇق. ئۈمىدۋار بولۇڭ. مەن سىزدىن ۋاز كەچمەيمەن. سىزنى بەختلىك قىلىمەن! يۈرۈڭ، ئۆيگە قايتايلى،ـ ئالىيە شۇنداق دېدى-دە، ئۆزىمۇ بىلىپ – بىلمەي باھادىرنىڭ قولتۇقىدىن يۆلىۋالدى، باھادىر ئالىيەگە قاراپلا قالدى، ئۇنىڭ كۆزىدىن مۇنچاق- مۇنچاق ياشلار تۆكۈلدى. بۇ ئازاپ يېشىمۇ ياكى تەبەسسۇم يېشىمۇ بىلىپ بولمايتتى. ئۇلار شۇ يۈرگىنىچە قەبرىستانلىقنىڭ توپىلىق يولىدىن ياندىشىپ ئۆيگە يۈرۈپ كەتتى.

   كىشى گەرچە بۇ دۇنيادا ئارزۇ- ئارمانلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ ياشىسىمۇ، ئەمما كىشى بۇ دۇنياغا ئارمان بىلەن كۆز ئېچىپ، ئارمان بىلەن ياشاپ، يەنە ئارمان بىلەن كۆز يۇمۇدىكەن.
ھاياتلىقتا بەزىدە بىر ئادەمنىڭ خۇشاللىقى ئىككىنچى بىر ئادەمنىڭ خۇشاللىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلگە كېلىدىكەن. بۇ بولۇپمۇ مۇھەببەت سەھنىسىدە كۆپ كۆرىلىدىكەن. كىشى ئۆزىنى پەقەت مۇھەببەت ئالدىدىلا ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيدۇ ۋە پىشىپ يېتىلىدۇ. بۇ سەھنە ھەقىقىي ئىنسانلارنى سىنايدىغان، ئادىمىيلىك سېپىگە قوشىدىغان سەھنىدۇر...
** ** **
   پىغانلىق يىللار، غەۋغالىق تۇرمۇش، تەلۋە ياشلىق، ئېزىتقۇ يوللار، نادانلىق، باغرى- تاشلىق، ئادالەتسزلىك، ئەگرى- توقاي تۇرمۇش يولى، ۋەسۋەسە، پۇشايمان، ھاقارەتلىك ئېغىر مۇساپە، دەپسەندى بولغان ياشلىق تارىخ بېتىدە، نومۇسلۇق، يىرگىنىچلىك قارا داغلارنى قالدۇردى.
_ ئۈزۈندە.

              مەنبە : ئۆز قەلىمىم  
              ____ زىيالىي

(  مەزكۇر ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا   خەنجەر، ئۇدۇن ئوغلى،  نەۋقىران، كۆزۈم قاتارلىق باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنىڭ قىسمەن تەكلىپى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتىم، بولۇپمۇ خەنجەر ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت، ئېيتىمەن، تېمامنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىدى )

  (  مۇنبەرداشلار_  ئەسەرنىڭ 5- بۆلىكىدىكى گۈلزىبانىڭ تەقدىرى ۋە 6- بۆلىكىدىكى مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەك قىينالدىم،  مۇمكىن بولسا ئەسەردىكى گۈلزىبا بىلەن باھادىرنىڭ تەقدىرىنى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىش يوللىرى بولسا،  ئىنكاس بىلەن قوشۇپ، تەكلىپ  دەپ قالدۇرۇپ قويساڭلار)

    دىققەت _____ :  باشقا ژورناللاردا ياكى  مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
adella + 100
kuzum + 200 مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىپتتۇ ئىنىم
musilina + 150 ۋەقەلىك ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 450   باھا خاتىرىسى

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31896
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4080
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2011-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 05:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:157]ھەي مۇخەببەت....... سەن كىملەرنى نىمە كويلارغا سىلىۋاتىسەن ھە؟سەۋىر قىلايلى بۇ كۈنلەرمۇ وتۈپ كىتەر

نازاكەت

كۆڭۇلچەك ئىنسان ......

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25491
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5453
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1840 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 06:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىزدىن    بەكمۇ   تەسىرلەندىم.......   مۇشۇنداق     ئېسىل     ئەسەرلەرنى    كۆپلەپ   يېزىپ    چىقىشىڭىزغا    تىلەكداشمەن......... [s:166]

باشقىلارنىڭ  بەخىتسىزلىكىگە  كۇلۇش  ۋىجدانلىق  ئادەمنىڭ   ئىشى  ئەمەس....

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 07:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ لېكىن ئاۋۇ باھادىرنى يىغلاڭغۇ قىلىپ تەسۋېرلىگىنىڭىز  بولماپتۇ چۈنكى تۇرمۇشتا قىزلارنىڭ ئالدىدا يىغلىغان ئەرلەر ئەڭ ساختىپەز كاززاپ دەپ قارىلىدۇ ئەمىلىيەتتىمۇ ئاياللارنىڭ ئالدىدا يىغلىيالىغان ئەرلەرنىڭ قۇلىدىن ھەربالا كىلىدۇ ،

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ
ئۇدۇن ئو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 07:43:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كۆڭۈل يەتكەن يەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31910
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4235
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2011-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 07:52:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى تولۇق ئۇقۇپ چىقتىم .. بىردە گۈلزەباغا نەپرەتلەنگەن بولسام ، بىردە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى ، ئەڭ ئىچىم ئاغرىغىنى باھادىر بولدى ، بىچارە ئۆزىنىڭ ئېغىر ئازابلاردا قېلىشىنى ئويلىمىغاندە .  [s:144]

ئاقنى قارا دېگەنگە قارا بوپكەتمىسىمۇ ، قارامتۇل كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ .

ئەزىز ئىمىر يانغ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1354
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 21477
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 07:52:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردىن ئاۋۋال ئۇرۇن ئىگەللەپ تۇرۇپ ، ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ چىقاي . ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمىنى يازىمەن ...

قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 08:57:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلدىم، بۇنىڭدىن يېزىش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس...

مۇھاببەت يولىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلار،پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى، ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىشى،ۋەقەلىك يېشىمى...قاتارىلقلار ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، تىل ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ خېلى كۈچەش بار.ئومىمىي جەھەتتى ئالغاندا ئەسەر خېلى مۇۋاپپەققىيەلىك چىققان....

بولسا باشقۇرغۇچىلار ما تېمىنى نادىرلاشنى ئويلۇشۇپ بېقىڭلار...

باھادىر بىلەن گۈلزىبانىڭ ( قوشۇمچە ئالىيەمۇ بار) مۇھاببەت كەچۈرمىشلىرى ،ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن سۆز -ئىبارىلىرى ئۇلارنىڭ ياش ئۆلچىمىگە نىسپەتەن بەك بالدۇرلۇق قىلىپ قالغاندەك، ئۇلارغا ماس كەلمىگەندەك ھېس قىلىپ قالدىم....
بۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆزقارىشى خالاس....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8534
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3476 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 09:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف...ئاخىرى ئوقۇپ بولدۇم. تۇرمۇش چىنلىقى يۇقىرى ئەسەركەن. تۇنجى مۇھەببەت دىگەن ئادەمنى نىمە كويلارغا سالمايدۇ..... قەلەم ئىگىسىگە تەشەككۈر...

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15632
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6163 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 10:27:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز ئۇقۇغۇچىنىڭ دادىللىق بىلەن يىگىتكە مۇھاببەت ئىزھار قىلىشى 15 ياشلىق بۇ بالىلارنىڭ خارەكتىردە ھازىرقى جەمىيەتنىڭ تەرەقىياتىغا قارغاندا يوق دىگىلىمۇ بولمايدۇ ، گەرچە بۇخىل سەبى مۇھاببەتنى ھەممەيلەن باشلىنشى بالدۇر دەپ پەرەز قىلغان بولساقمۇ ،لىكىن بۇ ھازىر تۇسۋالغىلى بولمايدىغان ئۇقۇغۇچىلار تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ قالدى . مەن شەخسى قارشىمچە بولغاندا بۇ رىئاللىقتىكى تۇللۇقسىز ئۇقۇغۇچىلىرنىڭ بالدۇر يىتلىشىگە قارتا ئەپسۇسلىنىش تۇيغۇسىدا قارايمەن ، لىكىن قىزلاردىكى دادللىق بىلەن ياخشى كۆرگەن يىگىتكە كوڭلىنى ئىزھار قىلىشنى مەن رىئاللىقتا 11 يىل بۇرۇن  خىزمەتكە يېڭى چىققاندا ئاۋال ھەقىقى يۇلۇقمىغان بولسام بۇنى تاپتىن چىققانلىق دەپ قارايتىم ، مەن ئىلگىرى بۇخىل ئىشلارغا يۇلۇقۇپ باققان ، قاتتىق ئويلىنىپمۇ قالغان ،ئاخىردا ئۇ قىزنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئۇقۇدۇم .
     بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ بۇخىل ئىدىيلەرگە ئىگە قىزلارنىڭ بارغانسىرى يشنىڭ كىچىكلەۋاتقانلىغىنى ھىس قلۋاتىمەن ...........

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش