تۇغۇلغان كۈن
( ھىكايە )
مۇساجان تۇردى
‹‹ مەنمۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئادىلەگە ئوخشاش رېستۇراندا ئۆتكۈزمەيدىغان بولسام ، ساۋاقداشلىرىم ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ قالسۇن … ››
ـ گۈلنىگار ! …
ئانىسىنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئىسىگە كەلگەن گۈلنگار ، بۇ ئويىنى بالدۇرراق ئانىسىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشنى ئويلاپ ئۆيگە كىرىپلا ئانىسىغا :
ئانا بىر ھەپتىدىن كىيىن قانداق كۈن ؟ ـ دىدى .
شۇنچە نۇرغۇن ئىشلاردىن قايسى بىرى ئىسىمدە قالسۇن قىزىم .
قىزىنىڭ تۇغۇنغان كۈنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭىزما ؟
ئىسىم قۇرۇسۇن ، قىزىم ، دەماللىققا ئەسلىيەلمەپتىمەن .
ئانا ، سىنىپىمىزدىكى ئادىلەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئاتا – ئانىسى رېستۇراندا ئۆتكۈزۈپ بىرىپتىكەن ، شۇنداق قىززىپ كىتىپتۇ . بىر ھەپتىدىن بۇيان سىنىپتا شۇ تۇغۇلغان كۈننىڭلا گېپى . مەنمۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى رېستۇراندا ئۆتكۈزەيچۇ ؟! ــ دىدى گۈلنىگار ئەركىلەپ .
ئادىلەنىڭ ئاتا ئانىسى كادىر ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىمىزمۇ بازاردىن ئون نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتا ، بېرى كىلىشىمىز قولايسىز بولۇپ قالارمىكىن ، ئۆيدە ئوبدان تاماقلارنى ئىتىپ بەرسەم ساۋاقداشلىرىڭىزنى ئۆيگىلا چاقىرسىڭىز ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈپ بىرەي ، قانداق ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە رېستۇراننىڭ تامىقىنى بەك قىممەت دەپ ئاڭلايمەنغۇ ؟!
سىلەرنىڭ تۆت بەش بالاڭلار بارمىدى ــ يە ، بىر بالاڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بىرەلمىسەڭلار ، سىلەر قانداق ئاتا ـ ئانا … ــ گۈلنىگار تامىقىنىمۇ يىمەي ، ئىشىكنى ‹‹ جاڭڭىدە ›› يېپىپ چىقىپ كەتتى .
قىزىم ، سىزنى چۆچۆرىگە ئامراق دەپ ئەتكەن ، بىر قوشۇق بولسىمۇ ...
نۇرىخان ئانا قىزىنىڭ ئارقىدىن چىققاندا گۈلنىگار خېلى بىر يەرگە بېرىپ بولغان ئىدى يالغۇز قىزىنىڭ رەنجىپ قېلىشىى نۇرىخان ئانىنىڭ يۈرەك سانجىقى كىسىلىنى قوزغاپ قويدى . ئۇنىڭ بۇ نىجىس كىسىلى بەچچە يىلدىن بېرى بۇ ئائىلىنى ئىلگىرى باستۇرمايۋاتاتتى . ئاران كىلىۋاتقان بۇ ئائىلە ئۈچۈن رېستۇراندا تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ، يوتقانغا قارىماي پۇت سۇنغانلىق ئىدى . گۈلنىگارنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى باتناپ تۇرىۋىلىشى ئاتا ـ ئانىسىنىڭ يۈرىكىگە يىڭنە سانجىغاندىنمۇ بەك ئېغىر كەلدى . گۈلنىگار شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەندە ، گۈلنىگارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى رېستۇراندا تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ئۈچۈن كىتىدىغان پۇلنىڭ غېمىدە ئىدى . ئېتىز ـ ئېرىق ئىشلىرىنى تاشلاپ پۇل ئۆتنە ئېلىش ئۈچۈن نەچچە ئۆيگە ئۈمۈد بىلەن كىرىپ ، نائۈمۈد قايتىپ چىققان قاسىماخۇن ئاكا ئاخىر دىھقانچىلىقتا بىردىنبىر يانتاياق بولۇپ كىلىۋاتقان ئىشىكىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى .
ئەتىسى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا نۇرىخان ئانا دومسىيىپ ئولتۇرغان قىزىغا يەنە بىر قېتىم نىسىھەت قىلىپ بېقىش ئويىغا كەلدى – دە :
قىزىم پۇل بولغان بولسا تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى نەدە دىسىڭىز شۇ يەردە ئۆتكۈزۈپ بەرگىمىز بار ئىدى . بىراق … ــ قىزنىڭ بويۇن تولغاپ ئېچىلماي تۇرغانلىقىنىنى كۆرگەن ئانا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ، ــ بوپتۇ ، قىزىم ، ئەتە ساۋاقداشلىرىڭىزغا ئىيتىپ قويۇڭ ، ئۆگۈنلۈككە ‹‹ تۇلۇنئاي ›› رېستۇرانىدا تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بىرەيلى .
نىمە ؟! رېستۇراندا ئۆتكۈزەمدىم ؟ ئەجەپ ياخشى …
شۇنداق قىزىم ! دادىڭىز ئەتە ئىشىكىمىزنى بازارغا ئاپىرىپ ساتسۇن ، شۇنىڭ پۇلىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ … بوپتىمۇ ؟
ئەجەپ ياخشى بوپتۇ ، ئەمدى مىنىڭ ئاتا ـ ئانامغا ئوخشىدىڭلار …
ئەتىسى گۈلنىگارنىڭ ساۋاقداشلىرى
رېستۇرانغا يىغىلدى . ئىككى ئۈستۈلگە سىغدىلىپ ئولتۇرۇشقان مىھمانلارنىڭ بەزىلىرى تىلۋىزوردا كۆرگەن ئەمما يىيىش نىسىپ بولۇپ باقمىغان تائاملارنى قانداق يىيىشنى بىلمەي قاراپ قالسا ، بەزىلىرى رەڭگارەڭ چىراقلارغا قاراپ قېلىشقاندى . گۈلنىگار بۈگۈن بۆلەكچىلا خۇشال ئىدى . ئەمما ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ كۆز ئالدىغا نەچچە يىلدىن بېرى ئېغىر كۈنلەردە پۇتىغا – پۇت ، قولىغا قول بولغان رايىش ئېشىكى كىلىۋىلىپ ، قوللىرى ئىختىيارسىز تىترەيتى . ئىككى ـ ئۈچ سائەت داۋاملاشقان تۇغۇلغان كۈن سورۇنى 400 يۈئەننىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇپ سائەت ئونلاردا ئاخىرلىشىپ ، ئىشەك ساتقان 600 يۈئەندىن بىر پۇڭمۇ قالماي تۈگىدى . ئەتىسى ساۋاقداشلرنىڭ ھەممىسى گۈلنىگارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋىلىپ تۇغۇلغان كۈن سورۇنىنى داڭلاۋاتقان شۇ پەيىتتە ، ئىشىكىدىن ئايرىلغان قاسىمئاخۇن ئاكا بىلەن نۇرىخان ھەدە ئېتىزغا تۆكىدىغان قىغ - توپىلارنى يۈدۈپ توشىماقتا ئىدى . مۇشۇنداق ئېغىر ئەمگەك ئەسلىدىنلا كىسەل چېقىپ قورايدەك قىلىپ قويغان نۇرىخان ھەدىنى ھالىدىن كەتكۈزگەندى …
تېز بول ، قىزىم ، ئاناڭ بولالمايۋاتىدۇ .
نىمە ، ئانام قەيەردە ؟
دوختۇرخانىدا ، تىز بول قىزىم .
ئاتا ـ بالا دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئانا سەكرەتقا چۈشۈپ قالغاندى .
ئانا ، نىمە بولدىڭىز ؟
كىسەل بوزەك قىلىۋاتىدۇ ، قىزىم ، پۇل يوق نەچچە كۈن بولغان دورامدىن ئايرىلىپ قالغىلى ، بۇنىڭدىن كىيىن دادىڭىزنىڭ ئالىغا يىتىڭ ، قىزىم . ياخشى ئو … قۇڭ ! ــ ئانا شۇ سۆزلەرنى پىچىرلاپ ئاران دىدى – دە ، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى .
گۈلنىگار مەنمەنچىلىك قىلىمەن دەپ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنىپ زار – زار يىغلىدى . ئۇ قاتتىق ناننى غاجىلاۋاتقاندۇ ، دۆۋە – دۆۋە كىرلەرنى ئۅزى يالغۇز يۇيۇۋاتقاندا ئانىسىنىڭ قەدرىگە تازا يەتتى ، قاقشىدى ، ئاھ ئۇردى … بىراق ئۇ ھەر قانچە پۇشايمان قىلسىمۇ ھىچ ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ - دە !
ئاپتۇر : كۇچا ناھىيلىك ياقا بازارلىق مائارىپ ئىشخانىسىدا .
مەنبە : تارىم غۇنچىلىرى 2010 -9،8 سان .