بەزىلەر ئادەم ھاياتىدا مۇنداق تۆت خىل كىشىنى ئۇچرىتىدۇ دەيدىكەن يەنى ئۆزىڭىز ،سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىشى ،سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشى ھەم شۇنداقلا سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشى.لېكىن تۇرمۇش دېگەن ئنتايىن رېئال بولىدۇ دېمەكچى كەينىدىكى بۇ ئۈچ خىل كىشىڭ ئوخشاش بىر ئادەم بولۇپ قېلشى ناتايىن.ئەگەر بۇ ئۈچ خىل كىشى بىر كىشى بولمىسا سىز قانداق تاللاش ئېلىپ بارىسىز؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ كۆرۈڭ.
ئا بىلەن بى بۇرۇندىن تۇنۇشسىمۇ لېكىن ئانچە يىقىن ئەمەسكەن.كىيىن ئۇلار بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قاپتۇ.بىر يەرلىك بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلار باشتا بىللە ئۆگۈنۈش قىلىپ تەتىلدە بىللە قايتىپ يۈرۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار بىربىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قاپتۇ.مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىپ ئاخىرىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ.تويدىن كىيىن بىر قانچە يىلغىچە ئىنتايىن ياخشى ئۆتۈپتۇ لېكىن ئا تۇيۇقسىز ب نىڭ سىرتتا بىرسىنى تېپىۋالغىنىنى سېزىپتۇ.ئەسلىدە ئۈچىنجى شەخىس ب نىڭ بۇرۇنقى كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان بىرسىكەن.ئۇلار بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا كۆرۈشۈپ بىربىرى بىلەن چىقىشىپ قايتا بىللە بولۇپ قاپتۇ.
ئەمدى سىزدىن سوئال سوراش باشلاندى:
1.سىزچە ب ھەقىقەتەن ئانى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن توي قىلغانمۇ؟
A.ھەئە B.ياق
2.ب سىرىتتا بىرسىنى تېپىۋالسىمۇ لېكىن ئا غا يەنىلا ياخشى مۇئامىلە قىلغان،سىزچە ئۇ ئا نىڭ بايقاپ قېلىشىدىن قورققىنىدىن شۇنداق قىلغان مۇ ياكى قارشى تەرەپكە يۈز كېلەلمىدىم دەپ قارىغىنى ئۈچۈنمۇ ؟
A.قورققىنى ئۈچۈن B.يۈز كېلەلمىگىنى ئۈچۈن
3.ب نىڭ بۇرۇن ئۆزىنى رەت قىلغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى نېمە سەۋەپتىن؟
A.قەلبىدىكى سۆيگۈ ئوتى تېخى ئۆچمىگەن B.ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىدىن جەلىپكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن.
4.ئەگەر سىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا سىز ئۇنى قوغلىشىپ ئۇنى مۇھەببىتىڭىز بىلەن تەسىرلەندۈرۈشنى ئويلامسىز؟
A.ھەئە B.ياق
5.ئەگەر سىز ئا نىڭ ئورنىدا بولۇپ قالسىڭىز ب سىزگە ھېلىمۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېتسا سىز ئۇنىڭغا ئىشىنەمتىڭىز؟
A.ئىشىنىمەن B.قەتئىي ئىشەنمەيمەن
6.سىزچە بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالامدۇ؟
A.مۇمكىن ئەمەس B.بەلكىم
7.ئەگەر ب ئا دىن كەچۈرۈم سورىسا ھەم ئۈچىنجى شەخىستىن ئايرىلىپ كېتىشكە ۋەدە بەرسە ئا ئۇنى كەچۈرشى كېرەكمۇ ياكى يەنىلا ئاجىرشىپ كېتىشى كېرەكمۇ؟
A.كەچۈرشى كېرەك B.ئاجىرشش كېرەك
8.ئەگەر ئا بىلەن ب نىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت قالمىدى لېكىن ئۇلارنىڭ بىر بالىسى بار دەپ پىرىز قىلساق سىزچە ئۇلار بالىنى دەپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرشى كېرەكمۇ؟
A.شۇنداق قىلىشى كېرەك B.ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك
9.ئەگەر ب ئا نى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالسا سىز ئا بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
A.ب نى ئاشىقى بىلەن مۇرادىغا يەتكۈزۈپ قوياتتىم B.مېنى ئازاپلىغان ئىكەن مەنمۇ ئۇلارنى ئازاپلايتىم
10.قەلىپتىكى ساتقىنلىق بىلەن تەندىكى ساتقىنلىقنى سېلىشتۇرغاندا سىز قايسىسىنى بەترەك قوبۇل قىلالمايسىز؟
A.ئالدىنقىسىنى B.كىيىنكىسىنى
11."سۆيگەن كىشى يوق بولسا پۇلنى نېمە قىلىدۇ؟"ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە ساتقىنلىق قىلغىنى تۈپەيلىدىن ئاجىرشىپ كەتسە لېكىن قارشى تەرەپتىن ھېچقانداق پۇل تەلەپ قىلمىسا سىز ئۇ كىشىنى قانداق ئويلايسىز؟
A.ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قالدى دەپ ئويلايمەن B.ئۇچىغا چىققان ئاخماق ئىكەن دەپ ئويلايمەن
12.ئەگەر سىز ھىكايىدىكى ئۈچىنجى شەخىس بولۇپ قالسىڭىز سىز ئۆزىڭىز بۇرۇن رەت قىلغان ئادەمنى قايتا قوبۇل قىلامسىز ؟
A.بەلكىم ،بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ B.ياق ،ئۆتمۈش دېگەن ئۆتمۈش
ئىمتىھانمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى ئەمدى ئۆزىڭىزگە نومۇر قويۇپ بېقىڭ:
ھەربىر سوئالدا A جاۋاپنى تاللىغان بولسىڭىز 5نومۇرغا ئېرىشتىڭىز B جاۋاپنى تاللىغان بولسىڭىز 1 نومۇرغا ئېرىشىتىڭىز .ئەمدى 12 سوئالدىن ئېرىشكەن ھەممە نومۇرىڭىزنى جەملەپ بۇ پىسخىكىلىق جاۋابىنى كۆرۈڭ.(سەمىيمى ئەسكەرتىش :جاۋابىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرىۋالماسلىقىڭىز ئۈچۈن جاۋاپنى يوشۇرۇپ قويدۇم .نومۇرىڭىزنى ھېساپلاپ بولۇپ ئاندىن جاۋاپنى كۆرۈڭ! ھە توغرا نەتىجىسىگىمۇ بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتمەڭ بۇ پەقەت كۆڭۈل خۇشىلىقى ئۈچۈن)
سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز
ئىنكاس يېزىڭ