خەلق رايىنى سىناش
يېقىندا مەلۇم ژورنالدا ھەر قايسى ئەل خەلقىگە قارىتا :<< سىز باشقا دۆلەتلەردىكى يېمەكلىك يىتىشمەسلىك مەسلىسىگە قانداق قارايسىز؟>> دېگەن مەزمۇندا خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
شۇغىنىسى بۇ قېتىملىق تەكشۇرۇش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى. چۈنكى:
ئافىرىقىدا نېمىنىڭ <<يېمەكلىك>> ئىكەنلىكنى بىلىدىغان كىشى يوق ئىكەن؛
غەربى ياۋرۇپادا << يىتىشمەسلىك>>نىڭ نىمە ئىكەنلىكنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن؛
شەرقى ياۋروپادا << كۆز قاراش>> نىڭ نىمىلىكنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن؛
جەنۇبى ئامېرىكىدا<< دەپ بېقىڭ، قانداق قارايسىز>> دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن؛
ئامېرىكىدا << باشقا دۆلەت>> دېگەن ئۇقۇمنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
ياردەم
پوچتىخاننىڭ زالىدا بىر موماي ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ھۆرمەت بىلەن:
- ئەپەندىم، ئاتكىرتكىنىڭ ئۇستىگە ئادېرىسنى يېزىپ بەرسىڭىز قانداق ؟- دېدى.
-ئەلۋەتتە بۇلىدۇ،_ ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم شۇنداق دېگەچ موماينىڭ تەلىپنى ئۇرۇنلىدى.
-يەنە ئازراق گەپ بار ئىدى، شۇنىمۇ يېزىپ بەرسىڭىز، رەھمەت-دېدى موماي يەنە.
ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم موماينىڭ دېگىنى بويىچە يېزىپ بولغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
- سىزگە يەنە قانداق ياردەم كېرەك؟
-يەنە كىچىككنە بىر ئىش بارئىدى.-دېدى موماي ئاتكىرتكىغا قاراپ،- مالال كۆرمىسىڭىزئاخرىغا<< خېتىم سەت بۇلۇپ قالدى، كەچۈرگەيسىز>> دېگەن بىر جۈملە سۆزىنىمۇ قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز.
ھاسىلات: ئەگەر سەن باشقىلارغا ياردەم بەرمىسەڭ، ئۇ ھەپتە خاپا بۇلۇش مۇمكىن، لېكىن سەن ياردەم قىلىپ تۇرۇپ رازى قىلالمساڭ، ئۇنىڭدىن كۆرە...
ھەل قىلىش چارىسى
ئامېرىكا ئاۋئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ تۇنجى تۇركۇمدىكى ئۇچقۇچىلىرى ئالەمگە چىققاندا ماي قەلەم ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى تىزلا بايقىدى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئون يىل ۋاقىت،12 مىليارد دوللار سەرىپ قىلىپ، ئالەم بوشلۇقىدا، تەتۇر قۇيۇلغاندا، سۇدا، ھەتتا ئەينەك يۈزىگىمۇ يازغىلى بۇلىدىغان، 0سېلىسىيە گىرادۇستىن 300سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان تېمپىراتۇرىغا ماس كېلىدىغان بىر خىل قەلەمنى ياساپ چىقتى.
ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتپاقى ھىچ كۈچىمەيلا قېرىنداش قەلەم ئىشلەتتى.
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى2010-يىللىق 11-سان.
ياردەم قىلىڭلار :كومپىيوتىرىم ئېف1 نى باسمىسا نورمال قوزغالمايدۇ، قانداق ئوڭشىغىلى بۇلار؟