مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8459|ئىنكاس: 116

نەسرۇللا مالچىدىن مۇنبەرداشلارغا چاقچاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 04:20:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە نەسرۇللا مالچىدىن مۇنبەرداشلارغا چاقچاق
ئىسمى چىقمىغان ئەزالار مەندىن رەنجىمىگەيسىلەر، يىڭى ئەزالارنى تۇنۇمىغاچقا كونا ئەزالارنى ئۇنتۇپ قالغاچقا ئىسمىڭلار يوق بۇلۇشى مۇمكىن، بىراق چۇقۇم ئىسىمگە كەلگەنلىرىڭلارنى قوشاققا قاتىمەن

شاتئاي

مۇنبىرمىزدا بىر قىز بار، ئىسمى ئۇنىڭ شاتئاي
ئۆزى ئەزىز قەشقەردىن، پۇللىرى كۆپ بەك باي
قەلەملىرى بەك ئۆتكۈر، شېئىر-قوشاققا ھاي،ھاي!
چاقچاق قىلسام ئۇنىڭغا، تويغۇزار مىنى ۋاي،ۋاي!

مۇنبىرمىزدا بىر قىز بار. ئىسمى ئۇنىڭ شاتئاي
رەڭگى ھۆسنى تەڭداشسىز، ئاسماندىكى بىر ئاي
تۇنجى كۆرۈپ شاتئاينى، كېسەل تاپتىم مەن بىر ئاي
ئىشقى ئوتى يامانكەن، مەن ئەمدى قانداق قىلاي


چاقچاق قىلدىم ئەي شاتئاي، ھەرگىز رەنجىمەڭ
ئىككىمىز بىر مۇنبەرداش . خاتا چۈشەنمەڭ
ياخشى دوست بۇپ ئۆتەيلى، يالغۇز ياشىماڭ
ئېغىر كەتسە چاقچىقىم، ماڭا رەھىم قىلماڭ ......[قېنى يامان بولسىڭىز مىنىمۇ قوشاققا قېتىڭ،]

شاقۇر ئاكامغا.

ھەي ھەي شاقۇر
ناخشاڭنى ئېيتىپ تۇر
زاڭلىق قىلسا باشقىلار
كالتەك بىلەن راسا ئۇر

........بۇ يەردە شاقۇركام ئېيتقان ناخشا بار ،خالىساڭلار تىڭشاپ بېقىڭلار ، لىكىن زاڭلىق قىلماڭلار ھە،
مۇھەببەت
يار دەردى

مۇشۇ ئىككى ناخشا شۇ، ئەگەر زاڭلىق قىلساڭلار شاقۇركام كالتەك بىلەن ئۇرىدۇ،

ھەي ھەي شاقۇر
تېمامدا تەييار تۇر
پۇچەك ئىنكاس يازغاننى
دەرھال ئەدەپلەپ تۇر...............[مەن يوققۇ دەيدىغانلارمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە]

ھەي ھەي شاقۇر
مۇنبەرگە كىرىپ تۇر
ئىلھامىڭ كەلسە
قوشاق يىزىپ تۇر

ھەي ھەي شاقۇر
ئانا بۇلۇپ تۇر
بالاڭ يىغلىسا
ماڭقىسىنى ئېيتىپ تۇر
...............[ شاقۇركام ماڭا بىر ياشقا كىرەي دىگەن بىر بالام بار دىگەنتى،ئۇ بالاممۇ ماڭا ئوخشاش يىغلاڭغۇ، بەك ماڭقا بالا بۇپ قالدى، يىغلىسىلا بۇرنىدىن بىر كىلو ماڭقا بىر مىتىر ساڭگىلايدۇ، دەپ بەرگەن ئىدى، شۇڭا مۇنبەردىلا ئاشكارلىۋەتتىمغۇ، خاپا بولماسسىز شاقۇر ئاكا.

ھەي ھەي شاقۇر
ئورنۇڭدىن دەس تۇر
گەر دۈشمەن كەلسە
يەنچىپ چەيلەپ تۇر
............بۇ ئاكام بۇرۇن ئۈچ ۋىلايەت .ئىنقىلابىغا قاتنىشىپتىكەن، شۇڭا دەپ قويدۇمغۇ
ھەي ھەي شاقۇر
ئۆلمەي تىرىك تۇر
جېنىڭ ئەسقاتار
ئالدى سەپتە تۇر
........ئالدى سەپتە ئۇرۇش قىلسىڭىز قەھرىمان دەپ يادلىنسىز،.......ھەممسى

كۆڭۈل قىزغا

ئاران كىرىپ مۇنبەرگە ، قوشاق تېمىسى يازدىم
كۆڭۈل خاتالاشسىمۇ ،ئەيىپلىرىنى ئاستا ياپتىم
تاڭنۇر شاقۇر چاپلىندىن، بەكلا كۈنلەپ كەتتىم
شۇ قىلغىنىممۇ يەتمەي، ھەتتا تىزلىنىپمۇ كەتتىم

ئەسلىدە كۆڭۈل قىزنى ، زادى چۈشەنمەك بەك تەسكەن
سىزنى سۆيىمەن دەپ قۇيۇپ باشقىنى سۆيۈپ يۈرەركەن
قانداق قىلاي مەن ئەمدى، قىزلارنى چۈشەنمەك قىيىنكەن
تۇنجى مۇھەببەت ئالدىسا، ئىچىم زەرداپ بۇلدىكەن

قوشاق تۇقۇپ مۇشۇنداق ،ئىچ دەردىمنى تۆكۈۋالاي،
ئالداپ كەتتى كۆڭۈل قىز ، مەن ئەمدى قانداق قىلاي
شۇنچە يالۋۇرۇپ زارلاندىم ،ئەمدى كىمگە يالۋۇراي
چىن سۆيگەننى بىلمىدى، ۋاپاسىز قىزدىن زارلانماي

تاڭنۇر ئاكامغا
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تاڭنۇركا، تىنىڭىز ساق -ئامانمۇ؟
مەن بەرگەن كۇمىلاچنى يەپ، باشقا چاچلار چىقتىمۇ؟
بورتالانى سوغۇق دەيسىز، سوغۇق ئەمدى كەتتىمۇ؟
مېھمان بۇلۇپ مەن باراي، ئۆي-ئايۋانلار كاتتىمۇ؟

مېھمان بۇلۇپ مەن بارسام، مىنى قارشى ئالامسىز؟
ياكى مىنى مالچى دەپ، ئېغىلغىلا باشلامسىز؟
ئۆيىڭىزگە مەن كەلسەم، قورقماي توپاق سويامسىز؟
خۇتۇنىڭىز گەر ئۇنمىسا، ئاغزىغا بىرنى قۇيامسىز؟

چاقچاق قىلدىم تاڭنۇركا، چاقچىقىمنى كۆتۈرۈڭ
مېھمان بۇلۇپ گەر بارسام، مىكيان بولسىمۇ ئۆلتۈرۈڭ
لازىنى راسا سېلىپ ، تۇخۇ قوردىقى كەلتۈرۈڭ
نان بىلەنلا ئۇزاتماي ،گۆشلۈك تاماق ئەتتۈرۈڭ

قېنى تاڭنۇركا بارمۇسىز، سىزنى قوشاققا قاتتىمغۇ
قىچقارمىغان بولسىڭىزمۇ، مېھمان بۇلۇپ باردىمغۇ
ئۆيىڭىز سوغۇق بولسىمۇ، بىر كېچە چىداپ ياتتىمغۇ
ئۆيىڭىزدە بار تاماقنىڭ، ھەممىسىنى يەپ كەتتىمغۇ


گۈلبەشكەر ئاچامغا
مۇنبىرمىزدىكى بۇ قىزچاق، يىتىشىپ چىققان قوشاقچى
مۇھەببەتلەشكەنلەرنى كۆرسە، ئىش بۇزىدىغان پۇتاقچى
ئۇرۇشقانلارنى كۆرسە، جىم تۇرماس بۇ دۇمباقچى
ئۇرۇشۇپ قالسا ئەگەردە، ئاغزى ھارماس كاپكاپچى

مۇنبىرمىزدىكى بۇ قىزچاق، يىتىشىپ چىققان پايلاقچى
پايدىنى كۆرسە يۈگرەيدىغان ، بىكار تەلەت ئاقنانچى
گەپ ياتماس ئىچىدە، ئۆتۈپ كەتكەن غەيۋەتچى
تېما كۆرسە جىم تۇرماس، ئىچى قۇتۇر بۇزغۇنچى

گەپ تالاشقانلارنى كۆرسە، ئارلىشۋالىدىغان سالاچى
ۋەدىسىدە پەقەت تۇرماس، دىتى يوق يالغانچى
چاقچاق قىلسام ئۇنىڭغا، كۆتۈرەلمەس بۇ پوچى
مەن نەسرۇللا ئاشۇنداق ، ئاغزىم سېسىق قوشاقچى

..........گۈلبەشكەر ، قېنى بارمۇ سىز، سىزنى شۇنداق قوشاققا تۇقۇساممۇ يەنە جىم تۇرۋالامسىز؟قېنى يامان بولسىڭىز مىنىڭ ئەدىبىمنى بېرىپ قويمامسىز، كارامەتلىرڭىزنى چىقارمامسىز، ھازىر شۇ تاپتا ئىلھاملىرىڭىز مىنىڭ قوشىقىمنى كۆرۈپ نەچچە ھەسسە كۈچۈيۈپ ئاغزڭىزدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقاندۇ ھە، سىزگە تۇقۇغان قوشاقلىرىم ھەرگىز كەتمىسۇن، سىزنى چاقچاق كۆتۈردۇ دەپ سىزگە چاقچاق قىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىز كونا مۇنبەرداشلاردىن بولغاندىكىن خاپا بولمامسسىز ھە، بۇ دىگەن بىر قوشاق خالاس. ئەگەر خاپا بولسىڭىز مىنى قانداق قوشاققا تۇقۇپ يۈزۈمنى چۈشۈرۋەتسىڭىزمۇ كۆتۈرمەن،

يوچۇن ئادەم گە

ئەسسەلام جان ئاكا ، ئىلھاملىرىڭىز كەلدىمۇ
شېئىر يىزىپ مۇنبەردە، بۇ قوللىرىڭىز تالدىمۇ
قوشاق يىزىپ مەن سىزگە ، دوستلاشساق بۇلامۇ
يازغان بۇ قوشاقلىرىم ، سىزدەك شائىرغا يارامۇ

چاقچاق قىلىپ سىز بىلەن ،يېقىن دوسلاردىن بولغۇم بار
شېئىر يىزىپ سىزگە ئوخشاش، ئۇستا شائىر بولغۇم بار
سىزگە زادى قايىلمەن، خالىسڭىز [ئاكا] تۇتقۇم بار
خالامسىزكىن ئاكىجان، سىرداش دوست بۇپ ئۆتكۈم بار


مۇسلىنە گە

مۇنبىرمىزدىكى مۇسلىنە ،ئىسمىڭىز نىمانداق چىرايلىق
قوشاققا قاتسام مەن سىزنى ، قىلماسسىز ماڭا يامانلىق
مىنىڭ ئىسمىمنى بىلمىسىڭىز ، بېشىم ئۈستىدە يىزىقلىق
تۇنۇشۇپ قويسىڭىز مەن بىلەن ، قىلىمەن سىزگە ياخشىلىق

ئاڭلىسام سىز مۇسلىنە ، ئۇستا قوشاقچى ئىكەنسىز
كارامىتىڭىزنى كۆرسەتمەي ، دائىم جىملا يۈرەمسىز
قوشاق تۇقۇپ تېمامدا، ئىنكاسلارنى يازامسىز
قوشاققا قېتىپ مىنىمۇ ،ئاز تولا داڭلاپ قۇيامسىز

ئەگەر خالىسىڭىز ئىككىمىز، بىرگە قوشاق تۇقۇيلى
قوشاق ئاتقان دوسلارغا ، بىرلىشىپ تەڭ تۇرايلى،
راسا تۇقۇپ قوشاقنى، باشقىلارنى خوشال قىلايلى
مەقسىتىم مىنىڭ شۇ، ئىككىمىز دوست بۇلايلى


ئۆرۈكچانغا
مۇنبرىمىزدە بىر شائىر بار. ئىسمى ئۇنىڭ ئۆرۈك كەن
پۇلى بولمىغاچ يانچۇغىدا، خۇتۇن ئالالماي يۈردىكەن
پۇلىڭىز بولمىسا ماڭا دەڭ. ئىككىمىز بىر يۇرتلۇق كەن
ئىككىمىز بىر تۇنۇشساق ، ياخشى دوسلار بولساقكەن

مىنى دوست دەپ بىلسىڭىز، خۇتۇن ئېلىپ بىرىمەن
قىززىتسىڭىز تېمامنى ، خۇتۇن ئېلىپ بىرىمەن
خۇتۇن ئالالماي مۇنبەردە، بىر مۇنچىۋالا قاقشاپسىز
پۇلىڭىز بولمىسىمۇ ، خۇتۇن ئېلىپ بىرىمەن.

بىزنىڭ بۇ يۇرتلاردا، خۇتۇن ئالماق بەك تەسكەن
خۇتۇن كىشىنىڭ مەھرى ھەققى، ئوتتۇزمىڭ كويكەن
قانداق قىلسىڭزى بۇلار ئەمدى، يانچۇقىڭىزدا پۇل يوقكەن
كورلا دىگەن بۇ يۇرتتا ، خۇتۇن ئالماق بەك تەسكەن


كۈن قىز غا

مۇنبىرمىزدە بىر قىز بار ، ئىسمى ئۇنىڭ كۈن قىز
تېما يوللاشقا بەك ئۇستا ، سۈرئىتى بەك تىز
قىززىمايدۇ ھەرگىزمۇ، بۇ مۇنبەر ئۇنۇڭسىز
تېمىللىرىنى كۆرسىڭىز سىزمۇ قايىل بۇلىسىز

داڭلاپ قويسام كۈنقىزچاق، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەڭ
ماختاپ قويسام مەن سىزنى ، ماڭا ئامراق بۇپ قالماڭ
باي بۇپ كەتتىم مەن ھازىر، ئەمدى ماڭا پۇل بەرمەڭ
قوشاققا قاتسام مەن سىزنى، مىنىمۇ قوشاقتا داڭلاڭ

باشقۇرغۇچىمىز كۈنقىزچاق، يازدىم مەن سىزگە قوشاق
يىزىپ قويمامسىز ماڭىمۇ، بىر نەچچە ئېغىز قوشاق
قوشاق تۇقۇشۇپ ئىككىمىز دائىم مۇڭدىشىپ تۇرساق
ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، دائىم ئەسلىشىپ تۇرساق


ئىدىرىسچانغا
خېردارىم ئىدىرىسچان، تىجارىتىڭىز بەك ئوبدان
مىنىڭ ئىلتىپاتىم بىلەن، سىز يۇرتىڭىزدا باي بولغان
سۈتىڭىز تۈگەپ كەتسە، كالىنى ئۆزىڭىز ساققان
پايدىنى كۆپ ئالىمەن دەپ سۈتكە سۇنى قوشقان

دۇكاندىن بىرنى ئېچىپسىز ، سۈتچىلىكمۇ قىلىپسىز
سۈتكە سۇنى ئارلاشتۇرۇپ، سەتلىشىپمۇ يۈرۈپسىز
سۈتىڭىزنى خەق ئالمىسا ،ئۆزىڭىزلا ئىچىپسىز
شۇڭلاشقا سۈتچىلىكتىن زىيان تارتىپ كىتىپسىز

باشقا ئىش قىلىڭ ئىدىرىسچان، سۈتچىلىق قىلماق بەك تەس
زىيان تارتىپ سۈتچىلىكتىن، ھەر ۋاقىت يۈرمەڭ مەس
چۈشكۈنلىشىپ كەتمەڭ ھەرگىزمۇ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ دەس
باشقۇرغۇچى بۇلۇڭ مۇنبەردە، بۇ بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس


دىلناز غا

قوشاق يازدىم دىلنازخان،
بۇ مۇنبەردە بارمۇسىز
سىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم
يەنە مەندىن خاپىمۇ سىز

دىلنازىم نىڭ سۆزلىرى
ماڭا بەكمۇ يارايدۇ
يازغان ھەربىر ئىنكاسى
جۇلالىنىپ پارلايدۇ

ماختاپ قويسام دىلناز ئاي
ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتمەڭ
مەن ئاشۇنداق قوشاققا باي
ماڭا ھەيران بۇلۇپ كەتمەڭ


ئوتياق ئاكامغا

ھەي ھەي ئوتياق
تېمامغا كىرىپ باق
سىنى قوشاققا قاتتىم
ماڭا قوشاق ئېتىپ باق

ھەي ھەي ئوتياق
مەن بىلەن دوست بۇلۇپ باق
سەنلەپ قويسامۇ سىنى
خاپا بولماي كۈلۈپ باق

ھەي ھەي ئوتياق
مىسرانىمغا كىرىپ باق
سەرخىل تېمىلار يوللاندى
بىر قۇر ئارلاپ كۆرۈپ باق

ھەي ھەي ئوتياق
مەن دىگەن بىر بويتاق
ياخشى قىزلارنى ئۇچراتساڭ
ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ باق

ھەي ھەي ئوتياق
غەمنى ئازراق قىلىپ باق
چاچ-ساقىلىڭ ئاقىرپتۇ
قارا بوياقتا بوياپ باق

ھەي ھەي ئوتياق
بۇ تېمامنى كۆرۈپ باق
سەندەك يازالمىساممۇ
قېنى باھا بېرىپ باق

ھەي ھەي ئوتياق
مەقسىتىمنى بىلىپ باق
سەن بىلەن دوست بولغۇم بار
بۇ سۆزۈمنى ئويلاپ باق

ھەي ھەي ئوتياق
بۈگۈن خوشال يۈرۈپ باق
مەن يازغان قوشاقلاردىن
قاقاھلاپ كۈلۈپ باق

.......ئوتياق ئاكا ، سىز بىلەن دوست بولغۇم بار، سىزنىڭ شېئىر تۇقۇش تالانتىڭىزغا مەن بەك قايىل ، شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن، سىزنى بۇ قوشاقتا سەنلەپ قويدۇم، خاپا بولماڭ ھە، بولسا بۇسۇرۇندا سىزمۇ قوشاق تۇقۇپ مۇنبەرنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،


دىلسىرى غا

دىلسىرىكەن ئۆزىڭىز
يۇمىلاق كەن يۈزىڭىز
ئەجەپ چىرايلىقكەن
بىر جۈپ قوي كۆزىڭىز


گۈلبىكە گە
قانداق گۈلبىكە ھالىڭىز
سالامەتمۇ جانىڭىز
سىزدىن ئەھۋال سورىغۇچى
نەسرۇللا دىگەن دوستىڭىز


نازۇك قا
مۇنبىرمىزنىڭ بىر گۈلى
نازۇق قىز سىز بۇلامسىز
دوست بۇلايلى دىسەم مەن
ماڭا ماقۇل بۇلامسىز


كۈلقىز غا

كۈلقىز ئىكەن ئىسمىڭىز
قاراپ قويسام كۈلىسىز
ئاداش بۇلاي دىسەم مەن
ماقۇل بولماي قاچىسىز


ئەسكى دىگەن باشقۇرغۇچىمىزغا

سالام باشلىق ئەسكې ئاكا
تىنچ ئامان تۇردىلمۇ
تېما تەستىقلاپ ھەر كۈنى
ھېرىپ، ئېچىپ قاللىمۇ


چاپلىنغا
ئاۋۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا
بىر جۈپ ئۆسكەن تېرەك بار
مۇنبىرمىزدىكى چاپلىننىڭ
دۈمبىسىدە يۈرەك بار


پالۋانغا
پالۋانجانمۇ ئۆزىڭىز
زەپ چىرايلىق ئېتىڭىز
ئېتىڭىزغا ماسلاشقان
يوغان پاچاق پۇتىڭىز


مېھىرزات قا

مېھىرزاتمۇ ئۆزىڭىز
زەپ چىرايلىق چېچىڭىز
چېچىڭىزغا ماسلاشقان
كاۋاك -كاۋاك چىشىڭىز


جان پولاتقا

جانپولاتمۇ ئۆزىڭىز
زەپ كىلىشكەن يۈزىڭىز
يۈزىڭىزگە ماسلاشقان
ئۆچكە ساقال -بۇرتىڭىز


كەپىسز قىز غا

كەپسىزقىزمۇ ئۆزىڭىز
زەپ چىرايلىق كۆزىڭىز
كۆزىڭىزگە ماسلاشقان
60 سانتا بۇيىڭىز


_____________________________________________
ھەجەپ ئىلھام كەلمىدىيا، ئېغىلغا بېرىپ كالا قىغىدىن بىر ھارۋا ئەكىلىپ يېنىمغا قۇيۇپ يازايمۇ نىمە، ئىسمى چىقمىغان تورداشلار بولسا ئىنكاستا يازىمەن، ئىسمى چىققان تورداشلار رەنجىمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،




ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
OTYAK + 288
شاتئاي + 100 قوشىقىڭىزغا رەھمەت!!!
gulbaxikar + 29 رەھمەت ئۇنۇتمىغىنىڭىز ئۈچۈن !ھى ھى ھى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 417   باھا خاتىرىسى

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2049
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122357
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:26:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا يوقما؟ [s:164]  [s:164]  [s:156]
تازا بىر مالچىكەن بۇ بىزنى ئۇنتۇپ قالغىننى قارىمامدىغان؟ [s:136]  [s:176]  [s:176]
ئىنكاستا ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ ،ئەمىسە!

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:27:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

كۈڭۈلدىن كۆڭۈللەرگە سالام بولسۇن،
دوستلۇق كۈلكىمىز پەلەككە يەتسۇن.
نەسىرۇللا تىنى ئامان بولسۇن،
كالا ئېغىلى يىقىلماي تىك تۇرسۇن.


تۈنلەردە ئويغۇنۇپ جۆيلۈپ ساپتىمەن،
كۆيگەنلەرگە، كۆڭلۈمنى بىرىپ قاپتىمەن.
نەسىرۇللانىڭ قەلبىنى ئۇنتۇپ ساپتىمەن،
ئۇقۇشماستىن بۇ قوشاققا كىرىپ قاپتىمەن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:28:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇلنىڭ پاچىقى شۇنداق،
يوغان بولار ئىمىش دوستلار،
يىگىتلىك كۈچىنى دائىم،
پۇتى ھەم قولىدا ساقلار. [s:165]  [s:165]

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8534
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3476 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېغىلغا بېرىپ كالا قىغى ئەكىلىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچە شۇ ئېغىلدىلا ئولتۇرۇپ يېزىۋېرىڭ... كەلمىگەن ئىلھاملار كالا تېزىكىدەك يوغان يوغان كەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239285
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:29:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقچاق يېزىپ نەسرۇللا
بارچە دوسنى چىلاپتۇ ،
تولۇق يازماي ھەممىنى ،
بەزەن بىرىنى ئىلغاپتۇ ،
شۇ سەۋەپتىن ئىنكاسلار،
ئۈچ - تۆت تالمۇ چۈشمەپتۇ ،

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مالچى دېمەڭلار بىزنى،
مالنى كۆرسەك قاچىمىز،
مىلىمىز يوق ئېغىلدا،
شۇڭا بوز يەر ئاچىمىز [s:179]  [s:179]  [s:179]
شۇنداق دېمەكچىغو دەيمەن مالچى نەسرۇللا [s:150]  [s:150]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:35:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  suzuk-ay كە 2011-02-24 05:26 PMئەۋەتىلدى  :
ماڭا يوقما؟ [s:164]  [s:164]  [s:156]
تازا بىر مالچىكەن بۇ بىزنى ئۇنتۇپ قالغىننى قارىمامدىغان؟ [s:136]  [s:176]  [s:176]
ئىنكاستا ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ ،ئەمىسە!
ئاپلا ما ئۇنتۇغاقلىقىمنى كۆرۈڭ، ئۇنتۇپ قالماي دىسەممۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە، مانا ئەمىسە سىزگىمۇ كەتتى

ئاسماندىكى ئاي مۇيا، يەردىكى لايمۇ يا
ھەجەپ يوقاپ كەتتۇق، ھەي سۈزۈكئاي بارمۇيا
ئۇنتۇپ قالسام مەن سىزنى، نىمىشقا ئاچچىقلايلىيا
مانا قوشاققا قاتتىمغۇ، سىزدە ئىلھام بارمۇيا

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12650
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6946 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:37:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كالا قىغى ئەكەلگۇچە ساقلاپ تۇرىدىغان گەپما ئەمدى، بىزنىڭ قاچان چىقاركىن دەپ ،ۋاي ئاللا .....ئاللا،نمشقىمۇ كۇڭۇلدەك شوخ،شاتئايدەك چرايلىق يارلىپ قالمغاندىمىز  ھە بۇ مالچىغا ،شۇ چاغدا بىزمۇ بىرىنچى بۇلۇپ چىقاتتۇق ئەمەسمۇ،؟ [s:156]

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

ظانا   يؤرتؤث  

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30757
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4048
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2011-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 05:39:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭنۇرنىڭ   قوشىغى   بەك   كەپتۇ [s:134]  [s:159]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش