مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 838|ئىنكاس: 10

كېچىككەن ئانا مۇھەببىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 11:34:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېچىككەن ئانا مۇھەببىتى





ئېگىز-پەس كوچا، خىلۋەت كىچىك بازار،جىمجىت،بىپايان، كەڭ، خىرامان........
ئۇ تېخى ئەمدى تولۇقسىزغا چىقىپلا ھەمراھلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى،ئۆزى يالغۇز ئاسمانغا، بۇلۇتلارغا  قارايتى، ئۇئازراق تەكەببۇر ئىدى، دەرسىتىن چۈشكەندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوينىغىلى چىقىپ كەتسە ئۇ يەنىلا ئۆزى يالغۇز دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ ئەشۇ كۆرگىلى بولمايدىغان مۇھەببەتنى ئىزدەيتتى. ئۇ ئازراق يالغۇز ئىدى........
ھېچكىممۇ ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن سىناپ باقمىغان،ئەلۋەتتە ئۇمۇ بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، گۈللەر ئېچىلىپ توزۇپ، بۇلۇتلار يىغىلىپ تارالسا ئۇ ئۆزى يالغۇز ھۇزۇرلىنىدۇ،ئۇ يەنىلا شۇنداق مەغرۇر..
بەلكىم ،ئۇ نېمىدىندۇر قېچىۋاتقاندۇر؛ بەلكىم،ئۇ نېمىگىدۇر ئىنتىلۋاتقاندۇر؛
  بەلكىم،ئۇ راسىتىنلا بەك بىچارىدۇر......ئۇنىڭ  ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئانىسى بار،ھەتتا ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك بىزار، ئۇنىڭ يەنە سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بىر دادىسى  بار،ئۇنىڭ چوڭقۇر خاتىرىلىرىدە ئەزەلدىن "دادا" دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئېنقلىمىسى يوق، ئاتالمىش "ئانامۇھەببىتى" تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
شۇنداق ، ئۇ ئەزەلدىن باشقا ئانىلارغا ئوخشاش قىزىنى بىر قېتىممۇ "قوزام "دەپ چاقىرىپ باقمىغان،قىزىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن  بىرنى سۆيۈپ قويۇش، ھەتتا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى ، ھېيىتلىق پۇل  بېرىش ئۇ بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىزىغا بېرىپ باقمىغان.ئېرى تەرىپىدىن"تاشلىۋېتىلگەن "ئانىسىنىڭ ھەيىز كېسىلىش دەۋرى ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن،مىجەزى ئىنتايىن  قوپال. ئۇلار بىللە ئۆتكەن كۈنلەردە پەقەت پۇتمەس –تۈگىمەس جېدەل ۋە ئاۋازسىز سوغوق ئۇرۇشلارلا  باردەكلا ئىدى.
ئۇمۇ ئەزەلدىن ئانىسىغا بىر ئېغىز يۈرەك سۆزىنى ئېيتىشقىمۇ جۈرئەت قىلىپ باقمىغان ، چۈنكى ئانىسى ئۇنى ئەزەلدىن چۈشىنىپ باققان ئەمەس.ئۇ ۋە ئانىسى ھەممە ئىشتا شۇنداق ئاددىي ئىدى، دېيىشكە توغرا كەلمىگەن گەپلەرنى دېمەيتى،بىرگە ئۆتۈشكە توغرا كەلمىسە بىرگە ئۆتمەيتى،
ھەرقېتىم ئانىسى ئەشۇ ئالقانچىلىك ھۇجرىغا قەدەم باسقاندا "شاۋقۇن ئاۋازى" مۇ قىزنىڭ قۇپقۇرۇق قەلبىگە تەڭلا كىرىپ كېلەتتى.  "سېنى كىر يۇغاندا ئۇن سوپۇننى ئۇنداق جىق ئىشلەتمە دېدىمغۇ؟ پاكىز يۇيالمىساڭ قويۇپ قويمامسەن؟"،"يازىدىغان خەتلەرنىڭ كۆپلىكىنى بىلمەمسەن؟ ئەتىدىن كەچكىچە تېخىچە شۇ بىريەرنى يېزىۋېتىپسەن!"، "مەن ئالدىنقى ئايدا بەرگەن پۇل قېنى؟ يەنە خەجلەپ بولدۇڭما؟ ھۇ بەتخەج"،"ئەتكەن تامىقىڭنى قارا! گۈرۈچنى شۇنداقمۇ جىق سالامسەن،ئۆيدە گۈرۈچ جىق بولۇپ كەتسە يەپ بولالماسلىقتىن قورقتۇڭما؟"مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپ سۆزلەر ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تالاي قېتىم تەكرارلانغان ،خۇددى ھاياتلىقنىڭ ئايلىنىپ تۇرغىنىغا ئوخشاش ، باش- ئاياغسىز.ئۇنىڭ نەزىرىدە قىزى قانداقلا ئىش قىلسۇن خاتادەك تۇرمۇشتىكى  بارلىق خاپىلىقلارنىڭ دەردىنى   قىزىدىن ئالاتتى.
ئانىسى تېلۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتى،گەرچەقىزىنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتى بولسىمۇ ئۇ يەنە كېچە بىر ئىككىلەرگىچە تېلۋىزور كۆرەتتى. ئۇيقۇغا قەدەم قويغان قىز  بىردەملىكمۇ تىنىچلىققا ئېرىشەلمەيتى، چۈنكى يېنىدا ھەمىشە ئانىسىنىڭ يىغائاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ قىزىغا ئەزەلدىن بىر تىنىچ ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەرمىگەن ئىدى.
ئۇنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى بار ئىدى، ئانىسى ئۇنى ھەتتا قىزىدىن بەك ياخشى كۆرەتتى.ئانىسى ئۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى "ياۋئېر"دەپ چاقىراتتى. نەۋرە سىڭلىسى ئاران ئۈچ ياش بولۇپ ،ئۇ ھەرقېتىم ئانىسىنى "ئانا"دەپ چاقىرغاندا نەۋرە سىڭلىسىمۇ قوشۇلۇپ "ئانا"دەپ چاقىراتتى،ئەمما ئانىسى بولسائەزەلدىن رەت قىلىش نىيتىدە بولۇپ باقمىغانىدى، ھەمىشە قىزىغىمۇ دەپ باقمىغان  سۆزلەرنى جىيەن قىزىغا قىلاتتى"ياۋئېر بەك يۇۋاش، يۈر، بىز يەيدىغان نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى بارايلى"ئاندىن ئۇلارئىككىسى گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا قىزىنى يالغۇز قالدۇرۇپ  كېتىپ قالاتتى.ئانىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈنمەستەك، ئەمما  نەۋرە سىڭلىسى بولسا قىزى ئىدى.ھەرقېىتىم نەۋرە سىڭلىسى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قىلغان يامان ئىشلارنى ئانىسى سەن قىلدىڭ دەپ ئۇنى ئۇراتتى، تىللايتى.
مەكتەپ ھويلىسىدىكى دولانە دەرىخىنىڭ ئاستىدايەنە شۇ تونۇش كۆلەڭگە كۆك ئاسمانغا قارىغىنىچە تۇراتتى. ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ كۈلكە پاراڭلىرىغا ئېتىبارسىزلا قارايتى،ھەسەتمۇ  قىلمايتى،ئۇ يەنىلا شۇنداق مەغرۇر ئىدى.
ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى شۇ راھەتبەخىش دۇنياغابېرىش نىيتىدە بولۇپ باققانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.ئۇ دادىسىنى ئىزدەشنى ئويلايتى،ئەمما ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى بۇنداق ئاددىيلا ئاياقلاشتۇرغۇسى يوق ئىدى.ئۇيەنىلا شۇنداق مەغرۇر تۇراتتى، ئۇ كۆز يېشىغا چىداشلىق بېرەتتى......
قىزى ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئازراق بولسىمۇ ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن ئانىسىغا قەستەن پەرۋا قىلمىغاندك بولىۋالاتتى،ئەمما ئانىسى ئۇنىڭغا ئەزەلدىن  پىسەنىت  قىلمايدىغاندەك  ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى......قىزى كۆڭلىدە چوقۇم ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، پۇل تېپىپ ئانىسىدىن ئۆچ ئېلىش، ئۆزى بولسا تۇتۇق ئانىدىن بىرنى تېپىپ كېلىپ ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرغۇزۇش،ئانىسىغا ھېچكىم كۆيۈنمەسلىك ، ھېچكىم ياخشى كۆرمەسلىكنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويۇش، ئانىسىنىڭ ھازىرقى قىلغانلىرى ئۈچۈن ئاچچىق بەدەل تۆلىتىش ھەققىدە قەسەم ئىچتى.
ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلىپ قالماسلىقى،ئانىسىنىڭ ئۇنى تولۇق ئوتتۇرا ،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشى ئۈچۈن ئۇكۈن بويى ئىنتايى گەپ ئاڭلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالاتتى،ئانىسىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتى.ئەمما قەلبىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا بولسا ئاللىبۇرۇن ئانىسىغابولغان نەپرەت ئۇرۇقى تېرىلىپ بولغان ئىدى.
بىر كۈنى قىزى مەكتەپىن يېنىپ ئۆيگە قايىتتى.قۇياش ئۆزىنىڭ چوغدەك ئىسسىق ھارارىتىنى چاچاتتى.ئۇ ئىتتىكلا ئەتىگەن ئېلىۋالغان قايناق سۇنى ئالدى،ئەمدىلا چاي قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇشىغا، تۇيۇقسىز ئانىسىنىڭ يول بويىدا بىر ئەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئەرئىنتايىن بەستىلىك بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن  پۇلداردەك  كۆرۈنەتتى. قىزى كۆڭلىدە ئۇ  چوقۇم ئاپام ماڭا تېپىپ بەرمەكچى بولغان ئۆگەي دادا دەپ ئويلىدى. ئۇ قۇتىنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ ، يېنىك قەدەملەر بىلەن ئانىسىنىڭ يېنىىدىكى كىچىك ماشنىنىڭ كەينىگە يۈگرەپ بېرىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ "مۇھەببەت سۆزى"نى ئوغرىلىقچە ئاڭلىدى. ئۇ پەقەت ئانىسىنىڭ ھېلىقى ئەرگە مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدى:"ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا يەنە بىر خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسىڭىز، مېنىڭ قىزىمنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن پۇل كېرەك!" "ئەمما سىز  ھازىر ئۈچ خىل خىزمەتنى قىلىۋاتقان تۇرسىڭىز ،يەنە ئورۇنلاشتۇرساق بەرداشلىق بېرەلمەي قالىسىز." "خوجايىن ،مەن بەرداشلىق بېرەلەيمەن، مەن راسىتىنلا  قىلالايمەن ، سىزمۇ بىلىسىز مېنىڭ  مىجەزىم ياخشى ئەمەس، ئەمما قىزىم  ماڭا بەك  ۋاپادار،مەن ئۇنىڭ  ئۈچۈن  بولسىمۇ  بەرداشلىق بېرەلەيمەن، خوجايىن ،سىزدىن  ئۆتۈنۈپقالاي!" ئانىسى تۇيۇقسىز  ھېلىقى ئەرگە تىزلاندى.
قىزنىڭ  يۈرىكى تۇيۇقسىز يىڭنە سانجلغاندەك بولۇپ، كۆز ياشلىرى خۇددى يېڭىلا ئېرىگەن  قاردەك ئېقىشقا باشلىدى.نەپرەت  ئۇرۇقى بىردەمدىلا يۇلۇپ تاشلاندى.ئۇ قېتىپ قالغانىدى،قولىدىكى مېنىرال سۇ قۇتىسى ئىختىيارسىز  يەرگە چۈشۈپ  كەتتى.ئانىسى قۇتىنىڭ يەرگە چۈشكەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا كەلدى.قىز ئانىسىنىڭ سېزىپ  قېلىشىدىن  قورقۇپ  پەرتلا  قىلىپ  قاچتى. دەل ئۇ  بېشىنى بۇراپ  ئۆرۈلگەن  ۋاقىتتا  تۇيۇقسىز  كەلگەن ماشىنا ھادىسىسى  يولنىڭ چېتىدەنېمىگىدۇر قاراپ تۇرغان ئانىسىنى ئېلىپ كەتتى........
لەختە-لەختە  قان  ئىچىدە ياتقان ئەشۇ  ئايال،يىللارنىڭ رەھىمسىز شاماللىرى ئۇنىڭ  يۈزىگ ە يول-يول قورۇقلارنى سالغان، قارىماققا  شۇنچىلىك تاتارغان  ۋە ئاجىز ، ئىلگىرى ئۇنى سانسىز قېتىم ئۇرغان شۇ قوللار ئاللىبۇرۇن  پارچىلانغان..........ئۇ  ئۆزىنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ ! ئەشۇ  ئۆزىنى ياخشى  كۆرىدىغان ئانىسى ! "ئاھ" ئۇ ۋارقىرىدى، نەچچە  يىللىق  غەزەپنى  ۋارقىراش  بىلەن تەڭ  چىقىرىپ  تاشلىدى، ئۇ  يىغلىدى،  بۇ  قېتىم  راستىنلا  يىغلىدى،شۇ  ئۆزى سەۋەبلىك ۋاپات بولغان ئانىسى ئۈچۈن، ئۆزى ئەزەلدىن بىلمەي يۈرگەن ئانا مۇھەببىتى ئۈچۈن  يىغلىدى...
ئېگىز-پەس  كوچا،  خىلۋەت  كىچىك  بازار،جىمجىت،بىپايان، كەڭ، خىرامان........مەكتەپ  ھويلىسىدىكى دولانە دەرىخىنىڭ ئاستىدا  يەنىلا  شۇ تونۇش  كۆلەڭگە  تۇراتتى، ھېچكىممۇ ئۇنى بايمىقىدى، بېرىپ  ئۇنى چۈشەنمىدى.ئۇ يەنىلا  شۇنداق  مەغرۇر  ھالدا  كۆك  ئاسمانغا  باقاتتى،  پەقەت كۆك  ئاسماندا  بىر ئۈلۈش  مۇھەببەت كۆپىيىپ  قالغاندەك، ئۇنىڭ  كۆڭلىدە بولسا  ئاجىز بىرجاي باردەك قىلاتتى.......... 



[align=justify]مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن :گۈلبىكە تەرجىمىسى.



مەنبە:http://www.xwcha.com/html/qqwz/2502.html

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
alafasy + 1000
ئوت + 50 ئەمدى بولمىدى ئاشقاپا...........ئەتە كىر
ئاركاداش + 100 يارايسىز
مۇرات + 100 ئەجىرلىك يازما....قەلىمىڭىز توختاپ قالمى
قۇملۇق + 100 ئەجىر قىلىپسىز دوستۇم .

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1350   باھا خاتىرىسى

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 6129 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:13:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پو ئاتقان بىلەن خەنزۇچىنى خېلى ياخشى بىلىدىكەنسىز ھە ، ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز .

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:33:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىگىلا بىر چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت يوشۇرۇنغان...........

ئانا دەپ يەنە بىر قېتىم چاقىرىشقا شۇنچىلىك ئىنتىزار بولدۇم..............بارلىق مېھرىبان ئانىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11949
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:33:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تەرخىمە قىلپسز رەخمەت سىزگە  [s:166]  [s:166]

ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:54:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاللا ھەممىدىن ق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15855
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7548
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2011-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:56:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تەرجىمەقىلىپ سىز،رەخمەت سىزگە [s:166]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4144
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 31485
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9077 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 01:36:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا مۇھەببىتى كىچىكمەسلىكى كېرەك.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 10:40:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (laqin) نىڭ يازمىسىغا

مەن قاچان پو ئاتتىم........... [s:146]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 2308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26700
تۆھپە نۇمۇرى: 2865
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 02:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلغا باي كەنسىز ،خېلى ئوبرازلىق تەرجىمە قىپسىز .تېخىمۇ تىرىشىڭ ،سىزگە مۇۋەپپەقيەت تىلەيمەن ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 03:07:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىييي  بۇنى تېخى ئۆزىڭىزنى يازغان چېغىدەپ خۇشال بۇلۇپ كىتىپتىمەن !
پەقەت قىز ئوغۇل ئوتتىرىسىدىنلا ھالقىيالمىغان مۇنبىرىمىزدىكى مۇھەببەت خەتلىرى
كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلىۋاتقان مۇشۇپەيتتە مانا مۇنداق مەزمۇندا ئىپادىلەنگەن مۇھەببەت مەزمۇنى كىشىگە بىرخىل يىڭىلىق تۇيغۇسى بىرىدىكەن

ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن !!!!!!!!!!!

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش