مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 975|ئىنكاس: 11

مانا بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 836
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28050
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 1519 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2011-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 11:05:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى  : مۇنبەر ئەزاسى دوستىمىز تۇرغۇنجان بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەردىن ئەكەلگەن بولسىمۇ ، ئۆزى دىگەندەك مەخسىدى باشقىچە ئەمەس ، شۇڭا بۇ قىسقىغىنە بىر قانچە ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدا يۈزبەرگەن بۇ ئىبىرەتلىك كۈرۈنمىلەرنىڭ گەرچە باشقىلار چۈشىنەلمىگۈدەك يېرى بولمىسىمۇ ،لىكىن بۇنىڭ بەزىسىنى كۈرۈپ قۇبۇل قىلالمايدىغانلار ھەم بىراقلا ھىسياتلىنىپ كىتىدىغانلار بار، شۇڭلاشقا مۇشۇ يەردە شۇنى سەمىمى ئەسكەرتىپ قۇيايكى ھەممىز بۇ مەزمۇننى كۈرۈپ ئىبىرەت ئىلىپ ، ئۆز ئارىمىزمدىكى مۇشۇنداق ناچار ھادىسلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە قارشى تۇرساق ، ھەرگىزمۇ تالاش تارتىش قىلىپ ،قالايمىقان ئىنكاس يېزىپ ،  ئويلىمىغان يەردىن سۆزلەرنى قىلىپ  يۈرمىسەك!
كامالى ئېھتىرام بىلەن- كىلەچەك
[align=justify]1- كۆرۈنۈش
ئانا- رېستۇراندا باشقا ئەر بىلەن نازلىنىپ تانسا ئوينىماقتا،ئاتا- شۇ رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا كۆڭۈل ئاچماقتا،

[align=justify]پەرزەنت- مۇزدەك سوغۇق پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىمەكتە!!!
2- كۆرۈنۈش
يېزا يولىدا بىر ئانا يۈرىكىنى مۇجۇقلىغىنىچە ياتماقتا،چۈنكى بايىلا قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىنى يۇلۇپ ئېلىۋالغان ئوغرى دەل ئۇنىڭ
ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئون نەچچە يىل بولغان ئوغلى ئىدى.
3-كۆرۈنۈش
80ياشلاردىكى بېلى مۈكچەيگەن بوۋاي ھارۋىسىدىكى سېتىلمىغان يېسىۋىلەكلەرگە قاراپ كىچىك بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى،چۈنكى ئۇ يالغۇز
نەۋرىسىگە پايپاق ئالغاچ كېلىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
4- كۆرۈنۈش
ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئوغۇل ئۆيىنى سىيرىپ -سۈپۈرۈپ قېچىپ چىقىپ نەشە چېكىپ، پاھىشە ئويناپ يۈرمەكتە، بىچارە ئانا، ئاتىنىڭ« مانا بۇ سەن تۇغقان ئوغۇل!» دەپ ۋارقىراشلىرىغا،تاياق-تېپىكلىرىگە چىداپ ئوغلىنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ ياش تۆكۈپ دۇئا قىلماقتا!!!
5- كۆرۈنۈش
بولۇشىغا ھاراق ئىچىپ مەس بولغان قىز،يول ياقىسىدىكى چىملىققا يىقىلدى،ياش تاكسى شوپۇرى ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنى يۆلىمەكچى بولدى ۋە
بۇرنىغا ئۇرۇلغان كۈچلۈك ھاراق ھىدىدىن سەسكىنىپ قىزنى تاشلىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ " ئېسىت!سەنمۇ ئۇيغۇر قىزى
بولدۇڭمۇ؟ھەي... زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى" دېگىنىچە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ قالدى.
6- كۆرۈنۈش
شەھەرگە تۇغقان يوقلىغىلى كىرگەن يېزىلىق ئايال، شەھەردىكى ئاۋات ئاشخانىغا كىردى،ئۇ يېرىم سائەت ساقلىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىرپىيالە ئىسسىق چاي قۇيۇلمىدى،ئۇ بۇيرۇتقان موما سەيمۇ ئەكىلىپ بېرىلمىدى،ئايال ھارغىن قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە چىقىپ كەتتى.
7- كۆرۈنۈش
ئاتا بىلەن ئانا ئەمدىلا نەچچە ئايلىق بولغان موزاينى سېتىپ پۇلىنى يىراقتىكى ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا ئەۋەتتى،ئوغۇل پۇلنى ئېلىپلا
دوستلىرى بىلەن " ئوۋ ئوۋلاش " قا چىقىپ كەتتى.
8- كۆرۈنۈش
رومال ئارتقان، ئورالغان بىر قىز دېسكوخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇياق- بۇياققا قارىۋىتىپ بېشىدىن رومالنى ئالدى، ئۇزۇن يوپكىسىنى
سالدى،ئەمدى بۇ قىز چاچلىرى قىپقىزىل بويالغان،پادىچىلار ئىشتىنى كەيگەن مودا خېنىمغا ئايلاندى، ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان
كىيىملىرى پۇرلاپ سومكىغا سېلىندى. ھېچكىمنىڭ بۇ ئىككى قىياپەتتىكى قىزنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.
9- كۆرۈنۈش
دوختۇرخانىدا بىر ئاتا دوختۇرغا يالۋۇرماقتا : " دوختۇر ئۆتۈنۈپ قالاي،بالامنى ياتاققا ئالسىڭىز، ئۇ كارىدوردا يېتىۋاتقىلى ئىككى كۈن
بولدى،بىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن ". دوختۇر چالۋاقىغىنىچە " بوش كارىۋات يوق دېدىمغۇ" دەپ قويۇپ ماڭدى، ئۇ نەچچە قەدەم مېڭىشىغا ئېسىل ياسانغان بىر ئايال ئۇنىڭ يانچۇقىغا بىر كونۋېرتنى تىقتى، دوختۇر ھېلىقى كىشىنىڭ كۆزىچە ۋارقىرىدى " بۇ خانىمنىڭ قىزىنى 17- كارىۋاتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ
قويۇڭلار!"
10- كۆرۈنۈش
كۆردۈممەن،كۆردۈڭسەن ئانا ئاھىنى، ئاتىنىڭ قايغۇسى،كۈلپەت-زارىنى. پەلەكنىڭ چاقلىرى تەتۈر چۆرگىلەر، نېمە ئىش بۇ زادى قانداق بولغىنى؟؟؟
مانا بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ،مانا بۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ھەقىقەتلەر!
تور ئارلاۋىتىپ تۇيۇقسىز(دانىشمەن تورىدا )ئۇچۇرتىپ قالدىم شۇنىڭغا باشقا تورداشلارنىڭ كۆرۇشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم . بىلەك مەقسەت يوق........باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي تەستىقلاپ قۇيۇڭلار.......

مەنبە: [http://bilim-kuq.blogbus.com/logs/95113780.html[/url


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
moghal + 150 ئەھمىيەتلىك تىما يوللىغان ئەجرىڭىزگە

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 150   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23513
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 11:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسمەنلىكتىن چىقىپ،خەلقىمىز ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرگە دەل جايىدا ئۇرۇلغان قامچا ئىكەن،بىز بۇ ئىللەتلەرنىڭ يامرىشىغا يول قويساق ئۇنى ئۇمۇمىلىققا ئايلىنىپ،مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى تۈگەشتۈرمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ،ھەمىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14795
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3887 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 11:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي....................يەنە دىسەم يەنە شۇ !

http://blog.sina.com.cn/esma88

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 1353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8593
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:01:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي نىمە بۇلۇپ كەتى بۇ جاھاندىكى ئىشلار

ئۆزۈڭنى يەڭ ,شۇن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3435
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:19:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىم ئاچچىقلا بولۇپ قالدى!
ئەينەن سۈرەتلەنگەن تۇرمۇش كارتېنىلىرى،گەرچە قىسمەنلىك بولسىمۇ كىشىنىڭ ئىچىنى ئۆرتەيدىغان ئاچچىق تېما!
  ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئار-نومۇس تۇيغۇسى، قاچانلاردا نان ئورنىدا يېيىلىپ كەتكەنلىكى  ماڭا نامەلۇم!!!ئەرلەر غالىبلىقىمىزنى ساقلايلى،ئاياللار نازۇكلۇقىنى ساقلىسۇن!ھايا ،پەدىشەپلەر ئارىمىزدىن يوقالمىسۇن!
ئەجىبا ئەرلىك دېگەن ئۇقۇم ئېڭىمىزدىن تەلتۆكۈس يوقالغانمىدۇ؟ قۇرۇق شوئارنىڭ ئەھمىيتى يوق ھەممەيلەن يۈرىكىمىزنى تىڭشاپ باقايلى!ئۆتمۈشىمىزگە نەزەر سالايلى!قانداق ياشاۋاتىمەن؟دېققەت قىلىپ باقايلى كەلگۈسىمىز تۇمانلىق ئۇپۇقلارغا تۇتاشمىسۇن!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ.

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7361
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 12:27:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلارنى قىلىۋاتقىنى ئەشۇ بىزنىڭ مىللىتىمىز كىشىللىرى  !  « ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس ».................

كۇكۇيۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26289
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2065
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 01:15:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم بۇلار نىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىز دىنىپ،مۇتەئەسسىپلكتىن خالى ھالدا تۇزىتىش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ؟

ھەقىقەت ئاچچىق، ئەمما مىۋىسى تاتلىق.

ئاللا ھەممىدىن ق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15855
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4548
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2011-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 01:21:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلقىمىز ئارىسىدىكى تۇرمۇش كارتىنىللىرىنى ئەينەن تەسۋىرلىنىپتۇ. بۇلۇپمۇ مۇشۇ ئۇرانغان قىزلار، مۇشۇ يالغاندىن ئۇرنىۋالغان قىزلار سەۋەپلىك  بىزدەك ھەقىيقى ئۇرانغان ھىجاپلىق قىزلارنىڭ شەنىگەداغ تىگىۋاتىدۇ،ئەسلىدە ھىجاپقاكىرىپ باشقىلارغا ياخشى ئۇلگەبۇلۇشى كىرەك ئىدى ،باشقىلارغا ئىسلامنىڭ پايدىسىنى بىلدۇرۇشى كىرەك ئىدى.ئۇزىنى نامەھرەملەردىن قاچۇرشى كىرەك ئىدى.سۇزلىسەم جىق سۇزلەپ قالغۇدەك مەن . ئاللا ھەربەندىنىڭ كۇڭلىگە ئىنساپ ھىدايەت بەرسۇن،قۇلىمىزدىن دۇۋاقىلىشتىن باشقائىشكەلمەيدۇ.شۇنداق ئۇزىنى تۇيالمايۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغاكۇپلەپ دۇۋا قىلىپ قۇيايلى.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29367
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1961 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2011-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 01:35:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇنۇپلا كەتتىققۇ بۇنداق ناچار ئىللەتلەرگە ھەي قاچانمۇ تۇزىلەركىن بۇ ئىشلار [s:151]

دېڭىز دولقۇنى

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2064
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17645
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6705 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 02:14:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينەك بىلەن ئەتراپنى كۆزەتكەندەك بولدۇم.ھەممىسىلا ئەتراپىمىزدا يۈزبېرىۋاتقان ئىشلار.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23304
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4925
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2857 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 03:55:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9-قەۋەت (Qabiljan) نىڭ يازمىسىغا

ئايرىم ھادىسىلار بولسىمۇ لېكىن قامچىلاپ تۇرۇش كېرەك. تور بىتى بىر-بىرىمىزگە سىگىنال بېرىدىغان ، بىر- بىرىمىزدىن  ئەقىل ، تەرتىپ ئۆگىنىدىغان  سىرلىق مەيداندۇر.

شۇنداق بىر كۈنلە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 406
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6040
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-24 11:09:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە دىسە يەنە شۇ بۇنداق ئىشلارغا ئەجەپلەنمەيدىغان بولۇپ قالدىم قانداق قىلاي [s:164]

ئوخشاش تېلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس ، ئوخشاش ئوي- پىكىردە بولغانلار ئېتتىپاقلىشالايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش