مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1693|ئىنكاس: 31

ئۆردەكلەرنى ئۇزۇتۇش سورۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 11:45:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار:
نەچچە كۈندىن بېرى مۇنبەردە پاختەك، ئۆردەك ئاتىمىز دەپ ئىككى تەرەپ بولۇپ جەڭ قىلىشىپ كەتتۇق ، بۇ جەڭگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى چاخچاق كۆتۈرىدىغان باللا بولغاچقا جەڭمۇ پالتا -پىچاقسىز نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ...شۇ جەڭنىڭ ئىتتىپاقلىققا قاراپ يۈزلىنىشى ۋە بىر قىسىم ئۆردەكلەرنى ئۇزىتىپ قويۇش شەرىپىگە تۆۋەندىكى يۇمۇرلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
مىسرانىمدىن كۈلكىمىز ئۈزۈلمىسۇن!!!

قىزغىن بىلەن قەھۋە توي قىلماقچى بوپتۇ. قەھۋە قىزغىننىڭ  ئۆيىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىپتۇ. ئۇ قىزغىنغا دەپتۇ:
ــــــ ئۇلار بىر-بىرىگە بەك كۆيۈمچان ئىكەن. ئاپىڭىز تېخى ئورنىدىن تۇرمىغاندا، دادىڭىز چاي دەملەپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىدىكەن. سىز ئائىلىڭىزنىڭ مۇشۇ ئادىتىگە ۋارسلىق قىلالارسىزمۇ؟
ـــــــ ئەلۋەتتە، بىراق مەن ئاپامنى دورايمەن.

سوقۇر ئۈچەي 
قارانچۇق بېرىلىپ كىتاپ كۆرۈپتۇ، ئايالى كەپسىزقىز تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا، ئېكراندا بىر جۈپ ئاشىق-مەشىق پەيدا بوپتۇ، يىگىت قىزغا:
ـــــ سۆيۈملۈكۈم، مەن ئەزەلدىن سىزنى ئۆز بەدىنىمنىڭ بىر ئەزاسى  دەپ قاراپ كەلدىم، ـــــ دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەن كەپسىز قىز ئېرىگە:
ـــــــ  ھەي، سىز مېنى قاچان ئۆز بەدىنىڭىزنىڭ بىر ئەزاسى  دەپ قاراپ باققان؟ ــــ دەپتۇ. 
قارانچۇق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا دەخلى قىلغانلىقىغا خاپا بولغان بولسىمۇ، ئۈندىمەي يەنە كىتابىغا قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ.
ـــــــ ھەي، مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن! سىز مېنى بەدىنىڭىزنىڭ قايسى ئەزاسى  دەپ بىلىسىز؟
قارانچۇق ئەمدى تاقەت قىلالماپتۇ____: سەن مېنىڭ سوقۇر ئۈچىيىم!!!
 
 كۆچۈپ كىتىمىز
بىر كۈنى ئەتىگەندە مۇبىش چاپلىنغا قاقشاپتۇ.
مۇبىش: كىيەي دىسەم كۆينىكىم قالماپتۇ.
چاپلىن: ئىشكاپتا كۆينەكلىرىڭىز لىق تۇرمامدۇ؟
مۇبىش: ھەممىسىنى كىيىپ بولدۇم، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈپ بولدى. مەھەللىدىكىلەر كۆرمىگەن كۆينەك كىيگۈم بار ئىدى.
چاپلىن: نەرسىلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ.
مۇبىش: نىمە قىلىسىز؟
چاپلىن: باشقا مەھەللىگە كۆچۈپ كىتىمىز.

دەل جاۋاب
 يازغۇچى ئۇيغۇرشاھ ئۆزىنىڭ كىتابىنى ئىمزا قويۇپ سېتىۋاتاتتى، بودەك كەپسىزخان كېلىپ:
ـــــ سىز كىتابىڭىزدا ئاياللار بىر كىتاب دەپ يېزىپسىز ، ئۇنداقتا ماڭا ئوخشاش ئاياللار قانداق كىتاب ھېسابلىنار ؟ ــــــ دەپ سوراپتۇ .
ئۇيغۇرشاھ كۈلۈپ كىتىپ جاۋاب بىرىپتۇ:ـــــ سىزدەك ئاياللار توپلام ھىساپلىندۇ.

ئۆستەڭدە ماي ئاقتى
پالۋان بىلەن قارانچۇق  ئۆزئارا پو ئېتىشىپتۇ.
ــــ ئۆتكەندە مېھمان چاقىرىپ، تىزىۋەتكەن مەزەلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن داستىخاننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرغان مېھمانلار بىر -بىرىنى كۆرەلمەي قالدى، ـــــ دەپتۇپالۋان.
ـــــ شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ماختىنامسەن؟ ــــــ دەپتۇ يەنەقارانچۇق :ـــــــ مەن بىر قېتىم مېھمان چاقىرغاندىم، خوتۇن شۇنداق مايلىق پولۇ ئەتتىكى، پولۇنى يىگەن مېھمانلار ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستىڭدە قولىنى يۇيىۋىدى، ئۆستىڭدە نەچچە كۈنگىچە ماي ئاقتى.

خاككىر:مەن كەلدىم
خالىد:........................
خاككىر:نىمە بولدى گەپ قىلمايسەنغۇ؟
خالىد:كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس
خاككىر:كىم سېنى بوزەك قىلدى
خالىد: مېنىڭ  چ چ رىم يۈتۈپ كەتتى،ئىچىدە نۇرغۇن مۇھابەتلىرىم باتى
خاككىر:بۇ ئاسان،مەن قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرەي
خالىد:ئەكىلەلمەيسەن
خاككىر:مۇمكىن ئەمەس،دېگىنە ،نۇمۇرى قانچە
خالىد:شۇ........ئۇنتۇپ قاپتىمەن نۇمۇرىنى

گۈل-چۈشى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ،تاماق يىگەچ بالىسىنى ئېمىتىپتۇ.بىر كۈتكۈچى دەرھال كېلىپ:
  _نىمە قىلىۋاتىسىز؟
_بالامنى ئىېمىتىۋاتىمەن شۇ.
_كەچۈرۈڭ،ئاشخانىمىزغا سىرىتتىن ئىچىملىك ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.
 
قەھۋە بىر پىخسىق ئادەم بىلەن توي قىپتۇ،ۋە ئۆزىمۇ ئېرىنىڭ پىخسىقلىقىغا شۇنداق كۆنۈپ كېتىپتۇكى، بىر كۈنى قەھۋە ئۆيىدە ئولتۇرسا ، مەھەللىگە بىرسى پوشكال سېتىپ كەپ قاپتۇ، قەھۋە چىقىپ ئۇ پوشكالنى تۇتۇپ بېقىپ ، بۇ پوشكالنى تۇتۇپ بېقىپ ، پوشكىلىڭ ئوخشىماپتۇ دەپ ئالماپتۇ دە ، ئۆيىگە كىرىپ بىر تەلەڭگىگە ئىسسىق سۇ قويۇپ ، مايلىشىپ كەتكەن قولىنى يۇيۇپ ، ئۇنىڭ سۈيىدە لەڭمەن ئېتىپتۇ . ئېرى ئۆيىگە كېلىپ ھېلىقى لەڭمەننى يەپ ، بەك تېتىپ كېتىپتۇدە ، قەھۋەدىن لەڭمەننى قانداق ئەتتىڭ دەپ سوراپتىكەن ،قەھۋە بولغان ئىشلارنى پەخىرلىنىپ دەپ بېرىپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئېرى ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى قويۇپ : - ھەي ئەخمەق ، قولۇڭنى تەلەڭگىدە يۇماي ، ئېدىشتا يۇساڭ بىر ئاي تاماق ئېتىپ يىمەمتۇق - دېگىدەك...


تەمىناتى ياخشى -
ئاركاداش بىر ئىدارىنىڭ شوپۇرى ئىكەن، كەچتە ئىشتىن چۈشۇپ ماشىنىسىغا ئىدارىسىدىكى
كاسسىر قىزنى چىقىرىپتۇ-دە سەيلە قىلىپ مىڭىپ ماشىنىنى چوڭ يولنىڭ بويىدا توختىتىپ
ھىلىقى قىزغا ئەمدى ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلاي دەۋاتسا تۇيۇقسىز قاتناش
ساقچىسى تۇران قەشقەر  كىلىپ قاپتۇ ۋە قولىغا قەلەم بىلەن تالوننى ئېلىپلا ئاركاداشتىن سوراپتۇ 
تۇران قەشقەر : ما ماشىنا چىمنىڭ ؟!!
ئاركاداش : بىزنىڭ ئىدارىنىڭ .
تۇران قەشقەر: ما قىزۋالا-چو ؟!!
ئاركاداش: بىزنىڭ ئىدارىنىڭ...... .
تۇران قەشقەر: ھىم ماندا دىسىلە!! ، ھەجەپ تەمىناتى ياخشى ئىدارىكىنا ئۇ .

تەتقىقات -
دەقىيانوس  پىروففىسور بولىۋاتقان كۈنلەردە تەجىربىخانىسىدا چىۋىن ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بېرىپتۇ ،بىرىنجى قىتىم چىۋىننىڭ بىرتال قانىتىنى كىسىۋىتىپ چىۋىنگە:< سەكرە-سەكرە > دەپتۇ ،چىۋىن سەكرەپتۇ. ئىككىنجى قىتىم يەنەبىر قانىتىنى كىسىۋىتىپ <سەكرە-سەكرە>دەپتۇ، چىۋىن يەنە سەكرەپتۇ. ئۈچۈنجى قىتىم ئۇ چىۋىننىڭ ئىككى پۇتىنى كىسىۋىتىپ<سەكرە>دىگەن گەپنى شۇنچە قىلسىمۇ جىملا يېتىپتۇ .
دەقىيانوس خاتىرسىگە : بىرىنجى خۇلاسە-چىۋىننىڭ بىرتال قانىتىنى كىسىۋىتىپ سەكرە دىسە سەكرەيدۇ.
ئىككىنجى خۇلاسە-چىۋىننىڭ يەنە بىر قانىتىنى كسىۋىتىپ سەكرە دىسە سەكرەيدۇ.
ئۈچۈنجى خۇلاسە- چىۋىننىڭ ئىككى پۇتىنى كىسىۋەتسە قۇلىقى پاڭ بولىدۇ .

غەلىتە ئاغرىش -
ئاپتوۋزدا بىر ياشقا چوڭ كىشىنىڭ يېنىدا ، ناھايىتى مودا كىيىنگەن مېھرىزات تۇرۇپ قاپتۇ.
ئاپتۇۋۇزنىڭ تۇيۇقسىز قاتتىق تورمۇز قىلىشى بىلەن مېھرىزات پۇتىنى تۆمۈرگە ئۇرىۋاپتۇ
ۋە << ئەييۇ!! >> دەپ توۋلاپ ساپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغان ياشقا چوڭ كىشى دەرھاللا مېھرىزاتقا
ئىچ ئاغرىتقان تەلەپپۇزدا : ۋاي نىمە بولدىڭىز قىزىم ؟؟؟ بىر يەرلىرىڭىز خەنزۇچە ئاغرىپ
كىتىۋاتامدا ؟...........

دوختۇر تۇغۇتى يېقىنلاشقان كۆزۈمگە دەپتۇ: ﺧﺎﻧﯩﻢ ،ﻗﻮﺳﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﻛﯧﺰﻩﻙ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﺭﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺳﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ؟ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥﺩﻩﭘﺘﯘ ،
كۆزۈم :
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﻻﻡ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻻﻡﺋﻪﺩﻩﭘﻠﯩﻚ ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻻﻡ ﺋﺎﻗﺴﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮﯨﭽﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻛﯘﻟﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﯜﭼﯜﻥﺋﻪﺩﻩﭘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﻮﻛﯘﻟﻰ ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻻ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻗﺴﺎﻟﯩﻖ ﺋﻮﻛﯘﻟﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ .
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ ..
ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻼ ...ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮﯨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﯩﻼ ﺑﺎﻻ : ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺳﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ ...
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺳﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﻩﭘﻼ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ
ﻧﯚﯞﻩﺕﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ ... ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﯞﺍﻕ : ﺗﺎﺗﻪﯞﺍ ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ، ﺋﯚﺯﻩﻡ ﭼﯜﺷﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ...

مۇسلىنە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلاردىن :-ئامىرىكىدىكى ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ قولىدا ئىككى نەرسە بار.بىرى ئېگىز كۆتۈرۈپ  تۇرغان مەشئەل،يەنە  بىرى مەيدىسى ئالدىدا تۇتۇپ تۇرغان كىتاب.بۇنىڭ مەنىسىنى قايسى ساۋاقداش دەپ بېرەلەيدۇ  ؟-دەپ سوراپتۇ. 
شاتئاي ئورنىدىن  تۇرۇپ :-بۇ  ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ توك كەتسىمۇ  كىتاب ئوقۇشنى    قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،-دەپتۇ.


تۈنلىرىكىسىغا ياش ۋاقتىدا گۈلبېكە بىلەن مېھرىزات تەڭلا  كۆيۈپ قالغان ئىكەن.توي قىلىدىغان چاغدا قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي،ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئادىل ،ھەققانى بىر ئۇسۇلىنى يەنى تاماق ئەتكۈزۈش شەكلى بىلەن سىناپ بېقىش،قايسىنىڭ قولىنىڭ تۇز _ تەمى ياخشى بولسا شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى قارارغا كەپتۇ.ئارىسىدا مېھرىزاتنىڭ  ئەتكەن لەڭمىنى تۈنلىرىكىسغا بەكلا تېتىپ كېتىپتۇ.ۋەدە بۇيىچە مېھرىزات بىلەن نىكاھ قىپتۇ.خىلى يىللاردىن كىيىن يەنە گۈلبېكە بىلەن كوچىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ.تۈنلىرىكىسىنىڭ ئاغزى قىچىشىپ گۈلبېكىگە بىر كۇپلېت شېئىرى چاقچاق قىپتۇ:
 قېرىپ قالدىم دېسەممەن،
 ساقىلىم يوق ئېڭەكتە.
 سېنىڭ ئوتۇڭ كۆيمەكتە،
 ھازىرغىچە يۈرەكتە.
گۈلبېكىمۇ  بوش كەلمەپتۇ،ئۇلاپلا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب قايتۇرۇپتۇ.
كۆيۈۋاتقان ئاشۇ ئوت،
كۇكۇم ئەمەس مەڭگەندۇر.
 ئىككىمىزنى ئايرىغان،
 تەقدىر ئەمەس لەڭمەندۇر.

مەنبە: تور دۇنياسى ۋە يۇمۇر خالتام

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

كۈنسىر ئالغا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 1474
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33297
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 11:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراۋ مۇراتتىن سۇراپتۇ
جەڭنى كۆرۇپ باققانمۇ مۇرات
-بىر ئەمەس تالاي كۆرگەنمەن دەپتۇ مۇرات ئاقسالىق قىلىپ
_قاچان ؟دەپ سۇراپتۇ سۇرغۇچى
_دادام بىلەن ئاپام گەپ تالشىپ قالغان چاغلاردا دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مۇرات

بىر كۈنى مۇرات كوچىدا مىھرزاتقا ئۇچراپ قېلىپ مىھرزاتنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىپتۇ
_ھوي مۇرات تاماكا تاشلىدىم داۋاتقانتىڭغۇ دەپ سۇراپتۇ مىھرزات ھەيران بۇلۇپ
_شۇ تاشلىشىم تاشلىغان بىراق قارانچۇق بىر قاپ تاماكا سوغا قىلغان يەنە چىكشىنى باشلىۋالدىم دەپتۇ مۇرات
_ھە مانداق دە ئۆپكە كېسلەل تۇرۇپ باشقىلار بەرگەن تاماكىنى ئايماي چىكۋېتپسەندە ،ئۇنداقتا قارانچۇق ئۈپكىسىنمۇ قۇشۇپ ساڭا بەرگەنمۇ ئەخمەق دەپتۇ مىھرزات

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6155
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8335
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 1262 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2011-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 11:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس سەل تۇرۇپ كېلىدۇ.،،،، [s:177]

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكى ئىزنالىرىنى چۈشىنەي دېسىڭىز تور بېتىمىزگە مەرھەمەت،،،   http://pantekin.com/index.php پانتېكىن ئۇيغۇر تورى

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-22 11:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى ئىنكاسىڭىز قىزمۇ ئوغۇلمۇ بىر كۆرەي...... [s:181]

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 12:02:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈندىن بېرى كۈندە ئۆردەك باپلايمەن دەپ يۈرەتتىڭىز ئەمدى ئۇزىتىپ قاپسىز ،ئەجەلنىڭ يېنىغا ئۇزاتمايدىغانسىز؟

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›
hij@ran بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 12:03:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 12:08:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا...ھا...ھا....قانداق ؟ بىز سۇمرۇغلارنىڭ يامانلىقىنى ئەمدى بىلگەنسىلەر؟ [s:130]
بىچارە تۈن لىرىكىسى.......... [s:123]  [s:181]  [s:181]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 12:10:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت Gulbike كە 2011-02-23 12:08 AMئەۋەتىلدى :
ھا...ھا...ھا....قانداق ؟ بىز سۇمرۇغلارنىڭ يامانلىقىنى ئەمدى بىلگەنسىلەر؟ [s:130]
بىچارە تۈن لىرىكىسى.......... [s:123]   [s:181]   [s:181]


نەدىكى سۇمرۇغكەن ئۇ؟....كۆزلىرى تورلىشىپ قالمىغاندۇ قۇشناچىم؟...............

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

كۈنسىر ئالغا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 1474
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33297
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 12:11:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيىر ئوماقلار ھەپتە ئاخىردا كۆرشەيلى ئەمسە خوش كەپسىز ھەدەڭلار كەتتى ئەمسە ھە ،يات ئېتىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭلار  [s:162]

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-23 12:12:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7-قەۋەت (مۇرات) نىڭ يازمىسىغا

تورلىشىپ قالمىدى بىر ئوبدان كۆرۈۋاتىدىيا ئەينا....... [s:156]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش