ئىزاھات : مۇنبەردىكىلەر : بىر قانچە كۈن بۇرۇن نوكيا سىمبىياننىڭ 5-نەشىرىدكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېلان قىلىنغاندا نۇرغۇن تورداشلار S60 V3 نەشىردىكى يانفونلار ئۈچۈن مۇكەممەلرەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىغانلىقىدىن ئاغرىنغان ئىدى ، مانا بۈگۈن S60 V3 نەشىردىكى يانفونلار ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ رەسمى ئېلان قىلىندى . تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز .

[align=justify]
يۇمتال نامى : ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ (S60 V3 نەشىردىكى يانفونلار ئۈچۈن)
يۇمتال چۈشەندۈرۈلۈشى : مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق نوكيا سىيمبىيان3-نەشىرىدىكى symbian s60V3يانفونلاردا ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىمالال كىرگۈزگىلى بولىدۇ . شۇنداقلا نوكيادا نورمال ئۇلانمايدىغان ئە ھەرپىنىمۇ نورمال ئۇلاپ يازغىلى بولىدۇ ، بۇ كىرگۈزگۈچ ناھايتى قولايلىق بولۇپ ، ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە يېزىقلارنى ھېچقانداق ئارتۇق مەشغۇلات قىلمايلا ئالماشتۇرۇپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : بۇ يۇمتال سوگو كىرگۈزگۈچىنى ئۆزگەتىش ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ ، كىرگۈزگۈچنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئەسلى شىركەتكە تەۋە ، بۇ يۇمتال ئېنتېرنىتتىن يىغىۋىلىنغان بولۇپ ، پەقەت كونۇپكا تاختىسىدىن باشقا ھېچقانداق جايغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى .كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا سۆزلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىدىدە بىر قىسىم جايلار ھازىرچە تەرجىمە قىلىنمىدى ، مۇۋاپىق سۆزنى توردىكىلەر بىلەن ئورتاقلاشقاندىن كېيىن قايتا تۈزىتىلىدۇ . سۆز ئامبىرىنى قوللاتقۇزۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولساقمۇ ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىلىش قائىدىسى بويىچە ئوڭدىن سولغا يېزىش ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈش بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاچقا بۇ مەسىلە ۋاقتىچە ھەل قىلىنمىدى ، لېكىن بۇ مەسىلىنىمۇ پات يېقىندا ھەل قىلىمىز . شۇڭا بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ كودىنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە ، سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە ، پايدا ئېلىش مەقسىدىدە قوللىنىشقا بولمايدۇ . خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇنى جاۋابكارلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ .
ئىشلىتىش ھەققىدە ئىزاھات : يۇمتالنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلمىگەن تەرەپلەر بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسىڭىز بىز سىزگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بىرىمىز . يۇمتالنى قاچىلاپ بولۇپ # ، * بەلگىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىنى شۇنداقلا تۈرلۈك بەلگىلەرنى كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز .
يۇمتال تىلى : ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە
ماس كىلىدىغان يانفونلار : نەزەرىيە جەھەتتىن symbian s60 v3 مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىق نورمال تونۇتۇلغان بارلىق نوكىيا قاتارلىق يانفونلارغا ماس كىلىدۇ.
ئاساسى شەرت : يۇمتالغا ئىمزا قويۇپ قاچىلايسىز ياكى يانفونىڭىز يېشىۋىتىلگەن بولسا ئىمزا قويماي بىۋاستە قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .(چوقۇم ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلانغان بولۇشى كىرەك)
يۇمتال سېغىمى 1.26MB
سىناق قىلىنىغان يانفون : NOKIA 5700
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئارمان
ھەق ئېلىش تۈرى : ھەقسىز
چۈشۈرۈش ھەققى : ھەقسىز
سەمىمى ئەسكەرتىش : تور بېتىمىزدىن چۈشۈرۋالغان يۇمتاللارنى باشقا تور بەت ۋە مەنبەلەردە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز كىلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز .
ئىزاھات : بۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئۆزىمىز قول سېلىپ يازالمىغانلىقىمىزدىن تولىمۇ خېجىل ، لېكىن يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىل ھالدىكى كىرگۈزگۈچنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلاردا ئۇيغۇر يېزىقىنى تېخىمۇ بىمالال قوللىنىشقا تىرىشىمىز .
[align=justify]
بىز يەنە نۆۋەتتە سىمبىياننىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتمىز ، لېكىن ئادەم كۈچى تولىمۇ چەكلىك بولغاچقا يېتىشىپ بولالمايۋاتىمىز ، ئەگەر مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىپ باققان تورداشلار ياكى قىزىققۇچىلار بولسا ئۇيغۇر يانفون تورى ياكى ئىكرام يانفون تورى نىڭ QQ توپ نۇمۇرى 117133567 ياكى 134653943ئارقىلىق ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ .
[align=justify]

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى(S60 V3 نەشىردىكى يانفونلار ئۈچۈن) چۈشۈرۈش مەنبەسى
[align=justify]
http://uyphone.com/down/view/847.html#edown