مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 729|ئىنكاس: 6

ئىشقىيار نامەت لەتىپىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈلىۋەرمە كۈلكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29390
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5438
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 05:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىشقىيار نامەت لەتىپىلىرى

 

ئۇيۇپ كەتتىم

   قوشنىسىنىڭ ئوغلى ئۆككۈزگەن بەزمىنىڭ ئاخىرى ھويلىدا تانسا ئويناشقا ئۇلاشتى . بىر نەچچە قىلىقسىز يىگىتلەرنىڭ قالايمىقان پىرقىرىشىپ ، ھەدەپ « ئۇيۇپ كەتتۇق ، ئۇيۇپ كەتتۇق» دەپ ۋاقىراشلىرىدىن غىجىقى كەلگەن ئىشقىيار نامەت بىر چاغدا تانسا مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ مىدىرلىماي تۇرىۋالدى .

   ــــ ئىشقىياركا نېمە بولدىڭىز ؟ ــــ دەپ سورىدى قوشنىسىنىڭ ئوغلى بىر چاغدا ئۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ . شۇ سوئالنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشقىيار مىدىرلىماي تۇرۇپ چۈشەندۈردى :

   ــــ ئاغىنىلىرىڭىز ئۇيۇشنى بىلمەيدىكەن ، ئۇلارغا ئۇيۇشنى كۆرسىتىپ قوياي دەپ ، پىرقىرغۇچتەك ئۇيۇپ كەتتىم .

 

يېڭى شەيئى ۋە كونا كادىر

   ئىشقىيار نامەتنى قىززىقچى دەپ ئاڭلىغان بىر دېلىغۇل يىگىت ئۇنىڭغا تۇنامسىز چاقچاقلارنى قىلىۋەردى . خېلىغۇچە ئۈنچىقمىگەن ئىشقىيار ئاخىر ئۇنى ئىككى ـ ئۈچلا  ئوخشىتىۋېدى ، يىگىت چىدىيالماي ۋاقىرىدى :

   ــــ يېڭى شەيئىلەرنى چۆكەر ، دەپ كىم ئېيتتى ساڭا ؟

   ئىشقىيار چاقچاق بىلەن جاۋاب ياندۇردى :

   ــــ كونا كادىرلارنى كولاڭلار دېگەن ھۆججەتنى كىم بەردى ساڭا؟

 

تۇتىدىغان يەر قالمىسۇن

   مەھەللە خەلق ئەسكەرلىرى ئۆگىنىش كۇرىسىغا كىرىپ قالغان ئىشقىيار نامەتنى تولا نوقۇپ ـ سىلكىپ تارتىشتۇرۇپ ، تازىمۇ قىينىۋەتتى . شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشقىيار كادىردىن رۇخسەت سوراپ ساتىراشخانىغا كىردى ـ دە ، ساتىراش چاچ ـ ساقاللىنى ئېلىپ بولغاندىمۇ ئورنىدىن قوپماي ئولتۇرىۋەردى .

   ــــ ئىشىقىيارئاخۇن تۇرسىلا ، چاچ ـ ساقاللىنى ئېلىپ بولدۇم . ئىشقىيار ساتىراشقا بۇيرىدى :

   ــــ قۇلىقىمنىمۇ كېسىۋىتىڭ ! ساتىراش ئەجەبلەندى :

   ــــ نېمىشقا ؟

   ئىشقىيار نامەت ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى :

   ــــ خەلق ئەسكەرلىرى تۇتقۇدەك يەر قالمىسۇن دەيمىنا !

 

پىچاق ئۆتمىسە

   بىر ئايال باشلىق ئىشقىيارغا ھال ئېيتتى :

   ــــ ئايال كىشى باشلىق بولسا قاملاشمايدىكەن ، پىچىقىم كەسمەيدۇ .

   ئىشقىيار نامەت ھېلىقى ئايالغا كۆيۈنگەندەك قىياپەتتە مەسلىھەت بەردى :

   ــــ پىچاق ئۆتمىسە قايچا بىلەن كېسىڭ !

 

تەشكىلسىز قالماي دەپ

مەھەللىگە چۈشكەن كادىرلار قىيىن ـ قىستاق بىلەن ئېغىز ئاچۇرماي ، ئىشقىيار نامەتنى ئەكسىلئىنقىلابچىغا چىقاردى . ئارقىدىنلا بىر كادىر ئۈستەلگە مۇشتلاپ ۋارقىرىدى :

   ــــ ئىشقىيار ئيتتە ، نېمە ئۈچۈن ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلارقا قاتناشتىڭ ؟

   يولسىزلىقتىن زەردىسى قاينىغان ئىشقىيار جاۋاب بەردى :

   ــــ تەشكىلسىز قالماي دەپ .

مەنبە: 2003-يىلى 5-ئايدا نەشىردىن چىققان، ماخمۇت مۇھەممەت تۈزگەن «دۇردانە لەتىپىلەر» دېگەن كىتابتىن ئېلىغان.  شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى.


بېكارچى دېمەڭبىزنى، تېلىۋىزور كۆرەلەيمىز. جاننى قىينىماستىنلا، خوپ ھۇزۇر سۈرەلەيمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30597
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4590
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2011-2-16
ئاخىرقى: 2011-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 06:20:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىۋاز نامەتنىڭ لەتىپىلىرى ، دەپ قويۇڭ  [s:178]

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15327
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9553 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 08:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  qep-qap-kari كە 2011-02-18 06:20 PMئەۋەتىلدى  :
ئىشقىۋاز نامەتنىڭ لەتىپىلىرى ، دەپ قويۇڭ  [s:178]
ماۋزۇنى خاتا كۈرىۋاپسىزمۇ نىمە؟
مەزمۇنى خېلى چوڭقۇر لەتىپىلەر ئىكەن. داۋامى باردۇ؟

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11949
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 08:56:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقيار نامەتنڭ لەتپلرى خېلى قىزقارلق   [s:132]

كۆك بۆرە ئىكەنسە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7236
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 09:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى كىشىلەرنىڭ لەتىپىلىرى چىققىلى تۇردى ئەمدى...........

كۆرگىنىڭدىن كۆپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21815
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6846
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2011-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-19 01:23:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشىنىڭغا ئوخشاش كۈلكە مىسرانىمدىكى ئوغۇل - قىزلارنىڭ چىكرىدىن مەڭگۈ ئۆچمىگەي .  رەھمەت سىزگە . داۋامى بولسا يوللىۋېتەرسىز .

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ .

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9818
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-19 07:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارلاپ ئېيتىپ تۇرارسىز.......... [s:154]

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش