|
|
|
|
قەشقەر ئاشپۇزۇلىدىكى قىزقارلىق پاراڭلار(رىشتەم)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !مىسرانىم ھەمىباب زاكا زاۋۇتىنىڭ ، سامان قوساق رەھبىتى كادىر لىرى،دۇتتا پىگو پايچىكلىرى، كالا كومشا ئىشچى خىزمەتچى، تازلىقچى،بوئەنلىرى ، كارخانىمىزنى يىقىندىن قوللاپ كىلىۋاتقان كەسپى زاتلا، ياخشىمۇ سىلە . ھەرقايسىڭلارغا خام بازىرى ،ياۋاغ ، ئۆستەڭ بويى، ئەشىمكا ، بۇلاق ۋىشى ،،،، خەلقىنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى كاسا يانچۇقۇمغا سىلىپ ،شۇنچە سوغاققا قارىماي ئالدىڭلارغا كۆڭلەكچان كەلدىم ، ئەيىپكە بۇيرۇشمىسىلا .
يىقىندىن بىرى كەمىنە ئاساسى قاتلامدا تاماششادا بولۇپ مۇنۇ مۇنبەرگە ئانچىمۇ چىقالمىغان ئىدىم ، ئەمدى بولسىمۇ ،تاتلىق پاراڭلىرىم بىلەن مۇنبەر ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ ،كۆڭۇلسىزلىكلەرنى ئۇنتقۇزۇپ ، خەلىق كۆڭلىدە ئورۇن ئىلىشنى ئالى نىشان قىلىپ ، يىقىنقى زىيارىتىمدە توپلىغان ، كوزۇر تىما ، قەشقەر پاراڭلار خاتىرسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقتىمەن.خاپۇمماي كۆزەينىكىڭلارنى كاسا يانچۇقۇڭلاغا سىلىپ ، پۇتۇڭلانى يوتاڭلاغا ئىلىپ ، چىشىڭلانى يىپىپ رەتلىك ئوتىراڭلا !
جۇمە كۇنى ئىدى ، دوسلۇرۇم بىلەن نامازنى ھىيىتگادا ئوقۇيمىز دەپ دىيشىپ قوياپ ، سائەتكە قارىسام ۋاقىت ئاز قاپتۇ ، تاماققا قاراپمۇ قويماي تەرەتنى ئىلىپ موتۇرۇمنى چىقىرتىپ ھەيدەپ چىركىتىپ باسام ،گۇزەگە كەگەندە ئەزان توۋلاپ قالماسما ، ھاپىلا شاپىلا موتونى قوياپ قوياپ ، جامائەتكە قىتىلىپ جۇمەنى شۇ يەردە ئوقۇپ قالدىم . خوداغا شۇكرى تىچ ئامان ئوقۇپ چىقىپ ، ئاغىنلىرىمگە تىلفۇن چاسام بىرەسى كۆتەمەيدۇ ، مۇشۇ ئەتراپتا قوساقنى ئەستەلىگەچ تۇراي دەپ دوقمۇشقىلا جايلاشقان ھەشەمسىز بىر ئاش پۇزۇلغا كىرىپ قالدىم ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دەپ كىرىپ تۇرشۇمغا
تاڭجاڭ _ كەسىلە يانچۇقتىكىنى بەسىلە . دىدى بوم ئاۋاز بىلەن .
مەنمۇ دىمىغىمدا كۇلۇپ،_ھە ھە كىلىمىز ، يەپ بولاپ بىرىمىز . دىسەم
تاڭجاڭ ھىجىيىپ تۇرۇپ _ شۇندا بوممامتىكى_ دەپ بىر ئورۇندۇقنى ئىڭكى بىلەن ئىشارەت قىپ ، شۇ ئورۇنغا چەينەك پىيالىلەرنى كۆتۇرۇپ ماڭدى .
بىرىپ ئولتادىم ، ۋە چەينەكتىن چاي قۇيۇپ ئىغىز نەمدىگەچ تۇرۋىدىم ،
تاڭجاڭ _ ئۆزلىرىگە نىمە ئىلان قىلىۋىتەي ؟
_ سومەن چىقاما ؟
تاڭجاڭ _ سومەن پۇتۇن بىر _ دەپ ئىچىگە تولىۋەتتى .
_ ياق يىرىمتىى ى ى ى ى !
تاڭجاڭ _ مەنپەرمۇ ، دىڭدىڭ !
_ مەنپەر !
تاڭجاڭ _ توخىنىڭكىدىنمۇ بۇقىنىڭكىدىنمۇ !
_ ھى ھى بۇقىنىڭكىدىن !
تاڭجاڭ _ ھە بەھوزۇر بەھوزۇر ! ھى ھى
40 ياشلار چامىسىدىكى،كىشىگە قەتئىلىك نەزىرى بىلەن كۇلۇمسىرەپ قارايدىغان بۇ تاڭجاڭنىڭ ھازىرجاۋابلىقى ھەۋىسىمنى كەلتۇرەتتى ،
جۇمەدىن يانغان جامائەت توپ توپ بولۇپ كىرگىلى تۇردى . تاڭجاڭ كىرگەن ھەر بىر خىرىدارنىڭ قول جەينەكلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئەۋال سوراپ سورۇننى قىززىتقىلى تۇردى !
_ ھە ھو ھاجىنىمكا سالامەت تۇرۇپ بەلىما ، چىژلىقما ، چۆرىسى قىژلىقما ، كىلىنلىرى تۇغدىما ، قىينى ئانىسى ئۇختىما ، ھە ھە كەسلە كاسىلىرىنى ما ۋۇ جوزىغا بەسلە . ... ۋېېي ما ھاجىمكامغا ئاچچىق قىلىپ ناۋات چاي !!!
ئاشخانىدىن كۇلكە كۆتۇرۇلدى .
_ ھە قاراجىم كەللىما ، نامازنى قازايى بەتتار قىمماي ۋاختىدا ئوقىۋاللىما ؟ ما غەللىگە بى دىمىدە قىپ بەسلىرى بولاپتىكىن تەرەتلىرىنىڭ چىڭ ۋاختىدا !ھى ھى چاق چاق قىپ قويدۇم ! ساقاللىرىنى قويانغا سىلىۋىتىپ مايەگە مەرەمەت قىپ بەسە !
_ كەسە خان كەسە ، لەپتى بى ئوتتاسا سىلىنى كۆگەچ ئىش قىلاي ، ھە تاتىنماي دىسىلىيە ، سىزىكلىرى نىمىگە تاتىۋاتىدا، پولاغىما ؟ ھە ! قۇچقتىكى ئەكەكمۇ چىشى ؟ ۋوتان ۋوتان . بەزدەك قايلىشىنى ! بىشى چوڭ دادىسىنى ،يۈزى سىلىنى ،كۆزى مىنى تاتىپتىمۇ خۇدايىم !ھى ھى ھى ، ئىمىزگە ساسا ! ھىلى يىغلاپ باش ئاغرتمىسۇن ، ! ھېي باسە پولانى !
_ھا ھا بۇرادەر كەلدىڭلىما يوۋ ، يوقاپ كەتمىدۇق ، جىق بىز ، ماشەدە جاھانكەزدىلىك قىلىپ دەڭلە ! ھە يۇقىرى ئۆتىلى ، سىلىگە ماشەنى ئەپ قويغان مەن . ماشەگىبى سىغىپ قويىلى! باقاخۇنكو ، ئىچىگىرەك غۇلاپ قويلى ، تاماقنى كاساڭغا يەمسەنكى تاڭ ، چىگەندە كىچىكىنام تۇرتى ، ھاھا ،ۋېي ما مىمانغا چاي !
_ ھا ھا نىخاۋ ،گولەي ، زوگىشا ، چىخاڭ سا فەن ، ماقا ئۇكىم .ھا ھا ماشاڭ ماشاڭ ، كەيشىن كەيشىن ،
_ ما ئىچىدىكىلەر دىققەت! تەكرالايمەن! ئىچىدىكىلەر دىققەت !،لەغمەن4 پۇتۇن 6 يىرىم 8 چارەك ، چۆپىنى قىلدەك چىقا ، گوشىنى پىلدەك چىقا .
_ سومەن 3 پۇتۇن 2 يىرىم ، قولاڭنى يۇيۋىتىپ تاشلاش ، يىرىپ كىتىشسەڭ پۇتۇڭدا تاشلاش ! بولىشە ، باكا ئۆزەڭگە قىلىشىپ قىلىشىسە !
_ ئوسمىناخۇن ئۇكىم ماڭا ئا قاچىنى ژۇيە ! قايلاپ تۇرشىنى ، ئىش تاپامماي زىركىۋاتامسە، توپا يەگە سىيىپ بىرەي لاي ئىتىپ ئوينامسىيا ؟ ما گۇينى گەپ قىممىسام ، ئاچىسىغا تويلۇق ئەكەگەندەك كۇلۇپ ئولتىردا !
مىھمانلار نىڭ چىرايىدا كۇلكە چىقىپ تۇراتتى ، ھەممە قىززىقسىنىپ شۇ ياققا قارشىپ تۇرشاتتى . تاڭجاڭ بولسا مىھمانلارغا ئاش توشۇپ ئالدىراش ئىدى ، توساتتىن ، تاڭجاڭنىڭ جەينىكى،چاي ئىچىۋاتقان بىر ئوتتۇرا ياش ئادەمنىڭ چىنىسىگە تەككىتىپ ، چاي ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىكىگە تۆكىلىپ كىتىپ ،سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى ، ئاشخانىدىكىلە كۆرەڭ كارامەتنى دىگەندەك قىلىپ ، بىر بىرىنىڭ كۆزىگە قايلىشىپ قوياپ شۇ ياققا دىقىتىنى بۇردى ،ھەتتا ھەممە نىمىگە بىپەرۋا سەپرا مىجەز كۆرىندىغان ،ياچەننى چىشلىۋىلىپ شاپبۇرتىنى دىڭگايتىپ ئولتۇرغان باداڭ قوساق كاسسىرمۇ ، خۇدۇكسىرەپ قاراپ قالدى ،
تاڭجاڭ بولسا ، بىر قىشىنى ئىگىز كۆتۇرۋىلىپ ، مەغرۇر سالاپەت بىلەن ، <ھە ھە سەۋىرى سەۋىرى .> دەپ قويۇپ چاققانلىق بىلەن قولىدىكى تاماقلارنى تارقاتقىلى تۇردى . ھىلىقى كىشىى چىرايىنى كىچىك بالىدەك قىلىپ <ما ئادەمنى ھى ھى ھى > دەپ كۇلۇپ قويۋىدى . مىھمانلارنىڭ ھەممىسى كۇلشۇپ كىتىشتى .
قايلاپ ئولتىراۋىرىپ قوساق دۇتتا چاغىلى تۇردى .
چاق چاق قىلىپ ، ئۇستوم ، بىزنىڭ سومەننىڭ ئۇنىنى تاتقانما ؟ دەپ قويسام .
_ ئالدىرامتىلە ، ۋېي بولىشە ، بۇگەن ما بالىنىڭ تويىكېن بولىشە ! باكا جىما باكا ، قىلىۋىتىمەن ناكا !
دىدى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئاۋازدا !
ۋاك دەپ قالدىمدە كاساپەت !
ئارىدىن شۇ تاڭجاڭنىڭ يىقىنى بولسا كىرەك ، خۇش چىراي بىر چال ئورنىدىن تۇرۇپ ، بارتاخون بوش ۋاقىراڭلا تەرەت سۇنۇپ كەتمىسۇن دىۋىدى ،
تاڭجاڭ _ ئەنسىرەشمىسىلە ئەتىگەن ئوننى ئىلىۋاغان ، ئابىيامنىڭ ياغى تۆتنى بۇزساممۇ ، ئالتىسى زاپاس . دىدى پەشتامىسى بىلەن ئىڭكىنى سۇرتىۋىتىپ .
تۆۋەنكى خانىدىن مايلىشىپ قارداپ كەتكەن مۇلازىم ، قولىنىڭ ئۇچىدىن دولىسىغىچە تەخسىلەنى بىسىپ ، چىقىپ كەلدى ۋە تاڭجاڭنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى .
تاڭجاڭ _ ھە ئاپىرە مانى ئوۋۇ قاراجىمكاڭغا تەڭلە ، ئاممىسا يۇزىگە ئات ! ما پۇتۇن ئاشنى ئاۋۇ كۆك كالاچ كەيگەن ئاكاڭنىڭ قۇلىغا بە ، ما بىزى جىقىراقىنى ئاۋۇ مۇشۇكتەك بۇرۇت قويۋاغان سىستىرا ئاكاڭغا تۇتقۇزۇپ قوي ! ماڭە ھە كاساڭغا ئۇسسەيما ؟؟
كۆك رەڭلىك شۇشەن ئايىغىمغا قايلاپ كۇلۇپ كەتتىم !
تاماقمۇ شۇنچىلىك ئوخشاپ كەتكەنكى ، بەسەي مۇرابباسى يىگەندەك ، ئىشتاھا بىلەن سوقىۋەتتىم ،
يەپ بولۇپ پۇكەيگە كىتىپ باسام ،ھىلىقى تاڭجاڭ يۇقىرى ئاۋازدا
_، ما ئوغاللىقتىن 30 كوي ئىلىنسۇن ، دىۋىدې ، ئالىيىپ قايلىسام .
22 كوي قايتۇرۇپ بىرىلسون، دەپ قىتىپ قويدى .
_ياچەن بەسە !
_ تۇگەپ قاپتىكىن ، زىخ ئەپبىرەي كوچىلىۋالاملا؟ !
_ .........؟!
ئاشپۇزۇلدىن خۇشال كەيپىياتتا چىقىپ كەتتىم !
شۇندىن بۇيان سىرىتتا تاماق يىيىش توغرا كەسە ، ئىشتاھارىمنى ساقلاپ قوياپ ئاشۇ يەرگە بىرىپ يەيدىغان بولۇپ قالدىم !
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ، مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي ئاخىرى كىيى تەھرىرلەش جەريانىدا يىزىلىدۇ ، ۋاقىپ بولغايسىزلەر !
تۆۋەندە مىسرانىم ئەزالىرىنىڭ سالاھىيەت ئىنىقلاش خىزمىتىگە يىقىندىن ماسلاشقان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ،ھايتى سەھىيە مىنىستىلىكى،يوپوغا ناھىيلىك تازلىق ئىدارىسى ، ئابلاجان ناۋايخانىسى ، سۇزۇك سۇ سەتىراچخانىسى،بەختىياز زەگەچىلىكى قاتارلىق ئورۇنلارغا قاتتىق رەھمىتىمىزنى بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە . تەمىنلىگەن ، ئىشەنچىلىك ئاخباراتلاغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ، رەتكە تىزىلىپ ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى بايانات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرغا قويالغان ئەزالار سالاھىتىنى كەڭ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىماقچىمىز .
مىسرانىھاجىم _ msrn نىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ، قوشۇمچە سەيپۇڭلۇق ھۇنىرى با .
ئۇزۇمچى _ بۇيلۇق كەنتىنىڭ خېتىۋى
تارىم _ پوسكامدا داڭقى بار قارىم .
سەھرا ئوغلى _ قىتىقچى. 2 مىليون7مىڭ 365 يىرىم كوي مەبلىغى با .
ئىدىرىسجان _ ھىتكا لەڭپۇڭخانىسىىڭ پايچىكى .
زامانى _ نۇزۇگۇم چاچ پاراشوكىنىڭ قەشقەردىكى ۋاكالەتچىسى .
ئۇيغۇرشاھ _ شايالىق رازۋىتچىك !
مىھرىزات _ لايىق تونۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ دىرىكتورى .
ھىسلىرىم _ ئىچكى بۆلۇم سىستىراسى .
مەلىكەم _ ھۆسۇن تۇزەش ئۇستىسى .
گۇل چۇشى _ يىزا كوپراتىپنىڭ كادىرى .
قىزغىن _ ۋاڭگۇەن!
كەپسىز قىز _ ياپچان ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ سەتىڭى
دىلىم نازۇك_ قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ قىزى!
ھىجران _ لاي قىرغاق رومانىنىڭ ئاپتۇرى . قوشۇمچە كەسپى باققال .
ئاشكار _ چار بازاچى
چاپلىن _ مىللەتلەر كوچىسىدىكى بازىرى ياخشى موزدۇز .
دەقيانوس _ تىرە سودىگىرى .
ئۇماق شۇم _ پىلانلىق تۇغۇتنىڭ كاسسىرى .
تەركىن _ تانسا مۇئەللىمى .
ئانا يۇرت _ شىېشاڭچى .
بەرگى _ 新疆第一盘 كۇتكۇچىسى ،
تۇغرۇل _ تۇغۇت دوختۇرى
مەلەك _ ساھەلەر بويىنچە ياردەمگە كەلگەن ۋەكىل
ھەسەل _ ھاشارەتشۇناس ،
كۇنقىز _ كونسۇل كوچىسىدا قىتىق ساتىدۇ .
يۇقارقىلاردا مۇنبىرمىزدىكى كۆزگە كۆرۇنگەن ، ئىسىل ( كەسپى كىسىلى ھىسابقا ئالمىغاندا )، ، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش روھى كۇچلۇك تىرىشچان ،ۋەتەنپەرۋەت ،ئىنسان پەرۋەر، سەنەتخۇمار، كىلىشكەن، سەت ئەڭ ئەزالارنىڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلدۇق ، بۇ ئاخباراتلار ! يەكەن يەرلىك گىزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ يۇزىگە تۇكۇرۇپ ، قوسقىغا دىسلاپ ، چىشى تەرلىگىچە تەستەكلەپ ،قىيناپ سوراق قىلىش جەريانىدا خاتىرلەنگەن . چۇشۇپ قالغانلىرى ياكى كەسپى ئۆزگەرتىلگەنلىرى بولسا ، مۇنبەرداشلارنىڭ يىقىندىن ياردەمدە بولۇپ ئەنگە ئىلىش خىزمىتىمىز گە يىقىندىن ماسلىششىنى ئۇمۇد قىلىمىز .
مەنبە : رىشتەم
|
|
|
|
|
|