|
|
|
|
تور ئارىلاۋېتىپ،بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم،كەڭ دوستلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ،بۇ تېمىنى ئاددىلا قىلىپ يوللاپ قويدۇم.ئەسلى مەنبە تەڭرىتاغ تورى.
2010-يىلى 11-ئاينىڭ26-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلگەن 《بىخەتەر بالىلار دورىسىنى ئىشلىتىش خەلقارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى 》دا ئامېرىكا،ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار ھەم دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق تىببى ئالىملار كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن:بالىلار قىززىتما قايتۇرۇش دورىسىنى تاللىغاندا ھازىر بازار تېپىۋاتقان دورا نىمېيشۇلى(خەنزۇچە ئىسمى 尼美舒利)نى تاللىماسلىق،ياكى ئېھتىيات قىلىش زۆرۈر،چۈنكى بۇ دورىنىڭ بالىلار مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى،ھەم جىگەرگە بولغان ئەكس تەسىرى بەك چوڭ بولۇپ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە،غەيرى ئالامەت كۆرۈلگەن،ئەكس تەسىرى چوڭ بولغانلار نەچچە مىڭغا،ھاياتىدىن ئايرىلغانلار بىرنەچچىگە يەتكەن.
بۇ خەۋەر مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئاشكارلانغاندىن كېيىن،جەمئىيەتتە كۆپ غۇلغۇلا قوزغىغان.دۆلىتىمىزدە بۇ دورىنى ئىچىپ ئېغىر رىئاكسىيە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار نەچچە مىڭ قېتىم يۈزبەرگەن بولۇپ ،ئارقا-ئارقىدىن ئاخپارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن جەمئيەتكە بىلدۈرۈلگەن.
بۇ دورىنىڭ ئوراپ قاچىلنىش رەسىمىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۆڭ. http://image.baidu.com/i?tn=baiduimage&ct=201326592&lm=-1&cl=2&fr=ala0&word=%C4%E1%C3%C0%CA%E6%C0%FB%B0%FC%D7%B0%D5%D5%C6%AC#.
ئەمىلىيەتتە بو دورا دورىخانىلاردا يەنىلا سېتىلىۋېتىپتۇ.ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دورا دۇكانلىرىدىمۇ بۇ دورا يەنىلا سېتىلىۋاتىدۇ.شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ بالامغا مۇشۇ دورىنى بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدىم.بايا ئەخلەت چېلىگگە تاشلىۋەتتىم!
بۇ خەۋەرنىڭ خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورىدىكى تېما نامى:
尼美舒利乌鲁木齐市未下架夺命退烧药
تور ئادرىسى:http://www.tianshannet.com/news/ ... content_5594250.htm
|
|
|
|
|
|