مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 6

مۇنبەرداشلار يازغان چۆچەكنىڭ ئاخرىنى داۋا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 12:21:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەي قالدىم ئۇدۇللا دەۋىرەي قايسى كۈنى مۇنبەرگە كىرسەم بالىلار چۆچەك ئېيتىپ كىتىپتۇ بىر باشتىن ئۇقۇسام توداشلىرىمىز راسلا چۆچەككە ئۇستىكەن بىر-بىرىگە تولىمۇ ماس كەپتۇ شۇڭا شۇ چۆچەكلەرنى بىراقلا يىغىپ بىر تىما قىپ باقاي يەنە ئاخىرىنى ئۇلىغۇدەك بولسا ئۇلاپ ئۆزىمىزنىڭ غايىۋى تەسەۋۇرىنى سىناپ باقمامدۇق كىم بىلىدۇ 1001 كېچىدەك چۆچەك چىقامدۇ؟؟؟ ....تۆۋەندە مەن مىسرانىمدىكى  بالىلار يازغان  چۆچەكنى يوللاي قېنى دىقىتىمىز تۆۋەندىكىلردە بولسۇن ...

1. بۆلەك يازغۇچى  : مۆتىۋەر

بۇرۇنقى زاماندا بىرئەل بولغانكەن. بۇ ئەلنى ناھايىتى ئادىل بىر پادىشاھ سورايدىكەن.پادىشاھ بەكلا ئادىل ،دانا بولغاچقا پۇقرالىرىمۇ بەكلا باياشات خاتىجەم تۇرمۇش كەچۈردىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ ئەقىللىق قەلەمگىمۇ، ئەلەمگىمۇ ماھىربىر شاھزادىسى باركەن.پادىشاھ ئۇ شاھزادىسىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھزادىنىڭ شىكارغا چىققۇسى كىلىپ، ئاتىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ شىكارغا مىڭىپتۇ ؛


2.بۆلەك يازغۇچى  :hanay

شاھزادە شىكار جەريانىدا جەرەن ، مارال ، بۇغلارنى ئوۋلاپتۇ ، ئۆزىدىن ئاشقىنىنى يوقسۇللارغا تارقىتىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئاپتۇ ، ئۇ شىكار قىلىپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ يۇرتىغا ئوخشاش بىر ئەلگە كېلىپ قاپتۇ .قارىغۇدەك بولسا ھۈنەرۋەن ئۇستىلار كامالەتكە يەتكەن پېشىۋالار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراشكەن . شاھزادە بۇلارنىڭ ھۈنىرىگە قىزىقىپ قاپتۇ ھەم بىر ھۈنەر ئۆگىنىش ئىستىكى بىلەن ئەلنى ئارلاپ يۈرۈپ بۇ ئەلگە نامى مەشھۇر بىر زەرگەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ   
زەرگەر ئۇستا شاھزادىنى بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىپتۇ ھەم ئۆز ھۈنىرىنى ئۆگتىشكە باشلاپتۇ



3.بۆلەك  يازغۇچى sanjar

ئەلقىسسە شاھزادە ئۇ زەرگەردىن ناھايىتى  كۆپبىلىملەرنى ئىگەللەپتۇ بۇ زەرگەرنىڭ  بىر قىزى بولۇپ  گۈزەللىكتە  بۇشەھەدە ئۇنۇڭغا  يىتىدىغىنى يوقكەن،    بىر كۈنى شاھزادە بۇسودىگەرنىڭ   گۈللۈك باغچىسىدا سەيلە قىلىۋاتسا  بىر  شۇڭقار  ئۇنىڭ بېشىغا كىلىپ قۇنۇپتۇ  دە  بىر  دەم قۇنۇپ تۇر غاندىن كىيىن ئۇچۇپكىتىپتۇ بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى  كۇرۇپ تۇر غان سودىگەرنىڭ  قىزى...



4.بۆلەك يازغۇچى : پىلايس
-ئەي يىگىت ،ئەشۇ شۇڭقارنىڭ بېشىڭغا قونىشى ساڭا ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ،سەن دەرھال شۇڭقار ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە قاراپ يول ئال ،يەتتە دەريادىن يەتتە تاغدىن ئۆتسەڭ ،غايەت زور بىر ئورمانلىق ئۇچرايدۇ ،ئورمانلىقتا نۇرغۇن يىرىتخور ھايۋاناتلار ياشايدۇ.شۇ ئورماننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئېگىز دەرەخنىڭ ئۈستىدە ئەشۇ شۇڭقارنىڭ ئۇۋىسى بار ،يول ئۇزۇن مۈشكىلاتلار كۆپ، سەن شۇ يەرگە بارالىساڭلا شۇڭقار سېنىڭ ئۈچ تۇرلۈك تەلىۋىڭنى بەجا كەلتۇردۇ،دەپتۇ.



5.بۆلەك يازغۇچى :كارول
شاخزادە قىرىق تۈگىگە ئۇزۇق تۈلۈك ئارتىپ ئەشۇ سىرلىق شۇڭقارنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىش ئۈچۈن ئاتلىنىپتۇ . يەتتە تاغدىن ئۈتۈپتۇ يەتتە دەريادىن كىزىپتۇ  قىرىق كىچە كۈندۈز يول يۈرگەن شاخزادىنىڭ  ئۇزۇق تۈلۇقى تەگەپ ھالىدىن كىتىپتۇ . نۇرغۇن جەۋرى جاپالارنى تارتقان شاخزادە بىر قاراڭغۇ ئورمانلىققا كىلىپ قاپتۇ ۋە بىر قېرى دەرەخ تۈۋىدە ھالسىزلىنىپ ئۇيقۇغا كىتىپتۇ شاخزادە چۈشىدە ئاپئاق ساقاللىق بىر بۇۋاينى كۈرۈپتۇ بۇۋاي شاخزادىگە قاراپ ئوغلۇم بۇ ئورمانلىققا كەلمىسەڭ بۇلاتتى بۇ ئورمانلىقتىن يەتتە كۈندە ئۈتۈپ بۇلىسەن بۇ يەردە يەتتە باشلىق بىر يالماۋۇز ياشايدۇ . بۇ ئورمانلىق زۇلمەي ئورمانلىقى بۇلۇپ بۇيەرگە كىرگەن ھەرقانداق بىر ئادىمزات ھايات قالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سەن  ئىھتىيات قىل ساڭا ئۈزۈڭنى قوغداش ئۈچۈن مۇنۇ زۇلپىقارنى ھەدىيە قىلاي ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئۇ ساڭا ياردەم قىلىپ مۈشكىلىڭنى ئاسان قىلىپ بىرىدۇ . ئىسىڭدە بولسۇن ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرسىگە كىرگەندە بىر يۇرۇقلۇق پەيدا بۇلىدۇ سەن ھەرگىز ئۇ يۇرۇقلۇق چۈشكەن تەرەپكە ماڭما ئەكسىچە قاراڭغۇ چۈشكەن  تەرەپكە قاراپ مېڭىۋەر سەن يول يۈرۈپ بەشىنجى كۈنىسى بىر كىچىك قىيادىن سۇ چۈشۈپ تۇرغان بىر بۇلاقنى ئۇچرىتىسەن ھەرگىز ئۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ سالما ئۇ زەھەرلىك يىلاننىڭ ئاغىزىدىن ئاققان زەھەرلىك سۇ ئىسىڭدە چىڭ تۇت دىگەنىچە بىر ئاق نۇر پەيدا قىلىپ يۇقاپ كىتىپتۇ نۇرنى كۈرگەن شاخزادە چۈشىدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كىتىپتۇ .شاخزادە  قارىغۇدەك بولسا قۇلىدا مىسراندىن سۇقۇلغان قوش بىسلىق بىر زۇلپىقار تۇرغۇدەك .................



6.بۆلەك يازغۇچى شۇكۇر0996
شاھزادە قولىغا مىسراندىن سوقۇلغان ئۇشبۇ زۇلپىقارنى ئېلىپ ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ كېتىپتۇ .  ۋۇجۇدى كۈچ قۇۋۋەتكە تولغاندەك تۇيغۇغا كەپتۇ دە ، جاسارىتى سەككىز گەز ئېشىپ بەكمۇ قەدىمىي بولغان ئورمانلىققا قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ . بۇ شۇنداق ئورمانكى ئىچىگە كىرگەندە پەلەككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ دەستىدىن قۇياش نۇرىنى ئەسلا كۆرگىلى بولماس ، ئارىلاپ ئارىلاپ ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ۋەھشىي يىرتقۇچلارنىڭ نەررە تارتقان ئاۋازلىرى كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى شۈركەندۈرەتتى . شىر يۈرەك شاھزادە ھېرىپ قالسا دەرەخكە يۆلىنىپ ئۇخلاپ ، ئۇسساپ كەتسە يامغۇر سۈيى ئىچىپ ، قوسىقى ئاچسا ئۆسۈملۈكلەر يىلتىزى ھەم ياۋايى مىۋىلەرنى يەپ يولىنى داۋام ئەتتىلەر ...
ئەلقىسسە ، ئورمانلىققا قەدەم قويۇپ ئالتىنجى كۈنىگە كەلگەندە شاھزادە شۇنداق بىر تۇمانلىق بىر ساسلىققا كېلىپ قالدى ، ساسلىقتىن بىر خىل زەھەرلىك پۇراق تارقايتى ، بەش مېتىر نېرىسىدىكى نەرسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتى ...شاھزادە ساسلىقتىن قانداق ئۆتۈشنى ئويلاپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز ...



7.بۆلەك :يازغۇچى مۆتىۋەر


شاھزادە ساسلىقتىن قانداق ئۆتۈشنى ئويلاپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز ئاغزىلىرىدىن شالىلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان بىرنەرە تارىتسا قىرىق مىتىر ئارلىقتىكى نەرسىلەرنى يۇتىۋىتىدىغان بىر ئەژدەرھا ئۇچىراپ قاپتۇ. شاھزادىنى كۆرگەن ئەژدەرھا شۇنداق بىر نەرە تارتىپتىكەن .شاھزادە ئەژدەرھا نىڭ ئاغزىغا كىرىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ . ئارلىق يىراق بولغاچقا ئەژدەرھا شاھزادىنى دەم تارتىپ ئەكىرىپ كىتەلمەپتۇ، ئەژدەرھا يەنە بىر كۈچىنى يىغىپ نەرە تارتىپ بولغۇچە ئەقىللق شاھزادە كاللىسىنى ئىشلىتىپ بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ دە قولىغا پۈتۇن كۈچىنى يىغىپ قىلىچنى تىك تۇتۇپ تۇرىۋاپتۇ . ئەژدەرھا بىر دەم تارىتقانكەن . شاھزادە قىلىچ نى تۇتقان پىتى ئەژدەرھانىڭ ئاغزىغا كىرىپ ئەژدەرھانىڭ قارنىنى ئىككى پارچە قىلىۋىتىپتۇ.ئەژدەرھانى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر كۈن يول مىڭىپ يەتتىنجى كۈنى يالماۋۇزنىڭ تۇرار جايىغا يىتىپ كىلىپتۇ



8.بۆلەك يازغۇچى :شۇكۇر 0996

يالماۋۇز شۇنداق يالماۋۇزكى ! بوي سەكسەن گەز ، قاپقارا مورىدەك بۇرۇن تۆشىكىدىن ئىس پۇرقۇپ ، قىپ قىزىل كۆزىدىن ئوت چاقنايدىكەن  .. يەتتە بېشىدىن يەتتە خىل سەت ئاۋاز چىقىرىپ شۇنداق چىقىرايدىكەنكى ناۋا پىروگراممىسىغا چىققان بەزى ناخشىچىلاردىنمۇ ئاشۇرىۋېتىدىكەن .. شاھزادە ، قورقۇمسىز شاھزادە قەددىنى تىك تۇتۇپ يالماۋۇزغا <تېز يەر ئۇپۇپ تازىم ئەت ! شۇندىلا بىر قوشۇق قېنىڭدىن كېچىمەن ! ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ ئالدى بىلەن ئالىي ئەزالىق نامىڭدىن ئېلىپ تاشلاپ ، ئاندىن كېيىن مۇنبەر تۇرمىسىگە قاماپ ، سېنى مەڭگۈلۈك چەكلىۋېتىمەن !> دەپتۇ . يالماۋۇز ئاڭلاپتۇ ..قورقۇپتۇ ..دىمىسىمۇ مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىنكاس يازالماسلىقتىن ئارتۇق ئازاپ بارمۇ ؟ئىنكاس يازالماي ، تېما يوللىيالماي يۈرگەن ھاياتلىقىمدىن ئۆلگىنىم ئەۋزەل ئەمەسمۇ ؟...بەش سىكۇنتلىق ئىككلىنىشتىن كېيىن يەتتە باشلىق يالماۋۇز گۇپپىدە قىپ شاھزادىنىڭ قەدەم ئاستىغا يىقىلىپ تازىم قىپتۇ ...9



9.بۆلەك :يازغۇچى شۇكۇر 0996

ئەلقىسسە ، يەتتە باشلىق يالماۋۇز گۇپپىدا تىزلىنىپ شاھزادىگە باش ئۇرۇشىغا كارامەتلەر يەنە يۈز بېرىپتۇ ، ھايت ھۇيت دىگۈچە قاراس قۇرۇس قىپ چاقماقلار چېقىلىپ ، جاھاننى قاپقارا بۇلۇت قاپلاپ شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ ، ئالاھىزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كېيىن يامغۇر توختاپ ، قارا بۇلۇت تارقاپ ، زەپمۇ چىرايلىق ھەسەن ھۈسەن كۆكتە پەيدا بولۇپتۇ ...ھەسەن ھۈسەن كۆكتە زاھىر بولۇشى بىلەن تەڭ يەتتە باشلىق يالماۋۇز شۇنداق بىر چىقىراپ تولغىنىپ كېتىپتۇ دە ، ئاجايىپ لىۋەن بىر قىزچاققا ئايلىنىپتۇ ، ئاي ھاي ..بۇ قىزنى شۇنداق سۈپەتلەيكى ! قاشلىرى قەلەمدەك ، كۆزلىرى چولپاندەك ، كىرپەگى تال تال ، مەڭىزلىرى خۇددى ھازىرلا <كىرورەن ھۆسۈن تۈزەش ئورنى> دا ئەڭلىك سۈرۈپ چىققاندەك ، ئويماقتەك ئاغزى ، ئىلىپتەك بۇرنى ، بەكمۇ سۈزۈك تېرىسى ، ۋىلىق ۋىلىق كۈلگەندە تەڭ كۈلىدىغان زىناقلىرى ، سۇ ئىچسە كۆرىنىدىغان گېلى ... زەپمۇ تولغان تۇرقى ...بىر تۇتام چىۋىقتەك بېلى ..قىرىق تال قىپ ئۆرىۋالغان سۇمبۇل ساچلىرى ..ئاھ ! شاھزادە بىر چەتتە قېلىپ مەن كۆيدۈم شۇئان ....  
بۇ كارامەت بۇ ئالامەتلەردىن ھەيرانۇ ھەس بولغان شاھزادىمۇ داڭ قېتىپ ئالدىدىكى يەر ئۇپۇپ تۇرغان گۈزەلگە قايلاپ تۇرغان دەقىقتە قىزچاقمۇ ئادىمىزات تىلىدا شۇنداق پاساھەتلىك ھەم يېقىملىق سۆزلىدىكى ! غۇلجىلىق قىزلارمۇ قول قويماي تۇرالمايدۇ ...  
<ئەي ھۆرمەتلىك شاھزادەم ، مەن ئەسلى خېلى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن بىر جادىگەر تەرىپىدىن سېھىر قىلىۋېتىلگەن ، يالماۋۇز تۇرقىدا يۈرۈشكە بەند قىلىنغانمەن . نە سەۋەپتىن بۇ سېھىرنىڭ بىكار بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمىدىم ..بەلكىم مۇڭداشقۇدىكى دەرىجەم ئۆسكەندۇ ...ئۆتكەندە قارىسام ئۈچ ئاي تۇراتتى ، چوقۇم بىر قۇياشقا ئۆزگەردى ..چوقۇم شۇنداق ! >دىگىنىچە شۇنداق تەنتەنە قىلدىكى ، دىبادىكى ئۇيغۇر قىزلىرىدەك قولتۇقىدا بىر نەرسە قىستۇرۇقلۇقتەك سەكرەشكە باشلىدى ..ئەلۋەتتە ئۇ يەنىلا شۇنداق  گۈزەل ئىدى



..10.بۆلەك يازغۇچى :مۆتىۋەر

 ئۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىدىن ئەقلى لال بولغان شاھزادە تۇيۇقسىز نىمە ئۈچۈن بۇيەرگە كەلگەنلىكىنى ئىسىگە ئاپتۇ ۋە قىزچاققا قاراپ مەقسىدىنى بايان قىلىپتۇ - ئەي گۈزەل مەلىكەم ، مەن بۇيەرگە شۇڭقارنىڭ ئۇۋىسىدىكى گۆھەرنى ئالغىلى كەلگەن،  بۇ يەرگە كەلگەندە سىز گە ئۇچىراپ قالدىم ، بولسا قولىڭىز دىن كەلسە ماڭا ياردەملىشىپ شۇ گۆھەرنى ئىلىشىپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن ئالامچە مىننەتدار بولۇپ كىتەتتىم-دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەلىكە ھۆڭرەپ يىغلاپ كىتىپتۇ. 
قىزچاق شاھزادىگە - ئەي باتۇر يىگىت ، ئۇ شۇڭقارنىڭ ئۇۋىسدىكى گۆھەرنى ئىلىش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ، ئۇ گۆھەرنى ئالىمەن دەپ تالاي ئادەملەرجېنىدىن ئايرىلغان ،سىزمۇ شۇ گۆھەرنى ئالىمەن دەپ جىنىڭىز دىن ئايرىلسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن - دەپتۇ



11بۆلەك يازغۇچى شۇكۈر 0996

سۇمبۇل ساچلىق گۈزەل مەلىكە شاھزادىگە راستلا ئاشىق بولغان ئىدى . دىمىسىمۇ شاھزادە بەكمۇ كېلىشكەن ، سۇمباتلىق  بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىم يېرى ھەر خىل ژانىردا شېئىر يازالايتى .. تېخى تۈنۈگۈنلا قاسىم ساتىراچنىڭ ئۆز قولى بىلەن ياسىغان بۇرۇتى شۇنداق ياراشقان ئىدىكى ! سۆز بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز.... ئەلقىسسە ، شاھزادە بەكمۇ قورقماس ئىدى ، ئۇ شۇڭقارنىڭ ئۇۋىسىغا بارمىسا بولمايتى ، بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى ..بۇ ئۇنىڭ نىشانى ئىدى . شاھزادە سالاپىتىنى يوقاتمىغان ھالدا گۈزەل مەلىكىنى بوشقىنا قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئاستا شىۋىرلىدى :-ئەنسىرىمەڭ مەلىكەم ، مەن ناھايىتى تېزلا قايتىپ كېلىمەن . ھە راست ! تورغا چىقىپ قالسىڭىز مۇڭداشقۇرۇمغا خەت قالدۇرۇپ قويۇڭ . مېنى كۈتۈڭ .شاھزادە كەتتى . مەلىكە قالدى .  
شۇڭقارنىڭ مەنزىلىگە بارغۇچە مۇشكۇلاتلار كۇرمىڭ ئىدى ...



12.بۆلەك يازغۇچى قابىلجان    

 يۇقارقى بۆلەكلەرگە ئازراق ماس كەلمەپتۇ لىكىن ئاخىرغا بارغانسىرى  بەك جايىدا كىپ كىتىپتۇ شاھزادە قەمىرىدىن جادى قىلىنغان مەلىكە بىلەن خوشلىشىپ ماڭماقچى بولۇپ تۇرغاندا قىز:-توختاڭ شاھزادە،مۇنداقلا كەتسىڭىز سىز كەلگىچە  ھىجران ئازابىغا مەن قانداق چىدايمەن، مىنىڭ سەبرى قىلىپ تۇرالىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۈچ سۆيۈش ئاتا قىلىڭ،ئۈچ سۆيۈشتىن كىيىن مەنمۇ سىزگە ئۈچ سوغات ئاتا قىلىمەن،بۇ ئۈچ سوغاتقا ئىرىشسىڭىز ئىشلىرىڭىز ئاسان،يوللىرىڭىز راۋان،دۈشمەنلىرىڭىز قاۋان بولغۇسى  شاھزادە بۇ شىرىن گەپلەرگە مەستانە بولۇپ قىزنىڭ بىمالال سۆيۈۋېلىشى ئۈچۈن تىك تۇرۇپ بېرىپتۇ.قىز قۇچىقىنى ئېچىپ كىلىپ شاھزادىنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ يۈزىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ لىۋىنى لىۋىگە تەككۈزۈپ شۇنداق سۆيۈپتىكى، شاھزادىنىڭ بەدىنى يايرىغاندەك،ئىچىدە قانلىرى قاينىغاندەك بولۇپ پۈتۈن بەدىنىدىن چىپىلداپ تەر چىقىپ كېتىپتۇ.سۆيۈش ئاخىرلاشقاندا يىگىتنىڭ بېشى قايغاندەك بولۇپ سەنتۈرۈلۈپ كىتىپ توختاپ قاپتۇ.قىز ئۇنى قويۇۋېتىپ سەل دىمىنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەنە قۇچاقلاپ سۆيۈشكە تۇتۇنۇپتۇ


.13. بۆلەك يازغۇچى :قابىلجان

بۇ قېتىمقى سۆيۈش سەل ئوخشىماپتۇ،شاھزادىنىڭ ئاغزى ناۋات شۈمىۋاتقاندەك شىرىن تەم ئالغان بىلەن بەدىنى سىرقىراپ ئاغرىغاندەك ،پۇت قولى ئۇيۇشقاندەك، بىر يەرلىرى چىمىلدىغاندەك بوپتۇ. شاھزادە سەل ھەيران بولۇپ قىزنىڭ سۆيۈشى تېخى ئاخىرلاشماستتىن تۇرۇپ ئۇنى ئۆزىدىن نېرىراق ئىتتىرىپتۇ. 
قىز ئۇنىڭغا قاراپ:ئەي شاھزادە نىمە بولدىڭىز؟سۆيۈشۈمگە چىدالمايۋاتامسىز - 
شاھزادە ئۇنىڭغا جاۋابەن: 
چىداشنىغۇ چىدايمەن،بىراق نىمىشقىدۇ بەدىنىمدە غەيرى ئالامەتلەر زاھىر بولدى-دەپتۇ.  
قىز كۈلۈپ كىتىپ:  
-سىزنى ھازىرغىچە بىرەر قىز سۆيۈپ باقماپتۇ.سۆيگۈ دىگەن ئەنە شۇنداق،ھەم شىرىن ھەم ئازاپلىق بولىدۇ.قېنى كىلىڭ،ئەمدى مەن سىزنى ئۈچىنچى قېتىم سۆيىۋالاي،ئۈچىنچى سۆيگۈدىن كېيىن سىز ئاجايىپ كۈچتۈڭگۈر بوپ كېتىسىز-دەپتۇ ۋە ئۈچىنچى قېتىم سۆيۈش ئۈچۈن يېقىنلىشىپ كەپتۇ


14.بۆلەك يازغۇچى قابىلجان

 دەل شۇ چاغدا ئۇلار تۇرغان دەرەخ ئۈستىدىن بىر قۇشنىڭ<<كاككۇك>>،<<كاككۇك>>،<<كاككۇك>> قىلىپ ئۈچ قېتىم سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ ھېلىقى قىز بىر سىلكىنىپلا تۈلكىگە ئايلىنىپ قويۇق ئورمانلىق ئىچىگە قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ.ھېلىقى كاككۇك ئۇچۇپ دەرھال يەرگە چۈشۇپ يوغان بىر كۈلرەڭ بۆرىگە ئايلىنىپتۇ دە تۈلكىنىڭ كەينىدىن ئورمانلىق ئىچىگە قوغلاپ كىرىپ كېتىپتۇ

15.بۆلەك يازغۇچى قابىلجان

 بىراز ۋاقىتتىن كىيىن ھېلىقى كۈلرەڭ بۆرە ئورمانلىقتىن قايتىپ چىقىپتۇ .ۋە شاھزادە يىگىتنىڭ  يېنىغا كىلىپ بىر سىلكىنىپلا ئاۋال بىر يېشىل نۇرغا ئارقىدىن بايىقى قىزدىنمۇ ئون ھەسسە گۈزەل بىر قىزغا ئايلىنىپ شاھزادىگە قاراپ تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇپتۇ.شاھزادە ھەيرانلىق ئىچىدە بۇ قىزدىن سوراپتۇ:  
-ئەي گۈزەل قىز ،سىز كىم بولىسىز؟ سىز كاككۇك سۈرىتىدە پەيدا بولۇپلا نۇرغۇن ئاجايىپ ئىشلارنى پەيدا قىلىۋەتتىڭىزغۇ؟سىلەر زادى كىم؟م 
-مىنى تونىمىدىڭىزمۇ ئەي شاھزادەم،مەن سىزنىڭ زەرگەر ئۇستازىڭىزنىڭ  كەنجى قىزى بولىمەن. ئىسمىم گۈلجامال.ئاچام شەخسىيەتچىلىك قىلىپ پادىشا بولۇش يامان غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىزنى خەتەرلىك سەپەرگە ئەۋەتىپ قويدى.سىز مىنى كۆرۈپ باقمىغان بىلەن،دەرىزىدىن مەن سىزنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇراتتىم.ھەم ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.مەن سىزنىڭ بۇ خەتەرلىك سەپەردە خەتەرگە يولۇقىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ يول بويى قۇشلار سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئارقىڭىزدىن ئەگىشىپ يۈردۈم.سىز بۈگۈن خاسىيەتلىك قۇشنى ئېلىش ئالدىدا ئۇنى قوغداۋاتقان يالماۋۇزغا ئۇچراپ قالدىڭىز.ئۇ سىز بىلەن ئېلىشىپ سىزنى يىڭەلمىگەندىن كىيىن چىرايلىق قىزغا ئايلىنىپ سىزنى ئالدىماقچى،ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.شۇڭا مەن ئۇنىڭ سىزگە قەست قىلىشىدىن قورقۇپ خەتەرلىك پەيتتە مەيدانغا چۈشتۈم-دەپتۇ


..16بۆلەك يازغۇچى :قابىلجان

شاھزادە ھەيران بولۇپسوراپتۇ:-خەتەر دىدىڭىزمۇ؟ بايا بىز پەقەت...بىلمىدىم قانداق خەتەر يۈز بېرىشى مۈمكىن -بايا دىدىمغۇ ؟ئۇ دىگەن چىرايلىق پەرىزات سىياقىغا كىرىۋالغان يالماۋۇز،ئۇنىڭ سىز بىلەن سۆيۈشىمەن دىگىنى سىزنى قەستلىگىنى،ئەگەر ئۇ ئەشۇنداق ئۈچ قېتىملا سۆيۈۋالسا،ھەرقانداق مانا مەن دىگەن پالۋانمۇ قانداق جان بەرگىنىنى بىلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ.-بۇ نىمە گەپ ئۆزى؟ -بۇ سۆيۈش سىھىر-جادۇ ئارىلاشقان سۆيۈش،بىرىنچى قېتىملىق سۆيۈشۈشتە ئالۋاستى سىزنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىەڭىزنى شورىۋالدى،بەدىنىڭزنى ئاران كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەك كۈچىڭىزنى قويدى،ئىككىنچى قېتىملىق سۆيۈشۈشتە ئۇ سىزنىڭ قېنىڭىزنى تۇيدۇرماي شورىۋالدى.قېنىڭىز ئازلا قالغاندا سىز تۇيپ قالدىڭىزمۇ ياكى جېنىڭىز تۇيدىمۇ ئۇنى نېرى قىلىۋەتتىڭىز.-ئۈچىنچى قېتىم سۆيۈشكەن بولساق نىمە ئىش يۈز بېرىشى مۈمكىن ئىدى؟-ئۈچىنچى قېتىم سۆيۈشكەن بولسىڭىز ئۇ سىزنڭ جېنىڭىزنى شۈمۈرىۋالغان بولاتتىسىز ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتكەن كىشىدەك ئۆزىڭىزمۇ تۇيمايلا ئۆلۈپ كېتەتتىڭىز.  
-ياپىر،خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ دە؟ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز مەن... 
-بولدى،مەن بار يەردە ھىچنىمىدىن قورىقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.



17.بۆلەك يازغۇچى :قابىلجان

-ئەمما يالماۋۇز مىنىڭ جېنىمنى ۋە قېنىمنى سۈمۈرىۋالغان تۇرسا قانداقمۇ ئەسلىمگە كىلەرمەن؟ئەنسىرىمەڭ،يالماۋۇز ئۆلسىلا سىھىر جادۇسىمۇ يوقۇلىدۇ.سىز ئۇ ئۆلگەن ھامان ئەسلىڭىزگە كىلىپ بولدىڭىز.-ھە مۇنداق دەڭ،ئەمىسە شۇڭقار ئۇۋىسىدىكى گۆھەرنى ئالامدۇق ئالمامدۇق؟-بۇ يەرگىچە كەلگەندىكىن قۇرۇق كەتسەك بولماس،گۆھەرنى ئالايلى،-بۇ گۆھەرنىڭ قانداق كارامىتى بار؟-گۆھەر دىگىنمىز شۇڭقارنىڭ تۇخۇمى،كىمىكى شۇڭقارنى ئۆلتۈۈپ گۆشىنى يىسە كۈچى ئەسلىدىكىدىن مىڭ ھەسسە ئېشىپلا قالماي يەنە ئۆمۈر بويى قېرىمايدۇ. كىمىكى ئۇنىڭ جۇپ قانىتى دىن بىرجۇپ پەينى يۇلۇپ  يېنىغا ئېلىۋالسا ،ئۇ ئاسماندا پەرۋاز قىلالايدۇ.،تۇخۇمى بولسا  ھەقىقى خاسىيەتلىك گۆھەر، ئۇنى كىم قولىغا چۈشۈرسە قانداق ئارزۇسى بولسا ئۇنىڭدىن تىلىسە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.ئەگەر ئۇنى سۇدا چايقاپ كېسەلگە ئىچۈرسە ھەرقانداق ئېغىر كېسەلمۇ شۇئان شىپا تاپىدۇ


18 بۆلەك يازغۇچى : قابىلجان

ئۇنى نەدىن قانداق قولغا چۈشۈرىمىز؟ -دەپ سوراپتۇ شاھزادە،گۈلقامال ئۇنىڭغا شۇڭقارنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ چارىسىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يەنە يېرىم كۈندەك يول مېڭىپ ئاسمان پەلەك بوي تارتقان بىر مىڭ يىللىق چىنار دەرىخىگە يېقىن كىلىشىپتۇ.بۇ چىنارنى ئاغزىدىن ئوت پۇركىيدىغان بەش ۋەھشى يولۋاس ساقلايدىكەن،بۇ يەرگە يېقىن كەلگۇچى ئۇلار پۈركىگەن ئوت بىلەن كاۋاپقا ئايلىنىپ يولۋاسلارغا ئوزۇق بولۇپ كېتىدىكەن.ئەگەر ئۇلار مۆشۈكنى كۆرسە تۇققىنىم كەپتۇ دەپ خوش بولۇپ مۆشۈكلەر بىلەن مۆكۈشمەك ئويناش تاماسىدا ئوت پۈركۈشنى ئۇنتۇپ قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ كېلىدىكەنشۇ قائىدىگە بىنائەن ئۇلار ئورمانلىقتىن ياۋا مۆشۈكتىن ئىككىنى تۇتۇپ بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.ئېتىلىپ كەلگەن يولۋاسلار مۆشۈكلەرنى كۆرۈپ ئوت پۈركىمەپتۇ.ئۇلار مۆشۈكلەرنى قويۇپ بېرىپتىكەن ئۇلار يولۋاسلاردىن قېچىپتۇ. يولۋاسلار مۆشۈكلەر بىلە مۆكۈشۈپ ئويناش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپتۇ


.19بۆلەك يازغۇچى :قابىلجان

 بۇ چىڭقى چۈش ۋاقتى بولۇپ شۇڭقار  دەرەخ ئۈستىدىكى ئۇۋىسىدائۇخلاپ قالغان ئىكەن شاھزادە شەپە چىقارماي  دەرەخكە يامىشىپ ئۈستىگە چىقىپتۇ.ۋە كاپ قىلىپ شۇڭقارنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.ئاندىن ئۇنىڭ  تېنىنى ۋە خاسىيەتلىك  گۆھەر تۇخۇمىنى ئېلىپ دەرەختىن قايتىپ چۈشۈپتۇ. دەرەى تۈۋىدە ئوت قالاپ شۇڭقار گۆشىنى كاۋاپ سېلىپ ئىككىسى بىرگە يىيىشىپتۇ.چۈنكى ئىككىسى بىر بىرىنى قاتتىق ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان بولۇپ تەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ساغلام بەدەن بىلەن مۇھەببىتىنى ئۇزاق يىللارغىچە داۋاملاشتۇرماقچى ئىكەن. 
بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن شاھزادە قەمىرىددىن گۈلجامالدىن قانداق بولۇپ مۇنداق كۈچلۈك سېھىرگەرگە ئايلىنالىغانلىقىنى سوراپتىكەن. گۈلجامال ئۇنى ئۇستا سېھىرگەر ھاممىسىدىن ئۆگىنىپ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى، لېكىن بۇ ھۆنىرىنى تا ھىچكىمگە بىلدۈرمەي مەخپى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى،شاھزادە بۇ سەپەرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئارقىسىدىن قۇش سۈرىتىدە ئەگىشىنى باشلاپ ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ


20.بۆلەك يازغۇچى : قابىلجان

 بۇ ئىشلاردىن كېيىن شاھزادە شۇڭقارغا ،گۈلجامال ئاق كەپتەرگە ئايلىنىپ بىرلىكتە ئۇچۇپ شاھزادە قەمىرىددىننىڭ مەملىكىتىگە بىللە قاييتىپ كىلىپ ئوردىنىڭ بېغىغا چۈشۈپتۇ.ئۇ يەردىن  ئادەم سىياقىغا كىرىشىپ ئوردىغا كىرىپ شاھ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ.ئۇلار شاھزادىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇنى سېغىنىپ كۆپ يىغلاپ ئانىسى ئەما بولۇپ قالغان،پادىشاھ دادىسى قېرىپ ئاقىزلاپ قالغان ئىكەن.شاھزادە قەمىرىددىن گۆھەر تۇخۇمنى دەرھال سۇغا چىلاپ چايقاپ ئانىسىنىڭ كۆزىگە چېچىپتىكەن .شۇ زامات كۆزى قايتىدىن ئېچىلىپتۇ.بۇ سۇدىن پادىشاھمۇ ئىچىپ كېسەللىرى ساقىيىپ ساغلام ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتۇ.شۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشا ھېلىقى يۇرتقا ئادەم ئەۋەتىپ ھېلىقى زەرگەر ئۇستىنى ۋە ئۆيىدىكىلەرنى چاقىرتىپ كېلىپ ئوردىسىدا قىرىق كېچە كۈندۈز توي تاماششا ئۆتكۈزۈپ شاھزادە قەمىرىددىنگە گۈلقامالنى ئېلىپ بېرىپتۇ.ئاندىن تەختىنى ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ ئۆزى دۆلەت ئىشىدىن قول ئۈزۈپ راھەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.قەمىرىددىن پادىشاھلىق قىپتۇ.گۈلجامالغا بىر شىپاخانا سالدۇرۇپ بېرىپتۇ.گۈلجامال بۇ شىپاخانىدا ھېلىقى شۇڭقار تۇخۇمى گۆھەر بىلەن پۇتۈن مەملىكەتتىكى نامرات پۇقرالارنىڭ كېسەللىرىنى ھەقسىز داۋالاپ ساقايتىپ قويۇپتۇ.خەلىق ئۇلارنى بەك قوللاپ بىرلىكتە شادىمان پاراۋان ياشاپتۇ

21. بۆلەك يازغۇچى :قابىلجان 

ئەمدى گەپنى گۈلجامالنىڭ ھېلىقى زەھەرخەندە ئاچىسىدىن ئاڭلايمىز،ئۇ ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئاتا -ئانىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ تويىغىمۇ بارماپتۇ.گۆھەرگە ئىگە بولالمىغانلىقىدىن قورسىقى بەكلا كۆپۈپتۇ.سىڭلىسىنى ئۆلتۈرۈپ گۆھەرنى تارتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ رەزىل مەقسىدى ئەمەلگە ئاشماپتۇ.شۇنىڭ بىلەەن ئۇ ھەددىدىن زىيادەھەسەتخورلۇق تۈپەيلى ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ ساقىيالماي ئۆلۈپتۇ  دىمەك چۆچىكىمىزنىڭ ئاخىرى ياىشىلارنىڭ غەلىبىسى،يامانلارنىڭ ئۆلىمى بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ


.22.بۆلەك يازغۇچى : this.is.it

شۇنىڭ بىلەن تاڭمۇ ئېتىپتۇ شەھرىزاد ھىكايسىنى توختىتىپتۇ قارىسا يېنىدا پادىشاھ يوق تۇرغۇدەك ياندىكى ھۇجرىدا  مۇزىكا ئاڭلىنىۋاتقان قارىسا پادىشاھ كومپىيوتىر ئالدىدا 284مۇزىكا تورىدا ئەركىن ئابدۇللانىڭ << مىڭ بىر كىچە >> دىگەن ناخشىسنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان...

----------------
بەس شەھرزات يىتەر چۆچىكىڭ ،
 كىتەي پۈتمەس ۋھىمە ئىچىدىن .
قۇياش يانغان نۇرلۇق بىر كۈندۈز،
ئارتۇق ماڭا مىڭ بىر كىچىدىن . 
 
تىلسىم كىچە كۆزدە يۇق ئۇيقۇ ،  
ئۆتمۇشۇمنى قالىمەن ئەسلەپ .

ئارزۇلايمەن مىڭ بىر كۈندۈزنى ،
 چۆچەكلەردىن تەسەللى ئىزلەپ
 مىڭ بىر كىچە ....مىڭ بىر كىچە ........
مىڭ....بىر................

.شاھ ئالىيلىرى!!! دەپ چاقىرىپتۇ  شەھرىزات  
شاھ چۈچۈپ كەينىگە قارىسا شەھرىزات كەينىدىلا تۇرغۇدەك  ...نىمە بۇ يەرگە كىرىۋالدىلا؟؟؟ ئالىيلىرى  كۆرىۋاتقانلىرى نىمە بۇ ؟؟---دەپ سۇراپتۇ شەھرىزاد  
شاھ ئالىيلىرى جاۋاپ بىرىپ ...بۇ جاھاننامە ئەينىكى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل كىيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەركىن ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ناخشىچى بالىنىڭ ئيتقان مىڭ بىر كېچە دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلاۋاتىمەن ... دەپتۇ پادىشاھ ... شەھرىزاد: بولدى خان ئالىيلىرى ئەمدى ئوردىغا چىقىدىغان  ۋاقىتلىرى كەلدى قالغىننى كەچتە داۋاملاشتۇرايلى بۇگۈن سىلىگە سۆزلەپ بىرىدىغان يېڭى بىر چۆچەك بار دەپتۇشاھ ئالىيلىرىمۇ تاڭنىڭ ئاللىقاچان يۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلىپ ئازراق ئىسىگە كەلگەن بوپ ئورنىدىن  قوزغىلىپ  شەھرىزاد بىلەن بىللە  ھوجرىدىن چىقىپتۇ  ...كھچ كىرىپتۇ پادىشاھ بىركۈنلۈك ئىشلىرنى تۈگىتىپ قايىتىپ كەپتۇ،  شەھرىزاد پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يېڭى بىر چۆچىكىنى باشلاپتۇ بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسدا يىراق قەشقەر مەملىكىتىدە بىر يىگىت بولغانىكەن ئۇ يىگىت كىچىكىدىن ئاتا ئانىسىدىن يىتىم قالغاچقا تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئۆتىدىكەن ئەمما بۇ يىگىت تۇرمۇشتا قىينالسىمۇ باتۇر چىداملىق قەيسەر ياشايدىكەن ئاجىزلارنى كۆرسە ياردەم قىلىدىكەن ، ئۆزى ئاچ قالسىمۇ ئۆزىدىن كەمبىغەللەرنى كۆرسە ئۇلارغا ياردەم قىلىدىكەن   شۇ مەملىكەتلەردە بىر ئىنتايىن زالىم پادىشاھ ئۆتكەنىكەن ئۇ زالىم پادىشاھنىڭ ھۆسىن جامالىدا تەڭدىشى يوق بىر گۈزەل قىزى بولغانىكەن ...


23.بۆلەك يازغۇچى : شۇكۇر 0996

شەھىرى قەشقەرنىڭ زالىم پادىشاھىنىڭ ئاجايىپ لاتەپەتلىك بۇ قىزىنىڭ شۇنداق بىر ئارتۇقچىلىقى بولغانكى ! ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس ، پۇتى باسماس ، قولى تۇتماس ئىكەن ...مەلىكە چاھارباققا چىقسا بارچە گۈللەر ئېگىلىپ ئۇنىڭ ئېھتىرام بىلدۈرەركەن ..بارچە قۇشلار بەس بەستە ناخشا ئېيتىپ ئۇنىڭ شەنىگە قەسىدە ياغدۇراركەن ...مەلىكىنىڭ ئۇزۇن ئۇزۇن ئىككى تال ئۆرۈمە ساچى قۇندۇزدەك قارا بولۇپ ، دائىم پاچاق مېيى بىلەن ياغلاپ تۇرغاشقىمىكىن پاقىراپلا تۇرىدىكەن ئەلقىسسە ، ئەمدى گەپنى ھېلىقى كەمبەغەل يىگىتتىن سورايلى ؛ يىگىت بىر جۈمە كۈنى سەھەرگە يېقىنلا شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ ، چۈشىدە بەكمۇ چىرايلىق بىر چاھار باغدا يۈرگەنمىش ، گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان ، زۇمرەتت سۇلار ئاياق ئاستىدىكى ئېرىقتىن شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ...شۇ ئەسنادا پىخ پىخ قىپ بىر كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلىنپتۇ ..يىگىت قايرىلىپ قاراپتۇ ، ئاھ ! نىمىشقىمۇ قارىغان بولغىيتى ھە ؟ بىر ئىشق ساداقى يۈرىكىگە ۋاچچىدە قىپ سانجىلىپتۇ -دە ، ئاھ ! دىگىنىچە ئويغىنىپ كېتىپتۇ .. پۈتۈن بەدىنى ئوت ئوت بولۇپ قىزىۋاتقۇدەك ...

.24بۆلەك يزغۇچى :شۇكۇر 0996
يىگىت ئۆزىنى شۇئان زەي يەرگە تاشلاپتۇ ، قوقاستەك بوپ كەتكەن مەيدىسىنى چاپلاپ شۇنداق ئۇزۇن يېتىپتۇلەركى! كۈن ئۆتۈپتۇ ، كېچە ئۆتۈپتۇ ، كۈن ئۆتۈپتۇ ، كېچە ئۆتۈپتۇ ....بىھۇشلۇق ئۇنى ئۆز قوينىغا ساپمۇ ساق يەتتە كېچە كۈندۈز ئوراپ ئاپتۇ . ئەلقىسسە ، يەتتە كېچە كۈندۈزدىن كېيىن يىگىت يەنە بىر ئاھ ! بىلەن كۆزىنى مىدىرلىتىپ ئەتراپىغا بېقىپتۇ ..ھىچكىم يوق . سۇمبۇل ساچلىق مەلىكىدىن ئەسەرمۇ يوق . ئازراقمۇ يوق ...مۇڭداشقۇنى ئېچىپىتكەن ئۇ يەردىمۇ يوق . مۇنبەردىمۇ يوق يىگىت نائۈمۈد ئىلكىدە دائىم بارىدىغان كونا جايغا بېرىپ مۇقەددەس ياغاچ ئورۇندۇقتا بەك ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ ..كۆزلىرىدە لىققىدە ياش ...ئورۇندۇق ئاستى لىققىدە ياش ...قولىدا بىر چىشلەپ قويۇلغان دىدو



مانا مۇشۇ يەرگىچە يېزىلىپتۇ  قېنى توداشلار  سىلەمۇ بىر كىپ باقمامسىلەر  ...


مۆتىۋەر   قابىلجان  ۋە  شۇكۇر 0996  
كارول  پىلايىس  sanjar   hanay 

 قاتارلىق تورداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت  ئېيتىمەن ..باش ئاخىرنى باغلاش ئۈچۈن بەزى بۆلەكلەر قىسقارتىلدى تۈۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن ......    ...بۇنى چىقىرىشتىكى مەقسەت بۇ تىمىنىڭ مۇشۇنداقلا يوقاپ كىتىشىگە چىداپ تۇرالمىدىم .........

جاندىن كەچمىگۈچ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 1260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5061
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 1329 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 03:35:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى ئەمسە مۇنبەرداشلار بۇچۆچەكنىڭ ئاخىرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار !
بىز تاماششىبىن ياكى پۇخرابوپ قالايلى ! .......... قىنى ئەمسە !

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !

كىشى ئاخىر ئۆلۈپ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11386
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3115 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 11:41:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ، چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن كۆز يېشىنى ھەمدە پوتلىسىنى سۈرتۈپ تاشلاپتۇ دە ، بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ مىسرانىم مۇنبىرىگە كىرىپ كەپتۇ . سەھىپىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ شېئىرىيەت سەھىپىسىگە بېرىپ توختاپتۇ ، ئاستا تېما يوللاش دىگەن يەرنى چېكىپ يۈرەك سۆزلىرىنى يېزىشقا باشلاپتۇ :

ئېھ ! جانان ئالىپ جانىمنى قويدىڭىز يەردە،
ئشق ئوتىڭىزدا پۇچۇلاندى غېرىپ بىر بەندە.
ھوزۇرىڭىزدا قوبۇل ئەيلەڭ ئېچىپ ئىللىق چىراي
يۈرمەي بۇ كېچە تولغىنىپ بىھىساپ دەردۇ غەمدە .


ئەلقىسسە ، بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كېيىن مۇنبەر ئۇچۇر سېستىمىسى سايراپ كەتتىلەر . ھېلىقى يىگىت شۇنداق چېكىۋىدى سەھىپىلەر باشقۇرغۇچىسى مۇنداق يازغان ئىدى :
-يازمىڭىز بەك قىسقا . كەچۈرسىز ، ئۈچ كۇپلىتقا توشمىسا تەستىقلانمايدۇ . يەنە ئازراق ئۇزارتىپ يوللاپ بېقىڭ .
ئۇزارتىپ يېزىشقا ئۇرۇنغان يىگىت قانداقمۇ قىلمىسۇن ئىچىدىن گەپ چىقىرىپ قوتالماي قالدى ... ئەلەملەر ئىلكىدە يۈرەك سىرىنى دىيەلمەي مەيدىسىنى زەي يەرگە يېقىپ يەنە داۋاملىق يەتتە كېچە كۈندۈز بىھۇشلۇققا ئەسىر بولدىلەر ..

دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4486
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 7124 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 04:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتىنجى كۈنى بولغاندا مەغرىپ تەرەپتىن ھەرقانداق كىسەلگە داۋا قىلىدىغان بىر  دەرۋىش بۇمەملىكەتكە جاھان كىزىپ كىلىپ قالدى .
دەرۋىش سايىداپ بىردەم ھاردۇقىنى ئېلىۋېلىش ئۇچۈن بىر ھويلىنىڭ ئالدىدىكى ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىدىكى سۇپىغا كىلىپ ئولتۇردى .
- دەل شۇ ۋاقىتتا ................

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   
تەكلىما بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 04:03:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

جاندىن كەچمىگۈچ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 1260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5061
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 1329 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 05:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ ...... غەيرەت قىلىڭلار !
قىنى قابىلجان كۆرۈنمەيدىغۇ  ؟

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 09:39:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قابىلجان  تەكلىماكان  شۇكۇر  0996   مۆتىۋەر  قاترلىقلار نىڭ چۆچەككە پەيزى باركەن جۇمۇ داۋاملىق دەيمەن !!!!!!!!!!!!!!! قېنى غەيرەت قىلىڭلار ......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش