دۇردانە لەتىپىلەر(2)
ھوشىدىن كەتسە ھالىمىز خاراب
مەدرىسنىڭ ۋەخپە ئۆيلىرىنىڭ بىرىدە ئىجارە ئولتۇرغۇچى بىر كىشى، ئۆي باشقۇرغۇچى مۆتىۋەللىنىڭ يېنىغا بېرىپ:
ــــ تەقسىر، ئۆيىمىز ئۆرۈلەيلا دەپ قالدى، ھەتتا قومۇشلىرى ئېچىلىپ ، شامالدا شىلدىرلاپ كېچىچە ياتقۇزمايدۇ، شۇنى ياساپ بەرسەڭلار ئىكەن،ــــ دەپتۇ . مۆتىۋەللى بولسا پەرۋاز قىلماي:
ــــ قورقما بۇرادەر، ئۆيۈڭ خۇدايىمغا تەسبى ئېيتىۋاتىدۇ، ــــ دەپ چاقچاق قىپتۇ. ھېلىقى كىشى ئېيتىپتۇ:
ــــ ئۆينىڭ دەرۋىش سۈپەتلىكىدىن ھېچقانداق گۇمانىم يوق، بىراق زىكرىگە چۈشكەندە بېشى قېيىپ بىھوش بولۇپ يېقىلىپ چۈشسە، ئۇششاق بالىلار بىلەن بىزنىڭ ھالىمىز خارابتە !
مەن سېنى قاچان تاپقان
بىر يىگىت يول باقىسىدا نۇرغۇن ياش قىزغا چاقچاق قىلىپ پاراڭ سالغىلى تۇرۇپتىكەن ، سەل نېرىدا كېلىۋاتقان بوۋاي يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاچچىقى بىلەن :
ــــ نېمە دەپ بىراۋنىڭ قىزىغا چاقچاق قىلىسەن ؟، ــــ دەپتۇ.
ــــ سىزنىڭ نېمە كارىڭىز ؟، ــــ سەپتۇ يىگىت ھېچنىمە بولمىغاندەك قىياپەتتە ، ــــ مەن گەپ قىلسام يات ئادەمگە گەپقىلمىدىم ، بۇ مېنىىڭ سىڭلىم بولىدۇ.
بوۋاينىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەپتۇ ۋە ساقاللىرىنى تىترىتىپ:
ــــ بۇ مېنىڭ قىزىم، ئەگەر راستىنلا ئۇ سىنىڭ سىڭلىڭ بولسا، دەپ باقە مەن سىنى قاچان تاپقان؟ ــــ دەپتۇ.
ئۆزۈمنى ئالدىراڭغۇ دېسەم...
تولىمۇ ئەزمە بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ھەرقانچە جىددىي گەپنىمۇ يەتتە ئايلاندۇرۇپ قىلىدىكەن ، نىر كۈنى قوشنىسى ئۇنىڭكىگە پاراڭلاشقىلى كىرىپ، ئوچاقتىكى ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشى ئوتقا تېگىپ كېلىپ كۆيۈشكە باشلاپتۇ، بىراق ئۆزى بايقىمامتۇ. ئەزمە بولسا بۇنى كۆرۈپتۇ:
ــــ مەن بىر نەرسە كۆرۈپ قالدىم ، ئەگەر سىز ئۇنى يېقىن ئارىدا نېرى تارتمىسىڭىز ، ئۆزىڭىزگە زىيان بولارمىكىن ، ئەگەر دەپ بەر دېسىڭىزغۇ، قوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزىدىن دەپ بېرەرمەن...ــــ دېيىشكە باشلاپتۇ ، قوشنىسى ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي:
ــــ زادى نېمە ئىش بولدى، دېسىڭىزچۇ؟، ــــ دەپ سوراپتىكەن،ئەزمە:
ــــ چاپىنىڭىزنىڭ پېشى كۆيۈۋاتقىلى نەۋاخ ، ـــــ دەپتۇ، قوشنىسى دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۋاپتۇ ـ دە ، ئاچچىقلىنىپ :
ــــ قانداق ئادەمسىز؟ كۆرگەن ھامان ھايت دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟،ــــ دەپتىكەن، ئەزمە قېتىغا كەلمىگەن ھالەتتە جاۋاب بېرىپتۇ :
ــــ مەن ئۆزۈمنى ئاردىراڭغۇ دېسەم ، سىز مەندىنمۇ ئۆتە ئالدىراڭغۇ ئىكەنسىز جۇمۇ!
مەنبە: 2003-يىلى 5-ئايدا نەشىردىن چىققان، ماخمۇت مۇھەممەت يازغان «دۇردانە لەتىپىلەر» دېگەن كىتابتىن ئېلىغان. شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى.