مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3900|ئىنكاس: 43

تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىرى ئەخمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە،شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى رونكى شىركىتى بىلەن ياۋرپا-ئاسىيا ھاۋا يولى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان.1929-يىلى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن قۇمۇل،ئۈرۈمچى،چۆچەكلەردە ئايرۇدۇرۇم ياسالغان.1932-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى ،ليۇ سى دىگەن ئۇچقۇچى ھەيدىگەن <يونكىر>ماركىلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى سىناق تەرىقىسىدە ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم قونغان.
      شۇنىڭدىن كېيىن،جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ئۇچقۇچى تەربىيىلەش مەقسىتىدە شۇ يىلى سوۋېت ئىتپاقىدىن ئۇچقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرغان.بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇچىنى پۇختا بىلىدىغان ئەخمەت(خەنزۇچە ئىسمى يۇەنجاڭ) ئىسىملىك بىرلا بالا قوبۇل قىلىنغان.ئەخمەت ئەسلىدە خوتەنلىك بولۇپ،20-يىللارنىڭ باشلىرىدا دادىسى بىلەن تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ياڭ زېڭشىن ئاچقان شۆتاڭدا ئوقۇغان.ئۇ شۇ جەرياندا خەنزۇچە تىل-يېزىقنى پۇختا ئىگىلەپلا قالماستىن،بەلكى شۇ زاماندىكى خەنزۇ خەتتاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.ئەخمەت ئۇچقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن،تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋە 1936-يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ سۈييۈەن ئالدىنقى سېپىگە قىلغان ئىئانە-ياردەملىرىنى ئايرۇپىلان بىلەن لەنجۇغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
      1938-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇچقۇچىلار ئەترىتىگە ئەۋەتكەن43نەپەر كۇرسانتتىن لۈي لىپىڭ (ئەسلى ئىسمى لى ۋەنشەن)باشلىق 25كىشى ئۇچقۇچىلار سىنىپىغا كىرگەن.لۈي لىپىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغان.ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ئەخمەت بۇ كۇرسانتلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان،ئۇلارغا ئۇچقۇچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە دەرس ئۆتكەن.ئۇ يەنە سوۋېت ئىتپاقىدىن كەلگەن،ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىدىن دەرس بېرىدىغان ئۇچقۇچىلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان.1939-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى شىنجاڭ خەلقى ياپونغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ئىئانە قىلغان<شىنجاڭ>ماركىلىق ئون دانە ئايرۇپىلاننى ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قاتناشقان.
     ئەخمەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە جامائەت ئىچىدىكى ئابرويى شېڭ شىسەينى ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت توققۇز ئايرۇپىلان باشقۇرىدىغان ئۇچقۇچىلار چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان.ھايات شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ ھەر قېتىم ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە،ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا بىرقانچە مىنۇت ماھارەت كۆرسىتىپ، ئاندىن يولغا راۋان بولاتتىكەن.
     1939-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىردا ئەخمەت ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت كۆرسەتكەن.ئۇ لاچىندەك ئاسمانغا تىك ئۆرلەپ،يەرگە قاراپ شۇڭغۇپ،يەنە ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە،يەردىكى توپىلار قۇيۇن ئۇچقاندەك كۆتۈرۈلگەن.جىمجىت بوپكەتكەن مەيدان بىردىنلا ھۇررا ۋە ئالقىش ساداسىغا تولغان.ئەخمەتنىڭ ماھارىتى،خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقى ۋە ھۆرمىتى شېڭ شىسەينى قاتتىق چۆچۈتكەن.شۇنىڭ ئەتىسىلا ئەخمەت قاتارلىق بىرقانچە ئىلغار ئۇچقۇچى<خائىنلىق قىلىش قارانىيىتى بار>دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان.
     ئەخمەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرى،ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىللە 1942-يىلىغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە يېتىپ،ئاخىر پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا قاتتىق ئازاپ-ئوقۇبەت،خورلۇق ئىچىدە پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.    
     شېرىپ خۇشتار <شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىدىكى مەشھۇر شەخسلەر>
      شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000-9-ئاي نەشرى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 100 ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ،رەھمەت سىزگە

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 2308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26698
تۆھپە نۇمۇرى: 2865
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:14:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىپ قويغاننىڭ زىينى يوق .
بىلەيلى ..بىلدۈرۈپ تۇرايلى ..رەھمەت ،،يېڭى -يېڭى تارىخى ئۇچۇرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي،
قاپىقىڭىز مەڭگۈ تۈرۈلمىگەي ،چىرايىڭىزدىن  كۈلكە ئۈزۈلمىگەي،يامانلىق سىزگە يېقىن سۈرۈلمىگەي..

ئەلدىن ئەلگە نەپ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8235
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 256957
تۆھپە نۇمۇرى: 1473
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2011-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:16:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېڭ شىسەي خەلقىمىز ئىچىدىكى تالاي بىلىملىك،ئىلىملىك ئىلغار كىشىلەرنىڭ جېنىنى ئالغان جاللات [s:157]

* كىتاب _ لوقمان ھەكىم ، كىتاب _ رۇستەم پالۋان ، كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا . بۇ ، ئاددىي تەسۋىر ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت !

ھاياتنى قەدىرلە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15795
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7307
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئگىسىگە رەخمەت .ئۇنتۇلۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ئاكىمىزنى بىلۋالدۇق. [s:132]  [s:132]  [s:132]

ئانايۇرتۇڭ ئامان بولسا . رەڭگى رويىڭ سامان بولماس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9014
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم ! رەھمەت سىزگە ! بولسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق يېڭى بىلىملەرنى بىزگە سۇنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !  [s:173]

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:25:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقىكىن مۇشۇ شىڭ شىسەينىڭ گېپى چىقسىلا نەچچە كۈنگىچە خىزمەتداشلىرىمغا گەپ قىلغۇم كەلمەيدۇ ... لىكىن ھەممىنى شىڭ شىسەيدىن كۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى يېقىندا ھىس قىلدىم .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

كۆك بۆرە ئىكەنسە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7236
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:28:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى توللىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت........

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22056
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10072 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازاتلىقتىن كېيىن   70-يىللارنىڭ ئاخىرغىچە نۇرغۇن ئۇيغۇر  ئۇچقۇچىلار تەربىيەلەنگەن ئدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28246
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2011-1-29
ئاخىرقى: 2011-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 04:54:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت   ھەرنىمە بولسا بىلىۋالدۇق،  مۇشۇنداق ياخشى تارىخى خەۋەرلەردىن بىزنى خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت،،  مۇشۇنداق تىمىلىڭىز ئۈزۈلمىگەي..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10403
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9206
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-15 05:06:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilmigenni  biliwalduq.  rehmet!

  hazirqi  zamandikilerdin  yoqmidu?

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتتى، سورىدىم؛-مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش