مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 25085|ئىنكاس: 84

نېمىشقا شېئىرلارغا چەكلىمە قويۋالسىلەر؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5704
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2246 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 06:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئۇشبۇ مۇنبەرنىڭ "شېئىرىيەت گۈلزارى" سەھىپىسىگە "ياخشى" دېگەن شېئىرىمنى يوللىغان ئىدىم، بىراق xxباشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈپ، "مەزمۇن بەك قىسقا، تولۇقلاپ بېيىتىپ ئاندىن يوللاڭ" دېگەن بىر ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇر كەلدىيۇ ماڭا بەك ھار كەلدى، ئالدى بىلەن مەن يوللىغان تېمامنى بۇ يەرگە ئەينەن يوللاپ باقاي، كۆرۈپ بىر نەرسە دەڭلار...

ياخشى

(سانائىل ھەرپىيات)

ياشلىقتا ياخشىغا يارىغان ياخشى،
"ياشلىق"قا يۈگەننى ياسىغان ياخشى.
يامانغا يېلىنىپ يۈگۈرگەنلەردىن،  
يىرگىنىپ يىراقتا ياشىغان ياخشى.

يامبۇغا يېڭىلىپ يات يەردە يۈرمەي،
يۇرتىدا يەكتەكنى يامىغان ياخشى.
ياۋلارنىڭ يېرىگە ياغدۇرۇپ يالقۇن،
يىقىلغان يىگىتنى يۆلىگەن ياخشى.

مەنبەسى: ئابدۇل

ئاخىرى بۇ ئەلەمگە چىدىماي qqدا خەت يازدىم،<< بىزدە ئامال يول، ئۈچ مىسراغا يەتمەيدىغان شېئىرلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ>>دېگەن جاۋاپ كەلدى، ئامال يوق مۇنۇ جايدا ھال ئېيتىۋاتىمەن.......
تۇغماس توخۇ ياتىدۇ، كەتەكنى چىڭ ئېگەللەپ،
تۇغمايدۇ يا كاتەكنى، تۇغقانلارغا بەرمەيدۇ....
مۇنبەرنى چوڭ قۇرۇپ ئەزا سانىنى 300000غا يەتكۈزگەن بىلەن بۇنىڭدىن بىزگە نەپ كەلمىسە ......
نېمە ئۈچۈن ماس سەھىپىگە خاس شۇ سەھىپىگە بولغان ئىشتىياقى بار، شۇ تۈرنى چۈشىنىدىغان كىشىنى باشقۇرغۇچى قىلىپ تاللىمايدۇ؟؟؟!!!!!
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە 130خىلدىن ئارتۇق شېئىرىي شەكىل بار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئۆمرۈمدىن ئىككى مۈچەل ئۆتكۈچە ئىزدىنىپ ئاران 36خىل شەكىلنى تاپالىدىم، يەنە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىمەن، ......
شېئىر دېگەن ھەجىمگە ئەمەس بەلكى مەزمۇنغا قارايدىغان نەرسە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە "تەجىنىس" قا ئوخشاش ئىككى مىسرا بىلەنلا چەكلىلنىدىغان شېئىر شەكىللىرىمۇ، "رۇبائىي"غا ئوخشاش تۆت مىسرادا چەكللىنىدىغان بىراق يېزىش ئاسان بولغان  شەكىلمۇ، يەنە "مۇساۋىيات تەرەپەيىن" گە ئوخشاش تۆت مىسرادىلا چەكلىنىدىغان، ئاسانلىقچە يازغىلى بولمايدىغان شەكىلمۇ بار، مەن "سانائىل ھەرپىيات" نى ئىككى كۇبلېت قىلىلپ يازسام ئوقۇپ بېقىلمايلا ئۆچۈرۈپ تاشلاندى، "رۇبائى"نىغۇ سەككىز ئوننى يېزىپ بىراقلا "ئۈچ كۇبلېتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك " دېگەن شەرتكە چۈشۈرۈپ يوللاۋەرسەك پۈتتى، بىراق پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە " سانائىل ھەرپىيات" تىن يەنە قانچىسى يېزىلدى؟؟؟؟ يەنە بۇنىڭغا قوشۇپ بىرەرنى يېزىۋېلىش مۇمكىنمۇ؟؟؟؟
بىزنىڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىنمىسا مەيلى، بىراق بىز بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن مىراسلارنى ئۆزىمىز ياكى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن دەپسەندە قىلىپ كەلدۇق، ئەجەبا مۇنبەرنىڭ "مۇقەددەس" تۈزۈملىرى ئۆزىمىزنىڭ ئەمگىكىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن، ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەنمۇ؟؟؟؟؟
ئۇلۇش ئاللاھ ئادەمنى لاھىيىلىگەندە مۆرىنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىنى تەپەككۈر قىلالايدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈپ ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان قىلىپ ياراتمىغانمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەي بېكەت باشلىقى باشلىق باشقۇرغۇچىلار، مەدەنىيىتىمىزنى دەپسەندە قىلمىساڭلار، "ھەقىقەت"نى" ئەمەلىيەت"تىن  ئىزدىسەڭلار..........
بۇنداق ھاقارەتكە يول قويمىساڭلار........

نۇرغۇن قېتىم شېئىرلار نىڭ كۆپ يوللىنىپ كەتكەنلىكى، شېئىرلارنىڭ سۈپىتى ۋە ئاز كۆپلىكى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئەزالار نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن شېئىرغا چەك قويۇلغان، قېنى بۇ ھەقتە ئادىل پىكىر بىرىدىغانلار ئوتتۇرغا چىقىپ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا.
مۇستەقىل قارىشى يوق، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ئويۇن كۆرىدىغان ئەزالارغا ۋاختىدا چارە قوللىنىمىز.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
atabore + 100
umak88 + 20
مېھرىزات + 200 ............. ئىنكاس كەتتى ، قوللايمەن !

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 320   باھا خاتىرىسى

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18385
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6177
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 693 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2011-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېر يازماق ئاسان ئەمەس ،باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆچۇرەشكە لا تۇرمىسا ...

داناغا دەرتنى نا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1935
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10233
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چارە قوللىنىمىز ؟!
بۇنداق تەھدىن سالساڭلار ئىنكاس يازغۇچە قوللۇرمىز لاغىلداپ تىترەپ كىتىدىكەن !! سايىپخان دېگەن مېھمانغا تەھدىت سالمايدۇ  !! تەكلىپ سالىدۇ !!!

چاخچاق قىل كىشىلەر كۈلۈشسۇن خەندان ئورۇنسىز كوپ بولسا گەر كۆڭۈللەر ۋەيران .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6297
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10405
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1822 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقتە ئاخىرى بىرى چىدىماي ئېغىز ئاچتى.بۇ ھەقىقەتەن بۇ مۇنبەردە تۈزىتىشكە تىگىشلىك بىر مەسىلە.شئېرنى مىقتارلاپ تەستىقلاش تولىمۇ ئەخمىقانىلىق

بىلەمسەن جېنىم؟!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1420
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10876
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:54:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتۈش
      (ئايىمنىسا سۇلايمان)
      
       سۈزۈككىنە سېغىنىشلاردىن،
       بۇقۇلدايدۇ مىڭ پاتمان ئازپ.
       ھالسىزلانغان شېرىن ئىستەكلەر،
        گۈل تۈۋىدە چېكەر ئىزتىراپ.
  <تارىم ژۇرنىلى> دا ئېلان قىلىنغان.

           مۇساۋىيات تەرەپەيىن
             (ئابدۇۋەلى قۇربان)
         
          ۋاپا بىرلە كۆڭۈل بەردىم، ۋاپا ئەيلەپ سۆيەرسەنمۇ؟
          كۆڭۈل بەردىم ۋۇجۇدۇم ئوت، شۇ ئوتلاردا كۆيەرسەنمۇ؟
           ۋاپا ئەيلەپ شۇ ئوتلاردا، سەمەندەردەك كۆيۈپ ئۆتسەم،
            سۆيەرسەنمۇ، كۆيەرسەنمۇ، كۆيۈپ ئۆتسەم ئۆلەرسەنمۇ؟

          مۇھەببەت دەشتىدە يۈرىكى زەپىران بولغان بارلىق ئاشىقلارنىڭ دەرد ئەلىمىنى قىسقا ئەمما، شۇنداق چىرايلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن شېئىر. لېكىن بۇمۇ چىقمايدۇ-دە؟
  ھەممەيلەننىڭ تورغا چىقىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ. بولۇپمۇ، بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەك چەكلىكلا... بەزى ئۇزۇن ھېكايە، پوۋېسىتلارنى يوللاپ قويسا تەستىقلانغان بىلەن . ئۇنى كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا دۈمچىيىپ ئوقۇپ بولغۇچە كۆزلەر سىقىلىپ، بەل ئاغرىپ كەتمەمدۇ؟ ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام بەك ئۇزۇن ئەسەرلەرنى ئۇقۇپ بولالمايمەن. مۇنبەر كۆرۈشتىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئىشلار بولغاچقا تېمىنى چېكىپ سەھىپىسىگە قاراپلا چىقىپ كېتىمەن.

ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 999
يازما سانى: 1356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107745
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 4409 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:54:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماس سەھىپىگە خاس شۇ سەھىپىگە بولغان ئىشتىياقى بار، شۇ تۈرنى چۈشىنىدىغان كىشىنى باشقۇرغۇچى قىلىش......

تېما ئىگىسىنىڭ بۇ پىكرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن....ھەرھالدا، بۇمۇ ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالمىسا.......

مەن ئاپامنىڭ ئاپئاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.......
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

داناغا دەرتنى نا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1935
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10233
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 07:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  قىزغىن كە 2011-02-14 07:47 PMئەۋەتىلدى  :

مۇستەقىل پىكىر قارىشى يوق، شامال يۆلىنىشىگە ئەگىشىپ ئىنكاس يازىدىغان ۋە ئويۇن كۆرۈدىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان، توغرا چۈشۈنىڭ.
تۈزۈتۈش ۋە تەكلىپنى مەقسەد قىلماي بۇيرۇق تۇسىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ سېنىڭ دېگىنىڭ ھىساپ ئەمەس ! مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ !!! دېگەندىن پەرقى يوق ئەپەندىم !!!

چاخچاق قىل كىشىلەر كۈلۈشسۇن خەندان ئورۇنسىز كوپ بولسا گەر كۆڭۈللەر ۋەيران .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17594
تۆھپە نۇمۇرى: 1167
توردا: 14790 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 08:00:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، سانغىلا قارىماي سۈپەتكىمۇ ئەھەمىيەت بېرىش زۆرۈر، بەزى چوڭ ھەجىمدىكى تېمىلارنىڭ كىشىگە زوق ئاتاقىلىشى ناتايىن ئەمما كىچىك ھەجىمدىكى  بەزى تېمىلارنىڭمۇ رولىغا سەل قارالمسلىقى كېرەك.
مۇنبەردە شۇ خىل ئەھۋال بار ھەقىمى كىچىك بولۇپ قاپتۇ  بېيىتىپ مەزمۇن قوشۇپ يوللاڭ دەپ يولللىغان تېمىلار ئۆچۈرلىدۇ.شۇڭا سانغىلا قارىماي سۈپەتكىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 08:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشكىلىپ  مۇشۇ  تىمىنى  ئۇچەگەندە  تولۇق بىر    ئەسكەرتىش  بەمەيلا  ئۇچىرىدىغان  ئىش جىق ...  مۇنبەردە  ئەزا جىق دەپ  تىماغا  چەك  قويۇش   ھەقلىق ... تىمىغا  چەك قويۇپلا  قانداق تىمىغا  چەك قويۇشنى بىلمىسە  بولمايدۇ دە ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش