|
|
|
|
خەنزۇچە نۇر ئىسلام تورىدىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم
ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنوم رايونى ئالاشەن(خەنزۇچە ئاھاڭ) سول قاناتتىن 65 كىلومىتىر غەربىي شىمالىدا بايىىن مورسۇم
دەيدىغان بىر يەر بولۇپ بۇ يەردە مۇڭغۇل ئۆيلىرىدە ئولتۇردىغان ،مۇڭغۇلچە كىيىدىغان ،مۇڭغۇلچە ئورتاق تىلدا
سۆزلىشىدىغان ۋە يېزىق ئىشلىتىدىغان لېكىن ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان بىر توپ ياشىماقتا ئىكەن .
ئۇلارنى شۇ يەردە ھەرخىل نامدا ئاتايدىكەن مەسىلەن :مۇڭغۇل تۇڭگىنى،كابۇر مۇڭغۇلى ،يۆگەك باش تۇڭگان دەپ ئاتايدىكەن
كىشى ئىسىملىرى ۋە تارىخى ۋەقەلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىپ قويماي دەپ ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى تەسۋىرلەنگەن مەزمونلارنى
يۈزەكى تەرجىمە قىلىپ قوياي .تەپسىلى مەزمونىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تېما ئاستىدىكى خەنزۇچە ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ .خەنزۇچە
تەرجىمىسى ياخشىلار تەرجىمە قىلىپ قويارسىز .
بۇ مۇڭغۇل مۇسۇلمانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىلىق نەچچە خىل قارش بار .
بىرى ئۇلار 札萨克罗布桑多尔济 چەنلوڭ يىللىرى غەرىپكە يۈرۈشتىن قايتىپ كەلگەندە قومۇل دىيارىدىن
ئېلىپ كەلگەن قازاق مۇسۇلمانلار .
يەنە بىرى 1686-يىلى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئىتەكلىرىدە ياشاۋاتقان بەزى مۇڭغۇل قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى يەن
چىنگىزخاننىڭ ئىنىسى خازارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى جۇڭغارلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ ئالاشەن
گە كەلگەن چىيەنلۇڭ خان بۇنى بىلىپ ئۇلارنى خېلەنشەننىڭ غەربىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر قازاقلاردىن
بولۇپ 7000 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار ئىدى .1724-يىلى چىڭخەيدىكى 罗卜藏丹津 توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كېيىن
توپىلاڭنى تىنجىتىشقا بارغان ئالاشەن ۋاڭى ئاباۋ ئۆزى بىلەن چىڭخەيدىن 100 دەك خۇيزۇنى ئېلىىپ كىلىدۇ .
1747-يىلى جۇڭغارلار توپىلىڭىنى تىنجىتقان 罗布桑多尔济 يەنە ئۇيغۇر ،قازاق ،تۇڭگاندىن بولۇپ بىر بۆلەك ئادەمنى
ئالۇشەنگە ئەكىلىدۇ .
چىڭ دەۋرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ مۇسۇلمانلار شۇ يەردىكى موڭغۇللار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت بىللە ياشاش جەريانىدا
مۇڭغۇللارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ لېكىن ئىتقاتىدا چىڭ تۇرۇپ ھازىرغىچە ياشاپ كەلمەكتە .
1852-يىلدىكى مۇڭغۇل مۇسۇلمانلار مەسچىتى
ئاخۇنۇم ئىسلام قائىدىسى بويىچە قوي سويماقتا .
مۇڭغۇل مۇسۇلمانلىرى سۈنتلۈك چاي ۋە بوغۇرساق يىيىشكە ئامراق
مۇسۇلمانچە كىيىم كەيگەن مۇسۇلمان مۇڭغۇللار .
مەنبە:
http://www.noorislam.org/forum.php?mod=viewthread&tid=99279
|
|
|
|
|
|