مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1587|ئىنكاس: 11

مەنمۇ قىزاردىم( ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 1587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16443
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4273 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-13 10:37:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               مەنمۇ قىزاردىم ( ھىكايە)
 
      ھاراق دېگەن بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ كارامىتىگە مەن قايىل.ئۆزۇڭنى چاغلىماي  بىر-.ئىككى رومكا ئوشۇق ئىچىپ قويدۇڭمۇ، بىردەملا ساراڭ بولىسەن. مانا مەن ھەرقىتىم ھاراق ئىچسەم، مەھەللىگە ئۈنۈمنى بولىشىغا قويۇۋىتىپ ناخشا ئېيتىپ كىرىپ كېلىمەن. دەرۋازىنى تېپىپ ئېچىپ، ھويلىدا ئايالىم<< ھاي قوشنىلار ئاڭلاپ قالسا سەت بولىدۇ>> دېگەنچە بەكرەك ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماي تىرەجەپ تۇرۇۋىلىپ، خېلى قىلىقلارنى قىلىپ باقىمەن. ئەيىسى ئەتىگەندە ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىمىزدا جىدەل باشلىنىدۇ.
-ئاخشام نېمە ساراڭلىقلارنى قىلىپ كەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز؟-دەپ گەپ باشلايدۇ ئايالىم،- زادى سىزقاچان چوڭ بىلىسىز؟بىربالىغا ئاتا بولدىڭىز، نۇمۇس قىلسىڭىز بولمامدۇ.... بىرگەپ بولسا << ئەركىشى دېگەن ھاراق ئىچىدۇ >> لادەيسىز. مانا مېنىڭ داداممۇ ئەركىشىغۇ؟ئومرىدە ھاراق دېگەننى ئاغزىغا ئالماپتىكەن....
    ئۇنىڭ تىپىۋالغان گېپى شۇ. ھەرقىتىم نەسىھەت قىلغىلى تۇرسا، ماڭا ئۆزىنىڭ داداىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
 قىيىنئانام راسىت دېگەندەك كەيپى ساپادا يوق، سالاپەتلىك ئادەم.
بۇ ئادەمدىن مەنمۇ سەل ئەيمىنىمەن. لېكىن ئەتىگەندە باش ئاغرىپ تۇرغاندا ئايالىمىنىڭ قىلغان بۇ گەپلىرى قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك تېگەتتى. بەزىدە قولۇمنى سىلكىپ:
-راسىت دەيسەن، سېنىڭ داداڭ بۇۋاق ۋاقتىدا زاكىسىمۇ سىيمەي-چىچماي چوڭ بوپتىكەن،- دەيىتتىم-دە، چايغىمۇ قارىماي ئىشقا كېتىپ قالاتتىم.
    بىر كۈنى ، ساراڭلىقىم ھەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. بىر تېپىپ، دەرۋازىنىڭ قانىتىنى ئاجرىۋىتىمەن.
     ئايالىم: << ۋاي نىمەنداق قىلىسىز>> دەپ يۇگۇرۇپ چىقىپتىكەن. ئۇنى بىر مۇشىت بىلەنلا ئوڭدىسىغا ئۇچۇرۋىتىمەن. ئوغلۇم ۋار-ۋۇر يىغلىغىىچە كېلىپ ئاپىسىغا ئېسىلىپتۇ. ئايالىم ئورنىدىن تۇرۇپلا يامانلاپ كېتىپتۇ.
     ئەتىسى ئويغانسام، كارىۋاتنىڭ ئۇستىدە كىيىم -كىچەكلىكىم بىلەنلا يېتىپ قاپتىمەن. كىچە بولغان ئىشلانى خىرە- شىرە ئېسىمگە ئالدىم. << خەپ، مۇشۇ ھاراق دېگەننى ئىككىنچى ئېغىزىمغا ئالماسمەن>>دېدىم. ئايالىمنى قايتىپ كېلەر دەپ بىر كۈن كۈتتۈم. ئىككى كۈن كۈتتۈم. يوق. ئۆتكەن قېتىمدا مۇشۇنداق كۆڭۇلسىزلىك بولغاندا، ئايالىم ئانىسىنىڭ ئويىگە كىتىپ، بىر-ئىككى كۈن تۈرۈپلا ئاچچىقى يېنىپ قايتىپ كىلەتتى. بۇ قېتىم بەك قاتتىق تەگكەن ئوخشايمەن، ئارىدىن ھەپتە ئۆتۇپمۇ قايتىپ كەلمىدى. يالغۇزچىلىقتا ئۆينىڭ ئايالىم بار چاغدىكى ئىللىقلىقىنى، ئوغلۇمنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇرالماي قالدىم. ئاخىرىپ سالپىيىپ، قىيىنئانامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم.
 دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئوغلۇم ئويناپ يۈرگەنىكەن. يۈگۈرۈپ بوينۇمغا ئېسىلدى.ھويلىداقېيىنئاتام ئالما شاخلىرىنى بۇتاۋېتىپتۇ. سالامنىڭ چوڭىنى قىلىپ ئالدىغا باردىم.
- ۋاي ، سەمەتجانما؟- ئۆيگە كىرىڭ ئوغلۇم ئۆيگە،-دەپ ئۆيىگە باشلىدى.
قىيىنئانام ئاستىمغا كورپە سېلىپ ، جوزا قويۇپ، چاي راسلىدى. ئوغلۇم قۇچىغىمغا چىقىپ ئولتۇرۇۋالدى. قىيىنئاتام بىلەن قىيىنئانامنىڭ ئوچۇق چىرايىنى كۆرۇپ خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم.
 -مەريەمگۇل قىنى سەن، جوزىغا كەل قىزىم،- دەپ ئايالىمنى چاقىردى قىيىنئاتام.
   باياتىن بىرى بوسۇغىدا قورۇنۇپ تۇرغان ئايالىممۇ ئاستا كېلىپ جوزىنىڭ بىر بۇرچىكىدە ئولتۇردى.
<< قىيىنئاتامنىڭ ئاچچىق تاپا،تەنە گەپلىرى مانا  ئەمدى باشلىنىدىغان بولدى-دە!>> دەپ دەككە دۇككىدە ئولتۇردۇم.
قىيىنئاتام باشقا گەپ  قىلماي، ئوزىنىڭ ياش چاغلىرىدىكى ئىشلىرىنى ھىكايە قىلىشقا باشلىدى.
- ياشلىق دېگەن ئەجەپ بىر چاغلار ئىكەن،- دەپ گەپ باشلىدى قىينئاتام،- مانا مەنمۇ ياش ۋاقتىمدا تازا تەلۋە ئىدىم.ئەل ئاغىنىلەر بىلەن ئانچە-مۇنچە ئىچىپ قوياتتۇق. ئىچتىقمۇ، بولدى. نىمە تالىشاتتۇقكىن، بىلمەيمەن، بىر ئوبدان ئولتۇرغان ئاغىنىلەر بىردەمدىلا ئۆرە -توپە بولۇشۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ گىلىنى،ياقىسىنى سىقىشىپ ، مۇشلىشىپ، قاپاقلىرىمىزنى يېرىپ ئۆيگە قايتاتتۇق. ئەتىسى ئاخشام  زادى نىمە تالاشتۇق ھۇي!؟دېيىشىپ، يەنە بىر-بىرىمىزبىلەن قوچاقلىشىپ كۆرۇشۇپ كىتەتتۇق...
  قىيىنئاتام شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا،<< قانداق، ماختىغان داداڭمۇتايىنلىقمىكەن>> دېگەن مەنىدە ئايالمىغا لەپپىدە قاراپ قويدۇم. ئايالىم ۋىللىدە قىزاردى. قىيىئاتام گېپىنىڭ ئاخىرىنى:
  -بىر ياخشى يىرىمىز، ھەرقانچە ئىچسەكمۇ ئۆيگە كېلىپ خوتۇننى ئۇرمايتتۇق!!- دەپ تۇگەتماسما، مەنمۇ قىزاردىم.

                                                                                           ئاپتۇرى...... مەمتىمىن ھوشۇر.
                                                                      مەنبە:مەمتىمىن ھوشۇر تاللانما ھىكايە توپلىمىدىن ئىلىندى.


قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 12:07:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت ئەسەر يازىدىغان ئادەمدە بۇ!ھەر قېتىم <قۇم باسقان شەھەر>رومانىنى قولۇمغا ئالغاندا بۆلەكچە ھېسلارغا چۆمۈلىمەن!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ھايات پەيزى ئەگر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24158
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7399
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 03:19:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشقىلارغا بايرام دىگىنى بەك قىزىق تىخى! [s:159]  [s:159]  [s:159]

قاييسىڭلا مۇنبەر باشقۇرغۇچى؟ئازراق ياردەم لازىمتى ياردەم قىللالامسىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5693
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 6129 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 05:12:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمىتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقىغانسىرى ئوقىغۇشى كېىلىدۇ كىشىنىڭ .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12391
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32439
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 12:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەب ئاخىرىنى دەل جايىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ تەربىيە بېرىپتۇ كۆيىئوغلىغا....بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىلىرىنى.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25695
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5272
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 08:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ياخشى، ئەخمىيەتلىك تىمىنى يوللۇغۇچى ئەپەندىم.
سىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىسىل ئەسەرىنىڭ بولغان ئەسىرىنى مۇنبەر يۈزىگە يوللاپسىز. خۇرسەنمىز!

ئامما شۇندا ياخشى بىر ئەسەرنىڭ كۆرۇش قىتىم سانى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
مەنچە ، ياخشى ئەسەرنى يوللۇغۇچى ئەپەندىم بۇ تىمىنى بىكار يوللاپسىز.
ئەگەر مۇشۇ تىمىنىڭ ئورنىغا ، شاھۋانىلىق، پاھىشە، جالاپ، بۇزۇق قىز -يىگىتلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى، قىلغان ئەتكەن تۇرمۇشىدىكى ئىشلار، باسقۇنچىلىق ئۇچرىغاندىكى جەريانىنى بىرمۇ-بىر يىزىپ چىققان بولسىڭىز، ياكى يازغان بولساق، كورۇش نىسپىتى يوقىرى، چىكىم سانى كوپ، ئىنكاس يازىدىغان ئاخونۇم، موللىلار كوپ بولاتتى.
شولگىيىنى ئىقىتىپ كىرىدىغان كوپ بولاتتى.
ئۇلارنىڭ ئاشۇ جىنسى تەربىيە توغرىسىدا تەربىيە بىرىپ كىتىشىچۇ؟ ئادەمنىڭ نىرۋىسىنى ئورلىتىپ.
ھەي .... بىز.... نىمە بولۇپ كەتتۇق.... ئويلىنايلى قىرىندىشىم.

تىما ئىگىسى، تىمىڭىزدىن سىرىت، بەزىبىر سوزلەرنى قىلىپ قويدۇم.. ئەپۇ قىلارسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9363
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9985
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2759 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 09:05:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھىكايىكەن ، ياخشى يوللاپسىز سىزگە كۆپ رەھمەت ،  ئىملاغا بەك دىققەت قىلىڭ ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن ھەتتا بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ  كىتىپتۇ.

ھەممېمېزگە ئۇلۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24193
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7334
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 09:40:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بەك ياخشې يېزېپسېز

تەنھائاشېق

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-14 10:00:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكايىكەن ،بىراق ئىملا خاتالىقىمۇ باركەن.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11752
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8510
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 4968 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-6 08:07:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستلا بەك ياخشى ئەسەركەن .....

مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن بەك ئېسىل..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش