ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!
سىلەرنىڭ مىسرانىم تور بېكىتىنى قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
ئەسكەرتىش: ئەسلى قائىدە بويىچە 30000 - ئەزانىلا مۇكاپاتلاشنى ئويلاشقان،بىراق مەلۇم ئشلىرىم تۈپەيلى،سان مەن پەرەز قىلغان ۋاقىتتىن بۇرۇن توشۇپ كېتپتۇ!شۇڭلاشقا بۇ تەلەيلىك 30000 - ئەزاغا بېرىلدىغان بارلىق مۇنبەر پۇلى تۆھپىلەرنى مۇنبەردىكىلەرگە بېرىشنى قارار قىلدۇق(30035 ئەزانىڭ ھەممىسى بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بولالايدۇ)
مىسرانىم تور بېكىتى ،مىسرانىم مۇنبەر سەھىپىسى ئېچىۋىتىلگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەزا سانى 30000 (ئوتتۇز مىڭ) غا يېتىپ ،سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بىزنى تولىمۇ خوشال قىلدى!
بۇ 30000 كىشىلىك ئىللىق بىر ئائىلىمىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا مۇھتاج! مىسرانىم تور بېكىتىنى مىسرانىمنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئەزالارنىڭ قانداق تەلەپ پىكىرلىرى بولسا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇشىنى ،شۇنداقلا بىزدىن كەتكەن سەۋەنلىكلەر بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەپۇ قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز!
يەنە شۇنداقلا ئىسىم ئۆزگەرتمەكچى بولغانلار مەزكۇر تېمىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىسمىنى يېزىپ قويسا 2 كۈنگىچە ئۆزگەرتىپ قويىمىز.(ئەسكەرتىش: ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىسىم تىزىملىتىلىپ بولغان بولسا بىزدە ئامال يوق،شۇڭا چوقۇم تىزىملىتىشتىن كىرىپ ئىسىمنىڭ تىزىملىتىلغان ياكى تىزىملىتىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ)
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇرچە ئىسىمنى ياكى لاتىنچە يېزىلغان ئىسىملارنى ئۇيغۇرچە باشقا ئىسىمغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ،پەقەت لاتىنچە يېزىقتىكىنى لاتىنچە يېزىقتىكىسىگە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.. ئالاھىدە ھەرىپلەرنى ئىشلىتىۋالغان تورداشلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ
قىسقىغىنە نەچچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللانغان ئومومىي تېمىلار 37670 بولۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي تەستىقتىن ئۆتكەن تېمىلار 22041 پارچە. مۇشۇ تېمىلارغا چۈشكەن ئومومىي يازما 452766 بولدى!
تورداشلارنىڭ تور قانۇنىغا ئاڭلىق بوي سۇنۇپ مىسرانىم ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە كۈچ قوشۇشىنى ،ئەزالار ئىناق بولۇپ ،ئىللىق مىسرانىم چوڭ ئائىلىسى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
مۇكاپات:
ھازىرغىچە ئەزا بولغان 30035 نەپەر ئەزانىڭ ھەممىسىگە 1000 مۇنبەر پۇلى 100 تۆھپە 50 ياخشى باھا سوۋغا قىلىندى!
مۇكاپات ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلىدۇ. 2011- يىلى 02- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچ سائەت 7:30 دىن بۇرۇن تىزىملاتقان بارلىق ئەزالار مۇكاپاتقا نائىل بولىدۇ!
تورداشلارنىڭ ئىناقلىقنى نىشان قىلىپ ،مۇنبەرداشلار ئارا ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز!
ئېسىڭلاردا بولسۇن،ھەممىمىز چوڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى
مىسرانىم توربەت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرۇش كوللىگىيسى
2011 - يىلى 02 - ئاينىڭ 11 - كۈنى