مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 723|ئىنكاس: 5

يىپەك يولى ۋە چاي مەدەنىيىتى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 06:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەبىبە تەۋەككۇل

(قەشقەر تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى-ئىنسانلار يارىلىپ،تەبىئەتكە يۈزلىنىپ ھاياتلىق يولىنى ئاچقانلىقنىڭ مەھسۇلى، ئىنسانلار تەبىئەتتىكى سىرلىق ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئۇنىڭىدىن قۇرقۇپ بويسۇندى ۋە ئۇنى ئادەم كۈچىدىن ھالقىغان سېھرى كۈچنىڭ قۇدرىتى دەپ چۈشەندى.
ھاياتلىق مۇساپىدە ئادەملەر بىلەن تەبىئەت،شەخس بىلەن كوللېكتىپ ،ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇق،قەبىلەبىلەن قەبىلە ئوتتۇرىسىدا ئالاقە باغلىنىپ ئىنسانلار ئۆزلىرى قورقۇپ كەلگەن تەبىئەتنىڭ سېھىرى كۈچىنى ھەم ئۇنى بارا-بارا بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى.
بۇ خىل ئەھۋال ھاياتلىق مەۋجۇت يەردە ئوخشاش ئىدى.ئوخشىمايدىغىنى ئىنسانلار جەمئىيىتى يېقىنىقى زامانغا قەدەم قويغاندىن كېيىن،دۇنيا ئادەمنى ئەمەس،بەلكى ئادەم دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقتى. بولۇپمۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئاراسودا مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت ئىلگىركى ئىلاھىيەت قارىشىنى ئىنكار قىلىپ،ھاياتلىق ئۈچۈن ياشاشنىڭ ھەرخىل يوللىرىنى ئاچتى. مانابۇخىل قەدىمدىن تارتىپ ئاسىيا،ئافرىقا،ياۋرۇپادىن تارتىپ ئۈچ قىتئەنىڭ ئالاقىسىنى ئۆزئاراباغلىغان.غەرب بىلەن شەرقنىڭ سودا يولىنى ئۆزئاراتۇتاشتۇرغان بولۇپ، بۇيولدا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئىنسانلار يېڭى بىرمەدەنىيەت يولىنى بارلىققا كەلتۈردى.دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر مۇشۇيول باغرىدا يۈز بەرگەن.
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇشەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تارىخىنىڭ شانلىق بېتىنى ئاچتى.
ئىنسانلارياراتقان،تەبىئىي شەكىللەنگەن ۋە بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن تىل،دىن،ئۆرپ-ئادەت،پەلسەپە،لوگىكا ،سەنئەت،ئەدەبىيات قاتارلىقلاردەل مۇشۇ يىپەك يولى بويىدا بارلىققا كەلگەن ۋەگۈللەنگەن بولۇپ،ئىنىسانلار ھاياتىدىكى بۇخىل ئۆزگىرىشلەر،مۆجىزىلەر ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.››
خۇددى ۋولتىر ئېيىتقاندەك:‹‹بىرئادەم دۇنيانى پەيلاسوپتەك چۈشەنگەندىلا ئۇئالدى بىلەن نەزىرىنى شەرققە قارىتىدۇ.›› چۈنكى،شەرق-سەنئەتنىڭ بۆشۈكى،شەرق غەربكە بارلىقىنى بەردى.شەرق ھېندىستان،بابىلون،مىرۋو جۇڭگو مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەدەنىيەتنى،شۇنىڭىدەك بۇددا دىنى،ئىسلام دىنى قاتارلىق دۇنياۋى دىنلارنى تارقاتقان جاي.
دېمەك، ئىنسانلار ھاياتىدىكى بۇمەدەنىيەت ئۆزگىرىشى دەل بىزدەپ كېلۋاتقان يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدىن بولغان.
ئادەتتە كىشلەر دەپ كېلۋاتقان يىپەك يولى ئاساسلىقى بوستانلىق يىپەك يولىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەركىزىي شەھەر چاڭئەندىن باشلىنىپ،خېشى كارىدورى غەربىي يۇرتقا تۇتىشىدۇ.ئاندىن شىمالىي يول،جەنۇبىي يول قاتارلىق ئۈچ تارماققا بۆلىنىدۇ.
1)          شىمالىي يول-بۇيول قۇمۇل،جىمسار،ئېلى قاتارلىق رايۇنلار ئارقلىق غەربكە سوزۇلۇپ ئىچكى دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ بارىدۇ.
2)          ئوتتۇرا يول-بۇيول تۇرپاندىن قاراشەھەر ئارقىلىق بۈگۈر،كۇچا،ئونسۇ،قەشقەرئارقىلىق پامىر ئېگىزلىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئوتتۇر دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلارغا بارىدۇ.
3)          جەنۇبىي يول-بۇ يول كۈن چىقىش قوۋۇقىدىن باشلىنىپ،تەكىلماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ،چەرچەن،چاقلىق،نىيە،كىرىيە،خوتەن،يەكەن قاتارلىق جايلاردىن  بېسىپ ئۆتۈپ ،دۇنيانىڭ ئۆگزىسى ھېسابلانغان پامىرتاغ تىزمىلىرىدىن ھالقىپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئىران ھەم بىۋاستە ئىستامبۇلغا تۇتىشىدۇ.
يىپەك يولى ئىنسانلارنىڭ قۇدرىتى ھەم ئاجىزلىقىنى تونۇتتى.شۇنىڭدەك دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيتتى.
چاي مەدەنىيىتى  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆچمەنچى قەبىلە بولۇپ ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي ھالىتىدىلاشەكىللىنىشكە باشلغان.يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش ئومۇملىشىشتىن ئاۋۋال،ئىچىملىك ئومۇملاشقان. بۇچاغدا كىشلەر‹‹پۇراقلىق سۇ››،‹‹مېزىلىك سۇ››،‹‹شىپالىق سۇ››لارنى ئىستىمال قىلىشنى بىلگەن.ئولتۇراقلىشىش ۋە دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى ئومۇملىشىپ ،مەدەنىي ئۆسۈملۈكلەر كەڭ تېرىلىشتىن ئاۋۋال. ئەجدادلىرىمىز ئوت-چۆپ ۋە مېۋىلەر ئىچىدىكى شىپالىق نەرسىلەرنى چاي ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:يالپۇز،ئارپادىيان،دولانە قاتارلىق مېزىلىك، پۇراقلىق،شىپالىق ئىچىملىكلەرنىڭ ياسىلىشىدا ئاساسلىق مەنبە بولغان.
ھەمىمزگە مەلۇم چاي ئىسپىرىتىسىز ئىچىملىك بولۇپ،ئۇنىڭ تەركىبىدە20نەچچە خىلدىن ئارتۇق ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئېلىمېنتلاربار.شۇڭا چاي ئىنسانلار ئىستېمال قىلىدىغان ھەرخىل ئىچىملىكلەر ئىچىدىكى دورىلىق قىممتى يۇقىرى بولغان ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت ۋەمىللەتلەر ئۇزۇن مەزگىل جاينى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستېمال قىلىش جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا ئۆزىگە خاس ھەرخىل چاي مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان.
غەربى يۇرت ماۋرائۇننەھىر(ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىككى دەريا ئارلىقىدىكى رايونلار)ۋەيەتتە سۇ رايونىدا ياشغۇچى خەلقلەر يىلنىڭ ھەربىر پەسلىدە شۇپەسىل تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن چاي دەملەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.بۇخىل ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىنى نەتىجىدە سالامەتلىكىنى ئاسراش ۋە ئەمگەك جىسمانىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ كەشىپ قىلغان مەنىۋى مەدەنىيەتتۇر.ئىنسانىيەت چاي مەدەنىيەت تارىخىدا چاي ئۆسۈملۈكىنى تۇنجى قېتىم تېرىشنى كەشىپ قىلغان ئەل-ۋەتىنىمز جۇڭگۇدۇر.
تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا جۇڭگۇنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇر تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا مىلادىن ئاۋۋالقى6-ئەسىردە يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2300يىل بۇرۇن جاي ئۆسۈملۈكى تېرىش،مەخسۇس چاي ئىشلەپچىقرىش بىلەن شۇغۇللىنىش خېلى كەڭ قانات يايغان.شۇڭا ئىنسانىيەت مەدەنىيەتنىڭ تارىخىدا چاينىڭ ۋەتىنى جۇڭگۇ ئىكەنلىكى پۈتۈن دۇنياغا ئايان.
دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا چاي ئۆسۈملۈكى كېيىنرەك تارقالغان.بۈگۈنكى زاماندا چاي تېرىلىدىغان ئەللەردىن ھېندونىزىيىدىن 1824-يىلى،ھېندىستاندا1834-يىلى،گروزىيىدە1847-يىلى،
روسىيە قاتارلىق جايلاردا 1885-يىلى 1910-يىللاردا،ئەزەربەيجاندا1912-يىلى،چاي ئۆسۈملۈكى تېرىلىشقا باشلىغان.
شىنجاڭدا چاي ئۆسۈملۈكى تېرىلمايدۇ.چۈنكى،شىنجاڭ تروپىك بەلباغدىن يىراق بولغاچقا ھاۋا كېلىماتى ماس كەلمەيدۇ.لېكىن شنىجاڭ جۇڭگو چىيىنىڭ ئەڭ قەدىمدە دۇنياغا تارقىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.‹‹يىپەك يولى غەربكە يۆتكەلگەن تاۋار-جاي بولغان.››
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەڭ-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىدىن‹‹چاي››،‹‹چاي ئىچىش›› ناھايىتى مۆتىۋەر ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ،بۇمەدەنىيەت ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە شىنجاڭدا ھازىر ياشاۋاتقان ئۆزبېك،قازاق،تاتار ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاقتۇر.
ۋەتىنىمز جۇڭگو تۇنجى بولۇپ ئەرەب ئەللىرىدە ئۆزىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى-چاي ئارقىلىق داڭق چىقارغان.جۇڭگو چىيى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ھەممىدىن ئاۋۋال كىچىك ئاسىيا ۋە شەرق ئەللىرىگىچە يېتىپ بارغان. تارىخىي مەلۇماتلاردا خاتىرلىنىشىچە،جۇڭگو چاي كارۋىنى تۇنجى قېتىم مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2-ئەسىردە شەرقتىكى ئەڭ ئاۋات ئەل-ۋىزانىيىتىگە يېتىپ بارغان. ئۇيغۇر خەلقى تۇرمۇشىدا قەدىمىدىن شەكىللەنگەن چاي مەدەنىيىتى جۇڭگو چاي مەھسۇلاتى سودىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەرب ئەللىرىگىچە قانات يېيىشىدا مۇھىم ۋاستە بولغان.چۈنكى،ئۇيغۇر سودىگەرلىرى چاينىڭ تەمى ۋەسورتىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر ئىدى.
چىن،خەن سۇلالىسى دەۋىردىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چىقىدىغان چايلارنى رايونىمىزغا ئەكىرگەن.سۈي،تاڭ دەۋىرلىرىگە كەلگەندە،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى چايلارنىڭ تۈرى كۆپەيگەن.
دېمەك ،ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ھەرخىل دورىلىق چايلارنى ئىستېمال قىلپىلاقالماستىن ،بەلكى ئوتتۇر تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن چايلارنىمۇ ئىستېمال قىلغان. نەتىجىدە يايلاقلاردا چارۋا بېقىپ،گۆش،سۈت،قايماق،قىمىز ئىچىدىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى بىرمەدەنىيەت-چاي مەدەنىيىتى شەكللەنگەن ۋە مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.
 ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياراتقان چاي مەدەنىيىتى قەدىمكى يىپەك يولى ۋەئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك،مىلادىدىن ئىلگىرىكى138-يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەندىن كېيىن يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ،غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي يۇرتنىڭ تۈرلۈك گۈل-گىياھ،دەل-دەرەخ،مېۋە-چىۋىلەر ۋەھەرخىل قىممەتلىك قاشتېشى بۇيۇملار،يۇڭ-تېرەقاتارلىقلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تاۋار-دۇردۇن،چاي قاتارلىق ھەرخىل بۇيۇملىرى يىپەك يولى ئارقىلىق غەربىي رايونىغا كىرگەن سۈي،تاڭ سۇلالىسى دەۋىرىگە كەلگەندە بولۇپمۇتاڭ دەۋىرىدە غەربىي رايون بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئىقتىساد،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلۇشى ناھايىتى كۈچەيگەن ھەمدە ئىلگىركى ھەرقانداق دەۋىردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن،بۇدەۋىردە يىپەك يولى گۈللىنىپ،سودا كارۋانلىرى توختىماي قاتناپ تۇرغان.7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە يىپەك يولى نوقۇل يىپەك توقۇلما ئالماشتۇرىدىغان ئىقتىسادىي يول بولۇشتىن تەدرىجىي ھالداشەرق دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت قانىلى بولۇشقا يۈزلەنگەن.بۇ ۋاقىتتا يىپەك يولى تاڭ سۇلالىسنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن باشلىنىپ گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئارقىلىق غەربىي رايوندىكى مەدەنىيەت ئوچىقىنىڭ بىرى بولغان قۇچۇ شەھىرىگە تۇتىشاتتى.
دېمەك ،ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يىپەك يولىدىكى ئەۋزەللكىدىن پايىدىلىنىپ ھەرخىل سودا پائالىيەتلىرىنى،جۈملىدىن چاي سودىسىمۇ تەدرىجىي قىلدۇرغان.
شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى،ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلىدۇر. قەدىمكى  ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەۋرلەردە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشنى ئۇزۇقلۇق،كالا،قوي سۈتلىرىنى ئىچىملىك قىلغان. ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق بارلىققاكەلگەندىن كېيىن،قوشۇمچە چارۋامال بېقىش ۋە سۈت ئىچىش داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ،لېكىن نوپۇسنىڭ كۆپيىش ئارقىسدا ئىچىملىك ئېھتىياجىنى سۈت ئارقىلىق تەمىنلەش مۇمىكىن ئەمەس ئىدى. ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيەت جەريانىدا پىشۇرۇلغان ئاش-تاماقلارنىڭ سىڭىشلىك،تەملىك ئىكەنلىكى،قايناق سۈت ۋە قايناق سۇنىڭ خام سۈت ۋە سوغۇق سۇغا قارىغاندابەدەننىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ياپدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ تەمى،خۇسۇسىيىتى پەرقلىق ئىكەنلىكى،ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق بولۇشتىن تاشقىرى،ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى بايقىغان.
كېيىنكى دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاي بىلەن تونۇش چاي دەملەپ ئىچشنىڭ ئومۇملىشىش نەتىجىسدە‹‹چاي›› ئاتالغۇسى ھەرخىل چايلاردىن،سۈتلەردىن مېغىزلاردىن،يەككە ياكى مۇرەككە تەڭشەلگەن دورا،ئوت-چۆپلەردىن دەملەپ تەييارلانغان ئىچملىكلەرنىڭ ئومۇمىي نامغا ئايلىنىپ كەتكەن.
‹‹چاي››،‹‹چاي ئىچىش››ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا قانداق رولى ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مېھمان ئېزىز ھېسابلىنىدۇ. مېھمان ھەرقانداق ئالىي تاماقتىن بۇرۇن چاي بىلەن كۈتۈلىدۈ.توي قىلشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزىلىدىغان مىننەتدارلىق مۇراسىمى‹‹چاي ئىچۈزۈش››دەپ ئاتىلدۇ.بىرەر چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزۈش ئالدىدا بىرئائىلىنىڭ يۇرت-جامائەت بىلەن كېڭىشىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمى ‹‹مەسلىھەت چىيى››دەپ ئاتىلدۇ.ئازارلىشىپ قالغان ئىككى كىشنىڭ ئاداۋىتىنى يۇيۇپ قايتىدىن ئەپ بولۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى‹‹ناماقۇللۇق چىيى››دەپ ئاتىلدۇ.ۋاقتىلىق ئىش بىلەن ئۆيگە كەلگەن مېھمان ‹‹سىن چاي››بىلەن كۈتۈلىدۇ.تويدىن كېيىن يېڭى ئەر-خوتۇنلارئەمدىلاباشلانغان تۇرمۇشىنى تەبرىكلەش،يۇرت- جامائەت ئوتتۇزئوغۇل (ياتلارغا)‹‹توي چىيى›،بېرىلىدۇ.يېڭى ئۆي كۆچكەندە‹‹ئۆي چىيى››ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئۇمۇمەن،ئۇيغۇرخەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا مۇراسىم تۈسىنى ئالغان ھەربىر مەدەنىي پائالىيەت ‹‹چاي››نامى بىلەن ئاتىلدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىدە‹‹چاي››سۆزىنىڭ كۆپ مەنالىق ئۇقۇملارنى بىلدۇرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.چاي بىلەن مۇناسۋەتلىك بولغان ئۆرپ-ئادەتلەر ئۇيغۇرلاردا باشقا ھېچقانداق مىللىي ئادەتلەر ئوخشىمايدىغان بىرخىل ئۆزگىچىلىكتۇر.مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ‹‹چاي مەدەنىيىتى›› نىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېتنوگراقىيىسى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
چاي دەرىخى ھاۋاكېلىماتى نەمخۇش بولغان ئېسىسق بەلباغ رايونلىرىدىكى ئېگىز،تۇمانلىق تاغلاردا ئۆسىدىغان بولغاچقا شىنجاڭنىڭ قۇرغاق ھاۋا كېلىماتى بۇيەردە چاي ئۆستۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئەمما،خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆز يېرىدىن چىقىدىغان دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزىنىڭ مىللىي تېبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دورىلىق  قىممىتىگە ئىگە ئەنئەنىۋى چايلارنى ياساپ ئستېمال قىلغان. مەسلەن،شىنجاڭنىڭ قار-مۇزلاربىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان دېڭىز يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلاردا قىممەت باھالىق دورىلىق قىممىتىگە ئىگە قارلەيلىسى،قىزىل گۈزەل،بۇيا،زەپە،ئالقات قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ئەجدادلىرىمىز يۇقىرى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دورىلىق قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى مىللىي تېبابەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دورىلىق قىممتىگە ئىگە ھەرخىل ئىچىملىك ۋە چايلارنى ياساپ ئستېمال قىلغان ھەم باشقا جايلارغا تارقاتقان.بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چاينىڭ تۈرى ئازلىقتىن-كۆپلۈككە،ناچارلىقىتىن-ياخشىلىققا،قاراپ تەرەققىي قىلدى.تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلارۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆزىگە خاس چاي ئىچىش ئۆرپ-ئادىتى،قائىدە-يوسۇنى،چاي سوۋغا-سالىمى ،چاي ئەخلاقى ،چاي سەنئىتى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلدى.يەنى چاي ئىچىشنىڭ تۇرمۇشنىڭ لەززىتى،دوستلۇقنىڭ رېشتىسى،مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدىغان بولدى. چاي سىقىپ ئىچىپ ھاردۇق چىقىرىش،چاي ئىچىپ سالامەتلىكنى ئاسراش،چاي قۇيۇپ مېھمان كۈتۈش،چاينى مېھمانغا تۇتۇپ ۋە سوۋغا قىلىپ دوستلۇقنى ئىپادىلەش،كىشلەر ئارىسىدا ئىناقىسزلىق كۆرۈلگەندە ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن  چاي تۇتۇش ئارقىلىق ئاداۋەتنى تۈگىتىش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەر بارلىققا كەلدى.مانا بۇلاربىزنىڭ چاي مەدەنىيىتىمزنىڭ تېخىمۇ بېيىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ،بولۇپمۇ11-نۆۋەتلىك3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسدە رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش،سودائىشلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ئىلىگىرى-كېيىن بولۇپ، رايونىمىزدا15-خەلقئارالىق سودا ئېغىزى ئېچلىپ،سودا ئىشلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدى.
نۆۋەتتە رايونىمىز تەۋەسىدە زەرەپشان چەكلىك شىركىتى،خوتەن ئوغۇز چاي مەھسۇلاتلىرى شىركىتى،ئامىنەيۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى،ئارمان كەسپىي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر قۇرۇلۇپ ئۆز رايونىمىزنىڭ ئەۋەزەللىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئۆز يېرىمىزنىڭ خام ئەشىيالىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىرگۈزۈلگەن خام ئەشيالارنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا يۇقىرى پە-تېخنىكا ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك،دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان زەرەپىشان قىزىل چىيى،زەرەپىشان ئەتكەن چىيى،زەرەپىشان پەمىل چىيى قاتارلىق چايلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىپ،كەڭ ئاممىنىڭ قىزغىن قوللنىشغا ئېرىشتى.
چاي-خام ئەشيا جەھەتتە ئۆزيېرىمىزدىن چىقىدىغان ئەلا سۈپەتلىك چاي ھەم خام ئەشىيالاردىن پايدىلىنىپ يەنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك چاي ھەم خام ئەشيالىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق رايونىمزنىڭ چاي ھەم خا ئەشىيا مەنبەسىنى تولۇقلاپ،ئەلاسۈپەتلىك چاي ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ چاينىڭ سۈپتىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، رايونىمىز چاي مەدەنىيىتى ۋەچاي سودىسنىڭ ئىستىقبالى زور.پەقەت بۇساھەگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغنى كېڭەيتىپ ۋە ئىلغار پەن-تېخنىكىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ، چاي خام ئەشيا مەنبەسىنى تولۇقلىغاندىلا، رايونىمىزنىڭ چاي مەدەنىيىتى ۋەچاي سودىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

مەنبە- ئوقۇتۇش تەتقىقات بىلوگى
http://okutuxtatkikati.blogbus.com/logs/71324709.html

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 07:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

" ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ؟



ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟

ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ - ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﻮﯓﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﭘﯩﮋ - ﭘﯩﮋ ﺋﯩﺴﺴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻗﯘﻣﻼﺭﻧﻰ، ﻗﻪﻫﺮﯨﺘﺎﻥ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥﺋﻪﮔﺮﻯ - ﺗﻮﻗﺎﻱ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻮﻝ "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ" ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﮔﻮﻳﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻣﻮﻛﯩﺪﻩﻙ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﺋﯚﺗﯜﺷﯜﭖ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﻪﺭﻕ - ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔﻫﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﻡ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺯﻩﺭﺑﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﯩﺪﯗﺭ.

"ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﮔﯧﺌﻮﮔﺮﺍﻑ ﺭﯦﭽﺨﻮﻓﯩﻦ (1833 - 1905) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺷﻪﺭﻕ - ﻏﻪﺭﺏ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻣﯧﻠﻰ، ﻳﻪﻧﻰﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﻮﻳﯘﻣﻰ. ﺭﯦﭽﺨﻮﻓﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺳﯩﯟﯨﻦﻫﯧﺪﯨﻦ ( 1862 - 1943 )، ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﺘﻪﻳﯩﻦ ( 1862 - 1943 ) ﯞﻩﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، "ﻳﯩﭙﻪﻙﻳﻮﻟﻰ"ﻧﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﺍﺩﯨﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺮﺍﻥﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺳﯜﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﻮﻟﻰﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﯨﻤﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﻳﻮﻝ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ "ﻳﯩﭙﻪﻙﻳﻮﻟﻰ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ؟

ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﻨﻰﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺗﺎﯓ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺧﻪﻥﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻢ، ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺗﺎﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞﺩﻩﯞﺭ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺭﻩﺧﺘﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺭﯨﻤﻐﺎ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﻮﻝ " ﻳﯩﭙﻪﻙﻳﻮﻟﻰ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺭﻩﺧﺖ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺳﯩﭙﺘﺎ ﻫﻪﻡ ﻛﯩﻴﯩﻢﻛﯩﻴﺴﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻫﻮﺯﯗﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﭼﻜﻪ، ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﻫﺎﯞﺍ ﻛﯧﻠﯩﻤﺎﺗﻰ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥﻗﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﻥ - ﺗﺎﺭﺍﺝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯩﺪﻯ.

ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺧﯧﺸﻰ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯕﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ 3 ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﻮﻝ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯕﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﺎﺭﯨﻢﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﭘﯩﺸﺎﻣﺸﺎﻥ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﻖ)، ﭼﻪﺭﭼﻪﻥ، ﺟﯩﯖﺠﯚ (ﻧﯩﻴﻪ‏)، ﻳﯜﻣﻰ (ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ)، ﺋﯘﺩﯗﻥ (ﺧﻮﺗﻪﻥ)، ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﻣﯩﺮﺩﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ)ﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺭﺷﺎﯓ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ)ﻏﺎﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﻮﻝ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯕﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﺎﺭﯨﻢﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺟﯘﺷﻰ، ﻛﯩﻨﮕﯩﺖ، ﻳوﻟﻰ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰﻗﺎﺭﺍﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ)، ﺋﯘﺭﻯ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯜﮔﯜﺭ)، ﻛﯜﺳﻪﻥ (ﻛﯘﭼﺎ)، ﻗﯘﻣﺒﺎﺵ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰﺋﺎﻗﺴﯘ)، ﺳﯘﻟﻰ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋۆتۈﭖ، ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦﻫﺎﻟﻘﯩﭗ، ﺗﻮﻏﺮﯨﻼﺭ، ﻗﻪﻧﺖ (ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ)، ﺋﺎﺋﻮﺭﺳﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻳﻮﻝ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲﺋﯧﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻫﻪﻡ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻫﺎﺭﺩﯗﻗﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻻﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺯﯗﻕ - ﺗﯜﻟﯜﻙ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺘﻰ. ﺷﻪﺭﻗﻜﻪﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﻏﺎﻳﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻼﺭ ﭘﺎﻣﯩﺮﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﻰﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﺎﺯﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

"ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ" ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 138 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺎﯓ ﭼﻴﻪﻥ ﺧﻪﻥ ﯞﯗﺩﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 119 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ"ﻧﯩﯔﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰﺑﯚﻟﯩﻜﻰ 4000 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﯩﻜﻰ 2000 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ 5 - 6 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ، 15 - 16 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2000 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺳﯧﻬﯩﺮﻟﯩﻚ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺪﯨﻢ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ،ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ~ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. (ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻢ). ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ "ﻳﯩﭙﻪﻙﻳﻮﻟﻰ" ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩد ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

751- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺱ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﮔﺎﯞ ﺷﻴﻪﻧﺠﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ (ﺋﻪﯕﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ) ﺳﯚﻳﮕﯜﻥ (ﺋﻪﻥ ﻟﯘﺷﻪﻥ، ﺷﻰ ﺳﯩﻤﯩﯔ) ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻪ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﺍﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﯓﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﺯﯗﯓ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ      

1. ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖﻗﯩﻠﯩﺶ؛  

2. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﻱ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﯞﻩﺑﻮﻟﯘﺵ؛    

3. ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 200 ﻣﯩﯔ ﺗﻮﭖﻳﯩﭙﻪﻙ ﺋﺎﻟﯟﺍﯓ ﺗﯚﻟﻪﺵ

ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻨﺎﻣﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ (ﻗﺎﺭﺍﯓ: ﻛﻮﻧﺎﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ) ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﺑﻐﯘﺗﯧﻜﯖﻦ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 4000 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﺍﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﺎﯓﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙﺋﺎﻟﯟﯨﻨﯩﯔ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ 1000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻳﯘﻧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭘﯩﺘﻮﻟﯧﻤﯩﻨﯩﯔ <ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﺎﺭﺩ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ (ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ) ﺑﻮﻳﯩﺪﺍﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﻐﺎﺭﺩﻻﺭ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ) ﯞﻩ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺋﯧﻠﻰ ﺳﯧﺮﯨﺲ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 118- ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺎﯓ ﭼﻴﻪﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ 2- ﻗﯧﺘﯩﻢﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﯩﺘﻮﻟﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺟﺎﯓﭼﻴﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ، ﯞﻩ ﺟﺎﯓ ﭼﻴﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯلەﯕﻠﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ <ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﻳﻮﻟﻰ> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥﺳﻮﺩﺍ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭﺩﺍ ﻣﻮﻝ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ماتېرىياللارغا ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﺳﯩﻢﺋﺎﺭﯨﺸﻨﯩﯔ <ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ>ﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ <ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺋﯧﻠﻰﺋﯘﺩﯗﻥ> ﺩېگەن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﯕﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻞ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ماتېرىياللارغا ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ.


يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 07:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

" ﻳﯩﭙﻪﻙ " ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ



ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﻪﯕﺮﻯﺩﯨﻴﺎﺭﻏﺎ  ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺯﻭﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻗﻪﺩﻩﻡ - ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘﻻﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺋﯩﺰﻻﺭﺩﯗﺭ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰﺋﯘﺯﺍﻕﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ- ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ - ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰﻣﺎﻛﺎﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ <<ﺑﻪﺵﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ>> ﻧﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻘﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ.

       ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ <<ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﻰ>> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 4 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﮔﺮﯦﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻧﯧﺴﻜﺮﯨﺪﯗﺱ، ﻧﯧﺌﺎﺭﮔﻮﺱ، ﻛﯩﺘﯩﻔﻮﺱ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﺎﻧﺪﯨﺮﺍﮔﻮﭘﺘﯩﺘﺎ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﺭدﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

       ﭘﯩﻠﻪ - ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﯩﭽﯜەﻥ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ) ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﯞﻩ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺧﺮﺋﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚﻗﯧﺪﯨﺮﯨﺸﻼﺭﺩﺍ ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ﺋﺎﻟﻐﯘﻳﺪﯨﻦ ﮬﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﻮﺱ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ (ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥﯞﺍﻗﺘﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 8 - 5 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ)، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﻪﻧﺸﻪﻥ ﻛﺎﻥﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻚ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻟﻪﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﺎﭘﺎﻝ، ﻣﯩﺲ ﻗﺎﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﻠﻠﻪ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻝ (ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 5 - 3 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻕﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ)، ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ، ﺋﯘﺩﯗﻥ، ﻗﻮﭼﯘ، ﺋﺎﮔﻨﻰ، ﻛﯘﭼﺎﺭ، ﺑﺎﻱ، ﺑﺎﺭﭼﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻼﺭ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻢ - ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩﻳﯩﭙﻪﻙ ﺗﻮﻗﯘﻣﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛرىدۇ. ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﺘﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﺟﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﭼﺎﺗﻘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯜﺟﻤﯩﻨﯩﯔﺧﯩﻠﻤﯘ - ﺧﯩﻞ ﺳﻮﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯜﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ.          

ﺑﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﯓﺗﻮﻗﯘﻣﯘﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﮬﯜﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪىلىكى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺗﻮﻗﯘﻣﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯘﯓ ﺗﻮﻗﯘﻣﯘﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﮬﯜﻧﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﻖﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺭﻩﺧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ، ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯩﭙﺘﺎ ﺗﻮﻗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﭽﻜﻰ - ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﭙﻪﻛﻨﻰﻛﻪﺷﯩﭗ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻮﻗﯘﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻠﭽﻪ - ﮔﯩﻠﻪﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺳﯩﭽﯜەﻥﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺳﯩﭽﯜﺋﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﺎﺭﺍ- ﺑﺎﺭﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺳﯘﻏﺮﺍﻕ ( ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ) ﻧﻰ <<ﺳﯧﺮﯨﺲ>> ( ﺷﺎﻳﻰ ﺋﯧﻠﻰ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ.

       <<ﺳﯧﺮﻯ ~ ﺳﯧﺮﯨﻴﺎ>> ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻗﻰ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔﺋﯩﭽﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ <<ﺳﯧﺮﯨﺲ>> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯩﺮﺍﻥ - ﺧﻮﺭﺍﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ <<ﭼﯩﻨﻰ ﻣﺎﭼﯩﻦ>> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ مۇﻣﻜﯩﻦ. ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﺋﯩﭽﻜﻰﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺑﻪﻥچىياۋ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﻪﻥ ﮔﯘﻏﺎ ﺋﺎﻕ ﺷﺎﻳﻰ ﺳﻮﯞﻏﺎ قېلىپ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﻥ ﮔﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: <<ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 300 ﺗﻮﭖ ﺋﺎﻕ ﺷﺎﻳﻰ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﯘﺷﺎﻥ ﺋﯧﺘﻰ، ﺧﯘﺷﺒﯘﻱ ﺩﻩﺭﻣﻪﻙ، ﭼﻪﻡ ﻗﻮﻳﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ>>.    

ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﭙﯩﻨﺪﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲﯞﻩﺳﯩﻘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺗﺎﺭﯨﻢ - ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻠﻪ - ﻳﯩﭙﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ 2500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﯦﺴﻪ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ.


ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻚﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯘﺭﺗﻰ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ. ﻳﯩﭙﻪﻛﻨﯩﯔﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺧﻮﺗﻪﻥ ( ﺋﯘﺩﯗﻥ ) ﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘﮬﻪﻗﺘﻪ ﺗﺎﯓ ﺭﺍﮬﯩﺒﻰ ﺷﯜﻩﻧﺰﺍﯕﻨﯩﯔ "ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﺴﯩﺪﺍ ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ:

" ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺟﻤﻪﭘﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﺳﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﮬﯧﭽﻴﺎﻗﻘﺎﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻗﻮﺭﻭﻟﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﭘﯩﻠﻪ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﺯﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺧﺎﻥﻗﯘﺳﺘﺎﻧﻪ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺶﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻗﯘﺳﺘﺎﻧﻪ ﺧﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﻨﻨﻰ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭙﺘﯘ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﭘﯩﻼﭘﺘﯘ: "ﺳﯩﺰﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﺷﯜﺕ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﭘﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﻳﻮﻕ، ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﻛﯧﻠﯩﯔ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ " ﺩﻩﯓ ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﭘﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻏﯩﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﯩﯔﻗﯧﺘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯘ. ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺗﻪﯕﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﺳﺘﺎﻧﻪﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﻣﺎﺯﺍ ( Mad_za) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯕﺮﺍﻣﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﻨﻰ ﺭﺍﺳﻼﭖ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ.ﺋﯜﺟﻤﻪ ﭘﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺑﺎﮬﺎﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺟﻤﯩﻨﻰﺗﯧﺮﯨﭙﺘﯘ.ﭘﯩﻠﻪ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯜﺟﻤﻪ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺗﻰ ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯘ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺍﺧﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺗﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺋﻮﻳﻐﯘﺯﯗﭘﺘﯘ. ﭘﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯩﻠﻰﻗﻮﻳﻤﺎﭘﺘﯘ. ﭘﯩﻠﻪ ﻛﯧﭙﯩﻨﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻏﻮﺯﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﺋﯩﻼﮬ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﻧﺎﮬﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭘﯩﻠﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺳﺎﯕﺮﺍﻣﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪﺗﯜﭖ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺟﻤﯩﻠﻪﺭﻣﯩﺶ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﭘﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭘﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﻳﯩﭙﻪﻙﺗﺎﺭﺗﺴﺎ، ﻛﯧﻠﻪﺭﻛﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﭘﯩﻠﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ".

يۇقىرىقى ﻳﯘﻟﺪﯗﺯﺍﻳﻨﯩﯔﻳﯩﭙﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺑﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ﻳﯩﭙﻪﻛﻨﯩﯔﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯘﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻳﯩﭙﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ. ﻳﯩﭙﻪﻛﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.


يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 07:24:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

( 1933.09.28 - 1995.02.27 )



بۈگۈن ( 2006 - يىلى  مىزاننىڭ 28 - كۈنى )، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى چىلىقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان پىداكار ئوغلان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىق خاتىرە كۈنى. تۆۋەندە ئۇنىڭ <<يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى>> ناملىق ئەسىرىنى يوللاش ئارقىلىق، مەرھۇمنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ياد ئېتىمىز !

يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى



مۇقەددىمە



تارىخ ئىنسانىيەتنىڭ بېكىنمىچىلىك ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىپ، يېڭى يېقىنلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. قەدىمكى <<يىپەك يولى>> بەش ئەسىرلىك <<چۆكۈپ كەتكەن كېمە>>دەك خارابىلىقتىن، <<ئەسھابۇلكەھف>>دەك ئۇزاق ۋاقىت سوزۇلغان ئۇيقۇدىن خالاس بولۇپ، خۇددى ئاتەشتىن قايتا قانات قېقىپ چىققان قېقىنۇستەك يېڭى گۈللىنىشكە يۈزلەنمەكتە. يېڭى دەۋردە قايتا جانلانغان <<يىپەك يولى>> جاھان بويلاپ يۈز بېرىۋاتقان چېگرا ۋە يەرلىك تاموژنىدىن ھالقىغان خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تورىنىڭ بىر قەدەر تېز شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈسى.

<<يىپەك يولى>> ئىبارىسىنى گەرچە كۆپلىگەن كىشىلەر چىرايلىق تەسۋىرىي ئىبارەت سۈپىتىدە ئېغىزدىن چۈشۈرمەستىن لەۋھە، ۋىۋىسكا ۋە ماركا سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۆلچەرلىگۈسىز قىممىتىنى تېخى دېيەرلىك ھېس قىلالمايدۇ.

دەرۋەقە، <<يىپەك يولى>> شۆھرەتلىك ئىبارە، ئۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1000 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تاكى مىلادىيىدىن كېيىنكى 2000 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، تەخمىنەن 2 مىڭ يىل داۋاملىشىپ، 16 - ئەسىرگە كەلگەندە تەدرىجىي خارابلاشقان.

ئېيتىش كېرەككى، <<يىپەك يولى>> ئىبارىسى رىم - ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ <<سېرىس>> ( يىپەك ئېلى )غا بولغان پەۋقۇلئاددە قىزىقىشىنى ئاساس قىلىپ، يېقىنقى زامان تارىخچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان سىمۋول خاراكتېرلىك نام بولۇپ، ئۇ ئەرەب سەركەردىسى تەرىق بىننى جەييات تەرىپىدىن پىرېنېي يېرىم ئارىلى بىلەن ئافرىقىنى ئاجرىتىپ تۇرىدىغان <<جەبەلئەل تەرىق>> ( گىبرالتار ) بوغۇزىدىن ياپونىيىگىچە سوزۇلغان قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى غول خەلقئارا كارۋان يولىغا قارىتىلغان.

<<يىپەك يولى>> نامى بىلەن تامغىلانغان ئاسىيا - ياۋروپا - ئافرىقىدىن ئىبارەت ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا گىرەلىشىدىغان <<قەدىمكى چوڭ قۇرۇقلۇق>>نىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان بۇ خەلقئارا غول يول پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەلۋېغى ئىدى. <<يىپەك يولى>> ئىنسانىيەت ياراتقان رەڭگارەڭ مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئۇلۇغ مۇقەددىمىسىنى ياراتتى. بىز بۇ ئالاقىلەردىن مۇستەسنا قالغان قەدىمكى ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە يەرلىك مەدەنىيىتىگە بىر قۇر نەزەر تاشلىساقلا، <<قەدىمكى چوڭ قۇرۇقلۇق مەدەنىيىتى>> تارىخىدا <<يىپەك يولى>>نىڭ قانچىلىك نۇسرەت بېغىشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. <<يىپەك يولى>> خاسىيىتىدىن ئارىئان - سومېر - ساك، خۇاشيا، بابىلون، ئاسۇرىيە ۋە مىسىر مەدەنىيەتلىرى بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقان ؛ <<يىپەك يولى>> شاراپىتىدىن گرېك - رىم، كۇشان - كۈسەن، سۈي - تاڭ، ئەرەب مەدەنىيەت ئۆركەشلىرى مەيدانغا كېلىپ، ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقى تېرىلغان ؛ <<يىپەك يولى>> تۈپەيلىدىن سىكتاي - ماساگىتاي ( ئۇلۇغ ساك ) مېتالچىلىقى، ئېلىمىزنىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى، ھىندى رەقەملىرى، گرېك سەنئىتى، بابىلون يېزىقچىلىقى، ئىبىن سىنا تېبابەتچىلىكى بىلەن بۇددا - خرىستىئان ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئالەمشۇمۇل تۈسكە ئىگە بولغان.



مۇھاكىمە



<<يىپەك يولى>> ئۇلۇغ ۋە ھوسۇلدار يول ئىدى. ئۇ قەدىمكى ئاتلىقلار يولى ئاساسىدا تىزما ھاسىل قىلغان. <<يىپەك يولى>> ھەممىدىن ئىلگىرى سودا - تىجارەت يولى ئىدى. بۇ يولدا گەرچە سەركەردىلەر بىلەن دىنىي ئۆلىما - راھىبلار كۆپ قېتىم قاتنىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يولدا ئاساسلىقى سودىگەرلەر قاتنىدى. سودا - تىجارەتنىڭ 2 مىڭ يىللىق ئەمەلىيىتى سودىگەرلەرنىڭ ئىككى چوڭ تىپقا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىرى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ھىندىستان ۋە ۋىزانتىيە سودىگەرلىرىدەك تۇرغۇن - ھەتتارچى سودا - تىجارەتچىلەر، ئىككىنچىسى، بۇنداق تۇرغۇن ياكى چاھار بازار ( تار دائىرىلىك سەييارە ) تىجارىتىدىن باشقا، ئاساسلىقى يۈرگۈن - كارۋانچى سودىگەرلەر ئىدى. مەركىزىي ئاسىيا ئاتلىق ئاھالىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇيغۇر - سوغدىلار يۈرگۈن - كارۋانچى سودىگەرلەرنىڭ ئاۋانگارتلىرى ئىدى. ئۇلار جۇغراپىيىچى سۈپىتىدە جاھان كېزىپ، تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ، قاراقچىلار بىلەن ئېلىشىپ، ئۇلۇغ ئىقتىسادىي قانالنى قىش - ياز راۋان قىلىپ تۇراتتى.

<<يىپەك يولى>> _ دوستلۇق يولى، دىن - سەنئەت - مەدەنىيەت يولى، ئىلىم ۋە ھېكمەت يولى ئىدى. مۇشۇ يول تۈپەيلىدىن پىفاگور ھىندىستان ماتېماتىكىسىدىن، ئەپلاتون مىسىر ھاكىمىيەتچىلىكىدىن، ھېپپوكرات سىكتاي تېبابەتچىلىكىدىن خەۋەردار ئىدى. مەركىزىي ئاسىيا يۇڭ كىيىملىرى بابىلىئوندىن، ئىزوپ مەسەللىرى ئىدىقۇتتىن، مانى ئىبادەتخانىسى لوياڭدىن، ئىۋرپېدىس تراگېدىيىلىرى يەتتەسۇدىكى كوستانەيىدىن، چىن فارفورلىرى مىسىردىن تېپىلدى.

<<يىپەك يولى>> ئۆزى تۇتاشتۇرغان ئۈچ قىتئەدىكى كۆپلىگەن خەلقلەرگە ئاۋاتلىق ئېلىپ كەلدى. ئېلىمىزنىڭ <<يىپەك يولى>> باغرىدىكى شىمالىي قىسمى تېز راۋاجلاندى، پايتەختلەر تاكى يېقىنقى زامانغىچە خۇاڭخې ۋادىسىدىن ماكان تۇتتى. مەشھۇر سودا - سارايلىرى، مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلىرى مۇشۇ يول ۋادىسىغا جايلاشتى. دۇنياغا داڭلىق سۈي - تاڭ مەدەنىيىتىمۇ، ئەڭ چوڭ خەلقئارا سودا قوۋۇقلىرىمۇ مۇشۇ قانال ساھىلىدا ئېتەك يايغان. جۇڭگو بۇددىزم مەدەنىيىتى مۇشۇ يولدا شەكىللەنگەن ۋە يىراق شەرققە تارالغان.

<<يىپەك يولى>> غەربىي دىيارلىقلارنى بېيىتقان، تېخىمۇ مەرىپەتلىك قىلغان. <<يىپەك يولى>> تەڭرىتاغلىقلارنى ئاددىيغىنا تېرىقچى ۋە ھۈنەرۋەن، يەرلىك تىجارەتچى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا سودا - تىجارەت ماھىرلىرىدىن قىلمىغان بولسا، خوتەن، يەكەن، قەشقەر، كۈسەن، لوپنۇر، شورچۇق، قوچۇ بۇددا تاشكېمىرلىرىدەك تولىمۇ پۇلپەز سەنئەت سارايلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر قانچە تاشكېمىرنى قېزىپ، بۇددىزم سەنئەت خەزىنىسى قىلىشقا كەتكەن چىقىم ئوردىنى چۆچۈتكەنىدى. لۈي گۇاڭ كۈسەننى ئىگىلىگەندە 20 مىڭ تۇياق ئات - خېچىرغا ئاران خانلىق سارىيىنىڭ بىر قىسىم جاۋاھىراتلىرىنىلا ئېلىپ كېتەلىگەنىدى. لېكوك مىڭئۆيلەردىكى كۆك بوياقلار ياۋروپادا مەدەنىيەت ئويغىنىشى دەۋرىدە ئالتۇن بىلەن باراۋەر قىممەتتە ئېلىپ كېتىلىپ چېركاۋ ۋە قەسىرلەر زىننەتلەنگەن، دەپ يازغانىدى. دەرۋەقە، <<يىپەك يولى>> مۇناسىۋەتلىرى، سودا رىقابەتلىرى تۈرك - ۋىزانتىيە ئىتتىپاقى ۋە ئۇلار بىلەن ئىران زىددىيەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ئەھلى سەلب ئۇرۇشلىرىغىمۇ تۈرتكە بولغانىدى. ئەرەب - خرىستىئان ئەللىرى ئارىسىدىكى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭلەر نەتىجىسىدە غەربىي ئاسىياغا توپلانغان مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىغا ئۇل سالدى. سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ۋىزانتىيىنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى <<يىپەك يولى>> ئالاقىلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بويىدىكى ياۋروپا سودىگەرلىرى ئېغىر بوھرانغا ئۇچرىدى. نەتىجىدە 1492 - يىلى ئىسپانىيە ئادمىراللىرى گىبرالتار بوغۇزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تۈركىيىلىكلەر تەسىرىدە بولمىغان ھىندىستان ئارقىلىق <<يىپەك يولى>>غا چىقىش يولىنى ئىزدىدى. ئەھۋال خۇددى تاڭ سۇلالىسى زامانىدا غەربىي دىيارنىڭ جەنۇبىي قانىتىنى تۈبۈتلەر ئىشغال قىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىك، <<يىپەك يولى>>نىڭ بۇ يەردىكى لىنىيىسى ئورخۇن ۋادىسىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان <<ئۇيغۇر يولى>>نى ئاساس غول قىلغانغا ئوخشاپ قالغانىدى. گېنويا دېڭىزچىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، كولۇمبۇنىڭ، ئۇندىن كېيىنكى دېڭىزچىلارنىڭ <<يىپەك يولى>>نى ئىزدەش سەپىرىدە ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىشىدەك غايەت زور جۇغراپىيىلىك مۆجىزە يۈز بەردى. رىملىقلار ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىلىك سودىگەرلەردىن كۆزى قىزىرىشقا باشلىدى، دۆلەتتە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئېغىرلىشىپ، بۇلاڭچىلىق ۋە قاتىللىق كۈچەيدى. ئالېكساندىر بارجىئا ئورنىغا چىققان رىم پاپاسى يولى II پاپالىق تاجى بولغان تىئارانىڭ ئورنىغا دوبۇلغا كىيىپ گېنېرال بولدى ۋە <<يىپەك يولى>>دىن يېڭى ئىقتىسادىي قىممەت ئىزدىدى. ياۋروپانىڭ مەركىزىي قىسمىدا دېھقانلار قوزغالدى، ليۇتېرنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى ھەرىكىتى مەيدانغا كەلدى.

<<يىپەك يولى>>نىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى يېڭى قىتئە ئامېرىكىغا ئىلگىرىكى بەدىۋىيلىك دەۋرىدە تۇرغان ئىنكلار، ئانسېكلار مەدەنىيىتىدىن ئاللىقانداق ئۈستۈن <<ياۋروپا مەدەنىيىتى>> دەپ ئاتالغان مۇجەسسەم <<يىپەك يولى>> خەزىنىلىرى كۆچۈرۈلدى. بۇ ھادىسە ئاۋسترالىيىدىمۇ تەكرارلاندى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا تارىخچىسى مىكرۇۋىن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئامېرىكا مەدەنىيىتى گرېك - رىمنى ئاساس قىلغان ياۋروپادىن ئېلىنغان دېگەن قاراشلىرىنىڭ كۈلكىلىك ئەپسانە ئىكەنلىكىنى مەردانىلىك بىلەن يازغانىدى. شۇنداق، <<يىپەك يولى>>نىڭ خارابلىشىشى، دېڭىز - ئوكيان قاتنىشىنىڭ كۈچىيىشى يېقىنقى 4 -5 ئەسىرلىك <<ياۋروپا ئىلغار>>، <<ئاسىيا قالاق>>لىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھىدايەتۇللا ئافاق خوجا نىزالىرىدىن تاكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەر ئۇنىڭ بۇ قەدىمكى مەدەنىيەت ماكانىدىكى بىر قاتار پاجىئەلىرىگە مۇقەددىمە بولدى.

قېنى، كىممۇ <<يىپەك يولى>>نىڭ ئالەمشۇمۇل ئىقتىسادىي قىممىتىنى ھېسابلاپ بېرەلەيدىكىن ؟ !

<<يىپەك يولى>>نىڭ گۈللىنىشى = ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەڭدىن تولىسى _ ئاسىيانىڭ ئارقىدا قالغانلىقى = <<يىپەك يولى>>نىڭ خارابلىشىشى !



خاتىمە



<<يىپەك يولى>>نى دېڭىز - ئوكيان قاتنىشى بىر چەتكە چىقىرىۋەتتى. گەرچە قەدىمكى <<يىپەك يولى>>نىڭ خارابلىشىشىدا بىر قاتار باشقا سەۋەبلەر بولسىمۇ، مۇھىمى، بىرىنچى، قاتناش كۈچى ئەھۋالى ئۆزگىرىپ كەتتى. كېمە - پاراخوت دەۋرى تۆگە - ئات كارۋان دەۋرىنى ئاللىقاياقلارغا ئىرغىتىۋەتتى. دېڭىز ساھىلىدا نەچچە مىڭ يىللار قاراڭغۇلۇقتا قالغان جايلار، ئاراللارنىڭ گۈللەش دەۋرى باشلاندى. ئىقتىسادىي مەركەزلەر پرىستانلارغا جايلاشتى. سىياسىي مەركەزلەرمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كارۋان يولى لىنىيىسىدىن دېڭىزغا يېقىن جايلارغا يۆتكەلدى. <<ئالدىنقى سەپ>>، <<ئارقا سەپ>> چۈشەنچىلىرى ئالماشتى. ئېلىمىزدىمۇ خۇاڭخې ۋادىسى جۇجياڭ ۋە چاڭجياڭ ئېغىزى ساھىلىدىن كېيىن قالدى. ئۇيغۇرلار ئۆزى ياراتقان پارلاق مەدەنىيەتنى ئۆزى تونۇيالمايدىغان، تارىخىي قۇرۇلۇش يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇت قىلىدىغان جاھالەت بەندىلىرىگە ئايلاندى. بىز دەل ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بىر ئەۋلادى ئىكەنلىكىمىزنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمىز !

خارابىلەشكەن <<يىپەك يولى>> قايتا جانلاندى !

<<قاناتلىق تۆگە>> ئوبرازى شاھمات تاختىسىغا چۈشتى. تارىخ يەنە بىر قېتىم پەسىل يۆتكەشكە كىرىشتى. مەن ئىشىنىمەنكى، ئىنسانىيەت ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق قاتناش دەۋرىگە، ئىككىنچى قېتىملىق <<يىپەك يولى>> دەۋرىگە قەدەم قويدى ! ئەمدىلىكتە، دېڭىز - ئوكيان يوللىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، دېڭىز - ئوكياندىكى سىمابتەك ئېغىر سۇ توسقۇنلىرىنى يېرىپ ئىلگىرىلەشتىن كۆپ قولايلىق بولغان زامانىۋى تېز سۈرئەتلىك تاشيول، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا يولى قاتنىشى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدىغان يېڭى تارىخىي ئېرانى ئالدىن سەزمەسلىك پاراسەتسىزلىك، يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولۇپ قالماقتا.

<<يىپەك يولى>>نىڭ قايتا ئېچىلىشى بىر قاتار ھادىسىلەرنى سۈرەت ( كۆرۈنۈش ) قىلغان ماھىيەتلىك تارىخىي مۇقەررەرلىك. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەتكە قاراپ داۋاملىق راۋاجلىنىشىنىڭ مۇھىم رېلىسى، ئۇ ئاددىيلا ئاڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ بېرىشنى، بىز قىياس قىلالمىغان ۋە كەلگۈسىدە ئومۇمىي تەرەققىيات تەلەپ قىلىدىغان ئاڭ ئىلگىرىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

<<يىپەك يولى>>نىڭ قايتا ئېچىلىشى كۆپ رايون، كۆپ دۆلەتلەرگە ئالاقىدار خەلقئارا ۋەقە، ئۇ دوستلۇق ۋە رىقابەتلەر ئىچىدە راۋاجلىنىدۇ. قەدىمكى <<يىپەك يولى>>دا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، چىڭگىزخاننىڭ ئىستېلاچى يۈرۈشلىرىنى مەسخىرىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. <<يىپەك يولى>> ئورتاق گۈللىنىش يولى بولۇپ قالىدۇ، خالاس.

<<يىپەك يولى>>نىڭ قايتا ئېچىلىشى ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ، مەنپەئەت بىلەن ئەدەب - ئەخلاقنىڭ بىللە راۋاجلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىشنىڭ بېشىدا <<ئەدەب>> ئەمەس، <<پۇل>>نىڭ داۋرىڭى كۆپ بولۇشى، يېڭى <<يىپەك يولى>> خاتا مۆلچەرلىنىشى، بىر قىسىم <<قەلب>>لەر نابۇت بولۇشى مۇمكىن. بۇنى <<يىپەك يولى>> تارىخى تۈزىتىپ بارىدۇ. روشەنكى، تارىخنىڭ مەقسىتى ئالتۇن خەزىنە ۋە ئاقچا خامىنى تىكلەش ئەمەس.

يېڭى <<يىپەك يولى>> ئېچىلدى. <<قاناتلىق تۆگە>> پەرۋازغا چۈشتى. <<ئاكىيو>> روھىمۇ، <<مەتنىياز>> روھىمۇ، <<تۆگە قۇشى>> روھىمۇ ئەمدى ئەسقاتمايدۇ ! ئىنسانىيەت ئەقلى بىر قانچە مىڭ يىللىق ئىزدىنىشتىن شۇ بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىكى، ئىنسان پەقەت <<ئۆزى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالىغان>>دىلا، ئاندىن <<ئۆز - ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ>>. مانا بۇ، يېڭى <<يىپەك يولى>>نىڭ تارىخىي ھېكمىتى !


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29020
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7608
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 2110 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-13 01:08:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]  [s:160]

ئشۋالسا يول ئۇچۇق.كەتسە توسمۇدۇق.يۇقاپ كەتسە ئىزدىمۇدۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3089
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8859
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2013-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-13 01:50:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

ھەممىمىز ئەقىللىق ،ئۈزىمىزگە ئىشىنەيلى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش