|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار!
شىركىتىمىزنىڭ يېڭىدىن، يېڭىچە بىر خىل لاھىيە ۋە يېڭىدىن لاھىيلەنگەن مەشغۇلات سۇپىسى ئىشلىتىلگەن. قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتال شۇنداقلا مەزمۇن ھەم سۆزلۈكلەردە يېڭىلاش ئىلىپ بىرىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئېلېكترون تارىم تۈرى T01 تىپلىق لۇغەتنى بازارغا سالدى. گەرچە بۇ خەۋەر تور دۇنياسىدا تارقىلىش ۋاقتى كۆپ كىچىككەن ۋە كۆپ قىسمى تېلېۋىزۇرلاردىن خەۋەردار بولغان بولسىمۇ، لۇغەتنىڭ بىر قەدەر تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا بۇ يەرگە يوللىدۇق. شىركىتمىز دىيارىمىزدىكى ئېلېكترون ساھەسىدە كۆزگە كۆرنەرلىك بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۈردە خەلقىمىزگە ئەڭ قولاي بولغان. ئىشلىتىلىشچان ئېلېكترون مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
شىركىتمىز ئىزچىل دىيارىمىزنىڭ تېخنىكا ئىشلىرىنى قىلىپ ۋە قوللاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ مىزانىمىز بۇندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. دىيارىمىزدا ئېنتىرنت تورى تاقىلىپ قىلىشنىڭ ئالىدا ۋە ئېنتىرنت تورى ئىچىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بىزلەردىن ئايماي كەلدى. بۇلارغا بۇ يەردە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمىز. بىز ھەر بىر تەكلىپ-پىكىر بەرگۈچىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئەستايدىل ئويلىشىپ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ زۆرۈر دەپ قارىغانلارنى بۇرۇن قىلىشقا تىرىشتۇق.
ھەممىمىز دىيارىمىزنىڭ ئېلېكترون ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كىلىشچە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى. كىچىك نەرسىمۇ ئاستا-ئاستا چوڭ بولىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ قانۇنيىتى شۇدۇر.
بىزنىڭ بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىمىز، سىزنىڭ ئەتىكى مۇۋەپپىقىيتىڭىز ئۈچۈن...
ئىرپان تارىم تۈرى T01 تىپلىق لۇغەت لىنىكىس (Linux) مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدا قايتىدىن لايىھەلەپ چىقىلغان بولۇپ، لۇغەت سىسىتېمىسىنىڭ يېزىق بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى يۇنىكود (Unicode) نى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىل-يېزىقى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن. 32 خانلىق سىستېما قىلىپ ئىشلەندى. ئاۋاز، سۈرەتلىك ھۆججەتلەرنى بىۋاسىتە قويۇشقا بولىدۇ، مەشغۇلاتى ئاددىي، سۈرئىتى تېز، كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم بولۇپ، ئېكران كۆرۈنمە يۈزى، خەت چوڭلىقى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى ياقتۇرغان شەكىلدە ئۈچ خىل قىلىپ تاللىۋالسا بولىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.
لۇغەتكە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە قاتارلىق بەش تىلنىڭ 30 دىن ئارتۇق لۇغىتى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە 84300 سۆزنىڭ ھەقىقي ئادەم ئاۋازى كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە سۆزلەرگىمۇ ھەقىقي ئادەم ئاۋازى ئىشلىتىلدى. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى كىرگۈزۈلدى. بۇ لۇغەتتە ھەر بىر خەنزۇچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى، پىنيىنى، خەنزۇچە چۈشەندۈرلۈشى، مەنىداش، قارىمۇ قارشى سۆزلىرى، سۆز تۈركۈمى، سۆزنىڭ قۇرۇلمىسى، جۈملىلەر، ئىنگلىزچە مەنىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ۋە پايدىلىنىش يىتەكچىسى بولالايدۇ.
لۇغەتكە 240*400 ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك 2.8 دىيۇملۇق ھەقىقي يۇقېرى ئىنقلىقتىكى، 16:9 نىسبەتتىكى ئۆلچەملىك ئېكران ئىشلىتىلدى. لۇغەتكە GB4 لىق ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىرتتىنTF كارتا سەپلەپ لۇغەت ئومۇمىي سىغىمىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20GB قا كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. لۇغەتنىڭ ئۈنئالغۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز ئېلىشقا بولىدۇ. لۇغەت مەشغۇلاتى پۈتۈنلەي كۇنۇپكا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. FLAC، MP3، WMA، WAV، OGG فورماتتىكى ئاۋاز ھۆججەتلەرنى ۋە MP4،AVI ،RM ،RMVB ،WMV ،ASF ،FLV ،DAT ،MPG ،MP4 ،VOB ،3GP فورماتتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇشقا بولىدۇ. لۇغەتكە 1050 مىللىئامپىرلىق لىتىيلىق باتارىيە ( ئۆلچەملىك نوكىيا يانفوننىڭ BL_5C لىق باتارىيەسىنى ئىشلىتشكىمۇ بولىدۇ.) ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئاۋاز ھۆججىتى قويۇشتا 7 سائەتتىن ئارتۇق يېتىدۇ. سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇشتا 4 سائەت يېتىدۇ. باتارىيەنى بىۋاستە زەرەتلىگۈچكە سىلىپ زەرەتلىگەندە باتارىيە زەرەتلىنىپ بولغاندا ئاپتوماتىك زەرەتلەشنى توختىتىدىغان زەرەتلىگۈچ سەپلەندى. تېڭشىغۇچ ئۈچۈنمۇ يۇقېرى ئىنىقلىقتىكى لابا ۋە ئاۋازنى يۇقىرى تۆۋەن تەڭشەش تەڭشىكى بار تېڭشىغۇچ سەپلەندى.
كۆرۈنمە يۈزنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى خالىغان شەكىلگە بەلگىلەشكە بولىدۇ.
ئادەتتىكى ئۇسلۇب
كۆك ئاسمان ئۇسلۇبى
كىلاسسىك ئۇسلۇب
لۇغەت ئىقتىدارى، لۇغەت سۆزلۈكلىرى، لۇغەت ئامبىرى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە يېڭىچە بولغان لۇغەت سۇپىسى ھازىرلانغان. بۇرۇنقى لۇغەتلەردە يوق بولغان يېڭىچە، تىل ئۆگەنگۈچىلەر زۆرۈر بولغان يېڭى ئىقتىدارلارمۇ قوشۇلغان.
لۇغەت مەزمۇنىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن لۇغەتكە كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ئالتە چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلار لۇغەت، ئۆگىنىش، قامۇس، مېدىيە، قوراللار، تەڭشەش.
لۇغەت ئىقتىدارى تاللاش يۈزى
لۇغەتكە خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە بەش تىلنىڭ 30 دىن ئارتۇق لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە ھەقىقي ئادەم ئاۋازى ئىشلىتىلگەن. لۇغەت ئىزدەش ئىقتىدارى بۇرۇنقى لۇغەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ئەلالاشتۇرۇلدى.
سۆز كىرگۈزۈپ ئىزدەش سۇپىسى
باشقا لۇغەتلەردىن تېز ئىزدەش سۇپىسى. لۇغەتنىڭ F2 كۇنۇپكىسىنى باسسىلا بولىدۇ.
لۇغەت مەزمۇنلىرىنى تولۇق ئېكراندا كۆرسىتىش سۇپىسى. تۈپ سۆزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تولۇق ئېكراندا كۆرسىتىپ تۇرۇپ لۇغەتنىڭ لابا بەلگىسى بار كۇنۇپكىسىنى باسسىلا بولىدۇ.
ئۆگىنىش مەزمۇن تاللاش كۆرۈنمە يۈزى
ئۆگىنىش: يادنەم، ئېلىپبە، ئۈن دەرىسخانىسى، تېكست، فورمۇلالار، ئېلېمېنتلار، ABCD يەنى سۇئال ئىشلەش، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ يان بۆلۈكى، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
ئېلىپبەگە ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇچە تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، قازاق تىلى، تۈرك تىلىنىڭ ئېلىپبەسى كىرگۈزۈلدى.
ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيەدىكى فورمىلالار
ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى
ABCD يەنى سۇئال-جاۋاب شەكىللىك سۇئال ئىشلەش ئىقتىدارى بۇ لۇغەتتىكى ئالاھىدە بىر ئىقتىدارى بولۇپ، خەنزۇچە تۆت مىڭ تۈپ، پىنيىن، خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشى، ئۇيغۇرچە مەنىسى، مەنىداش، قارىمۇ قارشى سۆزلىرى قاتارلىق مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، پىنيىن تۆت خىل پىنيىن بىرىلگەن بولۇپ. شۇنىڭ ئىچىدە توغرىسىنى تاللاش ئارقىلىق خەنزۇچە سۆزلەرنى ۋە خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ پىنيىنى توغرا ئۆگۈنىشكە ئالاھدە ياردىمى بار.
سۇئال ئىشلەش كۆزنىكى
خەنزۇچە خەتلەرنىڭ يان بۆلەكلىرى ۋە خەنزۇچە خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى بىرىلدى. ئۆگەنگۈچى ئۆزى كۆرمەكچى بولغان خەنزۇچە خەتنىڭ كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرسىلا شۇ خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، شۇنداقلا شۇ خەتنى بىر كۇنۇپكىنى بىسىپلا لۇغەتتىن ئىزدەپ تىپىشقا بولىدۇ.
خەنزۇچە خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى كۆزنىكى
قامۇس: شىنجاڭ ئىچىدىكى 20 ساياھەت ئورنىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، ئىنگلىز تىلىدىكى 4-دەرىجىدىن GMAگىچە بولغان ئىمتىھانلارنىڭ سۆزلۈكلىرى ۋە شۇ ئىمتىھانلار توغرىسىدا چۈشەنچە، مەملىكىتمىزنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ پوچتا ۋە رايون نومۇرى، 56 مىللەتنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى ئاتىلىشى ۋە جايلىشىش ئورنى، خەلقئارادىكى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، ئىنگلىز تىل گىرامماتىكىسى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى.
قامۇسنىڭ مەزمۇن تاللاش كۆزنىكى
ساياھەت ئورۇننى تاللاش كۆزنىكى
پوچتا نومۇرنى ئىزدەشتىن بۇرۇن تاللاش كۆزنىكى
مېدىيە: MP3، Mp4، رەسىم كۆرۈش، ئويۇن، ئاۋازغا ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بۇ قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. MP3 قويغۇچ يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى ئۇيغۇرچە ماس قەدەملىك تېكست ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. MP3 ۋە MP4 قويغۇچنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يەنى ھازىر ئاڭلاۋاتقان ياكى كۆرۈۋاتقان ھۆججەتتىن چىكىنىپ چىقىپ كەتسە، لۇغەتنى تاقىۋەتسە كېينكى قىتىم دەل شۇ يەردىن باشلاپ قويۇش ئىقتىدارى بار.
مېدىيە ئىچدىكى ئىقتىدارلارنى تاللاش كۆزنىكى
قوراللار: ئېلكىتاب، دەرس سېتكىسى، كالېندار، ھېسابلىغۇچ، قوڭغۇراق قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئېلكىتابنىڭ خەت چوڭ-كىچىكلىكىنى، رەڭگىنى ئۆزىمىز بەلگىلىيەلەيمىز. ۋە ھەر بىر ئېكران يەنى ھەر بىر بەت مەزمۇننى كۇنۇپكا ئارقىلىق ئاتلىتىش ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ ئاپتوماتىك ئاتىلىتىش، خەتكۈچ قىلىش قاتارلىق ئېقتىدارلىرى بار. يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى تېكستلەرنى بىمالال كۆرسىتەلەيدۇ.
تەڭشەش: مەھسۇلات ئۇچۇرى، ساقلىغۇچ ئۇچۇرى، ئاۋاز يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەش، ئېكران ئىنىقلىقى، ۋاقىت تەڭشەش، لۇغەت ئىچىلغاندا پارول كىرگۈزۈپ ئىچىشنى بەلگىلەش، كۆزنەك ئۇسلۇبىنى تاللاش، نورمال كىرگۈزگۈچنى تاللاش، كۆرۈنمە يۈز تىلىنى بەلگىلەش ۋە لۇغەتنى سىستېمىسىنى يېڭىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بەلگىلەشنى تاللاش كۆزنىكى
ئىرپان تارىم تۈرى T01 تىپلىق لۇغەت مەزمۇنى، سۈپىتى، كۆرۈنمە ئۇسلۇبى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردە بۇرۇنقى لۇغەتلەردىن پەرىقلىنىدىغان بولۇپ. بىر تۇتاش سېتىلىش باھاسى 698 سوم بولۇپ، لۇغەتكە سەپلەپ بىرىلىدىغان قوشۇمچىلار؛
لۇغەتكە سەپلەپ بىرىلىدىغان قوشۇمچىلار؛ بىر تال باتارىيە، بىر تال زەرەتلىگۈچ، بىر تال تېڭشىغۇچ، ئۇچۇر سىمى، بىر تال خىروم قاپ، ئىشلىتىش قوللانمىسى، لاياقەتلىك گۇۋاھنامسى، ھۆددە رېمونت كارتىسى
لۇغەتنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلاردا بىر تۇتاش سېتىلىش باھاسى 698 سوم.
لۇغەتنىڭ ئىتقدارلىرىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز شىركىتمىزگە تېلېفون قىلىڭ ياكى ئىشلىتىش قوللانمىسى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىڭ.
لۇغەت ئىشلىتىش قوللانمىسى
ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى
2011-يىل 2-ئاي
http://www.irpan.com
|
|
|
|
|
|