مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3289|ئىنكاس: 55

مـىـسـرانىـمـدىـكى مـۇسـابىقـە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27267
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8327 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوبراز يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلار(مەلىكە)
(چاقچاق پاراڭلار)


__ۋايجان!!!!،_مەن شۇنداق دەپ ۋارقىرغىنىممچە ئۆزۈمنى بوشلۇقتا كۆردۈم،لەيلەپ ياي شەكىلنى ھاسىل قىلىپ ئەمدى بۇ ھالەتتىن ھۇزۇرلىناي دىگەندە سىمۇنت يولغا <<گۈپپىدە>> قىلىپ چۈشتۈم.

ئەتىگەندە ما پالاكەتچىلىكنى كۆرۈڭ، مۇنبەدىكى نۇمۇر ئورۇنلاش ،ئوبراز يارىتىش مۇسابىقىسىگە  كىچىكىپ قالىماي،،دەپ ئايىغىمنىڭ چۈشۈپ قالغىنىنىمۇ سەزمەستىن ئالدىراش ماڭسام،قاراپ تۇرۇپ ما ماشىنىنىڭ سوقۇۋەتكىنىنى......
__ئاپلا!!!،__بىرىنىڭ شۇنداق دىگىنىنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك بولدۇم،بەلكىم مىنى سوقۇۋەتكەن نوچى بولسا كىرەك،پالاقشىپ مەن تەرەپكە كىلىۋاتقاندەك قىلاتتى،__سىزگە ھىچ ئىش بولمىغاندۇ -ھە؟؟

ئىچىمدە بۇ گەپ قىلىۋاتقان ئادەمنى مىڭنى تىللايتتىم،ھىچ ئىش بولمىغان بولسام مۇشۇنداق ياتامتىم؟؟؟؟
كۆزۈمنىمۇ ئاچالمايتتىم،كۆزۈم يۇمۇقلۇق تۇرسىمۇ كۆزۈمگە يۇلتۇز كۆرىنىپ كىتىۋاتاتتى.....[s:29]

ئۇ مىنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزدى،كۆزۈمنى ئىچىپ ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بىقىشقا شۇنچە ئۇرۇنساممۇ ماغدۇرۇم يەتمەيۋاتاتتى،ئىچىمدا بۇ ئاداشنى مىڭنى تىللايتتىم،خەپ!

__ۋۇي؟؟مەلىكە ئىكەنسىزغۇ؟؟؟ ۋاي خۇدايىم!
ھە،مىنى تۇنۇيدىغان بىرسى ئىكەندە؟؟بىر كۈچەپ كۆزۈمنى ئىچىپ باقاي،ۋاي خۇدايىم! مەن بايامدىن بىرى ئىچىمدە قارغاپ-تىللاپ يۇرگەن ئادەم_دەقيانۇس ئىدى![s:18]
__خەپ سىزنى،__مەن ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئارانلا گەپ قىلاتتىم،لىكىن خەپ دىگىنىم بىلەن قانداق قىلىشىمنى بىلمەيتتىم،_مەن مۇنبەرگە مۇسابىقە كۆرگىلى ماڭغان،مانا ئەمدى ئۇ يەرگىمۇ بىرىپ بولدۇم!

دەقيانۇس سەل ئەنسىرەپ قالغان بولسا كىرەك،جىددىيلەشكىنىچە بىر تەرەپتىن كەچۇرۇم سورىغاچ بىر تەرەپتىن مىنى بايا مىنى سوقۇۋەتكەن ئەبلەخ ماشىنىسىغا چىقاردى.
__ئالدىراپ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مۇسابىقىگە ماڭغان ئىدىم، شۇ يەرگە ئالدىراپ ماشىنىنى تىز ھەيدەپ ساپتىمەن، دوختۇرخانىغا بارايلى،بارلىق چىقىمىڭىزنى مەن كۆتۈرىمەن،خاتىرجەم بولۇڭ-ھە؟

__بولسا مەن چىقىراي،_مەن ئەمدى سەل گەپ قىلالىغۇدەك ھالەتتە بولۇپ قالغان ئىدىم،_قاراپ تۇرۇپ سوقىۋىتىپ.....[s:22]
__مەن ھىچنىمە دىمىدىمغۇ؟؟خاپا بولمىڭە،ھەر نىم بولسا سىز ئىكەنسىز،باشقىلار بوپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتىم دەڭە؟
__قانداق قىلاتتىڭىز؟ كەچۇرۇمنى مىڭ كىشلىك سوراپ،ئۆزۈرھالىق سوراپ ،داۋالىنىش چىقىمى،B چاۋ،Cچاۋ..........يەنە بىرمۇنچە... چاۋ لارنى تۆلەپ،بىرەر ئايدەك تۈرمىدە يىتىپ،پىراۋىڭىزنى يىرىم يىللىق پىنسىيەگە چىقىراتتىڭىز شۇ........[s:17]
دەقيانۇس خىجىل بولۇپ قالغان بولسا كىرەك،گەپلىرىمنى ئاڭلاپ سەل تاتىرىپ كەتتى:
__ئەمىسە دوختۇرخانىغا ماڭايلى.ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇردى.
__ياق،ياق!!.....__دىدىم مەن قاتتىق ئاۋازدا،دەقيانۇس ئاۋازىمنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەن بولسا كىرەك،تۇرمۇزىنى شۇنداق دەسسىۋىدى،ئۆزىمۇ گۈپپىدە قىلىپ ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىگە ئۈسسىدى،ھى...ھى....ئۆتنە ئالەم دىگەن مۇشۇ-دە؟[s:30]
مىنىڭ كۈلگىنىمنى كۆرۈپ دەقيانۇس شۇنچىلىك غەزەپلىنىپ قاتتىق بىرنى ھومىيىپ تۇرۇپ:
__مەلىكە،نىمانداق قىلىسىز؟؟؟؟ ئۆزىڭىز شۇنچىلىك قاتتىق توۋلاپ،ئەمدى كەلگەندە كۈلۈپ،تازىمۇ بىر نەس باستى ئادەمنى،__ئۇ  شۇنداق دىگىنىچە غۇدۇراپ،__دەڭە؟نىمە بولدى؟؟؟

__نىمە غۇدۇرايسىز؟؟ئۆزىڭىز بىر ئوبدان كىتىۋاتقان ئادەمنى سۇقۇپ ،__مەنمۇ بىرنى ئالىيۋالدىم،__ياق دىگىنىمدىكى سەۋەب،مەن ھازىر ئانچە بەك ئاغرىمىدىم،ئاۋال مۇنبەرگە ئاپىرىپ قۇيۇڭ، مۇسابىقە كۆرىمەن،ئاندىن قايتىپ دوختۇرخانىغا بارىمەن.
شۇنداق دەۋاتقان بىلەن دەردىمنى ئۆزۈم بىلەتتىم،ئويلاپ بېقىڭلار بىر ماشىنا ئۇچقاندەك كىلىپ سىزنى ئاسماندا لەيلەش پۇرسىتى يارىتىپ بىرەلىگۈدەك دەرىجىدە سۇققان بولسا ئاغرىماي قالارمىدى؟ مۇشۇ مۇسابىقىنى دىمەيدىغان بولسام-زە.... [s:23]

دەقيانۇس كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە:
__ئوھۇي مەلىكە،مۇنبەر مۇھىممۇ جىنىڭىزمۇ؟
__ئىككىلىسى مۇھىم،__ئەمدى سەل ئالدىراپ قالدىم،__تىز مىسرانىم مۇنبەرگە قاراپ مېڭىڭ،_دىدىم بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.
دىمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ؟؟؟سوقۇشنى سوقۇپ بولۇپ بىرمۇنچە ۋاقتىمنى ئېلىپ ئەمدى ماڭا ئىش ئۈگۈتۈپ...تازىمۇبىر....
دەقيانۇس ماڭا ھەيران بولغىنىچە ئەپسۇسلانغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ
مۇنبەرگە قاراپ ماڭدى.

مانا مىسرانىم مۇنبىرىگىمۇ كىلىپ قالغان ئىدۇق،بىلىمنىڭ ،بىشىمنىڭ شۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىۋاتقىنىغا قارىماي،چاندۇرماي ماشىنىدىن چۈشتۈم،دەقيانۇس مىنى يۆلىگىنىچە،مەن دەقيانۇسقا تايانغىنىمچە مۇنبەرگە ئەمدى مىڭىشنى باشلىغان كىچىك بالىدەك تەمتىلەپ مىڭىپ كىردىم.

كىرسەك مۇنبەر دىگەن قىزىپ كىتىپتۇ،قانداق قىزىپتۇ؟دەمسىلە؟؟؟ھازىر دەپ بىرىمەن شۇ،ئالدىراتماڭلار ئادەمنى،ئاغرىپ تۇرغاندا.....[s:24]
مۇسابىقە ئاللا بۇرۇن باشلىنىپ كىتىپتۇ،ئىسىت،ئىچىلىش مۇراسىمىنى كۆرەلمىدىمدە؟ئىچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇمۇرنى بەك قىززىق دەپ ئاڭلىغان...ھەي.....

تاڭنۇرى مۇنبەر سەھنىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ<<ئاشىغىم دىلسىرغا>> ناملىق كىلاسسىك شىئىرىنى ئوقۇپ بىرىۋاتاتتى،دىلسىرى بولسا،بىر تەرەپتە ئىككى قولى بىلەن ئىڭىكىنى يۆلەپ مۇڭلانغىنىچە ئاڭلاپ ئولتۇراتتى،

چوڭاملاردىن مىسران ھە ياق مىسرانىم(ئىسمىنى ئۆزگەرتتى ئەمەسمۇ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن[s:6] )،توغرۇل ئاكا،مۇسلىنە ھەدە، كۈنقىز، كەترەن، تارىم، ئەلشىر...قاتارلىق باشقۇرغۇچىلار بولسا قوللىرىغا دەپتەر-قەلەم ئالغىنىچە سەھنىنىڭ ئالدىغا مەخسۇس چوڭاملار ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇرۇندا چاي ئىچكەچ ئەزالارنىڭ نومۇرلىرىنى باھالاۋاتاتتى.

سەھنىنىڭ كەينىدە كۆڭۈل قىزچاق نۆۋىتىنى ساقلاپ تۇراتتى،ھەممىسىنىڭ دىققىتى تاڭنۇرنىڭ شېئىرىدا بولغاچقىمۇ،
شۇنچە كۆپ ئەزالار دەقيانۇس ئىككىمىزگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى،مەن ئاستا ئىشىكنىڭ يىنىدىكى بوش ئۇرۇندىن بىرنى تىپىپ ئولتۇرۋالدىم.دەقيانۇس مەندىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولغاندەك مىنى ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپلا غىپپىدە قىلىپ باشقا تەرەپكە كىتىپ قالدى.
_خەپ،_دەيتتىم ئىچىمدە،_ئاۋال ما مۇسابىقە بىر تۈگىسۇن،ئاندىن ئايرىم ھىسابلىشىمەن.[s:24]

تاڭنۇرى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى:
.........................................
ئىھـ... شۇ چاغلار ئەجەپ گۈزەل!
بەكلا گۈزەل بەك چىرايلىق.....
ئولتۇرىدۇ يايرىم مىنى ساقلاپ....
باغنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا......
............................................
ئىھـ-...ياشلىق...
مانا بۇ ھايات......
كىتىۋاتىمىز بىللە.....
باڭ-باڭ تاڭ يىگەچ.....
.................................

تاڭنۇر پالاق-پۇلۇق ئالقىش ساداسى ئىچىدە شېئىرىنى ئاخىرلاشتۇردى،ۋە بىزگە قاراپ:
__خەلقىمگە رەھمەت،_دىگىنىچە سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى.

توۋا ما بالىنى! بۇرۇن مۇنبەردە بىر ئوبدان شېئىر يازىدىغان، بۈگۈنكى مۇسابىقىسىدە نىمانداق باش-ئايىغى يوق شىئىرنى ئوقۇيدۇ؟؟؟
شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ شىئىرنىڭ يىڭى بىر شەكلى__دەۋىرنىزىم شىئىرلىرى بولسا كىرەك،مەن ئاددىي كاللام بىلەن چۈشىنەلمىدىم..ھى..ھى.....

بۈگۈنكى بۇ مۇسابىقىنىڭ رىياسەتچىسى كەچمىشىم ئىكەن، كەچمىشىم ئۇزۇن كۆڭلەكلىرىنى سۆرىگىنىچە سەھنىگە چىقىپ كەلدى....
__يۇقۇردا تاڭنۇر ئەپەندىم ئۆزىنىڭ يىڭىچە دەۋىرنىزىم ئۇسلۇبىدا يىزىلغان كىلاسسىك شىئىرىنى ئۇقۇدى،ھەممەيلەن تاڭنۇر ئەپەندىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۇتۇقلىرىنى مۇبارەكلەيمىز.
ئەمدىكى نۆۋەت ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق لىرىكىلىرى بىلەن تۇنۇلغان ياش ناخشىچىمىز كۆڭۈل خانقىزنى ناخشا ئىيتىشقا تەكلىپ قىلايلى.
شۇنداق دىيىشىگىلا چاۋاكلار چىلىنىپ كۆڭۈل پۇتلۇشۇپلا سەھنىگە چىقتى،چۈنكى كۆڭۈل تولىمۇ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان ئىدى،بايا سەل ھاياجانلىنىپ قالغاچقا دىققەتسىزلىكتىن كۆڭلىكىگە دەسسىۋالدى،مۇنبىرىمىزدىكى ئوغۇللارمۇ بەك ئەسكى جۇما.....پەستە تۇرۇپ ئىسقىرتىپ قۇيدى...[s:6]

شۇنداق قىلىپ كۆڭۈل قىزچاق <<كۆڭلۈم>>ناملىق ئىجادىي ناخشىسىنى باشلىۋەتتى....
بۇ چاغدا پۇت-قۇلۇم بايامقى سۇقۇلۇشنىڭ دەردىدىن ئەمدى ئاغرىشقا باشلىغان ئىدى....ئاغرىقىغا پەقەتلا چىدىيالمىدىم، قانچە قىلساممۇ بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئىدىم،ئەمدى ئۈنۈمنى چىقىرىپ يىغلاشقا باشلىدىم:
<<ھۈ...ھۈ..ھۈ.....ۋاي قانداق قىلاي...ھۈ..ھۈ..ھۈ...>> [s:3]

كىم بىلسۇن،مىنىڭ ئاۋاىمنى ئاڭلاپ پەستە تاماششىبىن بولۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراپلا قالدى،شۇنىڭغا قارىغاندا ئاۋازىم خىلى ساز ئوخشايدۇ....
ھەممىسىنىڭ دىققىتى ئەمدى مەندە ئىدى،مەن شۇنچە ئۆزۈمنى يىغىدىن تۇتۇۋالاي دىسەممۇ ئامال بولمايۋاتاتتى،ئەمدى بىلىم قۇشۇلۇپ ئاغرىق مىڭەمگە چىقىپ كەتتى،ئاۋازىمنى بايامقىدىن بەكرەك يۇقىرى قىلىپ يىغلاشقا باشلىدىم،مەندە نىمە ئامال دەيسىلەر؟؟؟ ئاغرىغاندىن كىيىن يىغلىدىم شۇ...بۇنى مەندىن ئەمەس،ئاۋۇ دەقيانۇستىن كۆرۈڭلار[s:20]

__ھوي،مەلىكەگە نىمە بوپتۇ؟؟
__كۆڭلۈم دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپلا يىغلاپ كەتتىيا؟؟
__ھەي،بىچارە قىزنى كىممۇ رەنجىتكەندۇ؟
___ھازىرچۇ ھىچكىم_ھىچكىمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ جۇما بۇ زاماندا....
__مەلىكەنىڭ ناخشىغا تەسىرلىنىشىنى بىرىنجى قىتىم كۆرۈشىمىز..
___.....................
توۋا ما خەقنى،كاللا -دىسە پاقالچەك،دەپ مەن ما يەردە جىنىم قىينىلىپ يىغلاۋاتسام،بۇلار ئۆزىچە ناخشىدىن تەسىرلىنىپ يىغلىدى،دەپ ئويلاپ قاپتۇ-دە؟

بىر چاغدا دىلسىرى ئاستا يىنىمغا كەلدى،ۋە بوش ئاۋازدا:
__ئاداش،نىمە بولدى؟؟مۇھەببىتىڭدىن ئايرىلىپ كەتمىگەنسەن؟
__بولدى سەن سورىما،مەن ئىيتماي،ئىش سەن دىگەندەك ئاددي بولسىغۇ مەيلى،__مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئەمدى چۈشەنچە بىرەي، دىيىشىمگە كۆڭۈل قىزچاق مىكروفۇننى ئوڭ قولىدا تۇتۇپ بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتقاچ بىر تەرەپتىن ماڭا قاراپ ئاستا كىلىۋاتىدۇ،ھەي...كۆڭۈل قىزچاق،سىزمۇ مىنى تەسىرلىنىپ كەتتى،دەپ ئويلاپسىز-دە؟
.....................................
بۇ دۇنيا ئەسلىدە يىغلاڭغۇ ئەمەس،
بۇلۇتلارمۇ سەۋەبسىز تۆكمەيدۇ كۆز ياش.........
.............................................................
مەن ئەمدى ئاغرىقىمنى تەستە بىسىپ تۇرۇپ كۆڭۈلگە يالغانلاردىن سۇس ھىجىيىپ قۇيدۇم،نىمىلا دىمىگەن بىلەن،
مىنىڭ كۆڭلۈمنى دەپ ئاتايىتەن سەھنىدىن چۈشۈپ تاماششىبىنلارنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكتى ئەمەسمۇ؟[s:4]

مەن ئولتۇرغان يىرىمدىن تۇرالمىدىم،پۈتۈن بەدىنىم چىقىۋەتكەندەكلا ئاغرىيتتى،دىلسىرى ماڭا قاراپ ئەپسۇسلانغاندەك:
__ھەي ئاداش،يىغلىما بولدى،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.
__ھەئە بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،خەپ دەقيانۇس......
ئاغزىمدىن بۇ گەپنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن،دىلسىرى كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ ھەيرانلىقىنى يۇشۇرۇپ بولالماي مىنى ئەمدى كۆرگەندەك ماڭا قايتا قاراپ چىقتى:
__دەقيانۇس؟؟نىمە؟؟؟ئەسلى دەقيانۇس ئىككىڭلار ئارلىشىۋاتقانمىتىڭلار؟؟؟؟
ئاچچىقتىن يىرىلغۇدەك بولۇپ كەتتىم،ما دىلسىرى نىمە دەيدۇ ئەمدى؟؟ دەقيانۇسىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇشۇ مۇھىم كۈندە مىنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قۇيغىنىغا ئاچچىغىم كىلىپ ئاران ئولتۇرسام تىخى ئارلىشارمەنمىش....

__يوق گەپنى قىلما،__مەن ھومايغىنىمچە ئەتراپىمغا قارىدىم،دەقيانۇس بولسا بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن ماڭا ئوغۇرلۇقچە خاتالىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قىلىشىنى خالىمايۋاتقان كىچىك بالىدەكلا قاراۋاتاتتى.

بىر چاغدا مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي جايىمدىلا ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن،باشقىلار ھەقىچان ئۆزخىيالىدا مىنى ئۇخلاپ قالدى،دەپ ئويلاۋاتقاندۇ تايىنلىق![s:3]

بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام سەھنىدە چارتىكىن دۇتتار چىلىپ ئولتۇرۇپتۇ،زەپەر بولسا <<مۇنبىرىم>> دىگىنىچە ناخشا ئىيتىۋاتىپتۇ،ھىچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوق،ئىسىت بۇلارغا قىلغان ئەقىدەم!!!
ئەمدى مەن دوختۇرخانىغا بارمىسام بولمىغۇدەك،مۇنبەردىكى مۇسابىقىنى كۆرىمەن،دەپ ئۆلۈپ قالماي يەنە.....
لىكىن مەن قانداق ماڭىمەن؟؟جىنىم چىقىپ كىتەيلا دەۋاتسا...خەپ دەقيانۇس خەپ....ھە راست دەقيانۇس ئۆزى مىنى سوقىۋەتكەن،ئۇنىڭ مىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان مەجبۇريىتى بار....توغرا ،ئۇنى چاقىرىش كىرەك...

__دەقيانۇس!!!قىنى سىز؟؟؟؟؟؟ تىز كىلىڭ!!!
ئاۋازىمنىڭ قاتتىق چىققانلىقىنى تۇيۇقسىز ھىس قىلىپ قالدىم،چۈنكى يىنىمدە ئولتۇغان ئەل قىزى ئاغزىنى يوغان ئىچىپ ئىككى كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ قوللىرىنى قۇلقىغا تىقىۋاپتۇ....ۋاي خۇدايىم...نىمە ئىش بۇ؟؟؟؟مەن ئەمدى سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.ئەتراپىمدىكىلەر قاتتىق ھەيران قىلىش ۋە نارازىلىق كەيپىياتى ئىچىدە ماڭا قاراپ غۇدۇراۋاتاتتى...
__....................
__نىمە قىلغىنى بۇ مەلىكەنىڭ؟؟
__بۈگۈن مەلىكە ئاجايىپ بولۇپ قاپتىغۇ؟؟پەقەت ئۆزىگە ئوخشىمايدۇ.
__ئاشۇنداقمۇ چىڭ ۋاقىرامدۇ؟ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ......
__.................
چوڭاملار ئولتۇرغان ئورۇنغا ئاستا قاراپ باقتىم،قارىدىميۇ ئۇ يەردىن كۆز قارچۇقلىرىمنى قاچۇرالماي تۇرۇپلا قالدىم.
مىسرانىمدىن تارتىپ توغرۇل ئاكىغىچە،كۈنقىدىن تارتىپ كەترەنگىچە،تارىمدىن تارتىپ ئەلشىرگىچە ماڭا ھومىيىپ تۇراتتى،
سەھنىدىكى چارتىكىن دۇتتار چېلىشنى توختىتىپ،زەپەر ناخشىسىنى ئۈزىۋىتىپ.......ئىشقىلىپ ھەممىسىلا نارازى بولغىنىچە ماڭا ھومىيىشىپ تۇراتتى،ھىچكىم مىنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتى....دەقيانۇستىن باشقا.....

مەن بەكلا خىجىل بولدۇم،ماۋۇلارنىڭ مۇشۇ قارىشى خۇددى كەچتە يانغان ئورمانلىقتىكى بۆرىنىڭ كۆزلىرىدەكلا ۋەھشىي ئىدى.......
تۇيۇقسىز مىكرافۇندا مىسرانىم گەپ باشلىدى:
__بولدى...ھەممە ئەزالار تىنىچلىنىڭلار...بولدى.....تەرتىپلىك بولۇڭلار،مەلىكە،ئالدىغا چىقىڭ......

ئىم،_دىدىم،مەن قانداقمۇ چىقالايمەن بۇ ئەپتىم بىلەن؟؟مەن جايىمدا قىمىرلىماي ئولتۇردۇم،بىر چاغدا دىلسىرى يىنىمغا كەلدى:
__ئاداش تۇرە ئورنۇڭدىن،سىنى چاقىرۋاتىدۇ.
__ياق تۇرمايمەن،دەقيانۇس قىنى؟
بىر چاغدا يىنىمدا دەقيانۇس ئۈندى،نىمىلا دىمىگەن بىلەن مەسئۇليەتچان كىشى دىگەن باشقىچىدە؟
__قوپىڭە مەلىكە،ئەمدى دوختۇرخانىغا بارايلى،__دەقيانۇس شۇنداق دىگىنىچە دىلسىرىغا ئەتىگەن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر قۇر ئىيتىپ چۈشەندۇرۇپ قۇيدى.
__ۋاي خۇدايىم،ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە؟

شۇ گەپنى دەپ بولۇپ دەقيانۇس مىسرانىمنىڭ ينىغا بىرىپ قۇلىقىغا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى،ئەلۋەتتە بۇنى چوڭاملارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايتتى،ئۇلارمۇ ئەتىگەنكى ئىشلادىن خەۋەر تىپىپ ئەمدى مىنى چۈشەنگەندەك ھىسداشلىق قىلغاندەك مەن تەرەپكە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى،بايا تىخى ھومىيۋاتقان كۆزلىرىنىڭ پاختىسى چىقىپ كەتكۈدەك......[s:24]

دىلسىرى بىر تەرەپتىن دەقيانۇس بىر تەرەپتىن يۆلەپ مىنى ئاستا تۇرغۇزدى. بىز دوختۇرخانىغا بىرىش ئۈچۈن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق،
توۋا،ئادەمنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟بۇ ھالەتكە قاراپ يەنە كوتۇلداشلار...غۇتۇلداشلار زالنى بىر ئالدى:
__....................................
__مەلىكەنىڭ دەقيانۇس بىلەن بىرەر ئىشى بار ئوخشايدۇ جۇمۇ؟
__زادى شۇنداقتەك،بولمىسا ھەجەپ يۆلەپ كىتىپتۇ.....
__ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ؟ مەلىكە ئاغرىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟(مىنىڭ مىڭىشىمغا ھەرقانداق ئادەم بىر قاراپلا ئاغرىق ئىكەنلىكىمنى  بىلەتتى[s:24] )
__نەدىكى گەپنى قىلماڭلار...مەلىكە ئاغرىق ئىكەن،دەقيانۇسنىڭ ماشىنىسى بار،شۇڭا چاقىرغاندۇ بايا؟
__ياقەي،سىز نىمىنى بىلىسىز،ياق چۇقۇم بىر ئىش بار...
__...................................
بىز مانا مۇشۇنداق ئوخشاش بولمىغان كىشلەرنىڭ كەيپىياتى،باھاسى ئىچىدە بۇ زالدىن ئايرىلغان ئىدۇق.
دەقيانۇس،دىلسىرى ئۈچىمىزنىڭ كاللىسىدا بىرلا خىل خىيال ئەكىس ئىتەتتى...
ھەي....ئادەملەر........... [s:22] [s:22] [s:4]


دوختۇرخانىدىن چىقىپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئاڭلىدىم،كۆڭۈل قىزچاق مىنى ناخشا ئىيتىپ تەسىرلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن چىمپىيۇن بوپتۇمىش، كۆڭۈل قىز ئەمدى مىنى راسا بىر مىھمان قىلمىسا بولمىغۇدەك،دىگەننى ئويلاپ ئۈلگۈدۈم،مەن يىغلىمىغان بولسام ھەرگىزمۇ چىمپىيۇن بولالمايتتى.[s:6]
تاڭنۇر ئەپەندى ئىجاتچانلىقى بىلەن ئىككىنجى بوپتىمىش.............[s:6]



__مەلىكەدىن.


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kugul + 2 چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۇرۋەتكىنىڭىزگە..
uxxuk + 1 چوڭراق باھا بىرەي دىسىم بولمىدى
ئەلشىر + 100 ياخشى يېزىپسىز......تىرشىڭ.......
تارىم + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 203   باھا خاتىرىسى

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1319
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11079
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ مۇشۇ ئەسىرىڭىز بىلەن ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ تازا ئاشۇ ھەممىنىڭ ئىچىنى ئىيتىشتۇرۇپ ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

قانداق پۇتىڭىز ساقىيىپ قالدىمۇ ياكى ئادىل ھوشۇرنىڭ <<ئەيدېخۇا》》 دوختۇرخانىسىغا بارىمىزمۇ؟

شاھمەن،شاھزادىمەن غېمىم تۈگىمەس نەدىندۇر بۇ؟ چۈنكى غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەندەدۇر بۇ.

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش ،ئاخشام چۈشۈمدە كۆرگەن ئىشلارنى بىكار دەپ بىرىپتىمەن ،.ھى ھى .ھىق ھىق ............. [s:30]  [s:2]  [s:30]  [s:2]
ھەي ماۋۇتاڭنۇرنىڭ مۇھەببىتى كەپ قالسا مىنى پىپەن قىلسا قۇتقۇزۇڭلا جۇمۇ .

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116818
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:32:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئوبراز يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى-كەين

ماشىنا سوقىۋەتكەن ئاغرىق تۇرۇپ، قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز ، نېمانداق ئۇزۇن بۇ.
ھەي جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق دېگەن شۇ دە، ئىسىملىرىم نېمىشقا چىقمايدۇ، مېنى خەق نېمىشقا تونىمايدۇ دېسەم، ئەسلى مەندە بۇنداق ئۇزۇن ئەسەرنى يازغىدەك تاقەت يوقكەن ئەمەسما.تىرىشاي جۇمۇ.


سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29073
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئوبراز يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى-كەين

قالتىس كەلتۇرۇپسىزغۇ ....
      ئىلھامنى نەدىن تاپىسىز .... ئىلھام تاقىتىدىغان توپ باز بار مۇيا ؟  ھى ھى ھى  [s:30]  [s:30]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1319
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11079
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:35:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى ساۋاتسىز دەپ قالغانما؟ [s:6]
ئاچچىقىم كەلسە يادقا يېزىپ بېرىمەن جۇمۇ ماۋۇ تېمىنى.
ئاۋۇ كۆڭۈل دېگەن قىزنىڭ چىرقىراق ئاۋازى ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ. خۇددى ۋىتاستەك ئوقۇپ قويىدىكەن.  كىچىك ۋاقتىمدىكى مەھەللىدىكى ئۇششۇق شۇملارنى ئەسلىتىپ قويدى

شاھمەن،شاھزادىمەن غېمىم تۈگىمەس نەدىندۇر بۇ؟ چۈنكى غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەندەدۇر بۇ.

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23186
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئوبراز يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى-كەين

ئوبراز يارىتىش مۇسابىقىسى يامغۇردا قاپتۇ ،
مەلىكەنىڭ يازمىللىرى مىسرانىمنى بىر ئاپتۇ.
شۇنچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئۇقۇساممۇ ،
مىنى چۈشۈرۈپ قۇيۇپتۇ ،ئۇنتۇپ قاپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1319
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11079
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:43:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشامنىڭ ساداسىنى،
مىسرانىم ئاڭلارسەنمۇ.
چىقىرىپ يانچۇقىڭدىن 5موچەن
ئۆرۈمە بېرەرسەنمۇ.

كۆڭۈلنىڭ ئېيتقان ناخشىسىكى مۇشۇ مىسرالارلا ئىسىمدە قاپتۇ

شاھمەن،شاھزادىمەن غېمىم تۈگىمەس نەدىندۇر بۇ؟ چۈنكى غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەندەدۇر بۇ.

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239285
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئوبراز يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى-كەين

بەك مۇنبەرگە سادىق جۇمۇ سىز ،ماشىنا ئاشۇنداق قاتتىق سۇقىۋەتسىمۇ دوختۇرغا بارماي يەنە شۇ مۇنبەر ............ ھەي مۇنبەر ئوتى ھەقىقەتەن كۈچلۈك جۇمۇ .
تېمىڭىزدىن شۇنداق خوش بولدۇم بولسا بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق يۇمۇرۇستىك تېمىلىرىڭىزنى مۇنبەردىن ئايمىغايسىز ،،،،،،،،، مەنمۇ تىرشىپ باشقىلارغا ياقمىسىمۇ مىنى قولاۋاتقان دوسلىرىمىغا ئاددى بولسىمۇ ئۆز ئەمىگىمدىن بارلىققا كەلگەن تېمىلارنى سۇنۇشقا تىرشىمەن ......رەھمەت

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116818
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-28 05:45:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە،سىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز دېگىنىملا ئەمەس، راس مەن قىسقا ئەسەرلەرنى يازىدىكەنمەن،ئۇزۇنراقنى يېزىشقا ۋاقتىم، ئىلھامىم،قابىلىيىتىم يار بەرمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدىن ئىلھام ئېلىپ دېگىنىم ئۇ. مېنى ئۇنتۇمىسىڭىز خۇشال بولىمەن ئەلۋەتتە. رەھمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش