مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1493|ئىنكاس: 21

كوت-كوت ئاياللار ئائىلىسىنى قانداق قوغداپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 01:29:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەھلىلىگە كۆرە ئاياللارنىڭ كوت-كوت بولىشى ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ ئىلىپ كىلىدىغان چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.
بۇنداق ئاياللار پاشىدەك غىڭشىپ ئېرىنى تويغۇزىۋېتىدۇ، ھېلى ئۇنى دەيدۇ، ھېلى بۇنى دەيدۇ، ھېلى تۈزۈكرەك كىيىمىنىڭ يوقلىقىدىن قاقشايدۇ، ئېرىنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ بارغان جايى، تۇرغان يېرى، كۈرۈشكەن ئادەملىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ ھالسىرىتىۋېتىدۇ، ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ بىلەن ئېرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشنى بىلمەيدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۆزىڭىز دەڭسەپ باقارسىز.
ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنىڭ خاراكتىرىنى چۈشۈنۈپ يېتەرسىزلىك ۋە نۇقسانلىرىغا كەڭ قورساق بولسۇن. ئائىلىدە ياخشى ئەر، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان ئەر بولسا، ئۇ سىرتتا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياللار بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىشقا توغرا كەلسە ئايالى ئۇنىڭدىن ئورۇنسىز كۈنلىسە، كۈندە كەچتە تېلفۇن خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، قەيەرلەرگە بىرىپ كىملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تولا كوتۇلداپ ئەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتسا بۇ ئەر سىرتتا چارچىغىنى ئاز كەلگەندەك ئۆيدىمۇ ئارام ئالالمىسا ، ئىشەنچ دەيدىغان يۈكسەك رېشتە ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىرىنى ھەر قانداق ۋاقىتتىمۇ باغلاپ تۇرالمىسا  بۇ ئائىلىنىڭ تەقدىرى ئاخىرىدا قانداق بولار؟

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ئەر-خوتۇنلار ئۇنتۇلغۇسىز، ھاياجانلىق خۇشال كۈنلەرنى ئۆتكۈزگىنىدەك، ئاندا -ساندا يۈز بىرىپ تۇرىدىغان خاتالىقلارنى، نۇقسانلارغا كەڭ قورساق بولۇپ مىھرى-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىنى كەچۈرۋېتىشنى ئۈگىنىۋالغىنى تۈزۈك. ئەر ئىچىدىكىنى ئۆيدىكى ئايالىغا دادىل ئېيتالمىسا، ئىچ سېقىنچىلىقىنى تۈگۈتەلگۈدەك ئازادىچىلىككە ئىرىشەلمىسە باشقا يەنە بىر ئايالغا ھاجىتى چۈشىدۇ، دە چوڭ ئايالىدىن زېدە بولغان كۆڭلى كىچىكىدىن <<سۇ ئىچىپ >> ھاياتى ياشىرىدۇ. شۇڭا خانىملار ئەرلىرىنى ئاسرىشى ئارتۇقچە ئىشلارغا كوتۇلدىماسلىقى، سەۋەنلىكلەرگە كەڭ قورساق بولىشى توغرىسى ئەرنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان مىھرىبان ئايال بولۇشى كېرەك. ئاياللار ئەردىن رەنجىسە بىرەر دوستىنىڭ يېنىغا بىرىپ دەردىنى تۆكۈپ بىر يېغلىۋالسا يىنىكلەپ قالىدۇ. ئەرلەر ئايالىدىن رەنجىسە ئاغىينىسىنى ئىزدەپ دەرت تۆكەلمەيدۇ. بىر كىمگە ئېيتىشتىن نۇمۇس قىلىدۇ. شۇڭا ئىچىگە يۇتۇپ ياشاشقا مەجبۇر. بۇ ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى. بۇ خىل ئاجىزلىق ئەرلەرنى يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىشى مومكىن.

ئايال كىشىنىڭ كوت-كوت، ئېغىزى ئىتتىك بولىشىنى داۋالاش ھەققىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھېكايەت بار ئىكەن:

بۇرۇنقى زاماندا بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆتكەنىكەن.ئۇلار ئۆي تۇتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ،لىكىن بۇ ئۆيدە ئۇرۇش-تالاش،جېدەل-ماجرا قۇرىماپتۇ. سەۋەبى بۇ ئۆيدە ئەر كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان،تەرسا ئىكەن، ئايال كىشى بولسا ئاغزى يامان،شۇپۇر ئېغىز ئىكەن. شۇڭلاشقىمۇ ئايال كوت-كوت، شۇپۇر ئېغىزلىقىدىن ئېرىدىن تولا تاياق يەيدىكەن.
يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئايال ئېرىنىڭ زۇلىمىغا چىدىماي ئاخىرى ئاجرىشىش نىيتىگە كېلىپ قازىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. قازى ئايالنىڭ كىلىشتىكى مۇددىئاسىنى سوراپ ئەھۋالنى بىلىپتۇ. قازى بۇ ئەر خۇتۇننىڭ 3 بالىسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى رەت قىپتۇ.  قازىنىڭ ھۆكىمىگە رازى بولمىغان ئايال قازىغا قايتا قايتا ئەرز سۇنۇپتۇ، لىكىن قازى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى يەنىلا رەت قىلىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئايال يەنىلا ئېرى بىلەن ئۆيىنى تۇتىۋېرىپتۇ، ئەمما يەنىلا  تاياقدىن قۇتىلالماپتۇ. دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئۆينىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان بىر خوشنىسى بۇ ئايالغا قوشنا كەنىتتە ناھايىتى ئۇستا ،كامالەتكە يەتكەن بىر موللىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ قېشىغا بارسا بارچە تەلىۋىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئايال ناھايىتى خوشال بوپتۇ-دە، دەرھال قوشنا كەنىتكە قاراپ يول ئاپتۇ.
ئايال مىڭ تەسلىكتە قوشنا كەنىتتىن ئۇ موللىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە موللىنىڭ قېشىغا كىرىپ بارلىق ئەھۋالنى ۋە كىلىشتىكى مۇددىئاسىنى موللىغا ئېيتىپتۇ. موللا ئايالنىڭ گەپ-سۆزى ۋە قىلغان بايانىنى ئاڭلاپ بۇ ئايالنىڭ ئاغزى يامان، تولا گەپ قىلىدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى پەملەپتۇ ۋە ئايالغا مۇنداق دەپتۇ: مەن سىزگە بىر تۇمار پۈتۈپ بېرەي، سىز بۇ تۇمارنى ئېلىپ كىتىڭ ۋە مىنىڭ دىگىنىم بويىچە ئىش قىلىڭ، ھەر قېتىم سىز ئېرىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالاي دىگەندە مۇشۇ تۇمارنى ئېلىڭ-دە، ئاغزىڭىزغا سېلىۋېلىڭ.
ئايال موللىدىن ئىنتايىن رازى بوپتۇ ۋە ئۆيگە قايتىپتۇ. ئىككىنجى كۈنى ئەر-ئايال يەنە ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئايالنىڭ ئىسىگە موللام پۈتۈپ بەرگەن ھېلىقى تۇمار كەپتۇ-دە، دەرھال تۇمارنى چىقىرىپ ئاغزىغا سېلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال بۇ قېتىم ئېرىنىڭ تايىقىدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. موللامنىڭ پۈتۈپ بەرگەن تۇمارى راستىنلا كارامىتىنى كۆرسەتكەچ ئايال كۆڭلىدە موللىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بوپتۇ ۋە ھەر قېتىم ئەر-ئايال ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالغاندا بۇ تۇمارنى ئاغزىغا سېلىۋىلىشنى ئۇنۇتمايدىغان بوپتۇ .
20يىللىق تۇرمۇش قۇرۇش جەريانىدا دائىم ئايالىنى ئۇرۇپ كۆنۈپ قالغان ئەر، يېقىنقى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشۇش جەريانىدا ئايالىنى ئۇرالمىغان ئەرنىڭ تازا ئىچى پۇشۇپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بېقىش نىيتىگە كەپتۇ ۋە شۇ كۈنى ئايالى بىلەن قەستەن ئۇرۇشۇپتۇ. ئۇلار ئۇرۇشۇپ ئەر ئەمدى قولىنى كۆتۈرۈپ ئايالنى ئۇراي دەپ تۇرغاندا، ئايالىنىڭ بىر نەرسىنى ئاغزىغا سېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئىشنىڭ سەۋەبىنى پەملىگەندەك بۇلۇپ، ئۇ نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەك بوپتۇ. ئەر ئايالىنىڭ ئاغزىدىكى ئۇ نەرسىنى مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپتۇ. ئەر قارىغىدەك بولسا بۇ بىر تۇمار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەر بۇنىڭغا تېخىمۇ قىزىقىپ تۇمارنى ئېچىپ كۈرۈپ بېقىش نىيتىگە كەپتۇ-دە، تۇمارنى ئېچىپ كۆرۈپتۇ. بۇ تۇمارنىڭ ئىچىدىن چىرايلىق قىلىپ قاتلانغان بىر پارچە قەغەز چىقىپتۇ. ئەسلىدە قەغەرگە مۇنداق خەتلەر يېزىلغان ئىكەن:
تۇلا كوتۇلدىغان ئايالنىڭ ئۇتتۇردا تۆت چىشى يوق
مەنبە:http://bbs.aypak.com/html/saglamlik/hanim_kizlar/2073.shtml

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3124
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2605
تۆھپە نۇمۇرى: 116
توردا: 6111 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 03:38:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇمارنى ئېغىزىڭىزغا سېلىڭ ، ھەرگىز چۈشۈپ كەتمىسۇن دەيدۇ ، بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەپ ، تۇمارنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خوتۇن كىشى چوقۇم گەپ قىلماسلىقى كېرەك شۇنداق بولغاندا تاياق يىمەيدۇ . مېنىڭ ئاناممۇ ھەدەمگە ئىلگىرى مۇشۇ گەپلەرنى قىلىپ يۈرەتتى ، يەنە بۇنىڭغا قوشۇپ ، ئېرىڭ سىرتتىن كىرگەندە ئالدىغا ئىسسىق بىر قاچا ئاش قويالمىساڭمۇ ، ئىسسىق بىر پىيالە چاي قۇيۇپ كۈلۈپ قارشى ئال ، شۇنداق قىلساڭ سىرتتىن سېنى قەتئىي نىيەت بىلەن ئۇرغىلى كىرگەن بولسىمۇ ، سېنى ئۇرغىلى قولى بارمايدۇ ، بىز ئايال كىشى ئېغىزىمىزغا تايىنىمىز ، ئەر كىشى بولسا پۇت قولىغا تايىنىدۇ ، ۋاقتى كەلسە بىز يەنە ئاجىز كېلىمىز ، شۇڭلاشقا ئېرىڭنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا ئەڭ ياخشىسى زۇۋانىڭنى يىغ دەيتتى . ھازىر ئويلاپ باقسام ئىنتايىن توغرا گەپلەركەن مۇشۇ .

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8431
تۆھپە نۇمۇرى: 268
توردا: 4095 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2011-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 09:15:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەكرار  تىمىغۇ   بۇرۇنمۇ  بىر قانچچە  قىتىم ئوقوغان

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

سۇ كىېتىپ تاش قا

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8840
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4099 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 10:31:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىما ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ھازىرقى جەميەتتە كوت-كوت ئاياللار ئاز ئەمەس. [s:166]  [s:166]

هصچكصمدصن مصهرص

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6806
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 2778 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 11:45:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكرار بولسا ھىچقىسى يوق.... كۆرگىڭىز كەلمىسە كۆرمەڭ.

هصچكصمدصن مصهرص - شةپقةت تةمة قصلما، شؤندصلا غالصپسةن!!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4807
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50999
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 11:55:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولا كوتۇلدايدىغان ئايال ئاسانلا ئېرىنى بىزار قىلپ قويىدۇ،‹‹پۇت يۈگىرىكى ئاشقا ،ئېغىز يۈگىرىكى باشقا››دېگەن گەپ بار....
ئەركىشىنىڭ بەكرەك ئاچچىقى كېلىپ كەتكەندە ئايال ئۆزىنى بېسىۋېلىپ جىم تۇرىۋالسا تاياق يېيىشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ....ماڭا ئوخشاش.... [s:181]  [s:181]

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 12:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (melody) نىڭ يازمىسىغا

مەن مۇشىنى يوللاپ قويدۇم نوچى بولسىڭىز تەكرا ئەمەس بولغىنىنى ۋە ياخشىراقىنى يوللاڭ جۇمۇ !!!!!!!!!!! [s:177]

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6554
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 01:04:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (qoqas) نىڭ يازمىسىغا

ھەقىقەتەن توغرا گەپ ۋە قىممىتى بار يازما بولۇپتۇ ...

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4103
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 6287 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 03:33:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى مەزمۇنلۇق تېما بوپتۇ ،ھەر قانداق بىر ئايال ئېرىنىڭ ئالدىدا لاتاپەتلىك ، خۇشپىېل ، مېھرىبان ، ئاىلىسىگە ۋە بالىلىرىغا كۆيۈنىدىغان ، ئېرىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولۇشى كىرەك ، شۇنداق بولغاندىلا ئائىلىدە ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24693
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3056
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2011-1-1
ئاخىرقى: 2011-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-11 04:00:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ تەكرار ئكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن .شۇنداقتىمۇ بولىدىكەن بۇ ئەسەر .ئاياللاغۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلەپ ئۆتە ئۇنداقتا ئەرلەرچۇ؟  [s:152]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش