سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان_ ئابدۇكېرىم خان قاراخانىيلار خاقانلىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋە ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى ئۇلۇغ ئادەم.
پوك- پوك يۈرەك ئادەم ئىتقا ئو خشاش قەدىرسىز ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىقىمۇ چىقمايدۇ، ئورنىمۇ بولمايدۇ.
ئۆزۈڭنى ئەر بىلسەڭ، ئۆزگىنى شىر بىل.
گۈل بولسا ئۇز، ھىد چاچىدىغان گۈل بولغىنى ياخشى. يانتاقمۇ گۈل ئاچىدۇ. شۇمبۇيىنىڭمۇ گۈلى بار ئەمەسمۇ؟ يانتاقنىڭ تىكىنى بولسىمۇ، گۈلى چىرايلىق، ئۇنى يەنە تۆگە يەيدۇ، شۇمبۇيا قوغۇننى بۇزىدۇ. ئۇنداق گۈللەرنى سېسىتىپ قىغ قىلىۋېتىش كېرەك.
ئادەم ئۆمرىدە شۇنداق ئېغىر، ئېچىنىشلىق، دەردلىك، ئەلەملىك يۈرىكىنى پىغان تېزكەنلىرى بىلەن تاتىلىغاندەك ئازابلايدىغان ئىشلارغا دۇچ كېلىپ قالىدۇكى ، ئۇنداق ۋاقىتتا ھەرقانچە چوڭ ئادەممۇ يىغلىماي تۇرالمايدۇ. يىغلىمايمەن دېسىمۇ، ئۇ يۈرەك باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان ياشنى توسىيالمايدۇ، توسۇشقىمۇ ئىلاجى يوق. شۇ ۋاقىتتا ئۇنى يىغلاڭغۇ دەپ ئەيىبلىسەڭ بولامدۇ؟ ياق، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىش كېرەك، يىغلاپ- يىغلاپ ئازراق بولسىمۇ يۈرىكىدىكى پىغانلارنى بوشىىتۋالسۇن!
ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق ،
كەتتىمۇ ئەبەدكە كەلمەيدۇ بىراق.
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.
پەللىگە يېتەلمەي قالسىمۇ قەبرەم،
مەنزىلدىن مەنزىلگە باسىدۇ نەۋرەم.
ئەجدادى ئىزلىرى قالغان يول بىلەن،
يەتكۈسى پەللىگە تۈمەن مىڭ چەرۋەم.
بىر سۆزۈم ئەيتايىن، ئىشتىكىل يارۇ،
سۆيۈكلى دوستۇڭا ئاسقىل تۇمارۇ.
بېزەكلى يۈزىگە، باقما سۆزىگە،
ئارىغ دىل دوستنى تاپ، چىقار خۇمارۇ.
مەنبە: < سوتۇق بۇغراخان > ( رومان )
ئاپتورى : سەيپىدىن ئەزىزى
يۇقارقى پارچىلەر < كىتاب ئوقۇش خاتىرەم> دىن ئېلىندى. ئۆزۈم ياقتۇرغان جۈملە- ئىبارىلەر ھەم شېئىرلارنى كىتاب ئوقۇش جەريانىدا خاتىرلىگەن ئىدىم. مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
__________________ زىيالىي