كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا – ئانىلار بىلەن ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار بالىغا ياخشى ئۈلگە بولۇپ بېرىشى ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە ۋە باشقىلارغا سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشى ، بالىنىڭ ئالدىدا گېپىدە ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم . ئاتا – ئانىلار باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بالىغا بىردەك تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك . ئىمكانقەدەر بالىغا ئىشىنىش لازىم . بالىغا ئىشەنگەندە بالىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ ، ئۇنىڭ قىلغان ، ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ غورۇرىغا بىۋاستە تەسىر يېتىپ راست گېپىنى ئېيتمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . ئىشەنچ ھېسسىياتى بالىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتىدۇ .
1 . بالىلارنى كۆپلەپ ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك
كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلار بالىلىرى يالغان ئېيتسا ئۇرۇپ – تىللايدۇ . بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلى بالىنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ. قورقۇنچاقلىق بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ناچار پىسخىكىلىق ھالەت ھېسابلىنىدۇ . ئېغىر بولغاندا دىۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ . بالىلار قورقۇنچاق بولۇپ قالغاندا خاتالىقنى يالغانچىلىق بىلەن ياپىدىغان بولۇپ قالىدۇ ، ئۇرۇش – تىللاشلار يەنە بالىنىڭ غورۇرىغا ئازار بولىدۇ – دە ، بەزىدە قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ ، ئەكسىچە بالىنى تېخىمۇ يالغانچى قىلىپ قويىدۇ . شۇڭا بالىدا قايتا – قايتا يالغان سۆزلەش كۆرۈلگەندە ، ئىشنى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىلىرىغا ئىلھام بېرىشتىن باشلاش لازىم .
2 . تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يالغانچىلىق ئادەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل بولۇپ ، بالىلارنىڭ يالغان ئېيتىپ ئالدامچىلىققىلىشى بەزىدە ئاڭسىز بولسا ، بەزىدە ئاڭلىق بولىدۇ . ئالدى بىلەن كۈزىتىپ ئوبدان ئانالىز قىلىش لازىم . بالىنىڭ ئاڭسىز ھالدا يالغانچىلىق ، ئالدامچىلىق قىلىشى كۆپىنچە يېشى كىچىك ، خاتىرىسى ئانچە ئېنىق بولمىغان ، گەپنى ئېنىق سۆزلىيەلمەيدىغان ۋاقتىدا كۆرۈلىدۇ . بالىنىڭ يېشى سەل چوڭايغاندا ، ئۇلارنىڭ مەلۇم ئارزۇسى قانائەت ھاسىل قىلمىغاندا ، كۆپىنچە رىئاللىقنى خىيالىي سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ – دە ، يەنىلا ئاڭسىز ھالدا يالغانچىلىق قىلىشى مۇمكىن .ئاتا – ئانا بولغۇچىلار بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يالغانچىلىق قىلمىشىغا قارىتا ئەتراپلىق كۆزىتىش ئېلىپبېرىپ ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق تېپىپ ، ئۈنۈملۈك بولغان تەربىيە ۋاستىسىنى قوللىنىش لازىم .
3 . ئۆزئارا سۆھبەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
سۆھبەتلىشىشتە سۆز بىلەن قايىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم . ئاتا – ئانىلار ۋاقتىدا سۆھبەتلىشىپ ، سۆز بىلەن قايىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ۋە سۆھبەتلىشىشتە يېشىغا دىققەت قىلىش كېرەك . يېشى كىچىك بالىلارغا سۆز بىلەن قايىل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ . يېشى چوڭراق بالىلارغا نىسبەتەن يالغانچىلىق قىلىشنىڭ ياخشى ئادەت ئەمەسلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم . بۇ ياشتىكى بالىلار نېمىنىڭ ياخشى ، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان بولغاچقا سۆھبەتنى ئاساسىي ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ، چۈشنىشلىك سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈش لازىم .
http://www.anwar.cn/showthread.php?12324
‹‹پەن ۋە تۇرمۇش››تىن ئېلىندى