مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 769|ئىنكاس: 6

كىم، - كىمگە نەسىھەت قىلىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىنىڭمۇ ياخش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25115
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9668
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1520 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 08:11:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىم، - كىمگە نەسىھەت قىلىدۇ؟

 

                       "نەسىھەت ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق "           
                  -كونىلىرىمىزدىن                

            

        

 دىننىي مەنبەلەردە مۇنداق بىر ئېسىل ھېكايە بار: 
   مەشھۇر ئۆلىما ئىمام ئەزەم (ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي) نىڭ ھوزۇرىغا ئۈچ كۈنلۈك مۇساپىدىن بىر تۇل ئايال ئوغلىنى ئېلىپ كەپتۇ. مەخسىدى ،- بالىنىڭ قوسىغى ئاغرىيتتكەن، تىۋىپ ئانار يىمىسۇن دەپتۇ، لىكىن بالا ئانار يىيىشتىن قالماپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئىمام : ئۈچ كۈندىن كىيىن كېلىڭ ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئايال رەنجىگەندەك بولۇپ ساقلاپتۇ. ئىمام ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ،ئۇ ئايالنى چاقىرىپ ئوغلىغا چىرايلىق نەسىھەت قىپتۇ.ئايال دەپتۇكى : ئى ھۆرمەت ساھىبى ، كەلگەن كۈنىمىزلا نەسىھەت قىلىپ قويماستىن ئۈچ كۈن ساقلىتىشنىڭ ۋەجى نىمىكىن؟
- سىلى مەخسەتلىرىنى ئېيتقاندا شۇنداق خىجىل بولدۇمكى، - شۇ كۈنى مەن ھەم ئانار يىگەنىدىم، ئۆزۈم قىلىپ تۇرۇپ ئوغۇللىرىغا " قىلما " دىسەم تەسىر قىلىشىغا ئىشەنچىم يوق، مانا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، بەدىنىمدە ئانارنىڭ تەسىرىمۇ قالمىدى، ئەمدى ئوغلىڭىز ئاناردىن قول ئۈزۈپ ساقىيىپ قېلىشى مۈمكىن ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ،-ئىمام. دەرۋەقە بالا ئانار يىيىشتىن قاپتۇ، سالامەتلىگىمۇ ئەسلىگە كەپتۇ. 

  ھازىر مۇشۇنداق ئىنچىكە ئويلايدىغان ئادەم يوق دىيەرلىك. بۇ بىر كىچىككىنە مەسىلە. پۈتۈن جەمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، بەلكى بىر شەخىسنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مەسىلە.

    ئەمدى ھەر بىرەيلەندىن سوراپ باقسام : بىرەر دوستىڭىز، ياكى تونۇشىڭىز سىزگە (ئاخشامقى سورۇن ئالامەت قىززىدى، ناھايىتى قاملاشقان كاساپەتكەن...ۋەھاكازالار ...)دىگەندەك ناچار قىلمىشلىرىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بەرگىنىدە ئېتىراز بىلدۈرەلىدىڭىزمۇ؟ (مېنىڭ ئېتىراز بىلدۇرەلمەي ،قىزىقىپ تىڭشىغانلىغىم يادىمدا)
سىز ۋە مەن شۇنداق ۋاقىتتا نەسىھەت قىلىشقا ، توسۇشقا تېگىشلىك ئىدۇق.....

  شۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىغىنى ئاڭلىدىم: مەلۇم بىر ناھىيە بازىرىدا جامائەت ئەسىر نامىزىدىن يېنىشىغا 5 - 6 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنى يىتلىۋالغان بىر ئايال يىغلاپ ھال ئېيتىپتۇ : " مەن ئۆز بەختىمنى ئۆزۈم نابۇت قىلغان ئايال، سېسىق نامى پۇر كەتكەن پالانى. مەن قاتتىق پۇشايمان قىلىمەن ، ئاللاھقا تۆۋبە قىلىمەن ،ماڭا دۇئا قىلىپ قويۇڭلار " دەپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ، بەزىلەر تۆۋە دەپ ياقىسىنى تۇتۇشۇپتۇ، بەزىلەر كۆز يېشى قىلىشىپتۇ، بەزىلەر تىللاشقىنىچە كېتىشىپتۇ، يەنە بەزىلەر دۇئا قىلىشىپتۇ. شۇكۈندىن باشلاپ ئۇ ئايال مەسچىت ئالدىدا ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ سەدىقىسى بىلەن كۈن كەچۈرۈپتۇ، بىر قانچە كۈنلەردىن كىيىن بىر ياش ئەر - ئايال چىقىپ ئۆز ئۆيىگە ئەكىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ، لىكىن مەھەللە شۇندىن باشلاپ ئۇ ئائىلىنى ياتلاپ كىرىپ - چىقىش قىلماي مەھەللىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپتۇ. 
بۇ ۋەقە بەلكىم راستتۇ، ۋە بەلكىم راست ئەمەستۇ. لىكىن ئەنە شۇنداق پۇشايمان قىلىپ چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلار شۇنداق تاشلىنىپ قالسا ، شۇلارنىڭ جاۋاپكارى كىم بولىدۇ؟
   ھەممەيلەن ئالىجاناپلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز، لىكىن ئەمەل قىلالمايدىكەنمىز ،نىمىشقا؟

  دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ سىياسىتى بىلەن ھەممە ئادەم مۇنتىزىم تەربىيە كۆرىدىغان بوپكەتتى. بولمىسا مەكتەپ ھېچكىمنى يامان ئىشقا ئۆگەتمەيدۇ.
  جەمىيەتتە،- مەسچىتلەردە ھەم ئىمام، خاتىپلىرىمىز تەبلىغ قىلىۋاتىدۇ، دىمەك نەسىھەت قىلىۋاتىدۇ. ھېچقانداق ئاتا - ئانا بالىللىرىنى يامان يولغا يىتەكلىمەيدۇ.
  ج خ ئورۇنلىرى ھەم جەمىيەت داشقاللىرىنى تازىلاۋاتىدۇ، ھەددىدىن ئاشقانلىرىنى جازالاپ باشقىللىرىغا ئىبرەت قىلىۋاتىدۇ.
  يازغۇچى - شائىرلار ھەم يازمىللىرىدا پۈتۈن ئەلگە نەسىھەت قىلىۋاتىدۇ، ھەتتاكى بىزمۇ توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيارىمىزدا ھەم شۇ مەزمۇندا بەس - مۇنازىرە قىلىشىمىز . لىكىن سەۋەپنى ئويلىشىدىغانلار ئاز.

  (200،000يۈەن نەخپۇل تېپىۋىلىپ چۈش كۆرۈپ قالدىم، كاللامدا ئىككى خىل ئاڭ جەڭ قىلىپ ئاخىرى يامان ئىددىيە غەلبە قىلدى) چۈشۈمدە بولسۇن ياكى رىئاللىقتا بولسۇن تەپەككۇر قىلىۋاتقان كاللا يەنىلا بىر . يەنى مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتقان مېنىڭ كاللام شۇ. شۇنداق ئەھۋالدا سىزنىڭ قانداق قىلىدىغانلىغىڭىزنى بىلمىدىم؟
بولمىسا بىزگە تەربىيە كەممۇ؟ نىمىنڭ ياخشى ، نىمىنىڭ يامانلىغىنى بىلەلمەيمىزمۇ؟ جەمىيەتتە ئېزىۋاتقان كىشىلەر كىملەر؟ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا يانچۇقچىلار،پاھىشىلەر ۋە پاھشىۋالار،ئالدامچىلار ۋە ئوغرى قىمارۋازلار كىم؟ باشقا بىرى ئەمەس، سىز ۋەمەن بولمىغان تەقدىردىمۇ سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ئاكا - ئاچىىللىرىمىز،ئىنى - سىڭىللىرىمىز . ھىچ بولمىغاندا ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىز. بىزدە شۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش تۇيغۇسى بارمۇ،يوق؟
ئىككى دۇنيالىقىنى يوقاتقىلىۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرىمىزنى توسۇپ قالالايمىزمۇ؟ توسۇپ گەپ ئاڭلىتالمىغاندا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىشىنى سورىيالماسمىزمۇ؟


   مەنمۇ ھەم ئىللەتلەرنى تۈزۈتۈشنى ئۆزۈمدىن باشلىسام، سىزمۇ ھەم شۇنداق قىلسىڭىز، ئاستا -ئاستا يىقىنلىرىمىزنىڭ تۈزۈلۈشىگە ياردەم بەرسەك، مىللىتىمىز، جەمىيىتىمىز تۈزۈلۈپ كېتەر ئىدى، - ئەلۋەتتە.


 

مەنبە : ئۆز قەلىمىم

كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلمي مۇنازىرە قىلىشىنى،پۈچەك ئىنكاس بىلەن مۇنبەرنى ئاۋارە قىلماسلىغىنى ئۈمۈت قىلىمەن


ياخشىنىڭمۇ ياخشىسى ياخشى

Love is Suicide

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3590
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22425
تۆھپە نۇمۇرى: 976
توردا: 3880 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 12:04:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، ئېيتىلغىنىدەك ئۆزىمىزمۇ ئەمەل قىلمايمىز  خەق قىلسا ئارقىسىدىن گەپ تاپىمىز ، بۇ ئۇيغۇر جەمىئىتى دەۋىر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان ئېغىر مەسىلە.
يېقىندىن بېرى ئاۋۇپ كېتىۋاتقان پاھىشە ، بۇزۇق ، ئىپپەتسىز ، ئەخلاقسىز ، ئىمانسىز دىگەن تېمىلارنى يازغان ۋە ئۇ تېمىلارغا ئۆز پىكىرىنى ، ئىنكاسلىرىنى يازغان تورداشلىرىمىزنىڭمۇ بۇ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  ئەنە شۇنداق پۇشايمان قىلىپ چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلار شۇنداق تاشلىنىپ قالسا ، شۇلارنىڭ جاۋاپكارى كىم بولىدۇ؟    ھەممەيلەن ئالىجاناپلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز، لىكىن ئەمەل قىلالمايدىكەنمىز ،نىمىشقا؟


ماقالىڭىزدىن نۇرغۇنلىغان يەرلەرنى نەقىل ئېلىپ ئۆز كۆز قارىشىمنى ئىپادىلىگۈم بار ئىدى ، يەنىلا قالغان پىكىرلەرنى باشقىلارغا قالدۇراي.

ئۇيغۇرلار سالونى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. تەپسىلاتىنى سالونىمىزدىن كۆرۈڭ. سالون ئۈندىدار نومۇرى: uyghurz

قەدىرلە.قەدرىڭن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 12:53:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىللەتلارنى تۇزىتىشنى ئوزىمىزدىن باشلىساق ياخشى بولىدۇ ئەلۋەتتە.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

بىر سېنى .....

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26807
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7462
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 913 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 02:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىز ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ، گەپنى ئاۋۋال ئۆزۈمدىن باشلىسام مەندە ھەم ئۇ ئىللەتلەر يوق ئەمەس ، قىسقىسى مەن ھازىر ئۇنداقلارنى كۆرگىنىمدە پەرۋا قىلماسلا بولدۇم ، نېمىشقا دېسىڭىز تېمىڭىزدىكى كوچىغا چىقىپ قالغان بىچارە ئايالنى ئۆيىگە ئەكىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئەر - خوتۇنلار قاندق كۈنلەرگە قاپتۇ ؟ شۇلارنى ئويلاپ قالدىم . رەزىل دۇنيا ............
يېقىن بىر دوستۇم ئەنە شۇنداق ئىللەتنىڭ قۇرباننى بوپ كەتتى ، شۇنىڭغا قاراپ دەيمەنكى مەن يەنىلا قۇربىم يەتكىنى قىلىمەن ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلاشمايمەن .
تەنقىد - پىكىرلىرىڭلارنى ئاڭلاشقا تەييارمەن !

قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەلنى قىلماي يەنە نېمە ئىشلانى قىلماقچى ؟!...

ياخشىنىڭمۇ ياخش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25115
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9668
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1520 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 08:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەندىن بىرى تورغا چىقالمىغان ئىدىم،ئەپسۇس -
ئاز كەم 30مىڭ مۇنبەر ئەزاسى ....
ئاۋات بولغان يالىڭاچ تىمىلارغا كۇلىمەن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ياخشىنىڭمۇ ياخشىسى ياخشى

كۆسەن ئوغلى _  د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17326
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10212
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 08:48:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي، دوستۇم مەن بۇ تېمىڭىزغا شۇنداق تېتىمىلىق مەزمۇن يازاي دىگەن ئىدىم. لىكىن، تولىمۇ ئەپسۇس، بەكمۇ ئەپسۇس يازالمدىم. يازالمىدىم ئەمەس راستىنلا يازغۇم كەلمىدى. مەن، ھازىر ئېغىر سۈكۈتتە. سەۋەبى، ھازىرقى بىز بەكمۇ سۇخەنچى بولۇپ كىتىپتىمىز ئويلاپ باقسام. ...
ھارمىغايسىز.

كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

ياخشىنىڭمۇ ياخش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25115
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9668
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 1520 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 08:56:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  hanay كە 2011-02-05 02:44 PMئەۋەتىلدى  :
تېمىڭىز ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ، گەپنى ئاۋۋال ئۆزۈمدىن باشلىسام مەندە ھەم ئۇ ئىللەتلەر يوق ئەمەس ، قىسقىسى مەن ھازىر ئۇنداقلارنى كۆرگىنىمدە پەرۋا قىلماسلا بولدۇم ، نېمىشقا دېسىڭىز تېمىڭىزدىكى كوچىغا چىقىپ قالغان بىچارە ئايالنى ئۆيىگە ئەكىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئەر - خوتۇنلار قاندق كۈنلەرگە قاپتۇ ؟ شۇلارنى ئويلاپ قالدىم . رەزىل دۇنيا ............
يېقىن بىر دوستۇم ئەنە شۇنداق ئىللەتنىڭ قۇرباننى بوپ كەتتى ، شۇنىڭغا قاراپ دەيمەنكى مەن يەنىلا قۇربىم يەتكىنى قىلىمەن ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلاشمايمەن .
تەنقىد - پىكىرلىرىڭلارنى ئاڭلاشقا تەييارمەن !
دۇنيا رەزىلمۇ؟ ناچار ئەخلاقلار بىخ سۇرەلمىگەن ۋاقىتلار  ھەم مۇشۇ دۇنيادا بولغان. باشقا بىر دۇنيا ئەمەستى.
ھەر بىر ئۇيغۇر مۇشۇنداق دىسە، - ھە.......
مېنىڭچە بەك ئۈمۈتسىز ياشاپسىز .

ياخشىنىڭمۇ ياخشىسى ياخشى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش