ئۇيغۇرجان يوللىغان تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن.
ئاۋال دەيدىغىنىم توردا ھېچقانداق مەخپىيەتلىك بولمايدۇ،ئەگەر تېخنىكىڭىز يۇقىرى بولسىلا.
ئۇيغۇرجاننىڭ تىمىسىدىكى ئنكاسلاردا سۆزلەنگەن ئاساسلىق ئىككى نۇقتا:
1:باشقىلار ئەۋەتكەن ھۆججەتنى، شۇھامانلا قوبۇل قىلماسلىق، ھۆججەت ئەۋەتكۈچىدىن سوراپ، ئىشەنچىلىك بولغاندا قوبۇل قىلىش.
ئەگەر قارشى تەرەپكە چ چ رىڭىز لازىم بولسىلا ئۇنى ئوغۇرلاشنىڭ ئۇسۇلى نۇرغۇن،سىلەرگە ھۆججەت ئەۋەتمەيمۇ،cmdئارقىلىق كومپىيوتۇرىڭىزغا ۋىروس كىرگۈزۈش، سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى سوراپ ئولتۇرمايدۇ.پەقەت سىزنىڭ ipرىڭىزنى بىلىۋالسىلا. ipنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان دىتاللار نۇرغۇن.
2:ئىككىنجى ئەۋلات قوغدنىش پارولنى ياخشى ساقلاش.
بۇنى يىشىشنىڭمۇ نۇرغۇن ئۇسۇلى بار. تۆۋەندىكىسى بۇنى يىشىشنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى. بۇنىڭدا قولىنىلغان ئۇسۇل سىز ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان ھامان سىزگە qqرىڭ باشقا يەردە ئېچلىۋاتىدۇ،دەرھال مەخپى نۇمۇرىنى ئۆزگەرت دەپ ئۇچۇر چىقىدۇ، ئەلۋەتتە چ چ مەخپى نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىككىنجى ئەۋلات قوغدىنىش پارولى لازىم بولىدۇ، بىز ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قوغدىنىش پارولى ۋە يېڭى پارولنى كىرگۈزگەن ۋاقىتتا ۋىروس ھەممىنى بىر-بىرلەپ خاتىلەپ ماڭىدۇ. قالغىنى تۆۋەندىكى رەسىمدە:







يۇقىرىدا دىگىنىمدەك يامانلىرىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، لىكىن يەنىلا بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق چ چ نىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھېلىقى چ چ دا ھۆججەت ئەۋەتىپ چ چ ئوغۇرلايدىغان پارچە-پۇرات خاككىرلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بىر نەچچە خىل ئۇسۇل:
ئەڭ ئاسىنى سىز داۋاملىق ئىشلىتىدىغان تىلفۇنىڭىزغا باغلىۋىلىڭ.
تىلفۇنغا باغلاش مەنزىلى:
http://aq.qq.com/cn/index
يەنە سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز 2011يىللىق نۇسخىسى بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلسىڭىز بولىدۇ.



قىزىل سىزىقتا كۆرسىتىلگەن تۈرلەر ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان تۈرنى تاللاپ ئاچسىڭىز ، ھەممىسى ماس كەلسە ھەممىسىنى ئاچسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرڭىزنى بىلىۋالسىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ، چ چ رىڭىزنىڭ ئوغۇرلانغانلىقنىڭ بەلگىسى سىز چ چ ئىشلىتىۋاتقاندا چ چ رىڭىز سەۋەبسىز ئۆچۈپ كەتكەنلىكى.سىز ئىككىنجى قېتىم مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزگەندە ۋىروس سىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىڭىزنى تىزىملاپ قارشى تەرەپكە ئەۋەتىپ بىرىدۇ.
ئەمدى يەنە بىر ئۇسۇل سىز مەخپى نۇمۇر بەلگىلىگەندە ھەرىپ،سان، پەش چىكىت ئىشلىتىڭ، ئەڭ ئاخىرىقى مەخپى نۇمۇرنى قۇرۇق قالدۇرۇپ قويسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. (空格)。.
مەنبە: ئۆزۈم.
يەنە شۇ توغرىسىدا سورايدىغىنىڭلار بولسا ئىنكاس شەكلىدەسورىساڭلا بولىدۇ.