1. دائىم يېرىم كېچىدە تاماق يېمەڭ.بۇنداق قىلىش ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئارام ئالمايدۇ.
2. ھەر كۈنى ئالتىدىن سەككىز ئىستاكانغىچە سۇ ئىچىش كېرەك. ئىچەلەمسىز؟
3. بىر كۈندە ئىككى ئستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچمەڭ. بولمىسا ئۇيقۇسىزلىق، ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. بىر كۈندە سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلالامسىز؟ ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم ئېغىرلىشىپ قالىدۇ. چۈشتە ئۇخلاشنى ئادەتلەندۈرسە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5 . كۈندە بىر تالدىن ئالما يەمسىز؟بۇنداق قىلغاندا ئۆپكىنى تازىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ.
6.توغرا تاماق يېيىش ئادىتى: ئەتىگەندە قۇۋۋەتلىك يېيىش، چۈشتە تويغۇدەك يېيىش، كەچتە ئاز يېيىش ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلالىدىڭىزمۇ ؟
7. ھەر كۈنى يېرىم سائەت پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرالامسىز؟
8. دائىم گۈل قاتارلىق پۇراقلىق نەرسىلەرنى پۇراپ بىرىڭ. گۈل - گىياھلار روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىپ ، كىشىگە گۈزەل تۇيغۇ ، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.
9.دائىم سۇ ئۈزۈپ بىرىڭ. سۇ ئۈزۈش بەدەننى راھەتلەندۈرىدىغان بىر خىل چىنىقىش ئۇسۇلى بولۇپ ، سۇ ئۈزگەندە كۆڭۈل ئازادىلىك ھىس قىلىپ ، تەن ساغلاملىقىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
10. پات-پات ئاش سۈيى ئىچىپ بېرىڭ. مېڭىنى قۇۋەتلەپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن.